داۋالىنىشتا ئېھتىيات قىلىڭ!
بىزنىڭ ئولتۇراق رايۇندا بىر شەخسى ئامبۇلاتۇريە بار، بۇ يەردە ئۇششاق كېسەللەر بىلەن داۋالىنىدىغانلامۇ بەك كۆپ ئىدى، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدامۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى. ئوتتۇر ياشلاردىكى بىر ئاچاش زۇكام بىلەن ئۇكۇل ئۇرغۇزغىلى كىرىپتۇ، دوختۇر رىتسىپ يېزىپ بەرگەندە بۇ ئاچاش ئۈزىگە ناھايىتى تېزلا رىئاكسىيە قىلىدىغان ئۇكۇلنى دەپ قۇيۇپتۇ، بىراق دوختۇر ماقۇل دەپلا سېستىراغا دەپ قويماپتۇ. ئۇكۇلنى ئۇرۇپ 10مىنۇتلارئەتىراپىدا بۇ ئاچاش ئۈزىنىڭ بىر خىل بۇلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ، يېنىدىكى بىمارلارمۇ بۇ ئاچاشنىڭ ئېغىز-كۆز ئەتىراپلىرىنىڭ كۆكىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھاللا دوختۇرنى چاقىرىپتۇ. بۇ دوختۇر سەل قاراپ ئۆزۈم قۇتقۇزىمەن دەپ بىر نىمىلەرنى قىپتۇ، بىراق ئۈنۈمى بولمىغاندا جىددى قۇتقۇزۇشقا تېلفۇن
ئۇرۇپتۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ بولغىچە بولغان ئارلىقتىمۇ ئىشقىلىپ بۇ ئاچاش ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ.
دوختۇرنىمۇ تۇتۇپ ئەكەتتى...بۇنى بىر ئەجەل دىسەكمۇ بولىدۇ، لىكىن سەۋەپچىسى دوختۇر بۇلۇپ قالدى.
ئىشقىلىپ كىچىك ئاغرىق بولسىمۇ ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ!
بولسا مۇنبەرداشلا ئەتىراپىمىزدىكىلەرگە مۇشۇنداق ئىشلارنىڭمۇ يۈز بىرىپ قالىدىغانلىقىنى دەپ قويساق.
بەزى كىشىلەر نەچچە ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىمۇ كىچىك دوختۇرخانىلاردا داۋالىتىدىكەن، بۇنداقلارمۇ ئالاھىدە
دىققەت قىلسا دىگەن ئۈمۈدتە بۇنى يازدىم. خاتا ، ئارتۇق كەتكەن يەرلىرى بولسا ئالدىن كەچۈرۈم سورىۋەتەي!
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-4 05:08 PM