يېتىلىۋاتقان ئەزا
رۇبائىيلار(10) ياشايدۇ سالامەت، يىغقان گېلىنى، ھۈرمەتكە لايىقتۇر، يىغقان تىلىنى، ساقلىسا شۇ ئىككى نەرسىنى ھەركىم، يوشۇرار شۇ خىسلەت ئىنسان كېمىنى. «تېپىشماق» دەيدىكەن ھەممە ھاياتنى، «تۈگىشىش» دەيدىكەن ھەمدە ماماتنى، دىمەككى،تېپىشماق –يەتسەڭ تېگىگە، بېرىدۇ ساڭا ئۇ توغرا جاۋاپنى؟ سۇ كەلمەس ئېرىققا سالغاندەك توغان، يازغىنىم تايىنلىق، تەخەللۇس يوغان. بولمىغاچ مېنىڭدە بىلىم ۋە ساپا، زورۇقۇپ يازغىنىم قوزغايدۇ گۇمان. شائىرنىڭ كۆزىدە گۈزەلدۇر ئالەم ئالىملار كۆزىدە سىرلىقتۇر ئادەم. ھىكمىتىنى بايقايدۇ ئالەم-ئادەمنىڭ تەپەككۇر يولىغا باسسا كىم قەدەم. بىراۋنى كۆرەلمەي تىللايدۇ نادان، ئەكسىچە ماختايدۇ، ھىلىگەر-تادان، ئاقىلدا بولمىغاي شۇ ئىككى ئىللەت، ياخشى كىم، يامان كىم، ئايرىيدۇ زامان! ھەق ئىشتا تۆھمەتتىن قىلمىغىن ھەزەر، گەرچە ئۇ يەتكۈزسە مەيلى كۆپ زەرەر، ئۇيقۇچان شۇ بىر توپ قەۋم ئىچىدە- كىم ئويغاق،شۇنىڭغا سالار ئەل نەزەر! ھەممىنىڭ ئېڭىدا:« قانۇن مۇقەددەس» قانۇن كۆپ بولغانچە بېسىۋەردى نەس، ئەخلاقنى قانۇن قىپ يۈرگۈزسە ھەركىم، باشقىسى بىكېرەك،دىگەي بولدى-بەس! قېلىپسىز چىقمىغان كەبىي بىرتال خىش، ئاساندۇر ھەركىمگە ئۆزى بىلگەن ئىش، ئۈگەنگىن بۆشۈكتىن تا لەھەتكىچە، ئەجداتلار ئۈگۈتى: تىنماي ئۈگىنىش! مەھلىيا بولماستىن دۈشمەن سۆزىگە، تىك تۇرۇپ قارىغىن،خۇنۈك كۆزىگە، بولمىسا سېنىڭدە شۇنچىلىك جۈرئەت، ھەر ئىشتا قارايسەن، رايى- يۈزىگە. مەنبە: ئىجادىيىتىم.
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59 باھا خاتىرىسى
پاش قىلىش
يىـڭى ئــەزا
مەخەتجان
مەستانە ئـــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ