مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7275|ئىنكاس: 77

شوپۇرلۇق پراۋىسى ئېلىش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىلەرگە ئىزاھات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يالقۇن085

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14285
تۆھپە نۇمۇرى: 3301
توردا: 1966 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 10:42:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  شوپۇرلۇق پراۋىسى ئېلىش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىلەرگە ئىزاھات

       شىنخۇا تورىنىڭ، 27-دېكابىر، بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن تېلگراممىسى: (نۇر تورى تەرجىمىسى) «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلۇق پراۋىسىنى ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى»(ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ 123-نومۇرلۇق پەرمانى)نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئاز قالدى، يىل ئاتلاپ كەتكەن قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ نومۇرىنى تۇتۇش، شوپۇرلۇق پراكتىكا مەزگىلى، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى قاتارلىق، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە چېتىشلىق بولغان، يېڭى-كونا بەلگىلىمىلەرنىڭ ئالمىشىش توغرىسىدىكى مەسلىلەرگە قارىتا، ج خ مىنىستېرلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى نوپۇزلۇق چۈشەنچە بەردى.
     قاتناش قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلمىشلار يىل ئاتلاپ كەتكەندە قانداق جازالىنىدۇ؟
     قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلار «قانۇن ئۆتمۈشنى سۈرۈشتە قىلماسلىق»تەك ئاساسى پىرىنسپقا ئاساسەن، قىلمىش سادىر بولغان ۋاقىتتىكى قانۇنى ماددىلار تەدبىقلىنىدۇ، شۇڭلاشقا «بۇرۇنقى قىلمىشلار يېڭى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ». قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلار 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بولسا، كونا بەلگىلىمە بويىچە نومۇر تۇتۇلىدۇ؛ 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن يۈز بەرگەن بولسا، يېڭى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
       شوپۇرلۇق پراۋىسىنى يېڭى ئالغانلارنىڭ پراكتىكا مەزگىلى يىل ئاتلىغاندا قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
       2013-يىلى 1-يانۋاردىن كېيىن شوپۇرلۇق پراۋىسىنى ئېلىش ئىلتىماس قىلغان بولسا ياكى ھەيدەش تۈرىنى كۆپەيتمەكچى بولسا، ئاندىن 123-نومۇرلۇق پەرمانىدىكى پىراكتىكا مەزگىلى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن شوپۇرلۇق پراۋىسى ئېلىپ بولغان بولسا ياكى 2013-يىلى 1-يانۋاردىن كېيىنمۇ پراكتىكا مەزگىلى ئاياغلاشمىغان بولسا، يەنىلا بۇرۇنقى پراكتىكا بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ شوپۇرلۇق پراۋىسىغا ھەيدەش تۈرىنى كۆپەيتكەن ئەمما بىر يىلغا توشمىغان بولسا، پراكتىكا مەزگىلى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان دائىرىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
       ئۇنىڭدىن سرت، 2013-يىلى 1-يانۋاردىن بۇرۇن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ نومۇر تۇتۇلغان ۋە قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغان بولسا، ئاپتوموبىل ھەيدەش تۈرى بىكار قىلىنمايدۇ ياكى پراكتىكا مەزگىلى ئۇزارتىلمايدۇ، ھەمدە چوڭ-ئوتتۇرا تىپلىق يولۇچىلار ۋە يۈك ترانسپورت ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ يىللىق تەكشۈرتۈش ئاساسى قىلىنمايدۇ. پەقەت 2013-يىلى 1-يانۋاردىن كېيىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تۇتۇلغان نومۇر، ۋەقە ۋە يىللىق تەكشۈرۈتۈش خاتىرىسى پراكتىكا مەزگىلىنى ئۇزارتىش، پراۋا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.

    مەنبە:ماتىريالدىن

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:01:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە-نىمىلەر تەپسىلىيسى يوقما؟

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:03:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى شوپۇرلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە چەك قۇيۇش راستمۇ يالغان، راسىت بولسا ماشىنائېلىشتىن ۋاز كېچىمەن. شاڭخەي داجۇڭغا زىيان بولدىغان 100نەچچە مىڭ سومغا مەن ئىگە ئەمەس

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:25:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قېتىنقى يېڭى قاتناش قانۇنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،مەملىكەت مىقياسىدا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى بەش-بەستە مۇنازىرە قىلىشقان ئەڭ قىززىق نۇقتا شۇ بولدىكى:سېرىق چىراقنى تالىشىش(抢黄灯),قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈش(闯红灯)مەسىلىسى بولدى.
يېڭى قانۇندا مۇنداق بەلگىلەنگەن:ئەگەر ماشىنا سېرىق چىراق يانغاندىن كېيىن  توختاش سىزىغىنى بېسىپ ئۆتۈپ كەتسە 6نومۇر تارتىلىپ 200يۈئەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.ئەگەر ماشىنا چاقى توختاش سىزىقىدىن ئۆتۈپ بولۇپلا سېرىق چىراق يانسا(يەنى يېشىل چىراقتا توختاش سىزىغىدىن ئۆتۈپ،يول ئېغىزىدىن ئۆتۈش جەريانىدا سېرىق چىراق ھالىتىدە بولسا جازا بېرىلمەيدۇ).دېمەك يېشىل چىراق بىلەن قىزىل چىراق ئارىسىدىكى سېرىق چىراق ۋاختىنى تالىشىپ ئۆتسەك قەتئى بولمايدۇ دېگەن سۆز.
يەنە بىر مەسىلە:سۈرئەتنى بەلگىلەنگەن چەكتىن 50%ئاشۇرۋەتسىڭىز 12نومۇر بىراقلا تارتىلىدۇ،پىراۋا بىكار قىلىنىدۇ.ماۋۇ مەسىلىگە جىددى قاراش كېرەك!20%ئاشۇرسىڭىز 6نومۇر تارتىپ 200سوم جېرىمانە.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:29:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى قانۇننى چوقۇم ياخشى ئۈگۈنۈش كېرەك،يەنە نۇرغۇن  يېڭىدىن قوشۇلغان ئىنچىكە يەرلىرى باركەن.ئۇيغۇرچىسى چىققان بولىشى مۈمكىن.خەنزۇچە كۆرەلەيدىغانلار ماۋۇ ئۇلىنىشتىن كىرىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
http://china.findlaw.cn/ask/baike/33803.html

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89471
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:30:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىراۋا ئېلىش تېىخىمۇ تەسلىشىپ كېتىپتۇدە .ئەمدى.

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىييىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن.

قايغۇلىرىمنىڭ ي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5706
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10161
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1712 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:35:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىزدە مۇشۇ ماشىنىغا،پىراۋىغا قىزىقىش ھە ھازىر؟ئەينى چاغلاردا بىكار نەرقىدە،ئاددىلا ئىمتاھان-رەسمىيەت بىلەن ئالغىلى بولىدىغان زاماندا ئالمىغان كەنمىز.چۈنكى بىز ئۇ زاماندا ماشىنا سېتىۋالغۇدەك پۇللۇق بولۇپ قالىدىغىنىمىزغا ئىشەنچ قىلالمىغان ئوخشايمىزكەن.ئەمدىلىكتە يوقنىڭ دەردى ئۆتۈلۈۋاتىدۇ.پىراۋىمۇ كەتمەيدىغان،قانۇن-بەلگىلىمىگىمۇ چۈشمەيدىغانغا ئوبدان ئاتتىن بىرنى ئېلىپ مىنىۋالايمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن گاھىدا.

يازاي دېسەم كاللام قۇپقۇرۇق، يازماي دېسەم ئىتىياق تۇلۇق. ھەج قىلغۇدەك بىساتىم تۇرۇپ، مەن نېمىشقا يەنە قايغۇلۇق؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 200
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10361
تۆھپە نۇمۇرى: 778
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:58:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسلىشىپ كەتسە ئوقۇماي ئالساڭلا بۇلدىغۇ.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7406
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1173 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 12:13:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zapar يوللىغان ۋاقتى  2013-1-4 11:03 PM
يېڭى شوپۇرلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە چەك  ...

سىزمۇ قاق سەھەردە چوڭ يولنى تالاشماي كىچىكرەكىدە مېڭىپ تۇرۇڭە بى، ئاممىبابقا زىيان بولمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7406
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1173 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 12:13:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
pxamxan0996 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-4 11:30 PM
پىراۋا ئېلىش تېىخىمۇ تەسلىشىپ كېتىپتۇدە .ئەمدى.

پراۋا ئېلىشتىن ماشىنا ھەيدەش تەسلىشىپ كېتىپ بارسا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش