گۇما
ئانامسەن،باغرىڭدا ئويناپ،ئەركىلەپ ئۆستۈم گۇما،
دادامسەن،يەلكەڭگە دەسسەپ كۆك تامان باقتىم گۇما.
سەھرالىرىڭنىڭ باغلىرى ئالغان بىھىشتىن ئەندىزە،
ئېرىقىڭدا ئاققىنى ئۇ سۇ ئەمەس،زەمزەم گۇما.
دىھقىنىڭ ئشچان ئېتىزدا،باغ شۇڭا كەڭ سايلىرىڭ،
شۇڭا مەپتۇن قىلغۇسى بىر كۆرسە گۈل چىھرىڭ گۇما.
باغلىرىڭدا ئوخشىغان شاپتۇل،ئانار،ئالما،ياڭاق،
يېيىپ كەڭرى داستىخان ئەل قەلبىگە ياقتىڭ گۇما.
روھ سىياقىڭ كوئىنلۇن ،باغرىڭ كەبى تەركىي ماكان،
شۇڭا باغرىڭدا يىتىشتى قانچىلاپ شائىر گۇما.
باغلىرىڭدا شائىرلىرىڭ بەسلىشەر بۇلبۇل بىلەن،
روزىكامغا ھەم قۇۋۋۇت بەرگەن سېنىڭ مىھرىڭ گۇما.
يىل ئۆتۈپ بولدۇم ئۇچۇرما بۇ يۈرەكتە بىر ھەۋەس،
شۇ ھەۋەسكە ئەگىشىپ ئالدىم قەلەم قولغا گۇما.
سەن ئۈچۈن قاتتىم قوشاق،بولسىمۇ گەر نوقسانى كۆپ،
ئارزۇيۇم بەرسەڭ قۇۋۋەت،كۆكتە قانات قاقسام گۇما.
باش باھاردا بىخ سۈرۈپ كۆكلەمگە باققان نوتىمەن،
رازىدىم گۈلزار بېغىڭدا خۇش پۇراق چاچسام گۇما.
مەنبە:قەلىمىم.