ئۆزۈمگە يىزىلغان غەزەل
سەۋىر
خانقىز (سەئىدىيە)
قىش دىمەك ئۇ باش باھارنىڭ بەلگىسى باشلانمىسى،
تۈن دىمەك يورۇق كۈننىڭ ئۇلى ھەم يالدامىسى .
بوران چاپقۇن، جۇت شىۋىرغان، قارسىز، قىش بولماس پۈتۈن
ھاياتلىقتىن نىشانەدۇر ، تەبىئەتنىڭ جەڭنامىسى .
ھايات بىر يول ئەگرى توقاي ،سىناق ئارا يولۇچى سەن.
يىغاڭ بىرلە سېلىنغاندۇر ئول سەپەرنىڭ سەرمايىسى
يېڭىلمەك ۋە غەلبە تۇققان ،شاتلىق ئىلە قايغۇ ئاداش،
كۆڭلى ئاق ۋە ئەقىللىقلەر بۇ زاماننىڭ غەمخانەسى.
دەل دەرەخلەر ،ئۇچار قۇشلار،شۇنچە بىغەم، شۇنچە ئەركىن
تاپالمايسەن ئىنسان تارىتقان ئازاپلارنىڭ ئىزناسىنى .
كۆر ئىنسان ھەم ئوخشاش مەخلۇق، لىكىن چاكار ئۆزگە جانلىق
كۆكتە ئايمۇ چۆگىلەيدۇ ،بولۇپ يەرنىڭ پەرۋانىسى
دىمەك مۈشكۈلدە ئاسانلىق بار ،بىر ئاسانغا بىر مۈشكۈل،
سەن تارىتقىنىڭ ئازاپ ئەمەس، ئىرىشكەننىڭ دەسمايىسى.
تىرناقچە يوق ھەسرەتلەرنىڭ دولقۇنىدا بولما غەرىق ،
مەيلى ئازاپ مەيلى شاتلىق ،ئۇنتۇلمىسۇن شۈكرانىسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-4 06:47 PM