ئانا يۇرت مۇھەببىتى
ياشارغان باغلاردىن تارايدۇ ئىپار،
قۇشۇلۇپ تاڭدىكى مەيىن شامالغا.
تارىمدا ئۆركەشلەر مۇقەددەس سۆيگۈ،
قۇياشتەك نۇر يېغىپ ھۆسنى-جامالغا.
ئاق ئالتۇن جۇلالار تۈمەن ناز بىلەن،
پاختىزار ئايلىنىپ كۈمۈش دېڭىزغا.
مۇقەددەس زېمىنغا پۈتىدۇ داستان،
دېھقاننىڭ يۈرىكى ئوخشاپ ئېڭىزغا.
گىرىمسەن تۇيغۇدەك چاقنايدۇ ئۇپۇق،
ئەسىرلىك ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ شەھەر.
ياڭرايدۇ مەرىپەت ناخشىسى جۇشقۇن،
قۇچاقلاپ دۇنيانى چىرايلىق سەھەر.
تارتىنچاق كېلىندەك ياسانغان رەستە،
ئوقچىغان بۇلاقتەك قاينايدۇ ھايات.
باشلىنىپ راھەتلىك تەنلەردە پەرۋاز،
مۇھەببەت كۆكىدە قاقىدۇ قانات.
ئاقىدۇ تولغىنىپ ئېرىق-ئۆستەڭدە،
ئەگۈزدەك دولقۇنلاپ ئېرىگەن ناۋات.
توغراقلار بارخاندا قىلىشار ناۋا،
مۇقامدا كۈيلىنەر بىزنىڭ يۇرت ئاۋات.
مەنبە: مەن شۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-4 01:01 PM