ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بولار دېگەن ئۇمدتە مەزكۇر ئوقۇغۇچىمنىڭ 3 پارچە شېئىرىنى يوللىدىم. تورداشلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى ئۈمد قىلىمەن.
ئاپتورى:خالزات
ۋاي ئېسىت
كەلدۇق مانا بۈگۈنگە تاپقىنىمىزنى يۈتتۈرۈپ،
شۇ ۋەجىدىن ئۆزگىلەر سالسا زۇلۇم كۆتۈرۈپ.
چىقالمىدۇق ھەم مانا ئەلگە تۇغنى كۆتۈرۈپ.
ئەجداتلارنىڭ ئېزىنى باسالمىدۇق ۋاي ئېسىت!!!
قەدىرلىمەي بارىنى، چېكىپ ئۆزگە تارىنى،
كۆزنى ياشلاپ كەلسە نامرات ھەم ئاڭلىماي زارىنى.
چېقىپ ئۆزگە ئۇيغۇرنىڭ دوست-بۇرادەر، يارىنى،
شۇ ئۆتكۈزگەن كۈنلەرگە ئەمدىلىكتە ۋاي ئېسىت!!!
لاچىن بولساق بىرىمىز، ئوۋچى بولدۇق بىرىمىز،
مېۋە بەرسەك دەرەخ بوپ شاخنى يىردۇق بىرىمىز.
پۇت سېلىشىپ ئۆزئارا ئالغا باسماي يۈرىمىز،
ئەمدىلىكتە شۇ قىلغان نادانلىققا ۋاي ئېسىت!!!
‹ۋاي ئېسىت›نى ئويلىماي بۇرۇن قىلىپ ياماننى،
بۇغداي كەبى ياخشىغا ئارلاشتۇرۇپ ساماننى.
ئۆزگە باسسا ئالغا بىر ساقىت قىلماي گۇماننى،
باشقىلارنى كۆرەلمەي كۆز يۇمغانغا ۋاي ئېسىت!
ئازابىم
نە ئۈچۈن كۈنلىرىم ئۆتىدۇ يالغۇز،
بىلمىدىم ئەسلىدە ئەمەستىن بۇنداق.
سىغىنىش، تەشنالىق كەتمەس يېنىمدىن،
ياكى مەن بىرسىگە كۆيدۈممۇ قانداق.
مەن ساڭا بىز پەقەت دوستلا دىگەنتىم،
ۋە لېكىن ئۆزۈم كۆپ ئازار يىگەنتىم.
سەن ئۈچۈن ھەممىگە رازى بولغانتىم،
بەك ئەپسۇس كۆڭلۈمنى دىيەلمىگەنتىم.
بىلىمەن كۆڭلۈمنى چۈشۈنۈپ بولدۇڭ،
ۋە لېكىن بىلمىگەن قىياپەتتە سەن.
تېشىمدا خۇشالدەك يۈرگىنىم بىلەن،
يۈرىكىمدە كۆپ ئوتۇڭ قىيامەتتە مەن.
قاچۇرىمەن كۆزىمىز ئۇچراشسا بالدۇر،
ۋە لېكىن سىمايىڭ يۈرىكىمدە قالۇر.
كۆز قىسىپ ۋىللىدە كۈلۈپلا قويساڭ،
يۈرىكىمدە ئوتلۇرۇڭ لاۋۇلداپ يانۇر.
خۇمسىلار
پەقەت ئويلاپ ئۆزىنى، قېلىن قىلىپ يۈزىنى،
توشۇپ دوستلار سۆزنى،جان باقامدۇ خۇمسىلار.
ئۆزىنى تېز پەردازلاپ،گۇناھىنى يۇيۇپ تازلاپ،
باشقىلارنى كۆتۈرۈپ ياشامدۇ شۇ خۇمسىلار.
بىر مىللەتتىن بىر دىنغا ئېتىقاد قېلىپ تۇرۇپمۇ،
يېقىن دوست يا بۇرادەر، ئەل ئاغىنە تۇرۇپمۇ.
سۆزلىرىدىن قۇسۇر تېپىپ قىلغان ئىشنى بۇزۇپمۇ
يەنە تويماي شۇلاردىن چاتاق تاپار خۇمسىلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-4 05:03 PM