|
|
|
|
قىش كۈنلىرى ئىمكانقەدەر بالدۇر ئۇخلاپ ۋاخچى ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ
ئادەم ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ۋە ئوخشاش بولمىغان مۇھىتتا ئوخشاش بولمغان كۈتۈنۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ئۆزساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. قىش پەسلىدە ھاۋا قاتتىق سوغۇق بولۇپ، يەر جاھان توڭلايدۇ، ئومۇمەن كۈندۈز قىسقا كىچە ئۇزۈن بولىدۇ. شۇڭا ئادەممۇ تەبىئەتكە ماسلىشىپ ئىمكانقەدەر بالدۇر ئۇخلاپ ۋاخچىراق ئورنىدىن تۇرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بەدەندىكى مۇسبىلىكنى ساقلاپ، مەنپىلىكنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئىمكانقەدەرقۇياش كۆتۈرۈلۈپ يەر زىمىن ئاپتاپ يۈزى كۆرگەندىن كىيىن ئاندىن سىرىتقا چىقىش كېرەك، بولۇپمۇ يۈرەك، مىڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بارلار ۋە ياشانغانلار تېخىمۇشۇنداق قىلىشى كېرەك, قىش كۈنلىرى ئەتىگەندە سىرىتقا چىقىپ بەدەن چىنىقتۇرۇش ۋە باشقا پائالىيەت قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە نادانلىقتۇر. چۈنكى سوغۇق ھاۋادا تىرىنىڭ قىسقىرىشى تۈپەيلىدىن كۆپلەپ قان بىردىنلا يۈرەككە ئېتىلىپ كېلىپ، يۈرەكنىڭ بىسىمىنى ئاشۇرىۋىتىشى، قىل قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشى، ھەتتا يۈرەك مۇسكۈل تىقىلمىسى، مىڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولۇپ، ئادەم ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىشى مۇمكىن. بۇساۋاتنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ، نادانلىقتىن بىئەجەل ئۆلۈم كېلىپ چىقىمىسۇن. بۇماقالە يەنە ئۈندىدار ئۇيغۇرچە ساغلاملىق بىلىملىرى سەھىپىسى-‹ساغلام› دا ئىلان قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-4 12:47 PM
|
|
|
|
|
|