قار كۆيدى ...
قادىر ئوسمان (رۇستەم قارىھاجىم كۆڭۈلدېشى)
(رۇستەم قارىھاجىم ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن)
ئاقتى چولپان ، كەتتى ساقىپ ، بەكمۇ يېراق ،
قىران دەريا ۋدىسىغا سالدى پاراق .
ئۆچتى بۈگۈن خەلقى ئۈچۈن ، ئىسلام ئۈچۈن .
ئېلىم ئۈچۈن نۇر تاراتقان يورۇق چىراغ .
گويا ئاق يول تېلىگەندەك سەپىرىگە ،
دارا ، ئاياس باشلىردا ئاپپاق لېچەك .
ئەنجۈر-ئۈزۈم يۇرتى ماتەم لىباسىدا ،
قارىلىققا پەلەك يايدى قاردىن ئېتەك .
دىل كۆيىدۇ ھەسرىتىدە جۇدالىقنىڭ ،
قايتا كۆيىدى ئەسلىدىمۇ كۆيۈك تاغلار .
تاغلار تۈگۈل يېغىۋاتقان قارلار كۆيدى ،
كۆيدى چوقچا ، ئازاق ، تېتىر ، سۇنتاغ ، باغلا.
كۆيگەن قاردىن ، ئۇچقۇن تىگىپ كۆيدى زېمىن ،
ئاھ دەپ قالدى كۇچار ، شايار ، پىلال ، بارىن .
مەۋج ئۇرۇپ ياقا يىرىتتى بۇھەسىرەتتىن ،
قىران دەريا ، چاقماق يەنە تۈمەن ، تارىم .
ئېلچى ، قەشقەر ، يەكەندىمۇ ماتەم بۈگۈن ،
ماتەمدىدۇر قۇمۇل ، تۇرپان ، قورغاس ، ئىلى .
بولمىسىمۇ ھازىدارلار قاتارىدا ،
مۇسىبەتتە ئۆزبك ، قازاق ، قىرغىز ئېلى .
«ئەلھۆكمىلىللا» دىدۇق بۈگۈن تۈمەنمىڭ جان ،
«قالۇ بالا» كىلىپ كەتمەك قانۇن ھامان .
ئەل ئارزۇسى يۇرتتىن يەنە ئالىم چىقىپ ،
جاھالەتكە ئوت ياقارمۇ ئېلمۇ - ئېرپان .
سەككىز چولپان قاتارىدا قويدۇق سېنى ،
يىغلاپ ئاتۇش ، قالدى ئاياس كۆيگەن تاغلار .
ئەجەپ ئەمەس ئىقبالىڭغا چىقىپ كەلسە ،
سالامىڭنى ئىلىك ئېلىپ سۇتۇق بۇغرا .
خاتىرجەم يات ئاللاھ جەننەت ئاتا قىلغاي ،
ھەمراھ بولسۇن رەسۇلىللاھ -چاھارىيارلار .
ئۇنۇتمايدۇ ئەلدە داۋام دۇئادىدۇر ،
ئانا يۇرتۇڭ ، كۆيگەن تاغلار ، كۆيگەن قارلار.
2012-يىلى 29-دېكابر
ئاتۇش
مەركۇز مەرسىيەنى چوڭ دادام ھاۋالىسى بىلەن ئۇزماكان تورىغا يوللىغان ، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ ئورتاقلىشىىشى ئۈچۈن مىسرانىمغا يوللىدىم ، باغقۇرغۇچىلارنى تەستىقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
مەنبە:ئۇزماكان تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilyerim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-3 06:39 PM