سۇئال ؛ تاماكا دىگەن نىمە ؟
جاۋاب : تاماكا - چەيزە ئائىلىسىنىڭ بىر تۈرى بولغان ، ياپراقلىرى ئاق كېلدىغان ، ھىدى سېسىق بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى بۇلۇپ ، ئۇ نىكونىت ، پۇتاس ، نېكوتيانې ، كوللىىي قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بىلەن تەركىپلىنىپ ، ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېن قۇشۇلۇپ ياسلىدىغان چېكىملىكتۇر .
تاماكا ۋە بۇ يامان ئادەتنىڭ كېلىپ چىقش تارىخى
سۇئال : تاماكا چىكىش ئادىتى قاچان ۋە نەدىن پەيدا بولغان ؟
جاۋاب : «تاماكا» سۆزىنىڭ ئەسلىسى ھىندى تىلىدىكى «todaco» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دەيدىغان قاراش بار . يەنە بەزىلەر«todaco» سۆزى مېكسىكا قولتۇقىدىكى بىر ئارالنىڭ نامى بۇلۇپ تاماكىنىڭ شۇ جايدا تېپلىپ كېيىنچە ئىسپانىيىگە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن شۇ ئارالنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان ، دەپ قارايدۇ . تاماكىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى مەلۇم ئەمەس . بىراق ئۇنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېنىقتۇر . كولومبو ئۆزىنىڭ ئىسپانيىلىك ھەمراھلىرى بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن 1492 - يىلى تۇنجى قېتىم بارغىنىدا ، ئۇلار تاماكا ماددىسى بىلەن تۇنۇشقان ۋە شۇندىن بېرى تاماكا ماددىسى بارچە ياۋروپا قىتئەسىگە تارقالغان ئىكەن .
تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار
سۇئال : تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار قايسىلار ؟
جاۋاب : تاماكا كۆپلىگەن زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلار بىلەن ياسىلىدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زەھەرلىك ماددا ئىككى بۇلۇپ ، بىرى نىكونىت ، يەنە بىرى قەتىراندۇر .
سۇئال : نىكونىت دېگەن قانداق ماددا ؟
جاۋاب : نىكونىت - زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددا بۇلۇپ ، زەھەرلەش كۈچى شۇنچىلىك يۇقۇرىكى ، تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە بىر تال تاماكىدا بولغان نىكونىت شىپىرىس بىلەن تېنى ساق ، ئۆزى قاۋۇل بىر ئادەمنىڭ بەدىنىگە سالغان ھامان ئۇ ئادەم ئۆلىدىكەن .
سۇئال : قەتىران دىگەن نىمە؟
جاۋەپ : قەتىران - تاماكا چەككەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىسىدىن فىلتىردا پەيدا بولدىغان ، خۇددى يوللارغا بېسىلدىغان قارا مايغا ئوخشايدىغان ئاققۇچى خاراكتېرلىك ماددا بۇلۇپ ، ھۆل ئوتۇنلارنى كۆيدۇرگەندە ئۇنىڭ كۆيگەن يېرىنىڭ ئاستىدىن ئاقىدىغان قارا سۇغا ئوخشايدىغان ئىسلىق ماددىدۇر .
تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى
سۇئال : تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قايسىلار ؟
جاۋاپ ؛تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە :
1. باللارنىڭ بەڭگى ئاتا - ئانىلىرىنى دورىشى ۋە ئاتىلارنىڭمۇ ئۇلارنى توسماسلىقى .
2. بەڭگى دوسلار بىلەن ئارلىشىش ، خۇسۇسەن باللار يىگىتلىك ياشلىرىدا بەڭگىلەر بىلەن دوست بۇلۇشى .
3. باللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەرلىكىنى كۆرسىتىش دەيدىغان سەپسەتىگە ئىشنىپ زورىغا تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىۋېلىشى .
4. بەزىلەرنىڭ غەم - قايغۇ ، ئەندىشلەردىن قايسىبىر يول بىلەن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش مەقسىتى بىلەن تاماكىغا يۇزلىنىشى .
5. تاماكىنىڭ تەن ساقلىقىغا قاتتىق زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك ياكى ئۇنىڭ خەتىرىنى ئاددىي ساناش .
6. ئىرادىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە سەۋىر - تاقاتنىڭ كەملىكى .
تاماكا يامان يولغا مېڭىشنىڭ مۇقەددىمىسى
سۇئال : تاماكا يامان يولغا مېڭىشنىڭ مۇقەددىمىسى دىيىلىدۇ؟
جاۋاب :تاماكا چىكىش ھاراق ۋە ئاق چېكىملىككە يۇزلىنىشنىڭ ئالدىنقى ئامىلى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر . چۇنكى ھەرقانداق بەڭگى ئاق چەكمەيدۇ ، ئەمما ھەر قانداق ئاق چەككۈچى بەڭگىدۇر . بىر تال تاماكىنى چېكىشنىڭ ئۆزىمۇ ھارام . بۇ ھارامغا داۋام قىلىش ھارام ئۈستىگە - ھارامنى سادىر قىلغانلىق بۇلۇپ ، گۇناھ كۆلىمى ئاشقانسىرى ، ئۇنىڭ ئازدۇرۇش دائىرىسى كېڭىيىدۇ ، ئۇنى چەككۈچىنىڭ ئۆپكىسىنى سېسىق تۈتۈن بىلەن قارايىتقاندەك ، ئۇنىڭ قەلبىنىمۇ شۇنداق قارايتىدۇ . ئادەمنى گۇناھ ئىشلەشتىن قورقمايدىغان ، ھارامدىن ھەزەر قىلمايدىغان قىلىپ قۇيىدۇ .
تاماكىنىڭ كىچىك باللارغا بولغان يامان تەسىرى
سۇئال : تاماكىنىڭ كىچىك باللارغا بولغان قانداق يامان تەسىرى بار ؟
جاۋاب : تاماكىنىڭ باللارغا بولغان يامان تەسىرى كۆپ ، ئۇلاردىن :
1. ئاتا - ئانىسدىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان باللار تاماكا ئارقىلىق گۇناھ - مەسىيەت ئىشلارنى ئىشلەيدىغان بۇلۇپ يېتشىدۇ .
2. تاماكا چېكىدىغانلارغا ئارىلاشقان باللار تەدرىجىي تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قالىدۇ .
3. ئاتا - ئانىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ تۇرمىغان باللار تاماكا چېكىش ۋە باشقىمۇ يامان ئادەتلەرگە تېزلا ئادەتلىنىپ قالىدۇ .
سۇئال : تاماكىنىڭ نارسىدە باللارغا تەن ساقلىقى جەدەتتىن قانداق زىيىنى بار ؟
جاۋاب : تاماكىنىڭ نارسىدە باللارغا تەن ساقلىقى جەدەتتىن زىيىنى تۇۋەندىكىچە :
1. ئاتا - ئانىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان باللارنىڭ ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىمالى كۈچلۇك .
2. باللاردىكى پاڭلىق ھالىتنىڭ ئۈچتىن بىرى ئاتا - ئانىسىدىن بىرەرسىنىڭ تاماكا چېكىشكە مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ، بەڭگى ئانا ھەر قېتىم تاماكا چېكىپ بولغاندىن كېيىن ، قاننىڭ ھەرىكىتىنىڭ پەسلىشى بالىنىڭ ئاڭلاش قۇۋۋىتىنى ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بۇلىدۇ .
3. ئاتا - ئانىسى ياكى ئۇلاردەن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان باللاردا نەپەس سىقىلىش ، بۇرۇن ۋە كاناي ئېلىرگىيىسى ، ئانگىنا قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بۇلىدۇ .
4. ئاتا - ئانىسى ياكى بۇلارنىڭ بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان باللارنىڭ جىسمانىي ۋە .ەقلىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىش نىسپىتى ئاز بولىدۇ . ئاتا - ئانسىدىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان باللار بىلەن ئاتا - ئانىسى تاماكا چەكمەيدىغان باللار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار بۇنى ئىسپاتلىغان .
تاماكىنىڭ تەن ساقلىقىغا بولغان زىيانلىرى
سۇئال ؛تاماكىنىڭ تەن ساقلىقىغا بولغان زىيانلىرى قايسىلار ؟
جاۋاب : مەلۇمكى ، تەن ساقلىق ئەڭ چوڭ نېمەت بۇلۇپ ، دۇنيانىڭ لەززىتى ۋە سائادىتى ، تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتى شۇ تەن ساقلىقىغا باغلىقتۇر . دۇنيادا ھېچقانداق نېمەت تەن ساقلىقىغا يەتمەيدۇ . تاماكىنڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ ، تېببىي مۇتەخەسسىسلەر تاماكىنڭ يۈرەك ئېغىشى ، ئۆپكە كېسىلى قىزىل تۇمۇرىنىڭ قېتىپ قېلىشى ، بوغما ئۈچەي ياللۇغى ، ئانگىنا ، ئاشقازان كېسىلى ، جىنسىي ئاجىزلىق ۋە باشقىمۇ كېسەللىكلەرگە سەۋەب بۇلىدىغانلقىنى ئېيتىدۇ .
تاماكىنىڭ نەپەسلىنىش تۇربىلىرىغا بولغان زىينى
تاماكىنى شۇراش ئارقىلىق نەپەسلىنىش تۇربىللىرىدا قېپقالغان تۈتۈننىڭ قالدۇقلىرى بەلغەم ۋە قاتتىق ھۆتەل پەيدا قىلغاننىڭ سىرتىدا ، تەدرىجىي ھالدا راك كېسلىنى پەيدا قىلىدۇ .
تاماكىنىڭ ئۆپكىگە بولغان زىيىنى
ئىنساندىكى ئۆپكە تەنگە پايدىلىق بۇلغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ زىيانلىق بولغانلىرىنى چىقىرىپ تاشلايدىغان ناھايىتى مۇھىم ئورگان . ئۆپكە ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش ئارقىلىق ئوكسىگېننى قۇبۇل قىلىپ ، زىيانلىق بولغان كاربون ئوكسىدىنى چىقرىپ تاشلايدۇ . ئۆپكىگە تاماكىنىڭ تۈتۈنى كىرگەندە ئۇنىڭدىكى نىكوتننىڭ زەھىرى ئۆپكىدە سەلبىي ئەھۋاللانى تۇغدۇرىدۇ . نەپەسنىڭ سىقىلىشى ، ئۆپكىنى تۈتۈننىڭ قالدۇقى بولغان قارالەشنىڭ قاپلاپ كېتىشى ۋە ئاخىرىدا تەدرىجىي ھالدا راك ئاغرىقنى پەيدا قىلىش قاتارلىق زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ .
تاماكىنىڭ ئاشقازانغا بولغان زىيىنى
تاماكىدىكى نىكونىت دىگەن زەھەر ئېغىزغا يىغىلغان سۇغا ئارىلىشىپ ئاشقازانغا كېتىدۇ ، ئاشقازاندا سەلبىي تەسىرلەرنى قوزغاپ ئېشتىھانىڭ ئازىيىشى ، ئومۇمىي بەدەننىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىقلارغا سەۋەب بۇلىدۇ .
تاماكا چىكىشنىڭ دىينىي جەھەتتىكى زىيىنى
سۇئال :تاماكا چىكىشنىڭ دىينىي جەھەتتىكى زىيىنى قايسىلار ؟
جاۋاب : بارلىق ئىسلام قانۇنشۇناس ئالىملىرى باشقا ھەر ساھە ئالىملارنىڭ بىردەك ئېتتىپاقى بىلەن تاماكا چېكىش ، تاماكا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش قەتئىي ھارامدۇر . تاماكا سودىسى بىلەن تاپقان پۇلمۇ ھارامدۇر.
تاماكا ئۆزى ھارام نەرسە ئۇ تەن ساقلىقغا زىتانلىق بولغىنىنىڭ سىرتىدا ، ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي تەرەپلەردىنمۇ زىيانلىقتۇر .
ئاللا تائالا قۇرئان كەرىمدە ، ئىنسانلارنى ئۆزلىرىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن مەنئى قىلىپ مۇنداق دېگەن (ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار ) ( ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئىتتەرمەڭلار ) بۇ ماۋزۇدا كەلگەن مۇندىن باشقا ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر . { سۈرگ نىسا 29 - ئاتەت ، سۈرە بەقەرە 195 - ئايەت }
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تاماكىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى
كىشلەر نىمە ئۈچۈن تاماكا ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى نەدە ؟ بۇنىڭ سەۋەبچىسى كىم ؟ نىمىگە شۇنداق قىلىدۇ؟ بۇنى ئويلىنىڭ ؟
تېببىي مۇتەخەسسىسلەر تاماكا چىكىشنىڭ ئۆز رازىلقى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۇرۇش ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەيدۇ . چۇنكى تاماكا سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتۋاتقانلارنىڭ سانى باشقا ھەر قانداق بىر تەبىئىي ئاپەت ياكى ئۇرۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ ساندىنمۇ كۆپ بولماقتا .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىق دوكلاتىدا مۇنداق دەپ قەيىت قىلىنغان : دۇنيادا يىلغا تاماكا سەۋەبلىك ئىككى يېرىم مىليۇن ئادەم ئۆلىدۇ . بۇ سان 1945 - يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ، ياپۇنيىنىڭ ھىروشىما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىغاندا ئۆلگەن ئادەم سانىدىن تەخمىنەن 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن . چۇنكى ئۇ ۋاقىتتا ئاتوم زەربىسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 250 مىڭ ئادەم ئىدى . دۇنيا ئەيدىز كېسىلى تارقالغاندىن كېيىن 1981 - يىلدىن 1992 - يىلنىڭ ئاخىرغىچىلىك 12 يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدە ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى دۇنيا بويىچە 250 مىڭدىن ئازراق ئاشىدۇ . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، دۇنيادا تاماكا سەۋەبىدىن بىر يىل ئىچىدە ئۆلگەن ئادەم سانى ياپۇنىيىگە تاشلانغان ئاتومدا ئۆلگەن ، ئەيىدىز كېسىلى سەۋەبلىك 12 ئىچىدە ئۆلگەن ئادەم سانىدىن كۆپ بولماقتا .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2002- يىلى 31 - ماي كۇندىكى ستاتىستىكىلىق دوكلاتىدا ھسدا : تاماكا چېكىدىغانلاردىن ھەر ئون كىشىدىن 3ى تاماكىدىن تەدرىجىي زەھەرلىنىش بىلەن ئۆلىدۇ . قالغانلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن قىينىلىدۇ . تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ %90 كىشىنىڭ ئۆپكىسى راك كېسلىگە گىرىپتار بولىدۇ . ئۇلارنىڭ قىزىل قان تومۇرىنىڭ قېتىپ قېلىشى ئايرىم بىر مۇشكىلە ، دەپ قەيىت قىلىنغان .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ستاتىسكىدا يەنە مۇنداق دەپ قەيىت قىلىنغان : تاماكا دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۆلۈمگە سەۋەب بولدىغان نەرسىلەرنىڭ ئالدىنقىسى ھېسابلىنىدۇ . دۇنيادا بىر مىلياد بىر يېرىم مىليۇن ئادەم تاماكا چېكىدۇ ، ئۇلاردىن 800 مىليۇنى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى تەشكىل قىلىدۇ . ئەھۋال مۇشۇ بۇيىچە كېتىۋەرسە ، دۇنيادا تاماكا سەۋەبلىك ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى 2020 - يىلغا يەتكەندە ھەر يىلغا 4 مىليۇنغا يېتىدىغانلىقى ، 2030 - يىلغا بارغاندا دۇنيادا يىلغا تاماكا سەۋەبى بىلەن ئۆلدىغانلارنىڭ ساننىڭ 10 مىليۇنغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە .
تاماكا تاشلاش چارىلىرى ۋە بەزى تەكلىپلىلەر
سۇئال : قانداق قىلغاندا تاماكىنى تاشلىغىلى بولىدۇ ؟
جاۋاب : دۇنيادا ھەر قانداق بىر مۈشكۈلىنىڭ چىقىش يۇلى بولىدۇ . تاماكىنى تاشلاش ئىشى شۇنچىلىك قىيىن كۆرۈنسىمۇ ، تاشلاش مۇمكىندۇر . تۆۋەندىكىلەر تاماكىنى تاشلاش ئۈچۈن ياردەمچى بولالايدۇ :
1. ئاللا تائالاغا سېغنىپ دۇئا قىلىش ۋە بۇ نىجىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللا تائالاغا چىن ئېسىلىش . ئاللا تائالا قۇرئان كىرىمدە « ماڭا دۇئا قىلىڭلار ، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلمەن » دوپ ئۇچۇق جاكارلىدى . يۇرەكتىن قىلىنغان دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولشىدا شەك يوق . ئەمما دۇئانىڭ ئىجابەت بۇلۇشى ئۈچۈن بەزى شەتلەرمۇ بار . مەسلەن : يېمەك - ئىچمەكنىڭ ھالالدىن بۇلىشى ، دۇئانىڭ ئىجابەت بۇلشىغا چىن ئىشەچ بىلەن قىلىش ، دۇئادا راسچىل سەمىمىي بولۇش ، ئاللاھنىڭ دۇئانى ئىجابەت قىلدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىش ، ئىجابەت بولمايۋاتىدۇ ، دەپ دۇئادىن زېرىكمەسلىك ۋە باشقىلار .
2. ئاللا تائالاغا تەقۋالىق قىلىش، يەنى ئاللا تائالاغا سېغىنىش ئۇنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغان ئىشلاردىن قېچىش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇش . ئاللا تائالا ئۆزىنىڭ ھىمايىسىگە ئالغان كىسىنى ھېچ ۋاقىت زىيانغا ئۇچرىمايدۇ . ئاللا تائالا قۇرئان كەرىمدە «كىمكى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىدىكەن ، ئاللا ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلىدۇ» ۋە «كىمكى ئاللا تائالاغا تەقۋالىق قىلىدىكەن ، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يۇلى بېرىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن .
تاماكىنى دەرھال تاشلاش . ئۇنى دەرھال تاشلاش چىن ئىرادە تەلەب قىلىدىغان ئىش . لېكىن ئۇ ، بەزىلەر ئويلىغاندەك قىيىن ئىشمۇ ئەمەس . ئۇنى قىيىن كۆرگەن كىشى رامىزان كۈنلىرىدىكى ھالىنى ئەسكە ئالسا بولىدۇ . رامىزان كۈنلىرىدىمۇ يېمەك - ئىچمەك ، تاماكا چېكىش ، ۋە باشقىمۇ ئىشلاردىن مەجبۇرى ئۆزىنى توسىدۇ . بۈگۈن تاشلايمەن ، ئەتە تاشلايمەن دەپ كەينىگە سوزۇش شەيتاننىڭ قارمىقىغا ئېسىلغانلىق بۇلۇپ ، شەيتانىي نەپىس ئۇنى تاشلاشقا پۇرسەت بەرمەسلىككە تىرىشىدۇ . ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە ، تاماكىنى تاشلاش قارارىغا كەلگەن ھامان ئۇنىڭدىن دەرھال قول ئۈزۈشتۇر .
سۇئال : تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىن قايتا چەكمەسلىك ئۈچۈن نىمە قىلىش كېرەك ؟
جاۋاب : تاماكىغا قايتا ئۆگىنىپ قالماسلىق ئۇچۇن مۇنۇلارنى قىلىش كىرەك :
1. تاماكىنى تشلىغاندىن كېيىن ، ئۇنى قەتئىي ئېسگە كەلتۈرمەسلىك ، كۆرۈپ قالغان ياكى ئېسىگە چۈشۈپ قالغان ئەھۋاللار ئاستىدا خىيالىنى باشقا ياققا بوراش كېرەك .
2. تاماكا چېكىدىغان دۇستلاردىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىش ۋە ئارلاشماسلىق .
3. تاماكا چېكىش ئەسناسىدا ئىستېمال قىلىپ كەلگەن شەيئىلەرنى ئىستېمال قىلىشىنى تەرك ئېتىش .
4. گىمناستىكا ھەركەتلىرى بىلەن كۆپرەك سۇغۇللىنىش .
5. مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش .
6. تاماكا خۇمارى تۇتقان بىر قانچە مىنۇتلۇق قىيىنچىلىققا سەۋر بىلەن تاقابىل تۇرۇش . خۇمار تۇتقان شۇ بىر قانچە مىنۇتقا چىدىغان ئادەم ئۇنى چۇقۇم تاشلاپ كېتەلەيدۇ .
7. تاماكا خۇمارى تۇتقان ۋاقىتتا ئۆزىنى تۇتۇۋىلىش ، خىيالىنى باشقا ياققا بوراش ، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش .
8. تاماكىنى تەدرىجىي تاشلاشقىمۇ بۇلىدۇ . بۇ كۈندىلىك چېكىدىغان تاماكا نىسبىتىنى ئازايتىش ئارقىلىق ، ئىمكان قەدەر ئاز چېكىشكە تىرشىش ئارقىلىق بۇلىدۇ ،
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى 2001 - يىل ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تورى ، جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى ، شىنجاڭ مەدىنىيتى ژۇرنىلى ، 2002 - يىل .
قېرىنداشلىرىمغا تەۋسىيە : يۇقۇردىكىلەرنى ئويلىنىپ ، ئۆزىڭزنىڭ
ياششىغا ساغلام تەن ھازىرلاڭ . ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس ئىرادىلىك
ئىسىل كىشلەردىن بۇلۇڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalip210 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-3 10:57 PM