|
|
|
|
بۆيۈك ئوسمانلى سۇلتانى ، نۇرلۇق خاقان _ بەيازىد يىلدىرىم (مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە)
يازمىدا : ئەكبەر سىدىق
ئوسمانلى سۇلتانى بەيازىد بىننى مۇراد (تەخەللۇسى يىلدىرىم) ئوسمانلى ھاكىميىتىنى ئەڭ قۇدەرەت تاپقۇزغان . كىشلەر تەرىپىدىن نۇرلۇق پادىشاھ ، يلىدىرىم دىگەن تەخەللۇسلار بىلەن ئاتالغان .
بەيازىدنىڭ ئاتىسى سۇلتان مۇراد تېخى خانزادە چېغىدا ئىنتايىن چىرايلىق بىر گېرىك گۈزىلىنى ئۇچرېىتىپ قالىدۇ . ئوسمانلى بىلەن گېرىتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن بۇ ساھىبجامال ئوردا قۇللىرى قاتارىدا تاللىنىپ ئارقا ھەرەمگە بۆلۈپ بېرىلدۇ . كىينچە "گۈلچېچەك " ئسمى بىلەن ئاتالغان بۇ گۈزەل دەل سۇلتان مۇرادنىڭ خانىكەلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ . 1354- يىلى مانا بۇ گۈزەل خانىكەدىن سۇلتان بەيازىد دۇنياغا كېلىدۇ . ئارىلاشما قانلىق بۇ ئوغۇل 1381-يىلى ئىمپىرىينىڭ كىچىك ئاسىيا تەرىپىنى باشقۇرغۇچى ئەمەلدارى يەنى دارخان بۇلۇپ ئەۋەتىلىدۇ ، ئىمپىرىيىگە يېڭىدىن قۇشۇلغان بۇ زېمىننى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ياش خانزادىگە تاپشۇرۇلىشى خانزادە بەيازىد ئۈچۈن ئۆزىنى تاۋلاپ چېنىقتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىدى . ۋاقىت شۇنى ئسپاتلىدىكى خانزادە بەيازىد ئۆزىنىڭ بۇ زېمىنلارنى باشقۇرۇشتىكى تالانتىنى نامايان قىلدى . ئۇزۇن ئۆتمەي سۇلتان مۇراد ئۇنىڭغا ئىنتايىن جاپالىق ھەم شەرەپلىك بىر ۋەزىپىنى يەنى ئىلگىركى ھاكىم خاندانلىق بولغان بۆيۈك قارامەن ئەمىرلىكنى بويسۇندۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى . 1386-يىلى ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلىدى . ياش ھەم قابىلىيەتلىك "ئاق ئاتلىق شاھزادە" دۈشمەنلىرىنى تەسلىم قىلىپ ، تىز پۈكتۈردى . جەڭگاھتا ، ئۇ يېشىنىڭ كىچكلىكىگە باقماي سەپنىڭ ئالدىدا ئات سېلىپ دۈشمەنلىرى بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشقان ، ئۇنىڭ بۇ باتۇرلىقى پۈتكۈل قۇشۇن ئارا رىۋايەت بۇلۇپ تارقىلىپ باشقىلار تەرىپىدىن "يېڭىلمەس سەردار" ، "چاقماق(يىلدىرىم) " دەپ ئاتالغان .
1389-يىلى ئاۋىستىرىيە بىلەن بىرلىشىش ئەھدى تۈزگەن ھونگارىيە پادىشاھى رايۇش سۇلتان مۇرادنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش شەرتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغاچقا ، پۈتكۈل بالغان رايۇنىنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان تۇنجى قېتىملىق "كوسوۋو ئۇرۇشى " پارتىلىغان . سۇلتان مۇراد ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدىلا دۈشمەنلىرى ياللىغان قاتىل تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى . ئوغلى ياش خانزادە بەيازىد مۇشۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە سۇلتانلىق تەختىگە ئولتۇردى . سۇلتان بەيازىدنىڭ ئالدىدا مۈشكۈل بىر ۋەزىيەت تۇراتتى ، يەنى ئوسمانلىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇش ياكى ھالاكەتكە يۈزلىنىشى ، تۈرك مىللىتنىڭ تەغدىرى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى . شۇڭا ئۇ ۋاقتىنچە ئاتىسىغا بولغان تەزىيىسىنى بىر چەتكە قەيرىپ قۇيۇپ ، نۇمۇسسىز دۈشمەنلىرىنى كۆزدن يۇقىتىش قارارىغا كەلدى .
ئىقتىدار ۋە تالانت ساھىبى بولغان سۇلتان بەيازىد ئاتىسى شېھىد بولغانلىقى سەۋەبلىك ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن تۈرك قۇشۇنلىرىنى قايتىدىن توپلىدى . تۈركلەر ئەسلا قۇرقۇنچاق ياكى قاچاقلار ئەمەس ئىدى . پەقەت سۇلتان قەستكە ئۇچراپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي بېشى قايغان يەرگە كېتىپ قالغان ئىدى . ئۇلارغا پەقەت بىر يولباشچىلا كەم ئىدى . يېڭى سۇلتان قۇشۇننى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ ، مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرماقچى بولدى . يېقىن ئەتراپتىكى خىەلقلەردىن ، ھەرخىل مىللەت كىشلىردىن ، ئەھلىسەلىب تاجاۋۇزچىلىرىغا چىش-تىرنىقىغۇچە ئۆچ كىشلەردىن ھەتتا يات دىن خەلقلىرىدىنمۇ قۇشۇن تەشكىللەپ قۇشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈردى . ھەرخىل جەڭ ھىيلىلىرىنى ئىشقا سالدى . قەدىمكى ھونلارنىڭ جەڭ ماھارەتلىرىدىن پايدىلاندى . "تۇران تاكتىكىسى" قوللىنىپ ، شەرقتىن شەپە بېرىپ غەرپتىن ھۇجۇم قىلىش، دۈشمەننىڭ كۈچلۈك قۇشۇنىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش ، دۈشمەننىڭ ئاجىزلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىش ، چاقماق تېزلىكىدە ئۇرۇش قىلىش قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنى قوللىنىپ ، دۈشمەنلەرنى ئاساسەن دېگۈدەك تارمار قىلدى . ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا سۇلتان بەيازىد ئاۋىستىرىيە-ھونگارىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ ، ياۋروپا خىرىستىيان جەمىيىتنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن مۇقەددەس جاينى قۇتۇقۇزۇش ئۈچۈن ئەنگىلىيە - فىرانسىيە - گېرمانىيىدىن توپلانغان 1 تۈمەندىن ئوشۇق ئەھلىسەلىب چەۋەندازلىرى ۋە بۇرگۇندىيە پادىشاھى ژاننى تىرىىك ئەسىر ئالدى . سۇلتان بەيازىد گۇناھىنى يۇيۇش بەدىلىگە تۆلەنگەن پۇللار ھېسابىغا ئەھلىسەلىبنىڭ بىر قانچە ئادەمىلىرىنى قۇيۇپ بەرگەندىن باشقا مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرنى تىرىك كۆمۈۋەتتى . ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن سېربىيە قۇشۇنلىرنىڭ بىرنىمۇ قالدۇرماي قىرىپ تاشلىدى . ئوسمانىيلارنىڭ كوسوۋودىكى غەلبىسى ياۋروپادا ئىنتايىن زور داغدۇغا قوزغىدى . ئەمدى ئوسمانلى قۇشۇنلىرىغا قارشى تۇرغۇدەك ياۋروپادا بىرەر كۈچ قالمىدى . ياۋروپالىقلار ئوسمانىيلارنىڭ ياۋروپادا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرماقتا باشقا ئامالى قالمىدى .
بۇ ۋاقىتتا ئوسمانلى سەلتەنىتىگە شەرق تەرەپتىن ئىنتايىن زور بىر خەۋپ يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى . ئۇ بولسىمۇ ئوسمانلىلار بىلەن تەڭ دىگۈدەك باش كۆتۈرگەن ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ، روسىيە تۈزلەڭلىكىنى كونتىرول قىلغان كۈچلۈك ئىستىلاچى ، ساھىبقىران ئەمىر تۆمۈر كۆراگاننىڭ غالىپ قۇشۇنىدىن كىلىۋاتقان خەۋپ ئىدى. ساھىبقىران يۇقىرقى رايۇنلارنى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن مىسىر سۇلتانلىرى بىلەن ئۆچەكىشىپ قالدى ، بىراق ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا مىسىرنىڭ تىلغا ئالغۇچىىلىكى يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆز سەلتەنىتى بىلەن تەڭ پۇت تېپىشەلەيدىغان بىردىنبىر كۈچلۈك ھاكىمىيەت - ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى ئىدى . سۇلتان بەيازىدمۇ ساھىبقىراننى بوش چاغلىغىلى بولمايدىغان رەقىپ دەپ قارايتتى . شۇڭا ئۇ دۈشمەن ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلغۇچە ، ئۈستۈلۈكنى ئىگىلەش ئۈچۈن ساھىبقىراننىڭ ئېلىكىدىكى ئەرمەن زېمىنىغا بېسىپ كىردى . بىراق ئوسمانلى قۇشۇنى ساھىبقىراننىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى . 1402-يىلى باھاردا ، ساھىبقىران ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى . ئۇ پارتلاتقۇچ قورال ۋە ھىندىستاندىن ئەكەلگەن پىللارنىڭ ھىمايىسىدە توسالغۇسىز ئىلگىرلىدى . ئەنقەرەدە ئۇ سۇلتان بەيازىدنىڭ 70مىڭ كىشلىك قوشۇنى بىلەن ئۇچراشتى .
ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش شۇيىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى پارتىلىدى . ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ئوسمانلى قۇشۇنى پايدىلىق يەر شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ساھىبقىراننىڭ قوشۇنىنى ئېغىر چىقىمدار قىلدى . ساھىبقىران ۋەزىيەتنىڭ پايدىسىزلىقىنى كۆرۈپ ، ساختا چىكىنىش ھىيلىسى بىلەن ئوسمانلى قوشۇنىىنى ئالداپ ئۆزىنىڭ بۆكتۈرمە قويغان قوشۇنى بار يەرگە ئاپاردى . بۇ چاغدا دۈشمەنلەرنىڭ قاتمۇقات قورشاۋىدا قالغان ئوسمانلى ئارمىيىسى چىكىنىشكىمۇ ئامالسىز قالغانىدى . شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن سەپ بويىچە جاننى تىكىپ ئېلىشماقتىن باشقا ئامال قالمىدى . ئىككىلا تەرەپتىن ئېتىلىۋاتقان پارتىلاتقۇچ قوراللارنىڭ ئاۋازى ئاسمان-پەلەكنى قاپلىغانىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە [چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە ، مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپتۇ] دىگەندەك سۇلتان بەيازىدنىڭ قوشۇنىدىكى 20مىڭغا يېقىن تاتار ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان ئەسكەرلەر ساھىبقىراننىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن سۇلتاندىن يۈز ئۆرۈپ ساھىبقىراننىڭ قوشۇنىغا قېتىلىپ كەتتى . سۇلتاننىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسىمۇ سۇسلاپ كېتىپ باراتتى . دىمەك سۇلتان بەيازىد نۇرغۇن ئەۋزەل شارائىتلاردىن بارا-بارا ئايرىلىپ قېلىۋاتاتتى . غالىبىيەت شامىلى ساھىبقىران ئەمىر تۆمۈرنىڭ قېشىغا قاراپ ئۇچماقتا ئىدى . ئۇنىڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقى ۋە ئۇرۇنۇشىمۇ كۆپۈككە ئايلىنىپ ساھىبقىرانغا ئەسىرگە چۈشتى . دىمەك ئۇ بىر ئۆمۈر جەڭ قىلىپ تۇنجى قېتىم شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىم مەغلۇبىيەتسىز ئۇرۇش قىلغان بولدى .
ساھىبقىران ئىلگىرى ئوسمانلى سۇلتانلىرى بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ بويسۇندۇرغان جايلارنىڭ ھەممىنى قايتىدىن مۇستەقىل قىلىپ ، ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلتۈردى . ئاغدۇرۇلغان كېنەزلىكلەرنى تېرىلدۈردى . ئەمدى سۇلتاننى بولسا تۆمۈر قەپەسكە سولاپ ئەنقەرەگە بەنت قىلىۋەتتى . سۇلتاننىڭ 4 ئوغلىغا ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ قېلىپ قالغان زېمىنلىرىنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىپ ، ئۇلارنى تەخت تالىشىشقا كۈچكۈرتتى . ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ قەد كۆتۈرىشىگە يول قويمىدى . سېربىيىلىك خانىكەسىىنى ئوردىدىكى ۋەزىر-ۋۇزارالار ئالدىدا ئۇسسۇلغا سالدى . سۇلتان بەيازىد ئېغىر ھاقارەت ۋە نۇمۇس قايغۇسىدا 1403-يىلى قان قۇسۇپ بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى . ساھىبقىران ئەمىر تۆمۈر ئۇنى تەنتەنىلىك دەپنە قىلىپ ، نەزىر-چىراق ئۆتكۈزدى . چۈنكى ئۇ سۇلتاننى مۇسۇلمانلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى دەپ قارايتتى .
ئەسلى مەنبەسى : بەيدۇ تورى
|
|
|
|
|
|