ئۆمۈرگە تۇغ –بايراق پاكلىق،ھالالللىق
پاك ياشا بولمىغىن شەيتان ھەۋەستە،
ئىش تۇتما بىراۋنىڭ كۆزىگە بېقىپ.
چاغلىما ئۆزۈڭنى ھەرگىزمۇ پەستە،
ئېگىزدە مەن دېمە تاغلارغا چىقىپ.
غورۇرۇڭ ئىسىيان كۆتۈرۈپ تۇرسۇن،
ئەقىدەك مىۋىلەپ تۆكمىسۇن چېچەك.
مۇھەببەت –نەپرەتنى بىلمەيدۇ ئەسلا،
ئارمانلىق ئارزۇلار بولمىغان يۈرەك.
پاك قەلب، پاك نىيەت توغرىغا باشلار،
شەيتانلار قۇترىسا بولماس ئاراملىق.
ئاستىڭدا شۈمشەيسۇن جاپا-مۇشەققەت،
ئۆمۈرگە تۇغ –بايراق پاكلىق،ھالالللىق .
ئېزىققان ئەقىلنىڭ خەتىرى ئېغىز
ئېزىققان پۇتلارنىڭ ئىزى مالماتاڭ،
ئېزىققان ئەقىلنىڭ خەتىر ئېغىز.
ئۇشتۇ،تۇت ئازاپتىن ساقلىغىن ئىگەم،
« ئالەمنىڭ ئاشىقى ، زالىمىمۇ بىز. »
ئويغاق دىل بەختكە باشلايدۇ بىزنى،
بىر مەقسەت قەيسەرلىك ئاتا قىلدۇ.
ئارمانلىق مەزىلدە چامدىساق مەغرۇر،
باغ بولار قۇشلارغا مازارىمىزمۇ.
ناكەسلىك ، پەسلىكتىن ساقلايدۇ پاكلىق،
ناپاكلىق يولىنى چىتلايدۇ قات-قات.
ئېزىققان ئەقىلنىڭ خەتىرى ئېغىز،
ئۆچمىسۇن يۈرەكتىن ئەلگە ئىشتىياق.