مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6016|ئىنكاس: 48

گېنىرال لېيتېنانت ئىسھاقبەگ مونۇنۇف [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50634
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10887
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1693 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 06:50:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

122812k165r5rbggdrrbgr.jpg



ئىسھاق بەگ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىن بولۇپ، 1900- يىل 11- ئاينىڭ 20- كۈنى ھاللىق چارۋىچى مۇنۇن ھاجى (قىرغىز) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ساقمات ئىدى. ساقمات دادىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دىنىي مەكتەپتە (ئاتۇشلۇق ئابدۇكېرىم خەلپىتىمدە) «خوجا ھاپىز»غىچە ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كېيىن خەلق ئۇنى «موللا ئىسھاق» دەپ ئاتىغان.
موللا ئىسھاق كىچىكىدىن شوخ، تېتىك، زېرەك، كۆرگەن نەرسىنىڭ سىرىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان، ئەخلاقلىق، مىجەزى، سۆز - ھەرىكىتى يېقىملىق، كۆپ ئاڭلاپ، ئاز سۆزلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىپ ئۆسكەن. موللا ئىسھاقنىڭ دادىسى مۇنۇن ھاجى ئىلغار، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ موللا ئىسھاققا تىجارەت يوللىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، ئۇنى سىمخانىدا ساراي ۋە دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئىمىن خامچى، نىياز ئاخۇن، توختى ئاخۇن قاتارلىق ئۇيغۇر سودىگەرلەرگە قوشۇپ قويىدۇ. موللا ئىسھاق تىجارەت يولىنى ناھايىتى تېز ئۆگىنىۋېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي پۈتۈن ئۇلۇغچات تاغلىرىدىكى خەلقنى تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇ جەرياندا ئۇ كىشىلەرنىڭ خەت - چەك، سوۋغا - سالاملىرىنىمۇ خالىس يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە بارغانلا يەردە ئاممىنىڭ ئالقىشى، ھۆرمىتىگە ئىگە بولۇپ، خەلق ئىچىدە نام چىقىرىشقا باشلايدۇ.
1928- يىلى ياڭ زېڭشىن ئۆلۈپ، جىن شۇرېن تەختكە چىقىپلا غەربىي، مەمۇرىي ئورگانلارنى يېڭىلاپ، ئۇلۇغچات ناھىيىسىنى يېرىم ھاكىملىق (شۇ چاغدا ئۇلۇغچاتتا 2000 ئائىلىلىك ئاھالە بار ئىدى) قىلىپ بەلگىلەيدۇ. ئۇلۇغچات ناھىيىسى سىمخانىدىكى 40تىن ئارتۇق قىرغىز ئائىلىسىنى بىر بەگلىك قىلىپ، بۇ بەگلىككە موللا ئىسھاقنى بەگ قىلىپ سايلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خەلق موللا ئىسھاقنى «ئىسھاق بەگ» دەپ ئاتىشىدۇ. 1933- يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئوسمان ئېلى قىسىملىرى قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئىسھاق بەگ پەيجاڭ بولىدۇ.
1933- يىلى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى تۆمۈر ئېلى قوشۇنى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئىسھاق بەگنىڭ ئادىمى 200 گە يېتىپ، ئۇنىڭ قىسمى بىر پولك بولۇپ، ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىدۇ ۋە «1- پولك» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىسھاق بەگ شۇنىڭدىن كېيىن نام چىقىرىدۇ. خەلق ئۇنى ھىمايە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئابرۇيىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئۆسۈشى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شېڭ شىسەي ئۇنىڭ قىسمىنى تارقىتىۋېتىپ، ئۇنى ئۇلۇغچات ناھىيىسىگە ھاكىم قىلىپ بەلگىلەيدۇ.
ئىسھاق بەگ قىسىمدىن ئايرىلىپ ھاكىم بولغاندىن كېيىن، بىرىنچىدىن، خەلق ئۈستىدىكى ئېغىر ئالۋان - ياساقنى يەڭگىللىتىدۇ. ئورونسىز ئالۋانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. باج، تۆلەملەرنى نۇقتىلىق ئازايتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى چارۋىچى - دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كەمبەغەللەرنى قۇتقۇزۇش، ئۆي - ماكانلاشتۇرۇش، تېرىقچىلىقنى ئۆگىتىش قاتارلىق ئىشلارنى پىلانلايدۇ. ناھىيە مالىيەسىدىن پۇل ئاجرىتىش بىلەن بىللە، كەڭ كۆلەمدە ئىئانە توپلاپ ۋە ھۆكۈمەتتىن ياردەم سوراش، ئۆشرە - زاكات يىغىش ئارقىلىق نۇرغۇن مەبلەغ توپلاپ، خوتەن لوپ، قاغىلىق، تاشقورغان قاتارلىق جايلاردىن قوي - كالا سېتىۋالىدۇ. خەلق ئاممىسىنى بوز يەر ئېچىپ، ئۆستەڭ چېپىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. كۆپلىگەن ئۆيلەرنى سېلىپ، شىنجاڭدىكى قىرغىزلار تارىخىدا تۇنجى بولۇپ پەننىي مەكتەپ ئاچىدۇ. 1940- يىلىنىڭ ئاخىرىدا شېڭ شىسەي ئىسھاق بەگنى قازاق - قىرغىز ئۇيۇشمىسىغا رەئىس قىلىش باھانىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ نەزەربەند قىلىۇ.
1942- يىلى 1- ئايدا سۇڭ مېيلىڭ ۋە جۇ شاۋلياڭلار شىنجاڭغا كېلىپ شېڭ شىسەي بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، گومىنداڭ پىرقىسىنى قۇرغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ. بۇ چاغدا ھىيلىگەر شېڭ شىسەي ۋاقىتلىق يول قويۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەندەك قىلىپ، ئىسھاق بەگنى ئىلى قىرغىز - قازاق ئۇيۇشمىسىغا رەئىس قىلىپ بەلگىلەيدۇ. ئىسھاق بەگ رەئىس بولغاندىن كېيىن، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇيۇشما خىزمىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدۇ. كېيىن شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپت - بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، جاللاتلىق قىلىچىنى قايتا قولىغا ئالىدۇ. ئۇ، ئىلى رايونىغا بولغان ھەربىي - سىياسىي نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئىلى - ئۈرۈمچى ئارىلىقىغا كۆپلەپ ئەسكەر تۇرغۇزىدۇ.
ۋەزىيەتنى بايقىغان ئىسھاق بەگ 1943- يىلى 4- ئايدا ئۆزىنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن ئىككىنى ئېلىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئىسھاق بەگ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ، ئۇ يەردە شىنجاڭلىق ئىلغارلاردىن ئەترەت تەشكىللەيدۇ ۋە بۇ ئەترەتكە ئۆزى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
ئىسھاق بەگ 200دىن ئارتۇق قوراللىق ئەسكەر بىلەن سىمخانا چېگرىسىغا يېقىن يەردە ھەربىي ھازىرلىق ۋە مەشىق ئېلىپ بارىدۇ. ھۇجۇم باشلاشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، خائىن تاغاي ئۇرۇش پىلانىنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە ئاشكارىلاپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن  گومىنداڭنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ھەربىي كۈچى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۆتكىلىدۇ. بۇ چاغدا ئىسھاق بەگ ئىلىدىكى تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، قوزغىلاڭنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋاقتىنى 1944- يىلى 11- ئاي قىلىپ بېكىتىدۇ.
1944- يىلى خەتەرلىك ئەھۋال ۋە ۋەزىيەت تەقەززاسى بىلەن نىلقا ناھىيىسىدىن غېنى، پاتىخ، ئەكبەر قاتارلىق باتۇرلار باشچىلىقىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا گومىنداڭ غۇلجا شەھىرىدىكى بىر بۆلۈك قىسمىنى تاغقا يۆتكەپ، قوزغىلاڭنى تىنچىتماقچى بولىدۇ. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، ئىسھاق بەگ چوڭ قىسمىنى باشلاپ ئىلىغا يېتىپ كېلىدۇ.
ئىسھاق بەگ قىسمى ئىلى قوماندانلىق شىتابى لەڭشاڭ، سۈيدۈڭ، كەڭساي، جىڭ، شىخو، توغراسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇشلاردا ئۆز ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، گومىنداڭ قىسىملىرىنى كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ قىلىدۇ. ئالاقزادە بولۇشقان گومىنداڭ ھەربىي - مەمۇرلىرى ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
1945- يىلى 1- ئايدا ئىسھاق بەگ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى جەنۇبىي فرونتقا مەسئۇل بولىدۇ. تېكەستە ئاتلىق برىگادا قۇرۇلۇپ، ئىسھاق بەگ برىگادىر بولىدۇ. 1945- يىل 4- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلىدۇ. بۇ چاغدا ئىسھاق بەگ مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ئۇنىڭغا گېنېرال لېيتېنانتلىق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ.
ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى ۋە گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاق بەگ 1945- يىل 8- ئاينىڭ 15- كۈنى جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قوزغىلىڭىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، فاشىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق كۈرەش بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. 1946- يىل 3- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۆزى بىۋاسىتە تاشقورغانغا بېرىپ، تاغارما، چىلگۈمبەز، زەرەپشان دەرياسى بويىدا قوماندانلىق شىتابى قۇرۇپ، ئىنقىلابقا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە قىسىملارنى رەتلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا مىللىي ئارمىيە قۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.
1946- يىلى 7- ئايدا گومىنداڭ تەرەپ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرغاندا، ئۇ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش قوماندانى بولىدۇ. 1947- يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمىنى يىرتىپ تاشلايدۇ. گېنېرال ئىسھاق بەگ ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ۋە ئارمىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر مەدەنىيىتى، مەدەنىيەت - مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىدۇ. ئىلى، قەشقەر، موڭغۇلكۈرەلەردە قۇرۇلغان ھەربىي مەكتەپلەرگە بۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئۆزىگە تەقدىم قىلغان قورۇ - جاينى مەكتەپكە ئىئانە قىلىدۇ.
باش قوماندان ئىسھاق بەگ 1949- يىلى 8- ئايدا مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېتىۋاتقاندا ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن بىللە قازا قىلدۇ.

مەنبەسى: «شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ھەقىقىي ئىشلار ئەسەر خاتىرىسى» ناملىق كىتابنىڭ 2- قىسمىدىن ئېلىندى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
باھادىر + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89110
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2014-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 09:38:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئانا يۇرت رومانىدىن بۇ كىشىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئوقۇغان. بۇ كىشىگە ھۆرمىتىم چوڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89110
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2014-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 09:38:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئانا يۇرت رومانىدىن بۇ كىشىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئوقۇغان. بۇ كىشىگە ھۆرمىتىم چوڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19477
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 09:40:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىت تارىخ

نىم دەپ يازسام بولا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19477
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 09:41:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىت تارىخ

نىم دەپ يازسام بولا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 10:04:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر شۇ قېتىمقى ئايرۇپىلان پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولسا ، نەتىجە قانداق بۇلار ئىدى ھە !

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !
anka8 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 10:16:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 871
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5693
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2242 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 10:25:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غۇلجا شەھرىدە «ئىسھاقبىك كۇلۇبى» دەيدىغان بىر ئىمارەت بولىدىغان، شۇ كىشىدىن قالغان بولسا كېرەك، مەن بارغان چاغلاردا بېكەت ئىكەنتۇق، ئاڭلىسام ئۇ يەر بۇرۇن مەدەنىيەت تارقىتىدىغان كۇلۇپ بولغان بولسا، ئازاتلىقتىن كېيىن مەيخورلار مەي ئىچىدىغان، پاھىشۋازلار ئىچى پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان، بەڭگىلەر بەڭ چېكىدىغان يەر بولغانمىش، بىرەر يىلدەك بولدى، يولداشلار قۇرۇلۇش قىلىپ قويدى.....

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7001
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10547 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 10:58:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھۆرمەتلەيدىغان يەنە بىر تارىخى شەخىس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7001
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10547 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 11:00:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداش كۆكتۇلپارنىڭ تېمىلىرىغا بارغانسىرى ئامراق بولۇپ، كۆنۈپ قېلىۋاتىمەن دىسە؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش