ئىتوت: ئېلان ئىشلەش
(ئاپتۇرى: تىلماچ)
قاتناشقۇچىلار:
1-دېرىكتور،30ياشلاردا،شەھەردىكى مەلۇم ئېلان مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى.سالاپەتلىك،دېرىكتورلاردەك پۇزۇر ياسانغان،چاچلىرىنى يارىشىملىق قىلىپ تارىۋالغان.خۇشخۇي،بىلىملىك چىقىشقاق كىشى.
2-ھەۋەسكار،35 ياشلاردا،بىراز غەلىتىرەك كىيىنىۋالغان.بېشىغا قاسقىنى سالپىيىپ قالغان كونىراق شىلەپە كىيگەن.قولىدا ئېلان لاھىيەسى يېزىلغان خاتىرە دەپتەر كۆتۈرۈۋالغان.
پەردە ئېچىلغاندا دېرىكتور ئىشخانىسىدىكى ئۇستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ خېرىدارلارنىڭ تۇرلۇك تۇۋارلارغا ئائىت ئېلان زاكاس ماتىرياللىرىنى پۇتۇن دىققىتى بىلەن كۆرۇۋاتاتتى.
بۇ چاغدا ئېلان ھەۋەسكارى، كىرىپ كىلىپ،سەھنىنىڭ يان تەرىپىدە توختاپ يۇقىرىغا قارايدۇ
ئېلان ھەۋەسكارى: يو،ما ۋىۋىسكىنى، «ئالتۇن ماياك ئىلان ئىشلەش كەسپى چەكسىز شىركىتى »،نىمە دىگەن ھەيۋەت ۋىۋىسكا بۇ، (ئېلان ھەۋەسكارى ۋىۋىسكىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىين،شىركەتنىڭ ئىشىگىنى ئىھتىيات بىلەن چىكىدۇ ۋە كىرىشكە ئىجازەت بىرىلگەندىن كىيىن،ئىشخانىغا كىرىپ ئىشىك تۇۋىدىلا توختايدۇ ھەمدە دېرىكتورغا قاراپ) :دېرىكتور بارمىدۇ؟ يا،ياياق،خاتا دەپتىمەن،زوڭسەي بارمىدۇ؟
(بۇچاغدا دېرىكتور ئېلان ھەۋەسكارى قاراپ ):ھە،كىلىڭ،كىلىڭ!
ئېلان ھەۋەسكارى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
دېرىكتور:ۋائەلەيكۇم ئەسسالام(دېرىكتور ئوڭ قولىنى تەڭلەيدۇ، ئېلان ھەۋەسكارى دېرىكتورنىڭ قولىنى ئىككى قولى بىلەن تۇتۇپ سىلكىپ تۇرۇپ كۆرىشىدۇ) كىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم،ھەقىچان يانا كېلىدۇدەپ تۇرسام، مانا نەق ئۆزىڭىزمۇ كەپ قاپسىز.
ئېلان ھەۋەسكارى:كېلىدىغانلىقىمنى قانداق بىلىدىڭىز؟
دېرىكتور:سىز كەلمىگىلى بىر-ئىككى كۈن بوپ قالدى ئەمەسمۇ؟شۇنىڭدىن بىلدىم.پات-پات مېنى يوقلاپ تۇرمىسىڭىز ئۇيقىڭىز كەلمەيدۇ ئەمەسمۇ؟! ھە،كەپقاپسىززغۇ،تۇماقلىرىڭىزنى ئېلان قىلىپ ساتاي دىگەن ئوخشىمامسىز؟
ئېلان ھەۋەسكارى: قويۇڭە ئۇكام ئۇ تۇماقنىڭ گىپىنى ،تۇماقنىمۇ ئىلان قىلىپ ساتامدۇ؟كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ساتساقلا بولدى ئۇنى.
دېرىكتور:ئۇنداقتا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالاي دەپ كەلگەن ئوخشىمامسىز؟
ئېلان ھەۋەسكارى:قويۇڭە ئۇ شوپۇرلۇقنى ، ئەتىدىن-كەچكىچە ئەندىۋىگە دەسسەپ، چۇماقىنى قەرىپ، ئەلگەكنىڭ قاسقىنىنى چۆگىلىتىپ، بىكار بوپ قاسا ئۈگۈت كەلمىگەن تۈگمەندەك بىكالىق پىقىراپ، ئادەم ساقلاپمۇ ئىشمۇ؟راست گەپنى قىلسام ئۇكام بۇدورەم بىرىنچىدىن، سىلىنىڭ شىركەت ئاچقانلىقلىرىنى مۇبارەكلەپ،ئىككىنجىدىن، شىركەتلەردە ئىشلەپ قالسام دەپ كىلىشىم .
دېرىكتور:ئالاھىتەن مۇبارەكلەپ كەلگىنىڭىزگە رەخمەت، راست گەپنى قىلسام، شىركەتتە سىزگە ماس كەلگىدەك ئىش يوق .
ئېلان ھەۋەسكارى:ئا، ئىش يوق دىگىنىنى، ۋىۋسكاڭلاردا«ئېلان ئىشلەش شىركىتى»دەپ مىسىردىكى ئەل ئىھىرامدەك يوغان يېزىقلىق تۇرمامدۇ؟ ئېلان ئىشلەشكە تازا باپ كىلىمە مەن. مەن سىزگە دىسەم ئۇكام، مۇشۇ تىلىۋىزوردىكى ئېلانلارنى كۆرىۋىرىپ ئېلانغا خۇمار بولۇپ قالدىم دىسلە،شۇڭا سىلىنىڭ ئېلان ئىشلەش شىركىتى ئاچقانلىقلىرىنى ئاڭلاپ دەرھاللا كىلشىم.‹‹ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگىچە ، ئىچىدە كۆي›› دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ؟
دېرىكتور:قاراڭ،بۇ ئىلان ئىشلەش دىگەن ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئېلان دىگەن جەلىپ قىلىش،قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ئىستىمالچىلارنىڭ ئۇ خىل مەھسۇلاتقا بولغان دىققىتنى قوزغىيالمايدۇ. سېتىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.شىىركتىمىز يېڭلا ئېچىلدى، شىركەتنىڭ رۇناق تېپىشى قابىل ئىلان لاھىيلىگۈچىلەرقوشۇنىنىڭ بولۇشىغا مۇھتاج. شۇڭا مۇشۇ كەسپتە ئوقۇغان، تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ تاللاش ئادىتى،پىسخىكىسى بۇيىچە ئېلان لاھىيەلەشتن خەۋىرى بارلار ئىشلەيدىغان يەر بۇ.
ئېلان ھەۋەسكارى:تازا ئىشەنچ قىلالمايۋاتقان بولسىلا مىنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقسىلا، ئىشىليەلىسەم ئىشلىدىم، ئىشلىيەلمىسەم كەتتىم .
دېرىكتور: بۇلىدۇ، بۇلىدۇ، بۇ ئارمىنىڭىزمۇ يەردە قالمىسۇن،ئاۋال ئۆزىڭىز بىر قانچە ئېلان لاھىيەلەپ بېقىڭ،راستىنلا ياراپ قالسىڭىز ،شىركەتتە قالسىڭىز بۇلىدۇ.
ئېلان ھەۋەسكارى:دېرىكتور ئۇكېم،ماندا دىمەملا مانا(دېرىكتور نارازى بولغان قىياپەتتە ئېلان ھەۋەسكارىغا قاراپ قويىدۇ)
دېرىكتور:ھەرقاچان تەييارلىق بىلەن كەلدىڭىز،قېنى باشلاڭ.
ئېلان ھەۋەسكارى: (قولىدىكى خاتىرىنى بىرنەچچە ۋاراق ۋاراقلاپ دېرىكتورغا): باشلىدىم ـ ھە.
دېرىكتور:ھە،قېنى باشلاڭ.
ئېلان ھەۋەسكارى:قوپماملا ئورۇنلىرىدىن،بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز قىلغىلى بوممايدۇ بۇنى؛ماندا بىر مەن بىلەن ماسلىشىپ بەرمەملا.
دېرىكتور:بۇلۇدۇ،بۇلۇدۇ،(ئورنىدىن تۇرۇپ ھەۋەسكارنىڭ يېنىغا كېلىدۇ.ئاندىن قولى بىلەن باشلاش ئىشارىسى قىلىدۇ)ئەمىسە باشلاۋېرىڭ.
ئېلان ھەۋەسكارى:(خاترىسىدىكى خەتلەرگە قاراپ)قۇدۇق قېزىش ئىلانى: شىركىتىمىز كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ئۇسسۇزلۇققا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ياپۇنىيەدىن يۇقىرى ئىقتىدارلىق بۇرغۇلاش ماشىنىسى كىرگۈزدى.بۇ ماشىنىنىڭ بۇرغۇلاش ۋاقتى قىسقا،چىقارغان سۇنىڭ سۈپتى ئىشەنچىلىك ، ئىقتىسادى ئۈنۈمى يۇقىرى بۇلۇپ،زىرائەتلەرنى سۇغۇرۇشقا، بۇتۇلكىغا قاچىلاپ مىنرال سۇ ئورنىدا سېتىشقىمۇ بۇلىدۇ.ئەسكەرتىش:ئورۇننى تىجەش ئۈچۈن يىزىلاردا پىڭ فاڭ ئۆيلەرنىڭ ئۈستىگە،شەھەرلەردە بىنا ئۆيلەرنىڭ ئۈستىگە كولاپ بىرىشنى ھۆددىگە ئالىمىز.سۇيىنىڭ يىل بويى ئۈزۈلمەي چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.شىركەتنىڭ ئالاقىلىشش تېلىفۇن نۇمۇرى:ئىككى سەككىز ئون ئالتە، ئىككى سەككىز ئون ئالتە.
ــــ چىلان كۆچىتى سېتىش ئىلانى:شىركىتىمىز كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ چىلانغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ، بىر تۈركۈم‹‹ قاخشال›› ماركىلىق چىلان كۆچىتىنى بازارغا سالدى. سېتىۋىلشقا ئالدىراڭ، پۇرسەت غەنىيمەت.
دېرىكتور:ھەي،بۇ كۆچەتلەر قاچانمۇ بىخ سۈرە؟
ئېلان ھەۋەسكارى: ئالدىرماڭ،يۈز يىلدىن كىيىنمۇ بىخ سۈرىدۇ، (ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ) توپ ۋە پارچە سېتىۋالغۇچىلار ئۈچۈن ئالاقىلىشش تىلفۇن نۇمۇرى:نۆل نۆل،نۆل يەنە بىر نۆلدىن كىيىن ئىككى نۆل.
ـــــ شىركىتىمز كەڭ ناۋاي ئۇستاملارنىڭ پۇلغا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ‹‹يالقۇن تاغ››ماركىلىق تونۇرنى داغدۇغلۇق بازارغا سالدى.بۇ تونۇر ئىسسىق ساقلاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ھەر قېتىم ئوت قالاپ، قىزىتىش ھاجەتسىز، بىرلا قېتىم قىزىتسىڭىز ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ. ئەسكەرتىش:بۇ تۇنۇر يوغۇناش خۇسۇسىيتىگە ئىگە بولۇپ بىر قانچە يىلدىن كىين خۇمدان ئورنىدا خشى پۇشۇرغىلى ، ئىقتىسادنى يىلسىرى ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ.( ئېلان ھەۋەسكارى دېرىكتورغا قارايدۇ)،
دېرىكتور: قارايسىزغۇ؟
ئېلان ھەۋەسكارى: سىزگە قارىمىدىم، تۇنۇرغا قاراۋاتىمەن.
ـــــ شىركىتىمىز كەڭ دىھقان قېرىنداشلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن‹‹ يۆگىمەچ گۈلى›› ماركىلىق ئوغۇتنى ماختاپ بازارغا سالدى، بۇ ئوغۇتنى ئىشلەتسىڭىز زىرائەتلەرنى ھەر يېلى تېرىش ھاجەتسىز، بىرلا تېرىپ قويسىڭىز، ھەر يىلى ئەتىيازدا ئۆزلىكىدىن كۆكلەپ چىقىپ ھوسۇل بىرىۋىرىدۇ. ئۇرۇقنى تىجەپ قالىسىز. (ھاياجانلىق تەلەپپۇزدا) تاپتىم،‹‹ يۆگىمەچ گۈلى›› ماركىلىق ئوغۇتنى تاپتىم ، مانا مۇشۇنىڭغا ئوپمۇ-ئوخشاش (قوينىدىن ئوغۇتىنىڭ خالتسىنى ئېلىپ سېلىشتۇرىدۇ)‹‹يۆگۇمەچ گۇلى›› ماركىلىق ئوغۇتنىڭ قېپى يېڭىلاندى (تىلىۋۇزۇردىكى مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش ئىلاندىكى ھەركەتلەرنى دورايدۇ).
ــــــ مەكتىپىمىز كەڭ ياشلارنىڭ تىل ئۆگىنىشكە بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ ئايلىق تىل تەربىيلەش كۇرسى ئاچماقچى .تۈرلۈك شارائىتلىرى ياخشى بولۇپ ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتىدۇ. ئۈچ ئاي، پەقەت ئۈچ ئايدىلا سىزنى ‹‹ئىرپان لۇغىتىگە››ئايلاندۇرۋىتىمىز. مەكتىپىمىز ياتاق ، تاماق ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، پۇلغا! ئوقۇش پۇلى ئايرىم ھىسابلىنىدۇ.تىزىملاتقىلى كەلگەندە، كىملىكىڭىزنىڭ ئەسلى نۇسخسىدىن ئۈچ تال، كۆپەيتىلگەن نۇسخسىدىن تۆت تال ،تاقىرباش چۈشكەن20 سۇڭلۇق رەسىمدىن بەش پارچە ئالغاچ كىلىڭ، مەكتىپىمىزنىڭ ئالاقىلشش تىلفۇن نۇمىرى :ئىككى يەتتە ئون تۆت، ئىككى يەتتە ئون بەش .
ــــــــ سودا سارىيىمىز كەڭ ئەر-ئاياللارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش ئۇچۇن كوپ ئىقتىدارلىق ئىچ كېيىمنى بازارغا سالدى.بۇ كېيىمنى ئەر-ئاياللار نۆۋەتلىشىپ كېيىشكە ئەپلىك؛ئاساسلىقى ــ كەچتە ئەرلەر،كۈندۇزى ئاياللار كېيىشكە باپ كىلىدۇ.تەر سۇمۇرۈشچانلىقى كۈچلۇك بولۇپ،يۇيۇش ھاجەتسىز،ئالاھىدە سىلىق،يالتىراق تالادىن ياسالغان بولۇپ،ئاسانلىقچە پۇرلەشمەيدۇ.
دېرىكتور:بۇ نىمە؟
ئېلان ھەۋەسكارى:ئككى پاختەك سوقىدىغان چالما؛بۇنى سېتىۋالسىڭىز،سىزمۇ كېيەلەيسىز،مەنمۇ كېيەلەيمەن.ئالدىراڭ،يەنە بار.لېكىن سانى چەكلىك،كېيىشكە ئەپلىك.
دېرىكتور:موللازەيدىن،ماگزىنىمىزدىن بىرەر تال كېيىم سېتىۋالمامسىز؟
ئېلان ھەۋەسكارى:مەن سېتىۋالسام،كوپ ئىقتىدارلىق ئىچ كېيىمنى سېتىۋالىمەن.مال زاكاس قىلىش تېلپۇنى:ئۇبا،ئۇبا،ئۇ با،با.
ــــــ ماگزىنىمىز يېقىندا بىر تۇركۇم‹‹قىرغۇچى››ماركىلىق چاشقان يوقۇتۇش دورىسىنى بازارغا سىالدى،بۇ دورىنىڭ ئۇنۇمى ئالاھىدە ياخشى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% |! M3 r: r" a- ^3 o! Y
ئېلان ھەۋەسكارى: ئاۋال چاشقاننى تۇتىمىز،ئاندىن دورىنى چايناپ يىگۇزىمىز.
دېرىكتور: ئۆلمىسە قانداق قىلامىز؟
ئېلان ھەۋەسكارى:تۆمۇر-تەسەك بىلەن ئۈرىمىز.
دېرىكتور:نەدە شۇنداق ئاسان ئىش باكەن؟
ئېلان ھەۋەسكارى:دەۋر ئالماشتى.
ـــــ ماگزىنىمىز كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ قىشلىق ۋە يازلىق ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۇچۇن ‹‹چوڭ تەبىئەت››ماركىلىق سۇ ئىسسىتىش ماشىنىسىنى بازارغا سالدى.بۇ ماشىنىغا توك ئىشلىتىش ھاجەتسىز بولۇپ،قىشتا سوغاق،يازدا ئىسسىق ساقلىغىلى بۇلىدۇ.سىرىتلارغا چىققاندا،يۇدىۋالسىمۇ بۇلىدۇ.سېتىۋېلىشقا ئالدىراڭ، سانى چەكلىك،ئىشلىتىشكە ئەپلىك.
ـــــــ شىركىتىمىز يېقىندا «ئانتاراكتىدا» ماركىلىق ئېنىرگىيەسىز توڭلاتقۇنى زورلاپ يۈرۈپ بازارغا سالدى،بۇ توڭلاتقۇغا توك كەتمەيدۇ.ئەسكەرتىش: بۇ توڭلاتقۇنى پەقەت قىش پەسلىدە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق بۇلۇپ،توڭلۇتۇلىدىغان نەرسىلەرنى ئىچىگە سېلىپ،كېچىسى سىرىتقا ئەچىقىپ قويسىڭىز تۇلۇق توڭلۇتۇش مەقسىدىگە يىتەلەيسىز.مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۇزۇپ بىرىمىز.
ـــــ ئادەم ئىزلەش ئىلانى:ئىسمى:ئابدىۋارىس،ئەر،يىگىرمە ئۈچ ياش چامىسىدا.چېچى سېرىق،كۆزى كۆك،كاسىسدا رۇشەن تاتۇغى بار، ئوتتۇز سانتىمېتىرچە كىلىدۇ.( ئېلان ھەۋەسكارى ئوڭ قولى بىلەن سول كاسسىنى كۆرسىتىدۇ).ئۆتكەن يىلى سۇغا چۇمۇلۇش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىمەن دەپ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئىشلىتىش ئۈچۇن بانكىدىن قەرىز ئاغان ئۈچ مىڭ يۇەن پۇلىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىدى.ئابدىۋارىس،سىز بۇ ئېلاننى ئاڭلىغاندىن كىيىن، دەرھال سۇدىن قايتىپ چىقىڭ،مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى بىر يىل بولدى،سىز چىمپىيۇن بولدىڭىز.
ـــــ شىركىتىمىز «قارا مۆشۇك» ماركىلىق تاختا مۆشۇكنى تۆكمە قىلىپ بازارغا سالدى،دىققەت: بۇ تاختا مۆشۇكنىڭ ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقۇرى بۇلۇپ،تاختا مۆشۇكنى كۆپلەپ قۇرۇپ،بىر قانچە ئادەم چاشقاننى قورشاۋغا ئېلىپ،تاختا مۇشۇككە دەسسەتسىڭىزلا چاشقان تۇتۇش مەقسىدىگە يىتەلەيسز.
ــــــــ دورا زاۋۇتىمىز ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مەخپى رېتسىپ ئاساسىدا ئىشلىگەن ئۆچكە مۆڭىزىنى خام ئەشيا قىلىپ ياسىغان «ئەۋرىشىم» ماركىلىق سوڭەكنى چىڭىتىش كاپسۇلى سىزنى قورساق ئاغرىقىدىن بىراقلا خالاس قىلىدۇ.يەنە نىمىگە ساقلايسىز،دەرھال يانفۇنىڭىزنى ئېلىڭ-دە،بىر يەتتە،بىر سەككىز،ئون يەتتە،ئون سەككىزگە تىلفۇن قىلىڭ.
ئېلان ھەۋەسكارى يەنە يڭى ئېلان ھەققىدە گەپ قىلىشقا تەمشەلدى.
دېرىكتور:بولدى، بولدى ،توختاڭ،نەدىمۇ شۇنداق ئېلان بولسۇن؟
ئېلان ھەۋەسكارى:تىلۋىزوردىمۇ شۇنداق ماختاپ ئىلان قىلىدىكەنغۇ ،شۇنداق جەلىپ قىلىش، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بۇلىدىغۇ؟
دېرىكتور: بولدى،بولدى ،تېزدىن قايتىپ كېتىپ ھېلىقى تۇماقلىرىڭىزنى كۆتۇرۈپ يۈرۈپ سېتىۋېرىڭ.
شۇنداق دىگەچ دېرىكتور ئېلان ھەۋەسكارىنى قولى بىلەن ئىتتىرىدۇ ئېلان ھەۋەسكارى ئىشىك تەرەپكە قاراپ مېڭىۋاتقاچ غۇدۇڭشىيدۇ:تازىمۇ بىر دۆت دېرىكتوركەن بۇ.
ئۇ چىقىپ كېتىدۇ.دېرىكتور بۇرۇنقى جايىىغا بېرىپ ئولتۇرىدۇ.پەردە چۈشىدۇ.
مەنبەسى:ئۆز ئىجادىيىتىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 L8 f& Z9 V* x. ~( W; ?- J2 q بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-5 11:22 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, B- `/ F( U" q
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ x c) n3 s: r' ?2 r