مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 453|ئىنكاس: 8

تەسۋىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89169
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2013-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:51:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسۋىر (پەرىشتە)

يۇمۇرىستىك بولۇش تۇغما بولامدىغاندۇ،ياكى كىيىن يىتىلدۈرگىلى بولامدىغاندۇ؟بۇرۇن ھىسامكامنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ،گەپلىرىنىڭمۇ بەك يۇمۇرلۇق ئىكەنلىكىگە قاراپ بەكمۇ ھەۋەس قىلاتتىم.يېقىندا مەكتىۋىمىزگە بىر مۇئەللىمە تەقسىم قىلىنغان ئىدى.توۋا كۈندە قىززىق گەپ قىلىپ بىزنى كۈلدۈرۈپ،ئىشخانا كەيپىياتىنى بىراقلا يۇقۇرى كۆتۈرۋەتتى.
بىركۈنى،بىر ئىشقا كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ ئولتۇرسام،ئۇ كىلىپلا:
-خانىم ئۆزلىرى بۈگۈن نېمە بولۇپلا؟،-دەپ سورىدى.
مەن :
-كۆڭلۈم يېرىم،يا قولۇم ئىشقا بارمايدۇ،-دېيىشىمگە ئۇ گىپىمنىڭ كەينىگە ئۇلاپلا:
-يا ئىش قوللىرىغا كەلمەيدۇ.-دىمەسمۇ.ئىختىيارسىز كۈلۈپ سالدىم.
قايسى كۈنى چۈشلۈك تاماقتا رامىزاننىڭ گىپىنى قىلىشىپ، بۇ يىل قانچە كۈن تۇتالىغىنىمىزنى دىيىشىپ ئولتۇرغان ئىدۇق.ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-فىلورە،سىز نەچچىنى تۇتتىڭىز؟
-نىمىنى؟
-رامىزان.
- ھە،-ئۇ كۈلمەي تۇرۇپ،-بەش-ئالتىنى تۇتۇپ مىھمانخانا  ئۆيگە سولاپ قويدۇم دىمەسمۇ.بىر نەچچەيلەن كۈلىمىز دەپ ئاغزىمىزدىكى  تاماقنى پۇرقۇۋەتتۇق.
بۈگۈنمۇ يەنە قىززىق ئىش بولدى.ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ بىرەيلەن ئۇنىڭدىن ئەينەك سورىدى:
-فىلورە ئەينىگىڭىز بولسا بىرىپ تۇرىڭە.
-ماقۇل،ماۋۇ تاللا بازىرىغا كىرىپ باقاي،-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە سومكىسىنى قولىغا ئالدى-دە،سىيرىتمىسىنى ئاچتى.
ھەممىمىز ئۇنىڭ گىپىگە كۈلۈشكىنىمىزچە ئەتراپىغا ئولاشتۇق.
-مانا ماۋۇ،گىرىم بويۇملىرى پۇكىيى.-دېدى ئۇ كىچىككىنە گىرىم سومكىسىنى ئېلىپ-بۇ يەردە يۈز ماي،لەۋ سۇرۇق.كىرپىك سۇرۇق،قاش قىرىندىشى،كۆز قىرىندىشى...قاتارلىقلار بار.مانا ماۋۇ تۇرمۇش بويۇملىرى پۇكىيى.-دېدى ئۇ سومكىسىنىڭ يەنە بىر كۆزىنى ئېچىپ-بۇيەردە: ئەينەك،تىرناق ئالغۇچ،ئاچقۇچ،كىچىككىنە قۇتىلىق ئاياق مېيى،ئاياق چوتكىسى،يۆل قەغەز،قۇرۇق قەغەز...قاتارلىقلار بار.-ئۇ ئەينەكنى ھېلىقى قىزغا ئېلىپ بىرىۋىتىپ يەنە داۋاملاشتۇردى. بىز بولساق ئۇ ھەر بىر نەرسىنى تونۇشتۇرغاندا پاراققىدە كۈلۈشىۋاتىمىز.
-ماۋۇ كىيىم –كىچەك پۇكىيى.-ئۇ سومكىسىنىڭ يەنە بىر كۆزىنى ئاچتى- بۇيەردە:پەلەي،ماسكا،قولياغلىق،يەڭلىك...قاتارلىقلار بار.ماۋۇ يەر يىمەك-ئىچمەك پۇكىيى.-ئۇ سومكىسىنىڭ يان تەرەپتىكى كۆزىدىن بىر سۇلياۋ خالتىنى ئالدى.بىز كۈلۈشكىنىمىزچە قارىساق خالتا ئىچىدە :گازىر-پۇرچاق،كەمپىت،بادام،ياڭاق مىغىزلىرى بارئىكەن.ئۇ يەنە داۋاملاشتۇردى.
-مانا ماۋۇ تاللا بازىرىنىڭ تىلىكامىراسى-قارىساق قول تېلىفۇنى ئىكەن.كۈلۈپ ‹ئۈچەيلىرىمىز ئۈزۈلۈپ ›قالاي دېدى.
-ماۋۇ بولسا ھىسابات قىلىدىغان ئورۇن،-ئۇ شۇنداق دەپ پۇل قاپچۇقىنى قولىغا ئېلىۋىدى-كۈلۈپ بولالماي قوساقلىرىمىزنى تۇتۇپ تاس قالدۇق يەردە يۇمۇلاپ كەتكىلى...
بۇنىڭدىن شۇنى ھىس قىلدىمكى بىز قىز-ئاياللار ئۆزىمىزدە مۇشۇنداق يۇمۇرىستىكىلىق مىجەز خاراكتىر يىتىلدۈرەلىسەك خىزمىتىمىزدە باشقىلارغا ئىستىتىك زوق بىغىشلىيالىساق،تۇرمۇشىمىزدا ئائىلىمىزنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ،ئۇلارنىڭمۇ تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقتىن ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالايدىكەنمىز.
ئۇنىڭدىن باشقا يۇمۇرىستىك،بولۇش بىز ئاياللارنىڭ،يولدىشىمىز بىلەن بولغان ھەر قانداق مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئارتۇقچىلىق ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم.
مەنبە:قەلەم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-4 01:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4022
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 01:16:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس مۇشۇنداق ئادەملەر بۇلسا تۇرمۇش ناھايىتى كۈڭۈللۈك ئۈتىدۇ خىزمەت بىېسىمىمۇ ئادەمنى ئۇنچە بەك ھاردۇرىۋەتمەيدۇ ، ئەگەر ئۈزىمىزدە مۇشۇنداق خارەكتىرنى يىتىلدۈرەلىسەك كۈنلىرىمىز تېخىمۇ كۈڭۈللۈك ئۇتىدۇ ئەلۋەتتە .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10534
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2310 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 01:25:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوۋ ! شۇنچىلا جىق نەرسە پاتىدىغان قانداق سومكىدۇ ؟ چامىدانمۇيا

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 4100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19602
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 874 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 01:44:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كالىدەك گۆشىيىپ تۇردىغان ئادەملەر بىلەن بىللە ياشاپ بىللە خىزمەت قىلغاندىن، بىردەم بولسىمۇ كۈلدۈرۈپ تۇرىدىغان ئادەملەر بىلەن بىللە ياشىسا ھاياتمۇ مەنىلىك،شۇنداقلا كۈنلەرمۇ تىز ئۆتىدۇ.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 02:00:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئاساسى پەرزى بولغان ئۇلۇغ رامىزاننى چاقچاققا قېتىپ كۆڭۈل خوشى قىلغان ئاشۇ كىشىلەر، ئەگەر مۇسۇلمان بولسا ‹ئاللاھ› تىن قورقسۇن، ئەگەر مۇسۇلمان بولمىسا باشقىلارنىڭ ئىتىقادىغا ھۆرمەت قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11222
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 5207 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 02:47:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئانچە مۇنچە يۇمۇرىستىك بەزىدە ،مۇنداقلا گەپ قىپ قويسام دۇمىلاپ يىتىۋالىدۇ تەتۇر كالاچتەك قىلىشىپ  ئۆزەمگىغۇ بەك كۇلكىلىك تۇيۇلمايدۇ بولمىسا گەپلىرىم،مەسىلەن ھە؛بىر كۇنى يولدا كىتىۋېتىپ چوڭراق بىر ئاپاشقا ئۈسۇۋېلىپ ،ئاپاش خاپا بولمىسلا تۇمەنمىڭ يىل خاپا بولمىسىلا دەپ ساپتىمەن ،ھىلىقى ئاپاش ئاغزىمغا قاراپ قىتىپلا قالدى،بەلكى گۇلەىسى كەلگەندۇ.يىنىمدا سىڭلىم بىلەن ئاچامنىڭ ئوغلى باتى يولدىلا كۇلۇپ تاماس قالىتى مىنى نەچچىنى ئۇرغىلى ،مەنغۇ قەستەن دىمىگەن مۇشۇ ئاغزىم بەزىدە بەك ئىتتىك ،يەنە بىركۇنى ئەمدى پىشىنغا تۇراي دەپ ناماز كۆينىگىمنى كىيىم تۇرىتىم ،‹لىچىگى بىللە كوينەك›،يوتامنىڭ ئۇدۇلى 20سانتىدەك سۇكۇلۇپ كىتىپتۇ ،يولدىشىم كۆينىگىڭ يىرتىلىپ كىتىپتۇدىيىشىگە ما ئىتتىك ئاغزىم  ۋاي جىم تۇرىڭە نامازنى شىڭگەن بىر ئوقۇۋەتمەمتىم دىسەم بىر كۇلۇپ كەتمەسمۇ ،ئەستا ئەمدى مۇشۇنىمۇ چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ يۇرگىنىمنى دىمەمسىز ،،،رەببىمنىڭ گۇناھىمنى مەغفىرەت قىلىشىنى تىلەپ كەتتىم...ئاغزىم شۇنداقكەن ئەمدى ،ئاندىن دوراش قابىلىيىتىممۇ خىلى بار مىنىڭ ،ما ئۇسۇل دەمسىز گەپ قىلىش ئاھاڭى دەمسىز دوراپ جارت جارت قىلىپ يىرتىۋېتىمەن ئىشقىلىپ..بالاممۇ قىلىقلىرىمغا قاراپ ئۆيدە پات پات يۇمىلاپ تۇرىدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7665
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 781 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 02:51:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىنھان00 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-4 02:00 PM
ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئاساسى پەرزى بولغان ئۇلۇغ رامىزانن ...

دىگنىڭىز ئورۇنلۇق گەپ

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79252
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4935
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 04:09:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارۋان يوللىغان ۋاقتى  2013-1-4 01:44 PM
كالىدەك گۆشىيىپ تۇردىغان ئادەملەر بىلەن بىللە ياشاپ ب ...

راست دەيسىز .

ئۇيغۇرغا بىلىمدىن باشقا يول يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86002
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 186
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 04:49:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشنىڭ كۇلكە-چاقچاق بىلەن مەنىلىك ئوتكىنى ياخشى؛

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش