يېتىلىۋاتقان ئەزا
قەلەم تىۋىشى قاراخان 1 بولمىغاندا سەن ، قەلبىمنى ئىزھار قىلاتتىم قانداق. بۇ بەلكى ساڭا ياكى ئۆزۈمگە بېرىلگەن بىر تەسەللى. تىۋىشلىرىڭ كىرىپ قاپتۇ، كېچە چۈشۈمگە، يۈرگۈدەكمەن ھېكمەتلىرىڭنىڭ سېھرىدىن، سىغماي تېرەمگە. قاياقتىندۇر غايىپ بىر سادا، تىۋىشىڭغا تىۋىش قوشقۇدەك. سۈكۈتتىكى بارچە نەپەسكە، روھىم بوپتۇ گويا قوشگىزەك. بىلەلمىدىم قانداق سېھىر بۇ، مېنى بۇنچە تەكتىگە ئاتقان. ئىكەن ئەسلى تىۋىشىڭ قەلەم. مىڭ بىر ئويدا ئېڭىمدا ياتقان. يامانلاپتۇ مەندىنمۇ ھەتتا ، ھەر قەدەمدە تىنىش بەلگىلەر، قىسمىتىمنىڭ مىڭ بىر پىغانى، يۈرىگىمنىڭ مۇڭلۇق داستانى تاپماق بولسا رەھناما قارار، قەلەم سەندىن زىل تىۋىش كېلەر! شۇڭا ‹‹يالاڭ تىرناق›› ساقال تاراپ بىھۇدە، تەلىم بەرمەك بولمىسۇن ، ئۆزگىلەرنىڭ سۆزىدىن ، ئۆز پىكرىمگە تايىنىشقا ھەقلىقمەن. ئەندى ئۇلار يامانلىسۇن ئۆزىدىن. چۈنكى ، قەلىمىنىڭ تىۋىشى بار، ھەرقاچان ، سىڭگەن كەبئى ئات تىۋىشى ئۇپۇققا، يېنىش-يېنىش ئۇپۇقلارغا قارايمەن، قەرزىڭ بارمۇ دەيمەن ، زاۋال يوپۇقتا. 2 تىۋىش-تىۋىش... قىيامەتتۇر ھايات سېنىڭسىز. شەپەڭ بىلەن جىرىڭشىغان ، بىر ئەرمەن، سەن بولمىساڭ ، ناشتىلىقمۇ نە كېرەك. گۈلدۈرۈم بار ، ئەمەس چېقىن -چاقماقمەن. تەكرار كۆردۈم ، ئەبەدىلىك چۈشۈمنى تەكرارلىقتا ، ئايان بەلكى خاسلىقىم، تەكرار-تەكرار، كىرىۋەرسۇن شۇ چۈشۈم ، ئاشۇ چۈشتە بۇزۇلسىكەن تىمتاسلىقىم. شۇنداق-شۇنداق ، بۇ كۆڭۈلنىڭ سالونى، سەنلا بولساڭ ، مەن تىۋىشسىز ئەمەسمەن. غوۋغالاردىن نېرى تۇردۇم كەمگىچە، سەندە تىۋىش يوق ئەزەلدىن دەلەمسەن؟! كۆپ چىكىتلەر خىيالىممۇسەن، قۇسىۋەتكەن بارچە-بارچىنى. بىر پەش بىلەن ، توسالايدۇ كىم، ھەر بىر قۇرغا سىڭگەن مېھرىمنى... قەلەم ئۆزۈڭ قىلغان ئىزاھات، مېنى قىلماس ئىزاغا غەرق. تېنىچلىققا ئۆكسۈمدۇ سىيا، ئىمزايىمغا شاھىددۇر شەرق. 3 سەن ساماۋى كىتاپ بېتىدە ، قىيامەتكە تېمىپ تۇرغان، ئاتمىش سەككىزىنچى سۈرىسەن، ھەزرىتى ئەمىن خىسلىتىنى ، يۈرەكنىڭ بېغىشىغا ، تومۇرنىڭ ئېقىشىغا ، پۇتكەن ‹‹قەلەم››سەن! سادىر تۇتقان تەۋەرۈك قىلىچ، تاغ تاشلارغا قايرالغان چاغدا، چىققان تۇمەن، مۇشتاق سادانى، ئەسىر ھالقىپ ئۇتقان ‹‹قەلەم››سەن. بوۋام مىنگەن ، بوز ئات تاقىسى، ئاتام تۇتقان ، مىسران قىلىچ پارچىسى ، ئىستانوكنى قويۇپ ئەلەمدە، ساڭا تىغ ئۇچ بولغان قەلەمسەن. شۇڭا قۇتلۇق تىۋىشىڭ، ئەلمىساقتىن ئەزەلدىن، شامال بولۇپ چاڭلاشتۇرغان زېمىن بىلەن قەلبىمنى، ئىشەنمىسەڭ قاراپ باق، سەنمۇ پېتىنىپ، ئىككى قات زېمىن ، تۇرمامدۇ ئەنە، باھار تىنىپ ،نۇرغا سېغىنىپ. دەيمەن شۇڭا ئەي قەلەم؟ سەن قاراخاننىڭ ‹‹ئېلىپبە››سىدە، لەۋلەشكەن بىر سوزۇق تاۋۇشسەن! شۇنداق ئىكەن ، ياتمىقىڭ نە كېرەك، ئۇستى ئوچۇق مۇزېيدا، سەن قەلەم يا ‹‹چوكا››مۇ؟ چۈنكى خەلقىمدە بار بىر تەمسىل، ئاتىقى چىقمىغان ئەردىن ، ئاتىقى چىققان دۆڭ ياخشى دەپ. ۋەسلىدىن ئايرىلىپ، ‹‹دۆڭ››ئاتالغان . بىتەلەي شۇ دىسە ، يۈرەيمۇ بولماي دەرغەزەپ. قەلەم ، سەن بارچىنىڭ تىلىدا ، يات ئەمەسسەن، ئەپسۇس دىلى ياتقا ، تەخىرسىز ياتسەن. تىۋىشىڭدىن دىل قەسرىمگە، يەتسە گەر ئەلەم، ئاڭا سالاۋات قىلالماس ، بۈگۈن تۇرماق ، ئەسلا ‹‹تەيپۇنەم››... تىۋىشىڭدىن ، سەگەكتۇر پېقىر، خۇمارىم ياق ، تۇمارىممۇ سەن. يۈرىكىمگە ئوقيا بولۇپ سانجىلدىڭ، ئېيتقىنا؟ مەڭگۈلۈك ‹‹شۇئار››ىڭمۇمەن؟! 2009يىلى 10-سىنتەبىر
پاش قىلىش
باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن
پائالىيەتچان ئەزا
يىـڭى ئــەزا
ئوماق قوزام!!!
مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى
ئۆل يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 09:13 PM كەچۈرۈڭلا مۇناسۋەتسىز بىر سوئال سوراي : قاساپقا پۇل بې ...
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100 باھا خاتىرىسى
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ