يار خاراكتىرلىك بوغما ئۈچەي ياللۇغى
تونۇش:
يارا خاراكتىرلىك بوغما ئۈچەي ياللۇغى،سوزۇلما غەيرى خاراكتىرلىك بوغما ئۈچەي ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ مۇھىت ئامىلى،ئوزۇقلۇق ئامىلى،بەدەن سۇيۇقلۇق ئامىلى،يۇقۇملىنىش ئامىلى،قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ چوڭ ئۈچەي شىللىق پەردىسىدە،سوزۇلما خاراكتىردىكى ياللۇغ ۋە يارا پەيدا قىلىشدىن ئىبارەت بۇلۇپ،كىلىنكىدا،ئىچى سۈرۈش،قان-يىرڭلىق تەرەت قىلىش،قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
كىسەللىك سەۋەبى:
1. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ھەرخىل جاراسىملار بىلەن ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى،ئۈچەي شىللىق پەردىسىگە تەسىر قىلغاندا،يەرلىك ئورۇندىكى شىللىق پەردىلەرنى غىدىقلاپ،زەخمىلەندۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ خىل غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلىتى، ئۈچەي شىللىق پەردىسىگە تەسىر قىلغاندا،يەرلىك ئورۇندىكى شىللىق پەردىلەرنى غىدىقلاپ،زەخمىلەندۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. زەڭگا رەڭ سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ خىل غەيرى تەبىئىي زەڭگا رەڭ سەپرا خىلىتى، ئۈچەي شىللىق پەردىسىگە تەسىر قىلغاندا،يەرلىك ئورۇندىكى شىللىق پەردىلەرنى غىدىقلاپ،زەخمىلەندۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. سۈپىتى ئۆزگەرگەن يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
5. ئۈچەي يوللىرى يۇقۇملۇق كىسەللىكىرى سەۋەبدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تولغاق،خولىرا،كىزىك،ئۈچەي سىلى قاتارلىق كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن،ئۈچەي شىللىق پەردىلەر زەخمىلىنىپ،ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. روھى ئامىل سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كىلنىك ئىپادىسى:
ئىچى سۈرۈش،ئاغرىش،توڭۇپ تىتىرەش،قىزىش،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش،قان يىرىڭلىق تەرەت كېلىش،ئاشقازان ياللۇغى بىلەن قۇشۇلۇپ كەلسە،قۇسۇش،قورساق مۇسكۇللىرى جىددىلىشىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.ئىسھال بىلەن قەۋزىيەتلىك ئالمىشىپ كېلىدۇ..
پـەرۋىش تەدبىرى :
1. كىسەلىنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن بىمارنى پاكىزە،ئازادە،تېنىچ،ساپ ھاۋالىق كىسەلخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ،كىسەلخانىنىڭ نەملىك دەرىجىسى%50~%60 ۋە تېمپىراتورىسى℃20~℃22 ئەتىراپىدا بۇلۇش،تولۇق ئۇخلاش شارائىت ھازىرلاپ،ماددا ئالمىشىشىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق زەھەرلىك ماددىلارنىڭ شۈمۈرلىنشنى توسۇش،داۋالاش ۋە پەرۋىش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ،بىمارنىڭ ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش.
2. روھى پەرۋىشى جەھەتتە: بىمارغا ياردەملىشىپ، ئاغرىق ئازابىنى يىنىكلىتىپ،ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش تەدبىرلىرىنى ئۆگىتىش.مەسىلەن:چوڭقۇر نەپەسلىنىشقا كۈندەش،پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرىنى بوشۇتۇش،ئىسسىق ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئاغرىق سېزىمىنى يىنكلىتىدۇ.
3. ئوزۇقلىنىش پەرۋىشى جەھەتتە: بىمارنىڭ خىلىت مىزاجى ئۆزگىرىشىگە قاراپ،ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ،ماس كېلىدىغان ئۇزۇقلۇق پىلاننى تۈزۈپ،
مەسىلەن:خولۇپ ئاش،چۆچۆرە،ئۇماچ قاتارلىق.يۇقىرى ئىنىرگىيىلىك،يۇقىرى ئاقسىللىق،مايلىق،تۇزلۇق،مايدا پىشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن چەكلەش مەسىلەن:پولۇ،قاتلىما،گۆش نان،تونۇر كاۋاپ،كالا گۆشى،قورداق قاتارلىقلاردىن چەكلىنىدۇ. ئوزۇقلۇق قېممىتى يۇقىرى يىمەكلىكلەردىن: نارىن، شوگۈرۈچ، توخۇ گۆشى، قىيما گۆشلەردىن بىرىلىدۇ. سوغۇق تەبىئەتلىك، ئاچچىق-چۈچۈك، چالا پىشۇرۇلغان غىـدىقلـىغۇچـى يىمەكـلىكلەردىن: لاز-ئاچچىقسۇ، سامسـاق، تاۋۇز، شـاپتۇل، نـەشـپۈت قـىيـزا، ھەرخىل سۈت، قېتىق قاتارلىقلاردىن چەكلەش. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش، ھەددىدىن قورساقىنى ئاچ قۇيۇشتىن، زىيادە تۇيۇنۇپ كېتىشدىن ساقلىنىش، تاماقنى زىيادە سوغۇق زىيادەئىسسىق يىيشتىن، تاماق يەپلا ئۇخلاشتىن ساقلىنىش لازىم.
4. دورا پەرۋىش جەھەتتە : ئۇيغۇر تىبابىتىدە،دورىلارنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى ھەرخىل بولغاچقا، بىمارلارغا بەرگەندە،ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، دورا مىقدارى،ۋاقتى،ئىشلتىش ئۇسۇلى، دورا ئىشلەتكەندىن كېيىنكى، ئۈنۈمى، تەسىرى،چوڭ-كىچىك تەرىتى،ھاياتلىق ئالامىتى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇلۇپ خاتىرلىنىدۇ.
5. تۇرمۇش پەرۋىشى جەھەتتە: بىمارغا توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە يىتەكچىلىك قىلىپ،ھېرىپ چارچاشتىن ساقلىنىش،تولۇق ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
شەخسى تازلىققا دېققەت قىلىپ،ھەر قېتىم تاماقتىن ئىلگىرى ۋە تاماقتىىن كېيىن قول يۇيۇش ئادىتىن يىتىلدۈرۈش.ئىچ كىيىملىرىنىڭ پاكىزە،قۇرغاق بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
بىمار بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش،بەدەن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىپ كىسەلگە بولغان قارشىلىق كۈچى ئاشۇرىلىدۇ.
بىمارغا قايناقسۇ كۆپىرەك ئىستىمال قىلىپ،توغرا تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ،سۇسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ
قىزىل ئۆڭگەچ راكى
تۇنۇش :
قىزىل ئۆڭگەچ راكى ـ قىزىل ئۆڭگەچ سىلىق يوللۇق مۇسكۇللىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت
غىدىقلىنىشى بىلەن راكقا) يامان سۇپەتلىك ئۆزگىرىشى ( ئايلىنىپ ئىلگىرلەش خارەكتىرلىك يۇتۇش قىيىنلىشىش ،تۇش سۇڭەك ئارقا قىسمى ئاغرىش ،يۇتۇش قىيىنلاش
بىلەن ئىپادىىلىنىغان يامان سۇپەتلىك كىسەللىكتىن ئىبارەت .
1.كىسەللىك سەۋەبى :
خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزىلىشىى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ ھەرخىل ئامىللار تەسىرىدىن بەدەندىكى خىلىتلاردا ئۆزگىرى يۇز پەيدا بۇلۇپ سەپرانىڭ كۇيۇشى بەلغەمنىڭ قۇيۇقلىشىشىغا ئوخشاش ئۆزگىرىش ياكى سەۋ دانىڭ بەدەندە كۆپىيىش شەكىللەنگەندە بۇخىل ماددىلارنىڭ ئىممونىت كۇچىنى ئاجىز بۇلغان قىزىل ئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىنى تەكرار غىدىقلاش توقۇلما
پۇتۇنلىكىنىڭ بۇزىلىش ھەمدە شىللىق پەردىلەرنىڭ غەيرى ئۆ سۇپ تەرەققى قىلىشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ .
2. خىلىتلارنىڭ ناچار غىدىقلاش تەسىرى ؛ بەك يىرىك يىمەكلىكلەرنى تۇلۇق چاينىماي يۇتۇش ،قىزىق تاماق ئىستىمال قىلىش ،يۇقىرى گىرادۇسلۇق ھاراقلارنى ئىچىش قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ئامىللار يەرلىك ئورۇندا غىدىقلىنىش پەيدا قىلىش زەخمىلەندۇرۇش تەسىرى ئارقىلىق كىسەللىك پەيدا بۇلىشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ .
3. قىزىل ئۆڭگەچ كىسەللىكىلىرىنىڭ تەسىرى ؛ قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغلىرى ۋە يارىلارنىڭ تەرەققىياتى تەترىجى راك ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بۇلىشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ .
4. باشقا ئامىللار ؛ ۋىتامىن يىتىشمەسلىك ،تاماكا چىكىش ،ئېرسىيەت ئامىللىرى ۋە ئېغىز بوشلىقلىرىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولماسلىق سەۋەپلىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
كىلىنكىلك ئىپادىسى :
بىماردا دەسلەپتە بىرەر قانداق روشەن ئىپادە شەكىللەنمەيدۇ ،تەترىجى يۇتۇش قىيىنلىشىش بۇلۇپ ،ھەقىيقى ئىپادىلىنىپ چىققان مەزگىلى ئاساسەن كىسەللىكنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە بېرىپ قالغان دەۋرى بۇلىدۇ .
دەسلەپكى دەۋرىلىك ئىپادىلىرى: يۇتقۇنچاقتا يات ماددا تۇرۇپ قالغاندەك سىزىم بۇلىدۇ ،تۇش سۇڭەك ئارقا سىدا يېقىمسىزلىق بۇلىدۇ ،كۆيگەن سىزىم شەكىللىنىدۇ ،تاماق ئىستىمال قىلغاندا قادىلىپ ئاغرىش ۋە تۇرۇپ قېلىش بولىدۇ يۇقىرى ئالامەتلەر نىسبەتەن يىنىك بۇلۇپ ،قاناش بولىدۇ .
ئاخىرقى دەۋىرلىك ئالامىتى : مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمارلاردا ئوخشاش بۇلمىغان دەرىجىدە يۇتۇش قىيىنلىشىش بۇلىدۇ قىزىل ئۆڭگەچ دىۋارىنىڭ تارىيىشىنى كەلدۇرۇپ چىقىرىدۇ دەسلەپتە يىرىك يىمەكلىكلەردە يۇتۇش قىيىنلىشىش بولسا كېيىنچە يۇمشاق يىمەكلىكلەردىمۇ يۇتۇش قىيىنلىشىش بۇلىدۇ ،ئاخىرىدا سۇ ئۆتمەيدۇ ،يىگەن غىزالار يېنىپ چىقىدۇ ،بىماردا ئورۇقلاش، قان ئازلىق تىپىك كۆرىلىدۇ . رااك ئۇسمىسى تەرەققى قىلغاندا ئاۋاز پۇتۇش ، نەپەس يۇللىرىنىڭ توسۇلۇشى قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ .
پەرۋىش دىئاگۇنۇزى :
1. ئاغرىش: راك ھۇجەيرىلىرىنىڭ قىزىل ئۆڭگەچ سىلىق يوللۇق مۇسكۇللىرىغاتەسىر قىلىپ قىزىل ئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىنى زەخمىلەندۇرشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
2. ئۇزۇقلىنىش تەڭپۇڭلىكنىڭ بۇزۇلىشى :ئورگانىزىم ئىھتىياجىنىڭ تۇۋەنلىشى بىلەن راك ھۇجەيرىسىنىڭ ئوگانىزىمغا تەسىر قىلىشى
پەرۋىش تەدبىرى :
روھى پەرۋىشى جەھەتتە : بىمارغا روھى جەھەتتە تەسەللى بىرىلىپ ،كىسەللىك ،ئەھۋالىنى بەك كۆپ ئويلاپ كەتمەسلىك ،ئۆزىنى خۇشال ،ئازادە تۇتۇش كېرەكلىكى چۇشەندۇرلۇپ ،بىمارنىڭ ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇغۇزىشقا ياردەم بىرىش
ئۇزۇقلۇق پەرۋىشى جەھەتتە : بىمارغايىمەكلىك پەرھىزى چۇشەندۇرلۇپ ،غەلىز ،يەللىك غىزالاردىن پولو ، قىيمىلق تاماق ،مايدا قورۇلغان تاماق ،لازا، ئاچچىقسۇ ،قوي گوشى ، كالا گوشى قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىش ،لەتىف ،ئوڭاي سىڭىشلىق غىزالاربىلەن ئۇزۇقلىنىش يەنى خولوپ ئاش، كۆكتات شۇرپىسى ،پىننە گۇلقەنتى ،قىزىل گۇل گۇلقەنتى،بىيە مۇرابباسى قاتارلىقلارنى كىسەللىك ئەھۋالىغا،مىزاجىغا قاراپ تاللاپ ئىستىمال قىلىشقا بۇيرۇش .
تۇرمۇش پەرۋىشى جەھەتتە : بىمارغا يۇرۇق ،ئازادە ،پاكىزە بولغان ياتاق شارائىتى ھازىرلاپ بىرىپ بىمارنى ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش ،تۇلۇق ئۇخلاشقاشارائىت ھازىرلاپ بىرىش.
دۇرا پەرۋىشى قىلىش جە ھەتتە : دۇختۇر كۆرسەتمىسى بۇيىچە دورىلارنى بىرىش، ،دورىلارنى دۇختۇر كۆرسەتمىسى بۇيىچە قائىدىلىك ئىستىمال قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلىپ ، دۇرىنىڭ ئىستىمال قىلغاندىن كېيىنكى ئۇنۇمى ۋە تەسىرى كۇزۇتۇلۇپ ۋاختىدا خاتىر لەش ،ھاياتلىق بەدەن بەلگۇلىرى ، تەكشۇرۇپ تۇرۇش ،نورمالسىزلىق كۆرۇلسە دەرھال دۇختۇرغا مەلۇم قىلىش .
تەييارلىغۇچى:ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى