ئويغان
رىقابەتكە تولغان دەۋىرىدە،
بىكىنمەيلى كۆڭۈل قەسىرىگە،
خەقلەر نەدە، بىزلەر قەيەردە،
قاراپ باقىلى ھايات سەپىرىگە.
قاراپ باقساق تارىخ بىتىگە،
غاجاپ كەپتۇق بىر-بىرىمىزنى،
غالجىر ئىتتەك ئەسەبىيلىشىپ ،
قاساپ كەپتۇق ئۆز گۆشىمىزنى.
بۆلۈنۈپتۇق شەھەر-شەھەرگە،
دۈشمەنلىشىپ ، چىشلەپ-تالىشىپ،
خەقلەر ئىلىپ قاچسا،لۇخ گۆشنى،
ئارقىسىدىن لەۋنى يالېشىپ.
ئايلانماقتا،دەۋىرنىڭ چاقى،
سىكۇنتىغا نەچچىنى قاتلاپ،
قاچانغۇچە ئۆتىمىز دوستلار،
كور تۇماقتا،پىت باشنى قاشلاپ.
كۈندە يىڭى-يىڭى كەشپىيات،
چىقىپ تۇرار دۇنيا يۈزىدە،
بەزى مىللەت توغرا نىشاننى،
تىكلىگەچكە ئالتۇن پەيتتە.
بىكار يۈرمەس خەقلەر بىزلەردەك،
پۇل غەملىسە جاھان كۆرىدۇ.
ئۈگىنىدۇ يىڭى تخىنىكا،
يۇرتقا قايتىپ زاۋۇت قۇرىدۇ.
بەزى خەقلەر، تۆت-بەش بولۋىلىپ،
يۇرت ئايرىپ غەيۋەت قىلىدۇ،
ياقا-يۇرتتىن كەلسە مۇساپىر،
قانداش دىمەي نەشتەر تىقىدۇ.
خەقلەر سالسا مائارىپقا پۇل،
بىز ھىرىسمەن ئۆينى بىزەشكە،
كېيىم پۇزۇر، قوساق ئىلىمىسز،
بەكمۇ ئاشىق قۇرۇق سۆلەتكە.
ئىستمالچى مىللەت بوپ قالدۇق،
ياسىيالمايمىز پىكاپ-ماشنا،
ئۇچقۇلارغۇ بىزلەردىن يېراق،
چۈنكى غەپلەت بىزلەرگە ئاشنا.
بىلىم-بىلىم، دەيدۇ بۇ زامان،
تىخنىكىسىز ھىچ ئىش تاڭ ئاتماس،
بىلىم دەيدۇ نۇرغۇن مىللەتلەر،
قۇرۇق گەپكە ۋاقتىنى ساتماس.
ئۇنداق كەيدى، بۇنداق يىدى دەپ،
بىر-بىرمىزنى تىللاپ يۈرۈيمىز.
‹‹بىكار››لىقتاجىم ئولتۇرالماي،
كۆز ئالايتىپ،قاپاق تۈرۈيمىز.
تەدبىرىڭگە چۇشلۇق تەقدىرىڭ،
بۇ ئۆزگەرمەس، بۈيۈك ھەققەت،
ئەمەلىڭگە چۇشلۇق كۆرىسەن،
-ياكى كۈلپەتۋە ياكى راھەت.
مەرىپەتنىڭ پايانى يوقتۇر،
ئىلىم-پەنگە بولايلى ئاشنا،
كۆرگەن كۈنۈڭ يېتەر بولدى بەس.
غەيۋەت،ئويۇن ھەممىنى تاشلا.
ئىسېل ياشاش، ئادەمدەك ياشاش،-
بىزلەرگىمۇ يارشىۋىرىدۇ،
كومبايىندا بۇغداي يىغساقمۇ،
زىرائەتلەر ئوخشاۋىرىدۇ.
شۇنچە ئۇزۇن دەۋىردىن بۇيان،
كەتمەن تۇتۇپ قاپاردى قوللار،
پەقەت بىلىم-مەرىپەت بىلەن،
مۇشاققەتتىن ،تەلتۆكۈس قۇتۇلار.
ئىتىپاق بۇلۇپ ئۆتەيلى دوستلار،
كۈچ بىرلەشسە ، تاغلار تۈزلىنەر،
ئۆملۈك،بىلىم ،ئىتقاد يار بولسا،
بەختىلىك كۈن بىزگە يۈزلىنەر.
گويا قۇدۇقتىكى پاقىدەك،
جاھان شۇ دەپ ياشاۋەرمەيلى،
جاھالەتكە ئەسىر قىپ روھنى،
نام-نىشانسىز ئۆلۈۋەرمەيلى.
ئىلىمسىز تەن گويا ئىسكىلىت
نادانلىقتىن نە بولسۇن مەنا،
ئۇز ئەردەمدە،گۈزەل كىلەچەك،
دۇنيا دىسۇن ئۇيغۇرنى دانا.
يارتايلى شانلىق تارىخنى،
ئوغۇزخانمۇ ياراتقان ئىكەن،
مەشھۇر ئوغۇز-ئۇيغۇر نامىنى،
ئالەم ئارا تاراتقان ئىكەن.
مەنبە:ئۆز قەلەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghardis تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-3 07:19 PM