مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6619|ئىنكاس: 75

ئوغۇرلاپ كېتىلگەن خوتۇن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2870
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25983
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7716 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 02:42:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوغۇرلاپ كېتىلگەن خوتۇن

(ھېكايە)

مەن بۇ ھېكايىنى مىسرانىم تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقىغا سوغات قىلىش ئۈچۈن بىر ھەپتە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېزىپ چىقتىم.بۇ ھېكايىدە كىشىلىك تۇرمۇشتا كۆپ يۈز بەرمەيدىغان،لېكىن يۈز بەرمەيمۇ قالمايدىغان ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق بىر ياش ئوغرى،بىر كەنىت مۇدىرى،بىر ئائىلە ئايالىدىن ئېبارەت ئۈچ پېرسۇناژنىڭ خاراكتىرىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتىم.مەن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنۋاتقىلى3-4يىل بولغان بولسىمۇ لېكىن ھىچ بىر ھېكايەمگە بۇنداق ئەستايىدىلىل مۇئامىلە قىلمىغان ۋە كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تۈزىتىپ تولۇقلىمىغان ئېدىم.بۇ ئەسىرىم پىشقان يازغۇچىلارنىڭ  مەتبۇئاتلاردىكى ئېلان قىلىنغان ھېكايىلىرىگە يەتمىسىمۇ لېكىن بۇرۇنقى ھېكايىلىرىمگە قارىغاندا بىرقەدەر يۇقۇرى سەۋىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.ھېكايە بىر توقۇلما بولسىمۇ ئۇ يەنىلا بىر  تۇرمۇش ئەينىكى،ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىدىغىنى رېئال تۇرمۇشنىڭ مەلۇم بۆلىكى،سىز ئەمىلى تۇرمۇشتا  ھېكايىدىكىدەك ئوغۇرلىنىپ كېتىدىغان ئاياللارنى كۆپ ئۇچرىتالمىسىڭىزمۇ لېكىن،ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ دېھقانلارنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان ئىستىلى ناچار  كەنىت ئەمەلدارىنى،ئۆيىدىكى باياشات تۇرمۇش،ئۆزىگە كۆيۈنىدىغان مېھرىبان يولدىشى،چوڭۇيۇپ قالغان بالىلىرىغا قارىماي ئۆزىنى ياش چاغلاپ ھېسسىياتنىڭ قۇلى بولۇپ شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان ساداقەتسىز ئايالنى ئۇچراتماي قالمايسىز.خوتۇن ئوغۇرلىمىسىمۇ باشقا ھەممە نەرسىنى ئوغۇرلاپ يۈرىيدىغان خالزاتتەك ئوغرىلارمۇ ئەتراپىمىزدا يوق ئەمەس.مەن بۇ ھېكايىنى يېزىش جەريانىدا باش تېما ئېھتىياجى، ھېكايىنىڭ باش ئاخىرىنى ماسلاشتۇرۇش،پېرسۇناژلارنىڭ خاسلىقنى يارىتىش،ھېسسىياتىدىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى  ئەمىلى چىن ئادەملەر ھېسسىياتىغا يېقىنلاشتۇرۇش يۈزىسىدىن بەزى دىئالوگلارنى ۋە قىسمەن ھەركەت،پىسخىك تەسۋىرلەرنى يېزىپ قېلىشقا مەجبۇر بولدۇم.خاراكتىر يارىتىشتا زىل تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرەلمەي،چىن ھىسسىياتتىن يىراق،ئاپتۇرنىڭ خاھىسشى بويىچىلا زورمۇ-زور ھىسسىيات خاراكتىر ئۆزگىرىشى ياسايدىغان ساختا،يېقىمسىز پېرسۇناژنى ياراتقۇم كەلمىدى.شۇڭا بۇ نوقتىنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ،بىھۇدە زورۇقۇپ تەنقىت قىلىپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.بەزىلەر ئىنكاسلىرىدا ھېكايىنىڭ ئاخىرى باردەك ھىس قىلغانلىقنى يېزىپتۇ.بۇ بەلكىم خالزاتنىڭ قازالاشقا تاپشۇرۇپ بېرىلمەي قانۇن سىرتىدا قالغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تۇيغۇ بولسا كېرەك.دەسلەپكى پېلانىمدا ئۇنى قانۇننىڭ جازاسىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان ئېدىم.لېكىن ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىيات يۆنۈلىشى،بايان قىلىنغان زىددىيەت توقۇنۇشنىڭ كۈچلۈكلىكتىن پەسىيىپ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئاساستا ئاخىرلىشىشى يۈزىسىدىن بۇ جەھەتتە شۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىپ قالدى.ھەممىمىزگە ئايان ئوغرىنىڭ جايى ھامان تۈرمە،ئوغرى بۇ ھېكايىددە تۈرمىگە كىرمىسىمۇ ئەمىلى تۇرمۇشتا دائىم دېگۈدەك كىرىپ جازاسىنى تارتىپ تۇرىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قورامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەر،نومۇسچان ئاياللار،‹‹ياخشى كۆرىمەن››دېگەندەك ئادەتتىكىچە مۇھەببەت كەلىمىلىرىنىمۇ سېرىق دەپ تۇرۇۋالىدىغان ئىخلاسمەن تور موللىرىنى بۇ تېمىنى كۆرمەي باشقا ئۆزىگە مۇناسىپ تېمىلارنى زىيارەت قىلىشقا مۇزغا دەرەڭگە ئاتقاندەك ئىنكاس يازماسلىققا دەۋەت قىلىمەن.


ئوغرىنى ھېچكىممۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.چۈنكى ئۇ كىشىنى بىزار قىلىدىغان، كۆرگەنلا ئادەمنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكۈسىنى كەلتۈرىدىغان چاشقانغا ئوخشايدۇ.چاشقان تۈندە ھەركەت قىلىدۇ.كىتىرلاپ،تىنىمسىز تىمىسقىلاپ ئۆيىڭىزدىكى سىز پۇختىلاپ ساقلاپ قويالمىغان نان،گۆش دېگەندەك ھالال يېمەكلىكلىرىڭىزنى ئوغرىلاپ يەپ رىسقىڭىزنى كېمەيتىۋېتىدۇ.ھىچكىم ئۇنى:‹‹كىچىككىنە مەخلۇق تۇرسا،قانچىلىك نەرسىمىزنى يەپ كېتەلەيتتى؟يېسە يېمەمدۇ،ئۇمۇ خۇدانىڭ بىر مەخلۇقى تۇرسا ئۇمۇ ئۆزىنىڭ رىزقىنى يەر!››دەپ بولدى قىلاي دېگۈسى كەلمەيدۇ.ھەممىگە ئايان، ئۇ تۇرقى ئوماقتەك كۆرۈنگەن بىلەن تولىمۇ پاسكىنا مەخلۇق. ئوغرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان نان بىلەن گۆشنى يېگىلى بولغان بىلەن چاشقان غاجىلاپ قويغان يېمەكلىكنى قەتئىي يېگىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ بەدىنى تەككەنلا نەرسە گۈپۈلدەپ سېسىق پۇرايدۇ.شۇڭىمىكىن ئۇنىڭدىن ھەممە ئادەم يىرگىنىدۇ.بۇ ھىكايىدە چاشقان توغرىلىق توختالماقچى ئەمەسمەن.ھەقىقى پېرسۇناژ ئەنە شۇ چاشقانغا ئوخشاش ھارامتاماق،ئۇنىڭدەك ھەممە ئادەمنى يىركەندۈرىدىغان بىر ئوغرىدۇر.

   ئۇنىڭ ئىسمى خالزات،دادىسى يېزىمىزدىكى سايىم نوچى ئىسىملىك ئەجدادىدىن تارتىپ نوچى ئۆتكەن كىشى.كونىلاردىن ئاڭلىشىمچە سايىم نوچىنىڭ دادىسى قۇربانمۇ،بوۋىسى ھاشىممۇ يۇرتنىڭ نوچى ئاتالغان نامدار مەرت ئەزىمەتلىرىدىن بولۇپ ،يامانلار ئۇلارنىڭ نامىنى ئاڭلىسا قورقۇپ تىترىشەتتىكەن.ئۇلار ھارامغا تايانماي،زومىگەر بەگ غوجاملارغا غالچا بولماي، دېھقانچلىق ۋە ئوۋچىلىققا تايىنىپ ھالال ياشاپ كەلگەن ئىكەن.ئۇلار يامانغا بوزەك بولماي،يۇۋاشنى ئانىي تاپماي، توغرىلىق بىلەن ياشاپلا قالماي، يۇرت ئىچىدە قەيەردە ناھەقچىلىق بولسا شۇ يەرگە بېرىپ ئۇنى سوراپ،يۇۋاشنى بوزەك قىلىپ ‹‹شىر، ئارسلان›› بولىۋالغانلارنى مۇشت -پەشۋالار بىلەن باپلاپ،  يۇرتىمىزنىڭ تەڭشىكى-پىداكار قوغدىغۇچىلىرى بولۇپ ياشاپ ئۆتكەن ئىكەن.بۇرۇنقىلار بالىلىرىغا ئوت كۆچۈرگەندە‹‹كۆزى ياماننىڭ كۆزى تەككەن،،سۆزى ياماننىڭ سۆزى تەككەن بولساڭمۇ كۆچ!...››دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئىشلىتەتتى.خالزاتقا كەلگەندە بۇ ئائىلىگە كۆز تەگدىمۇ قانداق ئۇ ئاتا بوۋىلىرىدەك ياخشىلىقتا نوچى ئاتالماي، يامانلىقتا ‹‹نوچى›› ئاتىلىپ ھەممە ھەيران قالىدىغان،قىلغان ئوغۇرلۇقلىرىنى خېلى خېلى داڭدار ئوغرىلارمۇ قىلالمايدىغان ئاتاقلىق ئوغرى چىقىپ قالدى.

سايىماخۇننىڭ ئۈچ ئوغلى ئىچىدە ئۇلا ھورۇن چىقىپ قالغان بولغاچقا  ئەمگەك قىلىشنى،رىزقىنى ھالالدىن تېپىپ يېيىشنى خالىمايتتى.تەرلەپ پىشىپ كەتمەن چېپىۋاتقان دېھقانلارنى،يىل بويى جاپالىق ئىشلىسىمۇ تۈزۈكرەك كىرىمگە ئىگە بولالماي، ئۆيىدىكىلەردىن بىرەرسى كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىتىشقا پۇل تاپالماي  غەمدىن بېشى قېتپ يۈرگەن كىشىلەرنى كۆرسە ‹‹ئەخمەقلەر!››دەپ كۈلۈپ قوياتتى.ئۇ يۇرتتىكى كىچىك چاغلىرىدىلا ئوغۇرلۇق قىلغان ۋە ئوغۇرلۇقنى يېزىدا داۋام قىلغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئوغۇرلۇقنى ئۆگەنگەن يېرىمۇ،قىلغان يېرىمۇ شەھەر.ئۇنىڭ بۇ يولغا كىرىپ قېلىشىغا كىچىك چاغلىرىدىكى تۆۋەندىكىدەك بىر تالاي ئىشلار سەۋەپ بولغان. كېيىن ئۇ يۇرتقا تۇققان يوقلاپ كەلگەندە، يۇرتتىكى يېقىن دوستلىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە خالزاتنىڭ ئوغۇرلۇق قىلشتىكى تۇنجى مەنىۋى ئۇستازى ھىندىستاننىڭ ‹‹سەرگەردان›› ناملىق فىلىمىدىكى راج ئىكەن.

بىز ئەمدى بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ھىكايىنى خالزاتنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى كىنوغا مۇناسىۋەتلىك قىزىقارلىق كەچۈرمىشلىرىدىن باشلايلى.بۇ فىلىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ يېزىلاردىكى كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلىغاندا خالزات تېخى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا يىللىقىدىكى ساددا ئوقۇغۇچى ئىكەنتۇق.بۇ كىنۇنى بىر كۆردىمۇ بولدى.راجغا ئاشىق بوپتۇ.راج ئۇنىڭ نەزىرىدىكى بۈيۈك قەھرىمانغا ،چوقۇنغۇچى مەبۇدقا ئايلىنىپتۇ.ئۇ چاغلاردا يېزىمىزدا مۇقىم كىنوخانا يوق بولغاچقا سەييارە كىنو قۇيۇش گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېڭى فىلىم ئېلىپ كەلسە دادۈيمۇ- دادۈي (ھازىرقى كەنىتلەر شۇ چاغدا ‹‹چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى››دەپ ئاتىلىدىغان بولغاچ بۇ ئاتالغۇنىڭ خەنزۇچىسى بولغان ‹‹دادۈي›› دېگەن ئاتالغۇ ئومۇملاشقان ئېدى) يۆتكىلىپ يۈرۈپ دادۈي قورۇسىدا ياكى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە كېچىسى كىنو قوياتتى.بۇ كىنوغا بېلەت سېتىلمايتتى.قويۇشتىن بۇرۇن چوڭ كاناي بىلەن كىنو ئېلانى قىلاتتى.ئەزالىرىدىن بىرى ئۆگزىگە چىقىپ چوڭ كاناينىڭ بېشىنى ھەرقايسى كىچىك ئەترەتلەر تەرەپكە قارىتاتتى.كىنو ئاپاراتى يېنىدا تۇرغان ئېلانچى مىكروفۇننى ئاغزىغا تۇتۇۋېلىپ ئېلاننى باشلايتتى:

   -ئەتراپتىكى يولداشلار دىققەت! ئەتراپتىكى يولداشلار دىققەت! بۈگۈن كەچ سائەت سەككىز يېرىمدا قىزىلبايراق دادۇي قورۇسىدا كىنو قويۇلىدۇ.قويۇلىدىغان فىلىم ھىندىستاننىڭ يېڭىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان قىزىقارلىق، تەسىرلىك ھېكايە فىلىمى‹‹سەرگەردان››، قويۇلىدىغان فىلىم ھىندىستاننىڭ يېڭىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان قىزىقارلىق، تەسىرلىك ھېكايە فىلىمى‹‹سەرگەردان›› كىنو كۆرۈشنى ئىختىيار قىلغان يولداشلارنىڭ كەچتە سائەت سەككىز يېرىمدىن بۇرۇن  كېلىپ مەيداندىن ئورۇن ئېلىشىنى،كىنودىن زوق ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

     بۇ چاغلار كىنوچىلىق دېگەندەك تەرەققى قىلمىغان، فىلىم تۈرى ۋە مەنبەسى ئاز چاغلار بولغاچقا قويۇلىدىغان كىنولار بەك كۆپ ئەمەس ئېدى.ئۆيلەردە توك يوق،تېلىۋىزۇر تېخى ئىجاد قىلىنمىغان چاغلار بولغاچقا كىشىلەر كىنو كۆرۈشكە بەكلا قىزىقاتتى.بىر كۈنلۈك ئەمگەكتە ھېرىپ چارچىغىنىغا قارىماي كىنو كۆرگىلى بېرىشاتتى. بۇ چاغدا قويۇلىدىغان فىلىملەردىن ئېسىمدە قېلىشىچە‹‹نۇرلۇق قىزىل يۇلتۇز››، ‹‹قىزىل ئاياللار قوشۇنى››،‹‹شەرىققە يۈرۈش مۇقەددىمىسى››، ‹‹كۆۋرۈك››،‹‹ۋولتېرنىڭ سارايېۋۇنى قوغدىشى››،‹‹ئاق چاچلىق قىز››،‹‹قىزىل چىراق››،شىئەندىكى قىرغىنچىلىق››،‹‹يەر ئاستى يولى ئۇرۇشى››،‹‹مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان››...دېگەندەك كىنولار ئېدى.

   ‹‹سەرگەردان›› فىلىمى قويۇلۇشقا باشلىغاندا بۇ فىلىم كىشىلەرنى بەكلا جەلىپ قىلىۋالغان،ئۆز كەنتىدە قويۇلغاندىلا ئەمەس، خوشنا كەنتلەردە قويۇلغاندىمۇ  ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي بېرىپ كۆرۈپ كېلىشكەن ئېدى.باش پېرسۇناژىمىز خالزات بۇ كىنوغا كىرىشىپلا قالدى.يېزىمىزنىڭ ئون نەچچە كەنتىدە بۇ كىنو قويۇلغاندا ئۇ كىنو قۇيۇش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە سايىدەكلا ئەگىشىپ،ئاش-تاماقنىمۇ ئۇنتۇپ ئون ئۈچ قېتىم كۆردى.يىراق كەنتلەردىن كېچىلەردە ئۆيىگە قايتالمىغاندا ئاسماننى يېپىنچا،يەرنى سېلىنچا قىلىپ داق يەرلەردە ياتتى. بۇ فىلىمدىكى ئىككى باش پېرسۇناژنىڭ ئەركىكىنىڭ ئىسمى راج،چىشىسىنىڭ ئىسمى رىتا ئېدى.لېكىن نىمىشقىدۇر كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچە ئاتالغۇغا ئوخشاش قىلىپ ئاتاپ راجنى ‹‹لازا››دەپ،رىتانى ‹‹لى دا›› دەپ ئاتاپ كۆنۈپ كەتتى.كېيىن بۇ ‹‹لازا ››دېگەن سۆز بارلىق يانچۇقچىلارنىڭ ئومۇمى لەقىمى بولۇپ قالدى.شۇڭا مەن شۇچاغدىكى ئادەت بويىچىلا ئاتاۋېرەي.         

ھەممىمىز بىلىمىز ‹‹لازا›› دېگەن قىزىلمۇچنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى.ئۇ تولىمۇ ئاچىق بولغاچ كۆپ يىگىلى بولمايدۇ.راسا ئاچچىقلىرى ئاچچىقلىقىدىن چىرايىڭىزنى قورۇپ،تىلىڭىزنى ئېچىشتۇرۇپ  بەئەينى ئاغزىڭىزغا ئوت كەتكەندەك ئازاپلايدۇ. ‹‹لازا››دىن ئىبارەت بۇ ئوبراز كىنو ئارقىلىق جەمىيەتكە بىر تارىلىۋىدى،يالغۇز خالزاتنىڭلا ئەمەس، جەمىيەتتىكى  نۇرغۇن ھارامتاماقلارنىڭ مەنىۋى ئۇستازىغا ئايلىنىپ قالدى.ئۇنىڭ يانچۇقچىلىققا ماھىرلىقى،مۇنداقلا بىر سوقۇلۇپ ياكى پۇتلىشىپ كەتكەن بولۇپ چاقماق تېزلىكىدە باشقىلارنىڭ پۇل ياكى قىممەتلىك بۇيۇملىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ بولىدىغان ماھارىتى ‹‹جەلىپكار قىزىق نوقتا››بولۇپ قالدى. رەجەپ تاجىنىڭ ئىسىل، يېقىشلىق، مەردانە ئاۋازى بىلەن پېرسۇناژنىڭ قىزىقارلىق ھەم تەسىرلىك مۇھەببەت كەچۈرمىشى قوشۇلۇپ ‹‹لازا›› ئوبرازى خېلى خېلى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىدىغان سۆيۈملۈك ئوبرازىغا ئايلىنىپ قالدى.ياقتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇنىڭ ئوغۇرلۇق قىلمىشلىرىنى ئۈلگە قىلمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇيغۇر جەمىيىتدە تام تېشىپ ئوغۇرلۇق قىلىدىغان ئوغرىلار نىسبىتىنى كېمەيتىپ، يانچۇقچىلار قوشۇنىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىۋەتتى.

   بۇ قىزىقىش خالزاتنى مەكتەپتىن سوۋۇتتى.باشتا مەكتەپتىن،كېيىن ئۆيدىن قاچتى.شەھەرگە بېرىپ ئۆيدىن قاچقان،يىتىم قالغان،ھورۇنلۇقنى ئادەت قىلغان كوچا بالىلىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەر خىل يامان ئادەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋالغانلار كۆپ بولۇپ كۆپۈنچىسى ئىشلىمەي چىشلەشنى ئادەت قىلغان ھارام تاماق بالىلار ئېدى.ئۇلارنىڭ ‹‹سەرگەردان›› فىلىمىدىكى زاكىرغا ئوخشاش ئوغۇرلۇق،ھارامخورلۇقنى كەسىپ قىلىۋالغان  بىر باشقۇرغۇچى ئۇستازى بار ئېدى.ئۇ بۇ بالىلارنى ياتاق ۋە تاماق بىلەن تەمىنلەپلا قالماي ئوغۇرلۇق-يانچۇقچىلىق ماھارەتلىرى بىلەن تەربىيەلەيتتى.ئۇلارنىڭ ئۆگىنىدىغىنى تام تېشىش، بېرىتىۋا بىلەن يانچۇق ياكى سومكا كېسىش،قىسقۇچ ياكى ئۇزۇن كويزا بىلەن يانچۇقتىكى پۇل ۋە پۇل قاپچۇقلىرى،شۇنداقلا  باشقا قىممەتلىك نەرسىلەرنى تۇيدۇرماي  ئوغۇرلاش،ياسىغان ئاچقۇچ بىلەن قۇلۇپ ئېچىش،قۇلۇپ بۇزۇش،ئىشىكنى پەم بىلەن ئېچىش،مىختىن پايدىلىنىپ ھەر خىل قۇلۇپ ياكى ساقچى كويزىلىرىنى ئېچىۋېتىش،تۇتۇلۇپ قالغاندا پەم بىلەن  قېچىش،تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش، قەستەن تەشكىللىنىپ ئالا قەرت ئېچىپ ئالدامچىلىق ۋاستىسى بىلەن خەقنىڭ پۇلىنى ئېلىۋېلىش  دېگەندەك ھەر تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئۆگىتەتتى.قول بارماقلىرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن قايناق سۇغا،قىزىتىلغان قوناق ئارىسىغا تىقتۇرۇپ ئازاپلايتتى.ياخشى ئۆگەنگەن ۋە پۇل تېپىپ كىرگەنلەرنى مۇكاپاتلايتتى.شىنجاڭ ئىچىدىكى باشقا  چوڭ شەھەرلەرگە،ھەتتا ئىچكىردىكى چوڭ شەھەرلەرگە باشقا شېرىكلىرى يېنىغا ئەۋەتىپ ئوغۇرلۇق يانچۇقچىلىق،ئالدامچىلىق دېگەندەك ھارام ھۈنەرلەرگە سالاتتى. ياخشى ئۆگىنەلمەي ئارقىدا قالغان، چاققانلىق چەبدەسلىكنى قاملاشتۇرالمىغان،ئوغۇرلۇققا چىققاندا قورقۇنچاقلىق قىلىپ پۇل تاپالمىغان، ھەمراھلىرىغا ياخشى ماسلاشمىغان(ئۇلار بىرنەچچى بىرلىشىپ ھەركەت قىلىپ بىرسى يانچۇقچىلىق قىلىپ نەرسە ئوغۇرلىسا تېزلىكتە يەنە بىر ھەمراھىغا بېرىپ دەرھال يۈرۈشتۈرىۋېتەتتى.شۇنداق بولغاندا مال ئېگىسى گۇمانلىنىپ تۇتۇۋالسىمۇ يېنىنى ئاختۇرۇپ ھېچنىمە تاپالمايتتى)لارنى تاسما بىلەن قاتتىق ئۇراتتى.ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئون ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان قورامىغا يەتمىگەنلەر بولغاچقا باشقىلار ئۇلاردىن ئاسانلىقچە گۇمانلانمايتتى.ساقچىلار تۇتۇۋالسىمۇ چوڭ ئوغرىلاردەك قاتتىق جازالىمايتتى. تەربىيە بېرىپ ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلىپ قانۇن تۈزۈم،ئاممىى ئەخلاق،سوتسىيالسىتىك ئەخلاق ..دېگەندەك بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەيتتى.لېكىن يامان خۇينىڭ ۋىرۇسىنى ئېغىر يۇقتۇرۇپ ‹‹ساقايماس جەمىيەت كېسىلى››گە گىرىپتار بولغان بۇ بالىلار ساقچىدىن چىقىپلا ئارتا-ئانىلىرى ياكى باشقا ھامىيلىرىنى تاپماستىن يەنىلا ھېلىقى ‹‹قارا قوشۇن››نى تېپىپ ‹‹ھۈنىرى››نى داۋالاشتۇراتتى.تۈرمە، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى،ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى تەربىيەلەش ئورنى قاتارلىق جايلار ئۇلارنىڭ پات-پات كىرىپ  يېتىپ تۇرىدىغان يېرى بولۇپ قالغان ئېدى. شۇڭا ئۇلار تۈرمىنى ‹‹مېھمان كۈتۈش›› ئورنىدا كۆرەتتى.قارا خوجايىندىن تولا تاياق يەپ تاياقتىنمۇ قورقماس بولۇپ كەتكەن بولغاچقا جىدەل ماجرادىنمۇ قورقۇپ قالمايتتى.تۇتۇلۇپ قېلىپ تاياق يىگەنلىرىدە يالغاندىن ھۆركىرەپ يىغلاپ ،بىچارىلەرچە تۈگۈلۈۋېلىپ ھىسداشلىققا ئېرىشمەك بولاتتى.بەزىدە بۇمۇ ئۈنۈم بېرىپ قالاتتى.‹‹بىز ئۈچۈن تۈرمە دېگەن جودەيسۇ(مېھمانخانا)،مۇشلاش دېگەن تەنھەركەت!›› دېگەن تۇراقلىشىپ قالغان نادانلارچە بىر جۈملە سۆز ئۇلارنىڭ پەخىرلىنىپ سۆزلەپ پو ئاتىدىغان،قەلبىدىكى ئازابىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاۋۇندۇرىدىغان ئادەت سۆزى ئېدى.

     خالزات بەكمۇ چېچەن ۋە چاققان بالا ئېدى.شۇڭىمىكىن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ‹‹ھۈنەر››نى ناھايىتى ياخشى ئۆگەندى.خۇددى راج ئوغۇرلۇقتا كامالەتكە يېتىپ  ئۇستازى زاكىرنىمۇ تۇيدۇرماي سوقۇپ كېتەلىگۈدەك دەرىجىگە يەتكەندەك ئۇمۇ بۇ توپتىكى ئوغرىلار ئىچىدە ھەممىدىن ماھىر،ھەممىدىن چاققان ئوغرىغا ئايلاندى.خوجايىنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇ شەھەردىن بۇ شەھەرگە،ئۇ يۇرتتىن بۇ يۇرتقا ئېقىپ يۈرۈپ ‹‹ئوقەت›› قىلدى.ھەتتا ئىچكىرىگىمۇ ئون نەچچە قېتىم چىقىپ  ‹‹ماھارىتى››نى نامايەن قىلدى.بۇ جەرياندا دادىسى ئۇنى نەچچە يىللارغىچە ئىزدەپ يۈرۈپ تارتمىغان كۈلپەتلىرى قالمىدى.نەچچە قېتىم تېپىۋېلىپ ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆيىدە ئۇزاق تۇرغۇزالمىدى.ئادەم بالىسىنى ئىتقا ئوخشاش باغلاپ قويۇپ،شىر يولۋاسقا ئوخشاش قەپەسكە سولاپ قويۇپ باققىلى بولمايدىكەن.ئاللىقاچان چەبدەس ئۇچار ئوغرى بولۇپ يېتىشىپ چىققان خالزاتنى ئاتا-ئانىسى يىغلاپ قاخشاپمۇ،نەسىھەت قىلىپمۇ،پوپۇزا قىلىپ قورقۇتۇپمۇ، سايىدەك ئەگىشىپ نازارەت قىلىپمۇ تۇتۇپ قالالمىدى.ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ياخشى نام-ئاتاق بىلەن ياشاپ كەلگەن سايىماخۇن ئوغرىنىڭ ئاتا-ئانىسى دېگەن بەدنامنى كۆتۈرۈپ بولالماي يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ ئۇزاق ياشىيالمىدى.قاچانلا قارىسا ئوغلىنىڭ دەردىدە يىغلايدىغان،ئۇنىڭ دېرىكىنى قىلىپ تۇرىدىغان،ئۇ تۈرمىگە كىرىپ قالغانلىرىدا ئارىلىقنىڭ قانچىلىك يىراق بولۇشىغا قارىماي ئىزدەپ-سوراپ يوقلاپ بارىدىغان مېھرىبان ئانىسىمۇ ئۇزاق بەرداشلىق بېرەلمەي ئېرىدىن بىرنەچچە يىل كېيىن بۇ ۋاپاسىز دۇنيا بىلەن ئەلەم ئىچىدە خوشلاشتى.ئۆلۈم ئالدىدا ۋاپاسىز ئوغلىنى غايىۋانە چاقىرىپ ،ئۇ ھازىرلا ئىشىكتىن يۈگرەپ كىرىپ تىزلىنىدىغاندەك،قىلغان گۇناھلىق ئىشلىرى ئۈچۈن يىغلاپ توۋا قىلىپ كەچۈرۈپ سورايدىغاندەك تۇيۇلۇپ ئىشىك تامان تەلمۈرۈپ تۇرۇپ جان ئۈزدى.

     ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندە خالزات ئۈرۈمچىدە ئېدى.بۇ چاغدا ئۇ ئاللىقاچان   ئوتتۇز ياشلاردىن ئاشقان بولسىمۇ لېكىن تېخىچە ئۆيلەنمىگەن ئېدى.ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەن ئىنىسى ئاللىقاچان ئۆيلىنىپ ھەر بىرىنىڭ بىرنەچچىدىن بالىسى بولۇپ بولغان،ئۆزىدىن ئىككى ياشلا چوڭ بولغان ئاكىسىنىڭ چوڭ بالىسى ھەتتا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىمۇ چىقىپ بولغان ئېدى.بىرنەچچە يىلدىن بېرى ئۇ ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئانچە كۆپ ئالاقە قىلماي يۈرگەن بولغاچقا ئانىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئۇئىككى ھەپتە كېچىكىپ ئاڭلىغاندىن كېيىن ئازاپتىن ئېغىر پۇچۇلۇنۇپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى.ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتىپ  خوجايىنلىرىدىن مىڭ تەستە  ئاجراپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.

خالزات بۇ كېلىشىدە يۇرتىدا ئۇزاقراق تۇرۇپ قېلىشنى،بولسا ئاتا-ئانىسىدىن قالغان ئىگىلىككە ۋارىسلىق قىلىپ ،يېنىغا سېلىپ كەلگەن نەچچە تۈمەن پۇلنى دەسمى قىلىپ يەر ۋە چارۋا سېتىۋېلىپ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى، بۇندىن كېيىنكى ئۆمرىدە ھالاللىق بىلەن ياشاپ بېقىشنى ئۈمىد قىلغان ئېدى.لېكىن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگە قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇرۇق تۇققانلىرى خۇشال بولغان،پىلانىنى قوللىغان بىلەن، مەھەللىسىدىكى ھەممە ئادەمدىن گۇمانلىنىپ ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەن مەھەللىداشلىرى ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئانچە خالاپ كەتمىدى.سەۋەبى قانچە يىللاردىن بېرى خالزات ھەققىدە ساددا مەھەللىداشلىرى ئارىسىدا راست بىلەن يالغان ئارىلىشىپ كەتكەن تۈرلۈك سۆز چۆچەكلەر تارىلىپ كەتكەن ئېدى.

شۇئەپسانە  سۆز چۆچەكلەردىن ئارىيە:

-خالزاتنىڭ قولى بەك كۈچلۈكمىش،ھەرقانداق قۇلۇپنى بىر تارتىپلا ئېچىۋېتەرمىش.

-خالزات چامباشچىلىقنى بىلەرمىش،7-8 ئەرمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەسمىش!

-ئۇ يانچۇقچىلىققا شۇنداق ماھىرمىشكەنكى،شۇنداقلا سۈركىشىپ ئۆتۈپ كەتكەن كىشىنىڭ يانچۇقلىرىنى قۇرۇقداپ قويارمىش.

-ئوغرىلىغان پۇللىرىنى شۇئان يوق قىلىۋېتەرمىش،گۇمانلىنىپ ئاختۇرغانلار ئۇنىڭ يېنىدىن پۇللىرىنى تاپالماي بەدنام چاپلىغان بولۇپ قېلىپ تايىقىنى يەرمىش.

-بىر قاراپلا كىمدە پۇل بار يوقلىقنى،قانچىلىك پۇلى بارلىقىنى،قايسى يانچۇقىدا ساقلىغانلىقنى بىلىۋالارمىش.

-ئۈرۈمچىدىكى ئۇستازى ئۇستا سېھىرگەرمىش،ئۇ خالزاتقا غايىپ بولۇشنى،ھەرقانداق قۇلۇپنى ئېچىۋېتىشنى،ئادەمنى ئۇخلىتىپ قويۇشنى ئۆگىتىپ قويۇپتىمىش.

-ئۆيگە ئوغۇرلۇققا كىرسە ‹‹سۈپ›› دەپلا ئۆي ئېگىسىنى قاتتىق ئۇخلىتىپ قويارمىش،شۇنىڭ بىلەن ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ  بارلىق پۇللىرىنى،ئالتۇن كۈمۈشكە ئوخشاش قىممەتلىك نەرسىلەرنى بەخىرامان ئېلىپ چىقىپ كېتەرمىش.

-خالزات ھەرقانداق تۈرمىدىن قېچىپ كېتەرمىش،تۈرمىنىڭ خېلى خېلى لوم تۆمۈر توساقلىرىنىمۇ ئىگىپ كەڭرىتىپ قېچىپ كېتىپتىكەنمىش.

-ھەر قېتىم ئۇنى ساقچىلار تۇتماقچى بولسا، ئون ساقچى بىرلىشىپ ئاران تۇتارمىش.

-ساقچى تۇتۇۋېلىپ قولىنى كەينىگە قايرىپ كويزا سېلىپ قويسا ساقچىنىڭ  ئالدىدىن قاچارمىش، قۇيۇندەك تېز يۈگرەرمىش،شۇنداق تېز قېچىپ بىرەر دالدا يەرگە بېرىۋېلىپلا بىر موللاق ئاتسا ئىككى قولى ئالدىغا كېلەرمىش،شۇنىڭ بىلەن قولىدىكى كويزىنى مىق بىلەن ئېچىۋېتىپ قېچىپ كېتەرمىش.

-ئۇ ئۇستا سېھىرگەرمىش، ساقچىلار تۇتۇۋالسا بىرلا ‹‹سۈپ›› دەپ غايىپ بولۇپ كېتەرمىش.

...

راست-يالغان ۋە مۇبالىغە ئارىشلاشقان بۇنداق ئەپسانە پاراڭ قانچە كۆپەيگەنسېرى خالزات كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە شۇنچە سىرلىق،شۇنچە خەۋپلىك شەخسكە ئايلىنىپ قالاتتى. ئاڭلىغانلا گېپىگە ‹‹راست›› دەپ ئىشىنىپ قالىدىغان ساددا يېزىلىقلار بۇنداق گەپلەر كۆپەيگەنسېرى خالزاتتىن شۇنچە قورقۇدىغان،ئۇ يۇرتقا كەلگەندىن بېرى ئۆيلىرىدە خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدى.بەكرەك قورقۇنچاقلىرى كېچىلىرى نەچچە قېتىم قوپۇپ ئېغىل قوتانلىرىنى يوقلايدىغان،بېشىغا قويۇپ قويغان چاپان-چارىلىرىدىكى پۇللىرىنى ساناپ بېقىپ ئاندىن ئۇخلايدىغان بولۇپ كېتىشتى.

مەھەللە كىشىلىرى مانا شۇنداق دەككە-دۈككە بىلەن ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر كېچىسى تۇيۇقسىز كەنىت باشلىقىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرىپ ئۇنىڭ بوداپ بېقىۋاتقان ئىككى كالىسىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

مەھەللىدىكى كىشىلەر كالىنى كىمنىڭ ئوغۇرلىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلار ،مۇلاھىزىلەردە بولدى:

-ئوغرى  زادى كىمدۇ؟! كىممۇ كەنىت باشلىقنىڭ كالىلىرىنى ئوغۇرلاشقا پېتىنغاندۇ؟!

-كىم بولاتتى، مەھەللىدە داڭقى چىققان ‹‹ياغلىق قاپاق››تىن بىرسى تۇرسا كالىلارنى ئۇ ئوغۇرلىماي كىم ئوغۇرلايتتى؟! ئوغرى جەزمەن خالزات!

...

كەنىت باشلىقى ياقۇپ بۇ خىل قاراشلارغا ئىشىنىپ قالدى.ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنىڭ كالىلىرىنى باشقا ئوغرىلار سوقۇپ كەتكەن ئېدى.ياقۇپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كەنىتنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى رۇزى يېزىلىق ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلدى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ گۇماندار سۈپىتىدە كۆرسۈتۈپ بېرىشى بىلەن يېزىلىق ساقچىخانىدىكىلەر خالزاتنىڭ ئۆيىنى ۋە ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىنىڭ  ئۆي ۋە ئېغىل قوتانلىرىنى چالا قويماي تەپسىلى ئاختۇردى.خالزاتنى ئېلىپ كېتىپ ساقچىخانىدا سوراق قىلدى.‹‹مەن قىلدىم›› دېگەن جاۋاپقا ئېرىشەلمەي بەزى قىيىن قىستاقلارغىمۇ ئېلىپ باقتى.لېكىن خالزات:

      -نېمىدەپ مېنى ئوغرى تۇتىسىلەر،مەن قاچان ياقۇپنىڭ كالىسىنى ئوغۇرلاپتىمەن،قانداق پاكىتىڭلار بار؟!،-دەپ سوراقچىلار بىلەن تەڭ زوكۇنلىشىپ قەتئىي ئىقرار قىلمىدى.شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار  كالا تېپىلغىچە نەزەربەنت قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن خالزاتنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئەۋەتىپ  سولاپ قويدى.

ياقۇپ كالىلىرىنىڭ دەردىدە يېقىن تۇققانلىرىدىن بىرنەچچىنى خوشنا ناھىيە ۋە يېزىلارنىڭ بازارلىرىغا بېرىپ بېقىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئېدى.چۈنكى كالا ئوغرىلىرى كالىلارنى ماشىنا بىلەن كېچىلەپ باشقا يىراق يېزىلارنىڭ بازارلىرىغا يۆتكەپ  ئاپىرىپ بازارغا سېلىشى،قاسساپلارغا سېتىپ تېزلىكتە قولدىن چىقىرىۋېتىشى مۈمكىن ئېدى.قاسساپنىڭ قولىغا چۈشتىمۇ بولدى،بىرەر ئىككى سائەتكە قالماي تېزلىكتە سويۇلۇپ تېرىسى تېرىچىگە سېتىلاتتى. گۆشى بولسا كانارىغا ئېسىلىپ بىر كىلو-بىر كىلودىن سېتىلىپ يېرىم كۈنگە قالماي سېتىلىپ تۈگەيتتى.

        بىرنەچچە كۈنگىچە كالىلارنىڭ دېرىكى بولمىدى.لېكىن ئىزدىگۈچىلەر قىلچە بوشاشماي بازارمۇ بازار ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى.بۇ ئەتراپتىكى ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ يېزىلىرىدا بىر ھەپتىنىڭ ھەربىر كۈنىدە بازار بولۇپ تۇراتتى.بىرسىدە دۈشەنبە كۈنى بازار بولسا، يەنە بىرسىدە سەيشەنبە كۈنى بازار بولاتتى،يەنە بىرسىدە بولسا چارشەنبە كۈنى بازار بولاتتى.شۇڭا ئۇلار بازارمۇ بازار ئايلىنىپ يۈرۈپ ئىزدىدى،ئاخشاملىرى يېزىلاردىكى مېھمان كۈتۈشلەردە يېتىپ خەۋەر ئۇقۇشتى. بۇ ئىزدەش ئاخىرى ئۈنۈم بەردى.خوشنا ناھىيەنىڭ قاپاق تېرەك يېزىسىنىڭ بازار كۈنىسىدە ئۇلار چارۋا مال بازىرىدىن ساتقىلى ئېلىپ كىرىلگەن ياقۇپنىڭ كالىلىرىنى تېپىۋېلىشتى.ئۇلار ياقۇپنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە دەرھال پوپاڭ كۆتەرمەستىن بىرسى شۇ يەردە كۈزەتچىلىك قىلىپ قالدى.يەنە بىرسى بولسا  تېزلىكتە شۇ يېزىلىق ساقچىخانىغا كىرىپ ئەھۋال مەلۇم قىلدى.

ساقچىخانا باشلىقى دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ تېزلىكتە بىرنەچچە نەپەر ساقچى بىلەن بىرلىكتە چارۋا مال بازىرىغا چىقتى.مال بازىرىدا پۇقرانى تۇتۇپ سوراق قىلىش ،ئۇياق-بۇياققا تارتقۇشلاپ يۈرۈش بازار تەرتىپىنى،ئاممىنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداش يۈزىسىدىن  قولايسىز بولغاچقا كالا ساتقۇچى ساقچىخانىغا چاقىرتىپ كىرىلىپ سوراق قىلىندى.

     ئۇ كالىچىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە ئۇ ياقۇپ بىلەن بىر ناھىيەدىن بولۇپ ئۆيى خوشنا يېزىدا ئىكەن. ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ يۈك توشۇش ماشىنىسى بىلەن بازارمۇ بازار ئايلىنىپ يۈرۈپ كالا سودىىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بىر بازاردىن ئالغان كالىلىرىنى يەنە بىر بازارغا يۆتكەپ پايدىسىغا ساتىدىكەن.ئۇ يەردە ئەرزان كالا ئۇچراپ قالسا ئۇنى سېتىۋېلىپ يەنە باشقا بىر بازارغا يۆتكەيدىكەن. بىرنەچچە كۈن بۇرۇنقى بىر كېچىسى ئۇ بازاردىن ئەمدىلا كېلىپ تۇرۇشىغا ياقۇپ تۇرۇشلۇق تال توغراق يېزىسىدىن چالىراق تونۇشىدىغان ئىككى يىگىت ئۇ كالىلارنى ئېلىپ كەپتۇ ۋە:‹‹ئاكامنىڭ ئوغلى جىددى خاراكتىرلىق  سوقۇر ئۈچەي كېسىلى بىلەن ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى.ئۇنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇش ۋە داۋالىتىش ئۈچۈن ئەتىگەنلىككە ئون مىڭ يۈئەن پۇل تاپشۇرمىساق بولمايدىكەن.جىددى پۇل كېرەك بولۇپ قالدى›› دەپ باھانە كۆرسۈتۈپ توققۇزمىڭ بەشيۈز  يۈئەنگە سېتىپ كېتىپتۇ.ساقچىلار ئۇنىڭدىن كالا ساتقان ئۇ يىگىتلەرنىڭ ئىسمىنى سورىۋىدى ئۇ:

     -ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى تال توغراق يېزىسىدىن بىرى ئوتتۇز،يەنە بىرى يىگىرمە بەش ياشلار ئەتراپىدا. بىرىنىڭ ئىسمى ئاۋۇت، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى بولسا ساۋۇت،ئۇلاربىر تۇققان  ئاكا-ئۇكا.ئۇلار بىلەن پات-پات چارۋا مال بازىرىدا ئۇچرىشىپ قالىمىز،لېكىن ئۆيىنىڭ تەپسىلى ئارېسىنى بىلمەيمەن،-دەپ جاۋاپ بەردى.ساقچىلار ئۇنىڭدىن يەنە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغانندىن كېيىن ئىشنىڭ راست يالغىنى ئېنىقلانغاندا قويۇپ بەرمەك بولۇپ ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئۆيىگە ئەكىرىپ نەزەربەنتكە ئالدى.ئۇنىڭ ماشىنىسى بىلەن كالىلىرىمۇ تۇتۇپ قېلىندى.ياقۇپنىڭ تۇققانلىرى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ياقۇپقا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.ياقۇپ شۇئان يېزىلىق ساقچىخانىغا بېرىپ ئەھۋال مەلۇم قىلدى.يېزىلىق ساقچىخانىدىكىلەر ياقۇپ كېلىشتىن بۇرۇن تال توغراق يېزىلىق ساقچىخانا بىلەن تېلىفۇن ئالاقىسى قىلىپ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ بولغان ۋە كالىچى بىلەن كالىلارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ بولغان ئېدى.

      ئىككى كۈندىن كېيىن ئەھۋال ئايدىڭلاشتى.ھەقىقى ئوغرى –ياقۇپنىڭ خوشنا مەھەللىسىدىكى ئاكا-ئۇكىلار ئاۋۇت بىلەن ساۋۇت قولغا ئېلىنىپ، خالزات قويۇپ بېرىلدى.كالىلارمۇ ياقۇپنىڭ قوتىنىغا قايتۇرۇپ كېلىندى.

      قارىغاندا ھەممە ئىش ئىزىغا چۈشكەندەك قىلاتتى.خالزاتنىڭ ئورنىدا يېزىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان دېھقان يىگىتلەردىن بىرەرسى بولغان بولسا ‹‹ھەجەپ ياخشى بولدى،قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتتىن قۇتۇلدۇم، تۇتقۇنلۇقتىن ئازاد بولدۇم›› دەپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپلا پۇت-قولىنى ئۇزۇن سۇنۇپ يېتىۋېلىشقا ئالدىرايتتى. ئۆتكەن ئىشلارغا سالىۋات قىلىۋېتىشكە،بارلىق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشاتتى.ئۆزىنى گويا  قورقۇنۇشلۇق چۈش كۆرۈۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن ئويغۇنۇپ كەتكەندەكلا ھىس قىلاتتى.لېكىن خالمۇراتنىڭ بۇ ئىشقا راسا قۇرسىقى كۆپتى.ئۇ مۇشۇ كەمگىچە بەلكىم 30-40قېتىمچە تۈرمىگە كىرىپ ياتقاندۇ.ئۇ تولا يېتىپ كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا باشقىلارغا قارىغاندا تۈرمە ئۇ بەك ھار ئېلىپ كەتكۈدەك يەرمۇ ئەمەس ئېدى.لېكىن ئۇ ھەر قېتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قېلىپ ئاندىن كىرگەن، قىلمىشىغا يارىشا قانۇندا ئادىل ئۆلچەپ بېرىلگەن جازاغا ئاساسەن ياتقان بولغاچقا بۇنداق خورلۇق ھىس قىلمىغان،باشقىلارغا غەزەپلەنمىگەن ئېدى.بۇ دۆرەم ئۇنىڭ ناھەق يېتىپ چىقىشىدا يامان نامىدىن باشقا ھېچقانداق گۇناھى يوق ئېدى.ئاۋۇت بىلەن ساۋۇتمۇ كۆڭلىدە:خالزات يۇرتتا بار ۋاقىتتا ئوغۇرلۇق قىلساق ھەممە ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدۇ.ساقچىلار ئۇنى سوراق قىلىپ ۋە ئاختۇرۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرگەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ كالىنى قولدىن چىقىرىۋېتەلەيمىز›› دەپ ئويلاپ بۇ ئوغۇرلۇقنى پىلانلىغان ۋە ئورۇنلىغان ئېدى.

        خالزات بۇ ئىش ئۈچۈن ياقۇپتىن ئۆچ ئالماقچى بولدى.ئۇ بۇ ھەقتە ئويلاندى:‹‹ئوغۇرلىغان دېگەن مانا›› دەپ بىر كېچىدىلا ياقۇپنىڭ بارلىق مال-چارۋىلىرىنى ۋە ئۆيىدىكى پۇلغا يارىغۇدەك قىممەتلىك نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ ئىس-بۇسىنى چىقارماي يوق قىلىۋەتسەم بولۇرمۇ؟! ياق ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ.ئۇنداق قىلسام ساقچىلار بىزنىڭ ئۆينى ۋە ئاكام بىلەن ئىنىمنىڭ ئۆيىنى يەنە ئاختۇرۇپ ئۇلارنى ئاۋارە قىلىدۇ.ياقۇپ كۆڭلى قارا ئاچكۆز نىمە، پۇل مېلىغا زىيان سالسام يەنە بىچارە دېھقانلارنى تۈرلۈك چارىلەر بىلەن قاقتى سوقتى قىلىپ زىيىنىنى يەنە ئۇلاردىن تىرىلدۈرىۋالىدۇ.دەردىممۇ تازا چىقمايدۇ.ئەڭ ياخشىسى ئەل يۇرت ئاالدىدا يۈزى چۈشىدىغان،نومۇسقا قېلىپ ئازاپلىنىدىغان،مېنى چايناپ پۈركىۋەتسىمۇ دەرد چىقمىغۇدەك غەزىپى كېلىدىغان،لېكىن مېنى ھىچنىمە قىلالماي زەردى-گۆش بولىدىغان بىرچارە بىلەن باپلاي...ئۇزاق ئويلىنىشتىن كېيىن ئۇ بىر  قارارغا كەلدى.

     ياقۇپ كەنىت باشلىقى بولۇشتىن بۇرۇنمۇ بۇ مەھەللىدىكى ھاللىق دېھقانلاردىن بىرى بولۇپ ئۆيىدە يەر تېرىشقا ئىشلىتىدىغان چوڭ كىچىك تىراكتۇرلىرى بار بولۇپلا قالماستىن يەنە ناھىيە بىلەن يېزا ئارلىقىدا قاتناشقا كىراغا سالغان بىر ئاپتۇبۇسى،ئىككى كىچىك ماشىنىسى بار ئېدى.ئىلكىدىكى تېرىلغۇ يەرلىرىمۇ يۈز مودىن ئاشىدىغان بولۇپ ئۇ يەرلەرنى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك سېلىقلارنى تۆلىمەي تېرىيتتى.يەرلىرىنىڭ سۇ ھەققىنىمۇ بوغالتىر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ كەنىتتىكى دېھقانلارغا چېچىۋېتەتتى.تېرىلغۇ مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ تىراكتۇرلىرىدىن ئاشمىسا باشقا ھىچقانداق تىراكتۇر بۇ كەنت تەۋەسىگە يەر ئاغدۇرۇش،يەر تېرىش مۇلازىمىتى قىلىشقا كىرىپ پۇل تاپالمايتتى.كىرەلىگەنلىرىمۇ ياقۇپ بىلەن پايدىنى ئالدىن تەڭ بۆلۈشۈپ ئاندىن كىرەلەيتتى.شۇنداق كىرىملىرى كۆپ بولغاچقا ياقۇپنىڭ بانكا ئامانەتتىكى پۇللىرىمۇ نەچچە يۈزمىڭ يۈئەندىن ئاشاتتى.قوتاندىكى قوي كالىلىرىمۇ نەچچە يۈزگە يېتەتتى.ئۇلارنى پادىچى ياللاپ باقتۇراتتى.

       ياقۇپنىڭ بارلىق  بايلىقلىرىدىنمۇ ئەتىۋارلىق ھېساپلىنىدىغان،باشقىلار ئالدىدا  چوڭ سۆزلەپ  پەخىرلىنىدىغان  تولىمۇ  قىممەتلىك بىر  بايلىقى بار ئېدى.ئۇ بولسىمۇ كېلىشكەن ساھىپجامال خوتۇنى ئايپاتەم ئېدى.گەرچە بۇ ئايال تۆت بالىغا ئانا بولغان،يېشى قىرىقلاردىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە ياشلىق گۈزەللىكىنى ،جەلىپكار سېھرى كۈچىنى ساقلاپ قالغان ئېدى.بۇرۇنقىلارنىڭ ‹‹تاشلاپ قاچقۇدەك قىز بار،ئېلىپ قاچقۇدەك جۇگان ››دېگەن نەقىل سۆزى دەل مانا شۇنداق ئاياللارغا قارىتىلغان ئېدى.ئەگەر ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان،چىرايلىقلىقتا ئانىسىنى تارتقان قىزى سارىگۈل بىلەن بىرگە ماڭىدىغان بولسا تونۇمايدىغانلار:‹بۇ ئىككىسى راسا قاملاشقان قوشماق ئاچا سىڭىللار ئىكەن››دەپ خاتا ئويلاپ قالاتتى.

   ئايپاتەمنىىڭ بۇنداق چىرايلىق ئۇز پېتى تۇرۇشى،ئۇلارنىڭ جەمەتىنىڭ ئېرسىيىتى بولۇشتىن تاشقىرى يەنە ئۇنىڭ كۆرۈۋاتقان دۆلىتى،ئۆزىنى كۈتۈش ۋە ئاسراشنى بىلىدىغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئېدى.ئۇ ياقۇپقا تەككەندىن بېرى ئېتىزغا چىقىپ بىر رەت كىپەز تېرىپ باققان،ياكى بىرەر باغ ئورما ئورۇپ باققان چوكان ئەمەس ئېدى.بۇرۇن يەر سۇلىرى ئاز ۋاقىتتا جاپانى ياقۇپ ئۆزى تارتاتتى.يەر سۇلىرى كۆپەيگەن، ئەمەلدار بولغاندىن كېيىن بولسا ئۆينىڭ ئېغىر يېنىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياقۇپ ئادەم ياللاپ قىلدۇراتتى.ئايپاتەم بولسا ئۆيدىن چىقماي،كۈن نۇرى كۆرمەي، ئېرى بىلەن بالىلىرىنىڭ ئاش تامىقىنىلا ئېتىپ بېرىپ ئولتۇراتتى.

ئايپاتەم ياقۇپتىن ئون ياش كىچىك ئېدى.يەنى ھازىر ئايپاتەم قىرىق بىر ياشقا، ياقۇپ بولسا ئەللىك بىر ياشقا كىرىپ قالغان ئېدى. ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان ئەرلەرنىڭ بەدىنى ياشلارغا قارىغاندا ئاجىزلىشىشىقا قاراپ ماڭىدۇ . ئىچكى ئاجراتمىلىرىمۇ تۇراقلىشىدۇ ، ئەرلىك ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى يۇقىرى سەۋىيىدە بولماي بەلكى بىر دەۋرىيلىككە قاراپ ماڭىدۇ ، بۇنداق دېگەنلىك ، جىنسىي ھېسسىياتلىنىشمۇ دەۋرىيلىككە قاراپ ماڭىدۇ دېگەنلىك ..

      ياقۇپنىڭ  30ياشتىن 45ياشقىچە بولغان  قىران بۈركۈتتەك ئالغۇر،شاش ئارغىماقتەك چاپقۇر   ۋاقىتلىرىدا ئۇلار ئەر خوتۇنچىلىقنىڭ شىرىن لەززىتىنى قانغۇچە تېتىپ كۈندىلىك تۇرمۇشى ھەر جەھەتتىن كۆڭۈللۈك ئۆتكەن ئېدى.ئەمما بۇ بىرنەچچە يىلدىن بېرى ياقۇپ جىنسى تۇرمۇشقا بۇرۇنقىدەك كۆپ ئىنتىلمەيدىغان، ئىنتىلسىمۇ  بۇرۇنقىدەك ئارمانغا چۈشلۇق دەرمانى بولماي ئايپاتەمنىڭ جىنسى تۇرمۇشتىكى كۈچلۈك تەلىپىنى قاندۇرۇشقا ئاجىز كېلىدىغان بولۇپ قالدى.گۈزەللىكى باھار گۈللىرىدەك نامايەن بولۇپ تۇرغان،مۇھەببەتلىك يۈرىكى گۈلخان ئوتلىرىدەك يالقۇنلاپ،  مۇھەببەت تەلىپى سۇغا تەشنا قۇمساڭ يەردەك قاغجىراپ تۇرىدىغان ئايپاتەم مانا ئەمدىلىكتە ياقۇپتىن ئۆزى كۈتكەن،تەشنا بولغان مول،كۈچلۈك شىپالىق يامغۇرغا ئېرىشەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئېدى.ئۇنىڭ ئوتلۇق سۆيۈشلىرى،زارىققان قەلىبنىڭ تەشنالىق ئىلكىدە مۇھەببەت تەلەپ قىلىشلىرى كۆپ ھاللاردا جاۋاپسىز قالاتتى.بەزىدە جاۋاپقا ئېرىشسىمۇ ‹‹جاۋاپ›› قانائەتلىنەرلىك دەرىجىدە ئەمەس ئېدى.

      بۇ خىل ھالەت ھەر ئىككىلىسىگە ئازاپ ئېلىپ كەلدى.بۇنداق ئازاپ كېچىسى ئادەمنىڭ  ئۇيقۇسىنى قاچۇراتتى،كۈندۈزى بولسا غەمكىن خىياللار قوينىغا ئەسىر قىلاتتى.ياقۇپ ھاراققا تېخىىمۇ بېرىلىپ كەتتى.ئۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئېغىر مەست كېلىپ دىۋىدەك ئۇخلايدىغان،چوشقىدەك خورتۇلداپ خورەك تارتىپ ئايپاتەمنىڭ ئۇيقۇسىنى تېخىمۇ ھارام قىلىدىدىغان  بولۇۋالدى.ئۇيان ئۆرۈلۈپ،بۇيان ئۆرۈلۈپ  يېتىپ بېقىپ،قۇلاق تۆشۈكلىرىنى پاختا بىلەن ئېتىپ بېقىپ ھىچ ئامالى بولمىغاندا قېيداپ چىقىپ باشقا ئۆيدە ياتىدىغان بولۇپ قالدى. ياقۇپ مۇدىر بۇ جەھەتتىكى كەمچىلىكلىرىنى پۇل،يېڭى يېڭى كىيىم- كېچەك، زىبۇ-زىننەت ۋە ئاياللارنى جەلىپ قىلىدىغان باشقا ماددى نەرسىلەنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىش،كۆپرەك مېھرىبانلىق قىلىش ئارقىلىق باسماقچى بولدى.بۇنىڭ بىرئاز ئۈنۈمى بولغان بولدى.

      ياقۇپ مۇدىر كۈندۈزى خىزمەتكە كەتكەندە بالىلارنىڭ چوڭى تىجارەت بىلەن پۇل تېپىشقا،كىچىكلىرى مەكتەپتە ئوقۇشقا كېتىپ ئايپاتەم ئۆيدە ئۆزى يالغۇز قالاتتى.بۇنداق چاغلاردا ئۇ بىكارچىلىقتا قاتتىق زېرىكىپ تىتىلداپ قالاتتى.بۇنداق چاغلاردا مەھەللىدىكى بىر قىسىم كوسۇك ئەرلەر ئۇنى مارىلاپ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىن يىراق كېتەلمەي قالاتتى.‹‹ئوغرىغا مال كەممۇ؟›› دېگەندەك ئاسىي روھ ۋە پاسىق نىيەتلەر ئۇلارنى تېپىشتۇرۇپ يېلىنجىغان بۇزۇق ئارمانلارنى تەسكىن تاپقۇزاتتى.بۇ ئىشلار سەۋەپسىز ئەمەس ئېدى.ياقۇپ ياش، قىران چاغلىرىدا پۇلى ۋە ھوقۇقىغا تايىنىپ شۇ قەدەر گۈزەل ئايالى تۇرسىمۇ پۈتۈن كەنىت تەۋەسىدە قۇترىغان بۇقىدەك دېغراپ،كۇسۇك ئىتتەك پۇراپ يۈرۈپ قىچىقى بار قىز چوكانللارنى مارىلاپ ئەسكىلىك ئويۇنىنى راسا ئوينىۋالغان ئېدى. مانا ئەمدى ئۇ قېرىپ مادارىدىن قېلىۋىدى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ‹‹پاك تاماق  قاچىسى›› كۇسۇك ئىتلارنىڭ ئوغۇرلۇقچە يۇندا يالايدىغان يالىقىغا ئايلىنىپ قالدى.ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بۇنداق ھۈنىرىنىڭ بارلىقىنى ئۆزى بىلمىگىنى بىلەن مەھەللىدىكى سەگەك ئەرلەر بىلەن غەيۋەتچى خوتۇنللارنىڭ ھەممىسى بىلەتتى.

يۇرتتا كۆپ تۇرالمىغان بىلەن خالزاتنىڭ بۇنداق ھىكايىلەردىن ئانچە مۇنچە  خەۋىرى بار ئېدى. شۇڭىمىكىن قىساس ئېلىش ئوبىكتىغا مانا شۇ ئايالنى تاللىغان ئېدى.قويۇپ بېرىلىپ بىر ئىككى-كۈن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن خالزات ھەركەتكە ئۆتتى. قوزا چۈش مەھەلدە ئۇ شەپە چىقارماي ياقۇپنىڭ مەھەللە چېتىدىكى كەڭرى باغ ھويلىلىق قوراسى ئەتراپىدا پەيدا بولدى.دەرۋازىدىن كىرىش ئەپسىز ئېدى.يامان كۆزلەرگە چېلىقىپ قالسا بولمايتتى.شۇڭا ھويلىنىڭ ئارقىسىدىكى باغنىڭ شورىسدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتۈپ باغ ئىچىگە كىردى.ئۇ باغدىن ئۆتۈپ ھويلىغا كىرمەكچى،ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتماقچى بولغان ئېدى.كىم بىلسۇن ئۇ ئايپاتەم بىلەن باغدىلا ئۇچرۇشۇپ قالدى.ئايپاتەم خالزات ھەققىدە كۆپ ئاڭلىغان بولسىمۇ ئۇنى كىچىك ۋاقتىدا بىرنەچچە قېتىم كۆرگەنچە كېيىن ئۇ يۇرتتا كۆپ تۇرمىغاچقا  كۆرۈپ باقمىغان ئېدى.

     قىپ- قىزىل ئالمىلار مەي باغلاپ پىشقان بىر تۈپ ئالما تۈۋىدە تۇرۇپ شاختىن ئالما ئۈزۈپ يەۋاتقان ئايپاتەم  ئارقىسىدىكى يېنىك ئاياق تىۋىشىدىن چۆچۈپ شۇئان ئارقىسغا بۇرۇلۇپ قارىدى.

يېشى ئوتتۇز ياشلار ئەتراپىدا،ئىگىز بويلۇق،ئۇستىخانلىق،قاپقارا كۆزلىرى نۇرلۇق،قاشلىرى قارا ھەم   قويۇق،يارىشىملىق قاپقارا بۇرۇتلىرىمۇ يۇمران چۆپلەردەك بولوق ئۆسۈپ ئېغىزى ئۈستىدە قايرىلىپ تۇرغان، يالاڭباش بېشىدىكى ئۆسكىلەڭ قارا چاچلىرى يالتىراپ تۇرىدىغان،شەھەرلىكلەردەك  پاكىز رەتلىك كىيىنگەن بىر يىگىت تەبەسسۈم بىلەن قاراپ تۇراتتى.ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن كۈچ ۋە جاسارەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.

    -ئەسسالام ئايپاتەم ئاچا!

    -كىم سىز،ئاسماندىن چۈشكەندەكلا يېنىمدا  پەيدا بولۇپ ئەجەپ قورقۇتتىڭىزا ئادەمنى؟!

    -ۋاھ،<<بايلا ئۇنۇتقاق كېلىدۇ>> دېگەن راست گەپ ئىكەن-دە،مەن ئىنىڭىزنى شۇنداق ئاسان ئۇنتۇپ كەتتىڭىزمۇ،مەن خالزات ئەمەسمۇ؟!

   -خالزات،سايىمكامنىڭ ئوغلى خالزاتما؟ سىزنى ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۆيگە كەپتۇ دەۋاتقانتى. رەھمەتلىك ئانىڭىز خويمۇ ياخشى ئايال ئېدى،دائىملا سىزنىڭ غېمىڭىزنى قىلىپ يىغلاپلا يۈرەتتى.گەرچە كېچىككەن بولسىمۇ كېلىپ ياخشى قىپسىز.ھە راست بۇ ياققا قەدىمىڭىز يېتپ قاپتىغۇ ئۇكام؟!

       -ئاران بىر كەلگەندە يۇرتتىكى تونۇش بىلىشلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن تولۇق دىدارلاشماي تۇرۇپ قانداقمۇ قايتىپ كېتەلەيمەن؟مەن  بۈگۈن بۇ باغقا سىز بىلەن  دىدارلىشىپ ھال مۇڭ بولۇشقىلى كەلدىم.بوپتىمۇ يە؟

     - بولۇشنىغۇ بوپتۇ،لېكىن ياقۇپ ئاكىڭىز يوق بىئەپ چاغدا كەپ قاپسىز ئەمەسمۇ ئۇكام؟

     -خاتا چۈشىنىپ قاپسىز،مەن كەلگەندىن بېرى ياقۇپ ئاكام بىلەن نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ بولدۇم.ئۇ مېنى ھەممەيلەندىنمۇ  بەك قىزغىن كۈتۈۋېلىپ يۇرتداشلىقىنى بەك ياخشى يەتكۈزدى ئەمەسمۇ؟

      -ئەستا،شۇ ئىشنى يۈزىمىزگە سېلىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ تۇرسام ئاخىر دەۋالدىڭىز ئۇكام،بۇ ئىشتا ياقۇپتىن قەتئىيلا رەنجىمەڭ.ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن گۇمانخور غالچىلار ‹‹بۇ ئىشنى چوقۇم خالزات قىلغان،ئۇ قىلمىسا كىم قىلىدۇ؟!›› دەپ ئۆسەك گەپ تېپىپ ياقۇپ ئاكىڭىزنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپلىۋەتتى دەڭا. شۇڭا بىزدىن قەتئى خاپوممىسىڭىز ئۇكام.

    -خاپومماي تۇرالايمەنمۇ،ئاچا،بىكاردىنلا يىمىگەن مانتنىڭ پۇلىنى تۆلەپ قاماقتا ھەپتە ياتقان تۇرسام.

   -ئۇنداقتىزە بۈگۈن شۇ مانتىنىڭ پۇلىنى ئالغىلى كەپسىز دە؟

   -شۇنداق،ئۇنداق قىلمىسام مېنى قانداقمۇ ئوغاۋالا ئەكەك دېگىلى بولسۇن؟!

   -پۇلىنى قانداق ئالىسىز،مېنى قارىتىپ قويۇپلا نەرسە ئوغۇرلىمايدىغانسىز؟

   -ياق نەرسە ئوغۇرلىمايمەن،باققا كىرگەن ئىكەنمەن.ئالما ئوغۇرلايمەن،شۇندىلا دەردىم چىقىدۇ.

   -ھە ئۇنداق بولسا بوپتۇ.ئالما لازىم بولغان بولسا قېنى ئوغۇرلاڭ،مانا ئالدىڭىزدىكى بۇ ئالما دەرەخلىرىدە ئالما دېگەن غۇچچىدە تۇرۇپتۇ.ھەممىنى ئوغۇرلاپ كەتسىڭىزمۇ پىكرىم يوق.

    -لېكىن مېنىڭ ئوغۇرلايدىغىنىم بۇنداق جانسىز ئالما ئەمەس-تە؟

    -قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز ئۇكام،ئالمىنىڭمۇ جانلىق جانسىزى بولامدۇ،چاخچاق قىلىۋاتمايدىغانسىز؟

    -ياق چاخچاق قىلمىدىم،كۆڭلۈمدىكى راست گەپنى دەۋاتىمەن.مەن ئالماقچى بولغان جانلىق ئالما دەرەختە بولمايدۇ.

     -ئەمىسە نىمىدە بولىدۇ؟!،-ئايپاتەم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولۇپ پىخىلداپ كۈلىۋەتتى.

    -نىمىدە بولاتتى،جېنى بار ئادەمدە بولمامدۇ؟

    -ئادەمدە بولىدۇ دەمسىز،قېنى ئۇ جانلىق ئالمىسى بار ئادەم،ھەجەپ مەنئۇنداق ئادەمنى  كۆرۈپ باقماپتىكەنمەنغۇ؟

     -مەن ئوغۇرلىماقچى بولغان  جانلىق،جەلىپكار ئالما ئۆزىڭىزدە تۇرسا، ئۇنى ئىزدەپ نەگىمۇ باراتتىڭىز، خۇپسەنلىك قىلماڭە ئۇنداق؟!

     -سىز نېمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىسىز؟

    - مەن كۆكسىڭىزدىكى ئاپئاق، ئىسسىق ھەم بىباھا بىر جۈپ ئالمىنى ئالماقچى!

   -<<كۆكسۈڭىزدىكى ئالمىنى>>نىماداق ھاياسىز گەپ بۇ، ئەگەر مەن بەرمىسەمچۇ؟ بەرمىسەم قانداق قىلالايسىز؟! بىلىپ قويۇڭ،ئۇ دېگەن ياقۇپ ئاكىڭىزنىڭ دەخلىسىز ئامانىتى!

   -ياقۇپ ئاكام جىم تۇرغان تامغا ئۈسسىگەندەك  ماڭا بىكاردىن- بىكار زىيان سالغان تۇرسا، مەن ئۇنى كەچۈرەتتىممۇ؟ بۈگۈنچۇ ئۇ ئالمىلارنى ئالغىنىم ئالغان!

     -ئۇكام،ئالسىڭىزمۇ ئالادىڭىز،لېكىن مەن سىزدىن ئون ياش چوڭ خوتۇن،شۇڭا سىزنىڭ خىلىڭىز بولالمايمەن. . ئەمدى،ئۇنداق يامان بولىدىغان گەپنى قىلماڭ سەت تۇرىدۇ.

    -يامان بولىدىغان ئىشنى خەق قىلسا بولىدىكەن،مەن قىلسام بولمامدىكەن ئاچا؟  ياقۇپ ئاكامنىڭ پۇلى ۋە ھوقۇقىغا تايىنىپ كەنتىمىزدىكى چىرايلىق قىز چوكانلاردىن نەچچە ئوننى كاردىن چىقارغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ، ئۇ ماڭىمۇ يامانلىق قىلىپ بىكاردىنلا ئازاپ تارتقۇزدى ئەمەسمۇ؟ مەن باشقىلاردەك يامانلىققا سالىۋات قىلىۋېتىدىغان سالاغا  بوش،رايىش،يۇۋاش  يىگىتلەردىن ئەمەس.

     -ئۇكام ،سىزگە نىمە قىلسا ياقۇپ قىلدى.مەن قىلمىدىم.شۇڭا ئوتنى كىم تۇتقان بولسا شۇنىڭ قولى كۆيسۇن.گېپىڭىز بولسا ماڭا كېلىپ ئىششىماي بېرىپ  ياقۇپ ئاكىڭىزغا دەڭ.بايا دېدىم،مەن راستىنلا سىزگە ئاچا يوللۇق خوتۇن، شۇڭا ماڭا چاخچاق قىلىمەن دېمەڭ.

      -ياقۇپ ئاكام بىلەن سىز،ئەر خوتۇن،سىلەر چىش بىلەن كالپۇكتەكلا يېقىن،بىر-بىرىڭلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا دەردىمنى ئۇنىڭدىن ئالماي سىزدىن ئالساممۇ ھىچنىمە بولمايدۇ.

     -مەن سىزدىن چوڭ،ماڭا چاىچاق قىلماڭ دېدىمغۇ؟!

   -سىزمۇ ياقۇپ مۇدىر  بىلەن ئون ياش پەرىقلىنىسىزغۇ؟سىلەر ماس كەلگەن يەردە ئىككىمىز ماس كەلمەي قالاتتۇقمۇ؟بۇندن بۇرۇن ئۆزىڭىزدىن ئون ياش چوڭ قېرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ يۈردىڭىز.مانا ئەمدى ئۆزىڭىزدىن ئون ياش كىچىك ياش ھەم شاش يىگىت بىلەنمۇ ئارلىشىپ بېقىڭ.ئۆچكەن چوغلىرىڭىز يېنىپ ،مۇھەببەت ئوتلىرىڭىز قايتا لاۋۇلداپ كەتمىسە قۇلىقىمنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىڭ.

       ئايپاتەم يەنە بىرنىمىلەرنى دەپ باھانە كۆرسۈتۈپ بۇ كاج يىگىتتىن  ئۆزىنى قاچۇرۇپ نومۇسىنى قوغداپ قالغىچە بولغان ئارىلىقتا چەبدەس يىگىت خالزات ئوۋغا تاشلانغان يىلپىزدەك بىرلا تاشلىنىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.ئايپاتەم ۋارقىرىماقچى بولۇۋىدى خالزات ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ  قاپلاننىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلماقچى بولغان چىشى جەرەندەك جېنىنىڭ بارىچە  يۇلقۇنۇپ تىپىرلاپ باقتى،خالزاتنىڭ قوللىرىنى چىشلىدى،لېكىن قانچە قىلىپمۇ  بوشۇنالمىدى.خېلى ئۇزاق تىركىشىش بولغاندىن كېيىن ئايپاتەم بوشاپ قالدى.خالزاتنىڭ بىر قولى ئۇنىڭ ئالمىلىق بېغىغا كىرىپ  ئاپئاق ۋە يۇمشاق ئالمىلىرىنى سىلاشقا كىرىشكەندە توك سوققاندەك بولۇپ پۈتۈن  ۋۇجۇدى تىترەپ تېخىمۇ يۇۋاشلاپ قالدى.

    قىران يىگتنىڭ ئوتلۇق نەپەسلىرى يۈزلىرىگە ئۇرۇلۇپ ،يالقۇنلۇق لەۋلەر سۆيگۈگە تەشنا بولغان غۇنچىدەك لەۋلەرگە تامغا بولۇپ بېسىلغاندا بولسا ۋۇجۇدى يىنىك شىرىن تىترەپ بۇ ياش بويسۇندۇرغۇچىنىڭ  ئىختىيارىغا ھۇشىنى بىلمىگەن ھالدا بويسۇندى.

    ...


            شۇ كۈنكى ئىشتىن كېيىن ئايپاتەم چاڭقاق چۆل شىپالىق يامغۇرغا ئېرىشىپ تۇپرىقى جانلانغاندەك،جانلىنىپ قالدى.بۇرۇنقىدەك غەمكىن،خىيالچان يۈرمەي خۇشال يۈرىيدىغان،ئۆيدىىلەرگە ئانچە مۇنچە چاخچاقمۇ قىلىدىغان بولدى.ياقۇپقىمۇ بۇرۇنقىدەك تولا سۇۋۇنۇپ خىجىل قىلىپ قويمايتتى.تولا كۈنلەيدىغان،نارازى بولۇپ غوتۇلدايدىغان خۇيىمۇ يوقاپ كەتتى.دېمەك ياقۇپ ئائىلىدە ىېلى تىنىچلىققا ئېرىشكەندەك بولدى. ئايپاتەم  ئۆزىنى<<مۇھەببەت>>جەھەتتە  مۇراد تاپقان  ھىس قىلىپ خالزاتقا بىر ئوبدانلا ئۆگىنىپ قالدى. كېيىنكى كۈنلەردە  ئۇلار ياقۇپنىڭ  ئۆيدە يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ھېلىقى باغدا ھەر كۈنى ئۇچرىشىپ تۇردى.بەزى كېچىلىرى  ياقۇپنىڭ كەنتتە نۆۋەتچى بولۇپ قونىدىغان ۋاقىتلىرى بولۇپ قالغاندا ئۇلار پۈتۈن كېچە مەخپى ئۇچرىشىپ ياقۇپنىڭ ئۆيىدە  بىللە قونۇپ يۈردى.

       ياقۇپنىڭ ئايالى بويسۇندۇرۇلدى،ئىپپىتى بۇزۇلدى.دېمەك ،ياقۇپنىڭ قەدىرلىك ئادىمىگە ناپاك قول تېگىپ خالزاتقا ۋە باشقا دېھقانلارغا قىلغان يامانلىقلىرى ئۈچۈن قىساس ئېلىندى.لېكىن  خالزاتنىڭ ئارزۇ قىلغىنى بۇلا ئەمەس ئېدى.بۇنداق يوشۇرۇن ئاشنىدارچىلىق بىلەنلا  ئۇنىڭ دەردى چىقمايتتى.ئۇ ئايپاتەمنى بۇيەردىن ئۈرۈمچىگە ئەپقېچىپ كېتىشنى،بۇ ئارقىلىپ ياقۇپنىڭ ھەيۋىسى ۋە ئار-نومۇسىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۇنى ھىسسى جەھەتتىنمۇ،ئىقتىزادى جەھەتتىنمۇ قىيناپ يۇرتتا يۈزىنى كۆتىرىپمۇ يۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە  ئازاپقا قالدۇرماقچى بولغان ئېدى.يۇقىرىدا قىلغانلىرى شۇ پىلانىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئېدى.نۆۋەتتىكى بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئۇ ئايپاتەمگە بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچتى:

-ئايپاتەم ھەدە،مەن بىرنەچچە ھەپتىلىك رۇخسەت بىلەن كەلگەن ئېدىم.مانا ئەمدى ئۈرۈمچىگە قايتىدىغان ۋاقتىممۇ يېقىنلىشىپ قالدى.ئۆگۈنلۈككە يولغا چىقاي دەيمەن.

-كېتىپ نىمە قىلىسىز،بۇ يەردە بىر ئوبدان ئۆتۈۋاتمامتىڭىز؟ بولدى كەتمىڭە سۆيۈملۈك ئۇكام، ئىككىمىز ئاران تەستە تېپىشىپ ۋەسلىگە يەتكەن ئاشىق-مەشۇقلاردەك كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقان تۇرساق مېنى تاشلاپ كېتىشكە قانداقمۇ كۆڭلىڭىز ئۇنايدۇ؟

-ئۇنى دېسىڭىزغۇ مەنمۇ سىزدىن ئايرىلىشقا پەقەت چىدىمايمەن.لېكىن دائىملا بۇ يەردە يۈرۈپ بولالمايمەن دەڭە؟! خىزمەت ئورنۇم مېنى كۈتۈۋاتىدۇ.مەن كىچىكىمدىن شەھەردە ئەركىن-ئازادە، پاكىز،راھەت ياشاپ كۆنۈپ قالغان،بۇ دۆرەم ئانامنىڭ ئىشىنى دېمىگەن بولسام ھەرگىز كەلمەيتتىم.سىز بىلەن ئۆتكەن كۆڭۈللۈك كۈنلىرىمنى دېمىسەم بۇ كەمگە قايتىپ كېتپ بولغانمۇ بولار ئېدىم.

-ھەي ئىسىت،مەن ئەمدىلا تېخى بەختىمنى تېپىپ تۇرمۇشۇم ھەقىقى مەنىگە ئىگە بولغان ئېدى.مانا ئەمدى سىز كەتسىڭىز بۇرۇنقىدەك ئىچ پۇشۇقى بىلەن تولغان ئازاپلىق كۈنلىرىم باشلىنىپ مەنىسىز ياشايدىغان بولدۇم-دە؟!

-سىز راستىنلا ماڭا چىدىمامسىز،مەن بىلەن ئۆتكەن ۋاقىتىلىرىڭىزنى خۇشال،مەنىلىك چاغلىرىم دەپ ئويلامسىز؟

-ئەلۋەتتە شۇنداق،بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ.مەن سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشىسام،بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمىسام دەيمەن.لېكىن بۇ مۈمكىن بولمايدىغان ئىشت-تە؟!

-بۇ دۇنيادا مۈمكىن بولمايدىغان ئىش يوق،پەقەت جۈرئەت قىلالمايدىغان قورقۇنچاق كىشىلەرلا با.ئەگەر راستىنلا ماڭا قىيالمىسىڭىز،مەن بىلەن بۇنداق يوشۇرۇن كۆرۈشۈپ ئەمەس، كېچە كۈندۈز بىرگە بولۇپ خۇشال-خورام ياشاي دېسىڭىز مەن بىلەن بىرگە كېتىڭ.

-نىمە،نېمە دەۋاتىسىز،سىز ساقمۇ ھازىر،بۇ قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن؟مەن دېگەن ئەرلىك خوتۇن تۇرسام،يە بىر توي قىلمىغان قىز بالا بولمىسام، قانداقمۇ سىز بىلەن قېچىپ كېتەلەيمەن؟ سىز مېنىڭ قىرىق ياشتىن ئاشقانلىقىمنى،تۆت بالىنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىمنى،بالىلىرىمنىڭ چوڭى توي قىلىپ كېلىن كۆرۈپ بولغانلىقمنى بىلمەمسىز؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىزدىن ئون ياش چوڭ تۇرسام قانداقمۇ ئەر-خوتۇن بولۇپ بىرگە ياشىيالايمىز؟!

-دېگەنلىرىڭىزنى سىز دېمىسىڭىزمۇ بىلىمەن.ئەر-خوتۇن بولۇپ ياشاپ كېلىشەلمىگەنلەرمۇ ئاجرىشىپ كېتىدۇغۇ؟ سىز مەن بىلەن كەتسىڭىزلا ياقۇپ سىزدىن رنجىپ تالاق قىلىۋېتىدۇ.ئۈستىڭىزدىن سوتقا ئەرىز قىلسا ئاجراشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز سىزنى ئازاپقا قويغان،خۇشال كۈلدىرەلمىگەن يارامسىز ئەرنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن ئازاد بولىسىز.شۇنداق بولغاندا  مەن سىز بىلەن قانۇنلۇق توي خېتى ئېلىپ، نىكاھلىنىپ ئەر-خوتۇن بولالايمەن.ئۇنداقتا،سىزمۇ،مەنمۇ ئارزۇيىمىزغا يېتىمىز.ئازاپتىن قۇتۇلىمىز ئەمەسمۇ؟

-ئۇغۇ شۇنداق، لېكىن مەن سىز بىلەن كەتسەم بالىلىرىم قانداق قىلىدۇ، ئەل يۇرتنىڭ يۈزىگە قانداق قارايدۇ.كېيىن مەن قايتىپ كەلسەم  ئۇلارنىڭ يۈزىگە قايسى يۈزۈم بىلەن قارايمەن؟! بولدى ئۇنداق قاملاشمىغان مەسلىھەتنى بەرمەڭ!

...

ئۇلار شۇ تەرىزدە كۆپ تالاش تارتىش قىلدى.ئاقىۋەت شۇ بولدىكى خالزات جەلىپ قىلىش كۈچى بىلەن گەپدانلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ،نۇرغۇن شېرىن-شېكەر ۋەدىلەرنى بېرىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئايپاتەمنى ئۆزى بىلەن بىرگە قېچىشقا  كۆندۈردى.

ئۇلارنىڭ قېچىش پىلانى خېلى مۇكەممەل تۈزۈلگەن ئېدى.ئۇلار ياقۇپنىڭ بىلىپ قېلىپ پىلاننىڭ ئىشقا ئاشماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۇرتتىن تەڭ قاچماي ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ماڭىدىغان بولدى.بۇنداقتا ھېچكىم گۇمانلانمايتتى ۋە توسالغۇ بولمايتتى. يەنى خالزات ۋىلايەت مەركىزىگە ئاۋال بېرىپ بېكەتتە بېلەت سېتىۋالغاچ  كۈتۈپ تۈرىدىغان،ئايپاتەم ‹‹شەھەرگە بېرىپ ھېيتلىق كىيىم كېيىپ كېچەك سېتىۋېلىپ كېلىمەن››دېگەن باھانە بىلەن ئۆيدىن چىقىپ ئۇنىڭ  كەينىدىن بارىدىغان،خالزات بىلەن شەھەردىكى يولۇچىلار ماشىنا بېكىتىدە ئۇچرىشىپ كارۋاتلىق ئاپتۇبۇس بىلەن ئۈرۈمچىگە بىرگە قاچىدىغان بولدى.

ئىش ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك بولدى.ئايپاتەم ئۆيدىن ماڭار چاغدا ياقۇپقا:

-ھېيت يېقىنلىشىپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك زېرىكىپ كەتتىم.شەھەرگە بېرىپ تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە بىر ئىككى كۈن تۇرغاچ ئۆزۈمگە ۋە بالىلارغا ھېيتلىق كىيىم كېچەك سېتىۋېلىپ كېلىمەن،-دېۋىدى ھەرقانداق ئىشتا خوتۇنىنىڭ رايىغا بېقىپ  ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ياقۇپ رايىشلىق بىلەن يولغا سېلىپ قويدى.ئايپاتەم ماڭار چېغىدا نەچچچە مىڭ يۈئەن نەخ پۇل ئېلىۋېلىپلا قالماي ئائىلىسىنىڭ بانكا ئامانەت پۇللىرى قويۇلغان ئامانەت پۇل كارتىسىنىمۇ  يېنىغا سېلىۋالدى.

ئۇلار پېلانى بويىچە ۋىلايەتلىك پاسادىرلا بېكىتىدە ئۇچراشتى.خالزات بېلەتنى ئاللىقاچان تەييارلاپ بولغان ئېدى.ئۇلار كۆرۈشۈپلا قوش قەۋەت كارۋاتلىق ئالىي دەرىجىلىك ئاپتۇبۇس بىلەن شۈكۈنى كەچ  ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى.ئۇلار يولغا چىققان  k ۋىلايىتى بىلەن  ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى    1500 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتا بولۇپ ئادەتتە پۈتۈن مۇساپنى بېسىپ بولۇشقا 21سائەتتىن 24 سائەتكىچە ۋاقىت كېتەتتى.ئاپتۇبۇسنى ئۈچ نەپەر شوپۇر سەككىز سائەتتىن نۆۋەتلىشىپ ھەيدەپ ماڭىدىغان بولغاچقا يولدا بىرنەچچە يەردە يولۇچىلانىڭ تاماق يەۋېلىشى ۋە ھاجەت قىلىۋېلىشى ئۈچۈن توختىغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقا ۋاقىتلاردا توختىماي يول يۈرەتتى.ھەر بىر يولۇچىنىڭ ئورنى يۇمشاق ھەم ئەپلىك كارۋاتلىق بولغاچقا  خالىسا ئۇخلاپ،خالىسا يېنىدىكى ھەمراھى بىلەن پاراڭلىشىپ،پاراڭلىرىمۇ تۈگىسە ئۇدۇلىدىكى تېلىۋىزۇردىن كىنو كۆرۈپ  يۈرۈپ مەنزىلگە قاراپ ئىلگىرلەيتتى.زېرىكىش ۋە ئازاپ ھىس قىلمايتتى.خالزات ئەپلىك بولۇشنى كۆزلەپ ئىككىلىسىگە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئىككى كارۋاتنىڭ بېلىتنى ئالغان ئېدى.ئۇلار يول بويى خۇددى ئامراق ئەر خوتۇنلاردەك يېقىنچىلىق قىلىشىپ،بىر-بىرى بىلەن كۆڭلىدىكى مۇھەببەت پاراڭلىرىنى قىلىشىپ قىزغىن كەيپىياتتا سەپەرنى داۋام قىلدى.

بۇ ئاپتۇبۇس تېز يۈرۈر ئاپتۇبۇس بولغاچقا ئۇلار ئەتىسى چۈشتىن كېيىن سائەت بەش ئەتراپىدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ بولدى.ئاپتۇبۇستىن چۈشكەندىن كېيىن كونسۇل كوچىسىدىكى خېلى ئىسىل بىر مېھمانخانىغا كىرىپ شۇ يەردىن قوش كىشىلىك ياتاقتىن بىرنى ئاچقۇزۇپ شۇ يەردە ياتتى.ياتاقتىكى ئىشلارنى بايان قىلىپ يۈرمەيمىز.ئەتىسى ئەتىگەن ئۇلار يۇيۇنۇپ ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئايپاتەم ياتاقتا ئارام ئېلىپ  قالدى.خالزات  سىرتقا چىقىپ كېتىپ ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆي ئىزدىدى.شەھەرنىڭ داۋەن  ئەتراپىدىن ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆيدىن بىرنى تاپقاندىنكېيىن  چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەر ئەتراپىدا ياتاققا قايتىپ كەلدى.ئۇلار ياتاقنى ئۆتكۈزىۋەتكەندىن كېيىن يەنە تاكسى ماشىنا بىلەن ئىجارە ئالغان ئۆيىگە كەتتى.

...

ئۇلار ئىجارە ئالغان بۇ ئۆيدە ئەر خوتۇنلاردەك ياشاشقا باشلىدى.ئايپاتەم ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەتسىلا كارىدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئاجرىتىپ ئۈرۈمچىدە  يېڭىدىن بېجىرگەن كارىغا يۆتكىۋالدى.بۇ ياقۇپنىڭ ئەھۋالنى بىلىپ قېلىپ كارتىدىكى پۇللارنى توڭلىتىپ قويۇشىغا قارىتا قوللانغان تەدبىرى ئېدى.ئۈرۈمچىدە ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ۋە ئىشلەمچىلىك بىلەن كۈن ئېلىۋاتقان يۇرتداشلىرى خېلى بار ئېدى.شۇڭا ياقۇپنىڭ ئۇلار ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئايپاتەم ئۆيدىن چىقماي ياشىدى.تاسادىپ زۆرۈر ئېھتىياج تۈپەيلى سىرتقا چىقىش توغرا كېلىپ قالسا بەئەينى ھىجاپلىق پاك ئاياللاردەك ئورىنىپ،چىرايىنى يوشۇرۇپ سىرتقا چىقتى.كەلگەن كۈنىلا تېلىپۇنىنىڭ كارتىسىنى ئېلىپ تاشلىۋېتىپ ئۈرۈمچىنىڭ كوچدا سېتىلىدىغان ئاممىۋى كارتىسىدىن بىرنى سېلىۋالدى.ھىچكىم بىلەنمۇ  ئالاقىلەشمىدى.ئۇلار شۇ تەرىقىدە ئۈچ ئاي تىنىچ ياشىدى.

ئەمدى گەپنى يۇرتتا قالغان ياقۇپلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاڭلايلى.ياقۇپ ئۈچ كۈنگىچە ئايالىنى شەھەرگە ھېيتلىق سودا قىلغىلى كەتتى دېگەن ئىشەنچ بىلەن دېرەكلىمەي يۈردى.ئۇ ئۈچۈنچى كۈنى كەچتىمۇ قايتىپ كەلمىگەندىن كېيىن ئەنسىرەشكە باشلىدى.تېلىفۇن قىلىۋىدى، تېلىفۇنى ئېتىكلىك بولۇپ چىقتى.شەھەردىكى تۇققانلارغا تېلىفۇن قىلىۋىدى، ئۇلار ئايپاتەمنى ئىككى ئايدىن بېرى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.ياقۇپ بۇ ھالدىن گاڭگىراپلا قالدى.ئۇ قاتتىق ئەنسىرەپ چوڭ ئوغلىنى شەھەرگە بېرىپ ئىزدەپ بېقىشقا بۇيرىدى.ئۇ ئىككى كۈن ئىزدەپمۇ دېرىكىنى ئالالماي قايتىپ كەلدى.كېيىن ياقۇپ ئىككى ئىنىسى بىلەن بېرىپ ئۈچ كۈن ئىزدەپمۇ تاپالمىدى.‹‹خوتۇنى قېچىپ كېتىپتۇ›› دېگەن يامان ئاتاقنى ئېلىپ قالماسلىق ئۈچۈننە مەھەللىدە داۋراڭ كۆتۈرۈشكە،نە قانۇن ئورۇنلىرىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ ئۇلاردىن پايدىلىنىپ  قانۇنى يول بىلەن ئىزدىتىشكە پېتىنالمىدى.ئۆز ۋىلايىتىدىن دېرىكى بولمىغاندىن كېيىن،ئۈچ ئىنىسى ۋە ئوغلىنى تەرەپ تەرەپلەرگە ئەۋەتىپ خوشنا ۋىلايەت شەھەرلەر،يېقىن ئەتراپتىكى ناھىيەلەرنىمۇ داۋاملىق ئىزدىدى. لېكىن يەنىلا دېرىكى بولمىدى. شۇ ئارىدا خالزاتنىڭمۇ ئايپاتەم بىلەن تەڭلا بىر كۈن ئىچىدە يۇرتتىن  يوق بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدى.بۇ ھالنى بۇرۇنقى ئىشلار ۋە خالزاتنىڭ خاراكتىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويلاپ ئەھۋالنى چۈشەنگەندەك بولدى.بۇ ئىش ياقۇپقا تولىمۇ ئەلەم بولدى.ئۇ خالزاتنىڭ بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن مەزگىل  تۇرغانلىقىنى،ئۇ يەرنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە ئايپاتەمنىڭمۇ چوقۇم  ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكنى جەزىملەشتۈردى.ئايالىنى ئىزدەپ تېپىپ قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تەشكىلدىن رۇخسەت سوراپ ئىككى ئىنىسى بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى.ئۇلار ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتە تۇرۇپ بارلىق مېھمانخانىلارغا كىرىپ ئىزدىدى.ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالغان يۇرتلۇقلىرى،تونۇش بىلىشلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ خالزاتنىڭ دېرىكىنى سورىدى.لېكىن ھېچكىممۇ ئۇلارنىڭ بار يېرىنى ئېيتىپ بېرەلمىدى.ئون كۈنچە تۇرۇپ ،ھەممە يەرنى دېگۈدەك ئىزدەپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ئامالسىز قايتىپ كەتتى.

ياقۇپ نىمە ئۈچۈن ئايپاتەمنى شۇنچە ئىزدەيدۇ؟ ئۇ خوتۇنىغا قىيالمىدىمۇ،ياكى ئۇ ئېلىپ قاچقان پۇللىرىغا تارتىشىپ شۇنداق قىلىۋاتامدۇ؟ دېگەن دېگەن چىگىش سۇئال ئۈستىدە چوڭقۇررراق ئويلانغىنىمىزدا ھەر ئىككىلا ئېھتىماللىقنى چەتكە قاقالمايمىز.ئۇلاردىن باشقىمۇ يەنە ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىككى تەرەپ بار.ئۇلارنىڭ بىرسى ئايپاتەم تۆت بالىنىڭ ئانىسى،ياقۇپنىڭ قەدىناس ئايالى.ئۇلار توي قىلىپ بىرگە ئۆي تۇتۇۋاتقىلى 23 يىل بولدى.مەيلى بالىرىنى دەپ بولسۇن،مەيلى قەدىناسلىقنى نەزەرگە ئالسۇن ئۇ ئايالىدىن مۇنداقلا ئاسان ۋاز كېچەلمەيدۇ.يەنە بىر تەرەپ ئايپاتەمنىڭ خالزات بىلەن بىرگە قېچىپ كەتكىنى تېخىچە بىر يېشىلمىگەن سىر،گۇمانى قاراش بولۇپ ھېچكىم ئۇلارنىڭ بىرگە كەتكىنىنى ياكى بىرەر يەردە بىرگە تۇرغىنىنى كۆرگەن ئەمەس.شۇنداق ئىكەن ئىسپاتلانمىغان ئىشقا ئايپاتەمدىن گۇمانلىنىپ نەپرەتلىنىپ يۈرىشىمۇ يەڭگىلتەكلىك ھېساپلىناتتى.ئايپاتەمنى خالزات ئەپقاچمىغان بولسا باشقا بىرەر بۇلاڭچى ياكى ئالدامچىغا ئۇچراپ بۇلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن،جەسىىدى يوشۇرۇپ قويۇلغان بولسىچۇ؟! ۋە ياكى ئادەم بۇلاپ ساتىدىغان قارا گورۇھ كىشىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن بولسا ئايپاتەم قايسى ئۆلكە،قايسى شەھەردە نىمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقاندۇ؟!  يولدىشى ۋە تۇققانلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ تېپىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى كۈتۈپ ئازاپ ئىچىدە ياشاۋاتقان بولسىچۇ؟! دېگەندەك تەشۋىشلىك خىياللارنىمۇ سۈرمەي قالمىدى.يەنە بىر تەرەپ شۇ ئېدىكى،ئايپاتەمنى ئىزدەپ تاپماي مۇشۇنداقلا يۈرۈۋەرسە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىمىزنى تاپ،ئۇ قېنى،نەگە يوقاتتىڭ،بىرەرسىگە سېتىۋەتتىڭمۇ ياكى ئۆلتۈرۈپ كۆمىۋەتتىڭمۇ دەپ سۇئال سوراققا ئالماي قالمايدۇ.بۇنداق سۇئال-سوراقنى ھازىرچە جىم يۈرگىنى بىلەن  قانۇن ئورۇنلىرىمۇ ھامان قىلمەي قالمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن،ئايپاتەمنى ئىزدەپ تېپىش،ھەقىقى ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەممىدىن زۆرۈر ئېدى.شۇڭا ئۇلار داۋاملىق ئىزدىدى.ئايپاتەمنىڭ تۇققانلىرىمۇ ياقۇپلارنىڭ ئۇنى داۋاملىق ئىزدەۋاتقانلىقنى بىلىپ ئۇنىڭغا ھازىرچە قاتتىق گەپ قىلمىدى.بەلكى ئۇلارمۇ ھەمكارلىشىپ ئىزدىشىش،تونۇشلار بىلەن خەت ياكى تېلىفۇندا ئالاقىلىشىپ قىزىنىڭ دېرىكىنى قىلىش بىلەن ئالدىراش بولدى.

ياقۇپ باشتا ئىش ئاشكارىلىنىپ كەتسە يۇرت مەھەللىنىڭ سۆز چۆچەك قىلىشىدىن قورقۇپ بۇ ئىشنى قەتئى مەخپى تۇتقان،قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىشتىنمۇ قورىققان ئېدى.لېكىن ‹‹ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك››دېگەندەك خەقنىڭ كۆزىنى، قۇلىقىنى،تەپەككۇرىنى، تىلىنى باشقۇرۇۋالغىلى بولمايتتى.قانچە يوشۇرغانسېرى بۇ ئىش سىرلىق تۈس ئېلىپ ئايپاتەم ھەققىدە ھەر خىل سىرلىق ئۆسەك  گەپ سۆزلەر يامغۇردەك ياغما بولۇپ كەتكەن ئېدى.بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاخىر قانۇننىڭ دەرۋازىسىنىمۇ چەكتى.تەرەپ تەرەپلەرگە ئۇچۇر ئەۋەتىلىپ،ساقچى كۈچلىرى سەپەرۋەر قىلىنى ئىزدەش خىزمىتى تەرەپ تەرەپتە قانات يايدۇرۇلدى.ئايپاتەملەر يۇلتۇز بولۇپ ئاسمانغا چىقىپ كەتمىگەن،قاشتاش بولۇپ دېڭىز تەكتىكە چۆكىۋالمىغان ئېدى.مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە بىزگە مەلۇملۇق ھېلىقى ئىجارە ئۆيدە بار ئېدى.

ساقچىلارنىڭ تورنى كەڭ يېيىپ،ئالاقىلەشكىلى،ئۇچۇر ئىگەللىگىلى بولىدىغان بارلىق ۋاستىلەر بىلەن  كۆڭۈل قويۇپ ئىزدىشى نەتىجىسدە ئايپاتەمنىڭ نەدە،كىم بىلەن  نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، تۇرىۋاتقان ئورنى قاتارلىق سىرلىق ئۇچۇرلار بىر-بىرلەپ پاش بولۇپ قالدى.تۇيغۇن خالزات تۇرالغۇ ئاختۇرۇلۇشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ‹‹سودا ئىشىم بار ئېدى››دېگەننى باھانە قىلىپ بىر كېچىدىلا يوقالدى.ساقچىلار ۋە يۇرتتىن ئىزدىشىپ بېرىشكە كەلگەن ياقۇپ بىلەن ئايپاتەمنىڭ تۇققانلىرى ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىغا ئىزدەپ كىرگەندە ئۆيدە ئايپاتەملا بار ئېدى.ساقچىلار ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگەللەش ئۈچۈن سۇئال سورىغاندا ئۇ:

-ئۈچ ئاي بۇرۇن ئېرىم ياقۇپ بىلەن سوقۇشۇپ قېلىپ شۇ خاپىچىلىقتا ئۆيدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەن ئېدىم.شۇندىن بېرى ئاچچىقىم يانماي مۇشۇ يىراق شەھەردە  مۇشۇ ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ يالغۇز ياشاپ كەلدىم ،-دەپ ئۆزىنىمۇ خالزاتنىمۇ ئاقلاپ بارلىق گۇمان ۋە يامان خىياللارنى ئاساسسىز قىلىپ قويدى.

شۇ ئىشتىن كېيىن ئايپاتەم يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېتىلدى.ئۇ يۇرتقا بېرىپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ 2-3 ھەپتىدەك شۇ يەردە تۇردى.كېيىن تۇققانلارنىڭ قايتا-قايتا  نەسىھەت قىلىشى،بالىلىرىنىڭ كۈندە نەچچە ۋاق كىرىپ يالۋۇرۇپ يىغلىشى،‹‹خوتۇنۇم خەق بىلەن قېچىپ كېتىپ يۈزۈمنى تۆكتى››دەيدىغانغا ياقۇپنىڭ ئۇلارنى ئىسپات بىلەن تۇتۇۋالالماي تىل قىسىنچىلىقى تارتىشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەپلەر ئايپاتەمنىڭ ئۆيىگە قايتا ئاياغ بېسىشىغا ئوبدان باھانە بولدى.ياقۇپ ئۇنى ھېچنىمە قىلالمىدى.لېكىن بولغان ئىش كۆڭلىگە ئايان بولغاچقا بىرەر ئايدەك خوتۇنىغا گەپ قىلماي،يېقىن يولىماي ‹‹بىر ئۆيدىكى ناتونۇشلار››دەك تۇرمۇش كەچۈردى.ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدىكەن.ئادەمنىڭ مۇھەببەتلىك كۆڭلى ئاجايىپ ساراڭ بولىدىكەن.بارا –بارا ياقۇپنىڭ خوتۇنىغا بولغان سېغىنىشى،بۇرۇندىنلا ئۇنى ھىچكىمگە تەڭ قىلماي ياخشى كۆرۈشى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈپ قەلبىدىكى نەپرەت ئۆزىمۇ تۇيمايلا يەنە مۇھەببەتكە ئۆزگىرىشكە باشلىدى.‹‹بىر كېچىلىك ئەر خوتۇندىمۇ نەچچە يىللىق مۇھەببەتكە باراۋەر مېھىر-مۇھەبەت بولىدۇ››دېگەن ماقالدىكىدەك تۇرمۇش ھىكمىتىمۇ ئۆز رولىنى ئوينىغان بولۇشى مۈمكىن.بەزىدە مۇھەببەت دېگەن نەرسە ئادەمنى كور قىلىپمۇ قويىدۇ.ئۇ سەتنى چىرايلىق،ئەسكىنى ياخشى،ناپاكنى پاك قىلىپمۇ كۆرسۈتۈپ قويىدۇ.بۇنداق چاغدا ئەقلىڭ ۋىجدانىڭنى ئويغاتماق بولسا قەلبىڭ گۇمانلىق سۇئاللارنى توقۇپ چىقىپ ئۆزۈڭنى ئالداپ كىچىك بالىنى بەزلىگەندەك بەزلەپ قويىدۇ.كۆڭلۈڭ ئىشەككە چۈشسە ئېغىلدا ياتماي نە چارە؟!››دېگەن گەپمۇ بىكارغا چىقمىغان.

قەدىرلىك ئوقۇرمەن.بۇ ھىكايىدىكى ئىشلار توقۇلما.لېكىن سىزگىمۇ ئايانكى توقۇلمىمۇ ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى رېئال ئىشلارنىڭ تەسىراتىدىن كېلىدۇ.توقۇش ئۈچۈن بىر تال يىپلا كۇپايە قىلمايدۇ.نەچچە ئون،نەچچە يۈز،ھەتتا نەچچە مىڭ تال يىپ كېتىشى مۈمكىن.يىپ قانچە كۆپ بولسا شۇنچە چىن،شۇنچە پۇختا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟!

مەنبەسى ئۆز ئىجادىيىتىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-5 08:52 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yasinawut + 136 ماختاشقا تېگىشلىك
كارۋان + 99 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 235   باھا خاتىرىسى

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4732
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1423 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 02:59:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن  تۆردە  ئۈزۈم  ئولتۇردىكەنمەندە   ..

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

قەدىرتورىkedir.cn

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4040
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8244
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2013-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 03:17:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇپ  يېرىمىغا  كەلگەندە  ئۇيقۇم بەك  كەپكەتتى ئەتىگەنلىككە ئۇقۇي  ئۇرۇن تۇتۇپ قۇياي ئەمسە 2 بوپتىمەن ئەمسە  خاتىرلەپ قۇياڭلا

نامازغا ئالدىراڭلار !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8778
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 03:20:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ساقلىۋالاي

ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلايلى دوستۇم ، قىيامەت يىقىندۇركى ئۇ شۇنچە تۇيۇقسىز كىلىدۇ ~ ئاللاھىم بىزلەرنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەقىقى ئۈممىتى قاتارىدا قىلغىن ، بىزنى ئاسىيلار قاتارىدا قىلمىغىن ! پانىي دۇنيا غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇڭ قېرىندىشىم ، بىزلەرنى شەكسىز ھەقىقەت كۈتمەكتە

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35493
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 6896 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 10:45:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ئوقۇۋەتتىم بۇ بۇزۇقلارنىڭ ھىكايسىنى.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7504
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1604 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 10:52:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
225927pnvn2llvzid3poov.jpg

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5795
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 10:54:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خالزاتقۇ   ئوغرلىقنى راجدىن ئۆگنىپتىكەن.
بىراق سىزنىڭ ھىيكايىڭىزنى كۆرۈپ ، ياشلا خوتۇن ئوغۇرلاشنى خالزاتتىن ئوگىنۋالمىسا بولاتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulahad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-4 10:55 AM  


كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3709
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 855 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:28:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەل سىلىقلاشتۇرۇلۇپ يېپىقراق يازسىڭىزبولاركەنتۇق،مۇنبەردەئاياللارۋەقۇرامىغايەتمىگەنلەرنىڭمۇبارلىقىنى ئۇنتۇپ قاپسىز.
مۇمكىن بولسابەزەن يەرلىرىنى تەھرىرلىۋەتسىڭىز.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87476
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:12:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87888
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:14:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇرلۇقمۇ تەرەققى قېلىپ ئادەم ئوغۇرلايدىغان بوپ كېتىپتۇ دە؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش