مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2974|ئىنكاس: 83

ئەرەپنىڭ غورۇرى -ئەرەپ مۇنارى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 06:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەرەپنىڭ  غورۇرى –<<ئەرەپ مۇنارى>>!



قاراخان


ھەزرىتى ئەلىنىڭ قىلىچىمۇ ئۇ،

ئەرەپ چۆلىدە  يالتىراپ تۇرغان.

ئەلمەكتۇم خەلىپە*  كىرىچىمىدۇ؟ ،

ھەسەتخور كۆزىگە قادىلىپ تۇرغان.


يا تەڭرى ئەقىلگە سۇنغان مۆجىزە،

پەلەكتە يۈكسەكلىك  تالىشىپ تۇرغان.

يا كەڭرى زېمىنگە  ئارمان   ئەقىدە .

يۈرەككە  ئەستىلىك تارىتىپ  تۇرغان .



يەر -كۆكنى مەست قىلدى  <<ئەرەپ ئەپسۇنى>>،

ئەنقادەك بىر يەلكەن بوشلۇقنى قۇچۇپ.

ئومماننى ئويغاتتى <<ئەرەپ ئەزىنى>>،

ئەجنەبى<< ئۇۋىسى>> كەتتى چۈگۈلۈپ.



يەمەندىن -  يەسرىپكە،ئەرمەن -ئەجەمـگە،

يوللاندى تەسىرلىك نۇسرەت ئۇچۇرى.

پاناما،توكيو ھەم لوندۇن ھەرەمگە،

ئۇلاندى  ئەسىرلىك دوستلۇق تومۇرى.


يەتتە ئىقلىم ،كۆردى سەككىز مۆجىزە،

قايرىلدى زەپ ئەھلى سەلىپ* بېلىمۇ.

چالدى ئەرەپ يېشىل قۇمدا  سەلىقە،

مۇشرىكلارنىڭ چىقتى بىردىن جېنىمۇ.


ئەرەپ ئېتى مىنگەن ئاشۇ بەدەۋى ،

غەۋۋاس بۈگۈن سۈزدى سەدەپ دېڭىزدىن.

قىززىق قۇمدا قۇياش، ئايغا  ئەبەدى،

جۆر بولماققا ئورۇن ئالدى ئىگىزدىن.


ئەلەمدارنىڭ ئەرشتىكى چۈشىمۇ،

ئىزلىرىدىن يولۋاس قالدى داڭ قېتىپ.

‹‹شاھ››قا سادىق سۇلتان* دىگەن  كىشىمۇ،

كىرپىك قاقماي كەتتى نەچچە تاڭ ئېتىپ.


دىدى:<< تاغدەك ياكى دەجلە -فراتتەك،  

رىسقىڭ تۈگەر نەپسى-بالا ئالدىدا>>.

نېفىتمۇ ھەم تۈگەر پۇل -مال -بىساتتەك،

ئەرەپنى كىم ئالۇر شۇ چاغ  يادىغا...


ئۈچ ئەبۇلنىڭ* روھى شۇندا  تىرىلدى،

سۈنئى ئارال تۈغدى ‹‹مىڭ بىر كېچە››نى.

دۇبەيلىكنىڭ چۈشى ئوڭغا ئۆرۈلدى،

قولنى چىشلەپ، يۇلدى كىملەر  چېچىنى...؟


ياشا ئەرەپ قۇم قوينىدا تاش بولۇپ،

ئالدىڭدا مات بولدى،مەغرۇر ‹‹ئاق›› ساقال.

ئۇچ قىتئە*گە كەتكىن ھەتتا  باش بولۇپ،

ئار-نومۇسنىڭ تۇزىنى يەپ تاپ ۋىسال.


ئېففىل بىلەن بابىلنىڭ تۇر، مۇنارى،

دوست سەزگۈدە باقار ساڭا قاچاندا؟

ئەرەپ ئېلى بولغىن مەمۇر دىيارى،

چېچەك ئاچسۇن ئارزۇيۇڭ قۇم بارخاندا.


مۇنار ئەمەس روھىڭ مېنى رام قىلغان،

‹‹خانتەڭرى›› دەپ چوقام بار كۆر! مېنىڭمۇ.

تۇمار ئەمەس مېنى شائىر، ‹‹خان ›› قىلغان،

پېقىر سۆيگەن غورۇرۇڭ بار سېنىڭمۇ.


ئوھۇد تېغى كۈلدى ئۇلۇغ  ئەرەپكە.

كۈلدى چۆللۈك،كۈلدى شاھ ۋە تۆرىمۇ.

مىللەت ئۈچۈن ئىپتىخارلىق  شەرەپكە،

دورا ئىكەن غورۇر دىگەن تولىمۇ؟!


ئىلاۋە:


*ئۈچ ئەبۇل-ئەرەپ تارىخىدا ئۆتكەن شائىر،تارىخچى، جۇغراپىيە ئالىملىرى.

*سۇلتان-خەلىپەنىڭ مۇنار قۇرۇلىشىغا ئاۋاز قوشقان مەسلىھەتچى.

*ئەھلىسەلىپ-ئىسلامغا قارشى سەككىز قېتىم جەڭ ئېلىپ بارغان كىرىست بەلگىلىك قوشۇن.

*ئەلمەكتۇم مۇھەممەت ئوغلى-مۇنار سېلىشنى قارار قىلغان خەلىپە.

*ئۈچ قىتئە-ئاسىيا،ياۋروپا،ئافرىقا قىتئەلىرى  .

2012-يىلى 1-سىنتەبىر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-4 08:04 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2613
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4090
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8375 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇنار ىسراپ چىلىق .
نۇرغۇن مۇسۇلمانلار اچ قېلىۋاتسا

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nap--rat + 20 توغرا

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89002
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-12-23
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89002
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-12-23
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80716
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2012-5-27
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ مۇنار ئىسراپچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس بەلكىم.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nap--rat + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5697
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 436 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تازا چۈشىنەلمىدىم

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86002
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئەرەپلىنڭ قانچىلىك قىلىقسىز،ساپاسىز مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز كاشكى!!!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nap--rat + 20

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20459
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەزرىتى ئەلىنىڭ قىلىچىمۇ ئۇ،


ئەرەپ چۆلىدە  يالتىراپ تۇرغان.


ئەلمەكتۇم خەلىپە*  كىرىچىمىدۇ؟ ،


ھەسەتخور كۆزىگە قادىلىپ تۇرغان.



مۇشۇ مىسرالاردىنلا چىقىپ تۇرۇپتىغۇ...ئۇ ھەرگىز ئىسراپچىلىق ئەمەس...ئەرەپ مىللىتىنىڭ ، مۇسۇلمانلىنىڭ پەخرى...ئىنتايىن ئەمەلىي نەتىجە.

ئەڭ يېڭى يۇقىرى پەن -تېخنىكىلىق ئۈسكىنىلەر ئۇيغۇر سودا تورىدا ....

ئۇيغۇر سودا تورى  ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ  Www.Uysoda.Comــــــــــــــــــــ15099500214

تىزدىن كۆرۈپ بىقىڭ ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86002
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئەرەپلىنڭ قانچىلىك قىلىقسىز،ساپاسىز مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز كاشكى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86002
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئەرەپلىنڭ قانچىلىك قىلىقسىز،ساپاسىز مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز كاشكى!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش