رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
(ئوخشاتماڭلار مېنى يۇرتۋازغا).
ئەنجۈر يىمەي بېغىڭغا كىرىپ،
كۈزمۇ كەتتى كەلدى قەھرىتان.
ئۆزگە يۇرتتا سەنسىز مەن غىرىب،
يىتىم بولدۇم ئانام سەن تۇغقان.
ئارىمىزدا قاتمۇ-قات تاغ بار،
چىڭ باغلانغان رىشتىمىز ئەمما.
دىدارىڭغا بولدۇم شۇنچە زار،
چۆشلىرىمدىن ئىزلەيمەن ھەتتا.
ئۇنتۇپ قالدى دېگەن ئۆسەك سۆز،
قانداق ئۇنتاي سەندەك ئانامنى.
ئارلىق يىراق بولسىمۇ بىز ئۆز،
ئۇنتۇپ قالما سەنمۇ بالاڭنى.
ئاڭلاپ قالسام ئىسمىڭنى ئەگەر،
يۈرەك باغرىم يايراپ كىتىدۇ.
يۇرتۇم ئاتۇش قۇچقىن دەپ زەپەر،
قەلەملىرىم تەۋرەپ كىتىدۇ.
تەكتىم دىدىم سۇرىغانلارغا،
قايدا بولسام پەخىرلەنگەنچە.
ئوخشاتماڭلار مېنى يۇرتۋازغا،
ئۇندىن خالى بۇ كۈيلەش مەنچە.
رۇستەم قاراسۇ...2012.12.....
بورتالادا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-4 07:44 PM