قەشقەرگە خەت
(مۇھەممەتجان راشىدىن)
بارغانلاردىن قانچەرەت ساڭا،
سالام ئىيىتتىم سىغىنىپ قەشقەر.
شىئىر بولدى سىغىنىشلىرىم،
ئاخىر مانا يىغىلىپ قەشقەر.
بولار ئىكەن يىراق بىلەنمۇ،
سالام بىرىپ ئامانلاشقىلى.
سىغىنغانغا ئىنتىزارلىقتىن،
خەتلەر يېزىپ سالاملاشقىلى.
ئىنتىزارمەن ساڭا ئۇزاقتىن،
دىدارىڭنى كۆرەلمەي قەشقەر.
ھىيىتكادا ساماغا چۈشۈپ،
بەشكىرەمدە يۈرەلمەي قەشقەر.
جىق كىيگەن مەن بالىلىغىمدا،
سىنىڭ ماتا چەكمەنلىرىڭنى.
جىق كۆرگەنمەن مۇساپىر ئاتلىق،
غېرىب –مىسكىن دەرتمەنلىرىڭنى.
ئۆيىمىزنىڭ ئۈستىدە چوڭ يول،
تۈندە يىغلاپ ئۆتەتتى غېرىب.
(قەشقەرلىقمەن)دەيتى ئۇمۇھەم،
(ئۆزۈڭ كىم)دەپ سورىساڭ بىرىپ.
چىققان ئىكەن مىنىڭ بوۋاممۇ،
سەندىن قەشقەر ئۇزۇن يول بىسىپ.
ھەيدىگىنى بىرقوتۇر ئېشەك،
خورجۇن ئارتىپ مۇزاتنى ئىشىپ.
بىلسەڭ قەشقەر شۇلاردىن چىققان،
(ھۈنەر)دېگەن بىزنىڭ ئىلىغا.
ياشاپ ئۆتكەن ئۆزتەرى بىلەن،
تەگكەن ئەمەس خەقنىڭ قىلىغا.
بىرى ئاشپەز بىرى سامسىپەز،
بىرى ناۋاي بىرى كاۋاپچى.
ئاياللىرى ئۆزىدىن چېچەن،
بالىلىرى –ئاندىن راۋاپچى.
ئىلىلىقنىڭ ئاغزى - بۇرنىنى ،
دۇكان ئىچىپ ماي قىلغان شۇلار.
خاڭلىرىدا يىل بويى ئىشلەپ،
بەگلىرىنى باي قىلغان شۇلار.
نەينى كۆردى شۇلاردىن ئىلى،
يىغا تۇتتى ئاڭلىغانلارنى.
قىلىپ قويدى ئۆزەڭگە ئاشىق ،
قەشقەر ساڭا بارمىغانلارنى.
تالايلىرى ئۆتتى شۇلارنىڭ،
ئۆز ئالدىغا ياقالماي چىراغ.
كەتمەي دىسە ئۆلۈم قىستايدۇ،
كىتەي دىسە قەشقەر سەن يىراق.
تاڭ قالاتتىم ھەسرەتلىرىگە،
ناخشا ئىيتىپ شۇلار ئۇھ تارتسا.
تاڭ قالاتتىم قانداق جايدۇ؟ دەپ،
قەشقەر سىنى ناخشىغا قاتسا.
شۇ ناخشىلار ئاھ شۇ ناخشىلار،
ھىكمەت ئىدى ھۆكمەت ئىدى ھەم.
تىڭشىغانغا زامان سىرىنى،
چۈشەندۈرگەن سۆھبەت ئىدى ھەم.
شۇلار ماڭا بىلىدۈرگەن سىنى،
ئاڭلىغان مەن سىنى شۇلاردىن.
شۇلار كىيگەن جەندىلەر ماڭا،
ئارتۇق بولغان شايى تاۋاردىن.
ئاڭلىغان مەن سىنى شۇلاردىن،
قوغۇنلىرى تىلنى يارار دەپ.
يىگىتلىرى توغاچتەك رەڭدار،
قىزلىرىمۇ خۇددى ئانار دەپ.
باغۋىنىڭنى مىھماندوسىت دەيدي،
جەننەت ئىكەن ئەنجۈرلۈك باغلار.
بارار ئىدىم بالا بولساممۇ،
ئارلىقتا بولمىسا تاغلار.
سەندىن قەشقەر يىتىمچىلەرمۇ،
چىققان ئەمەس يامانلاپ سىنى.
تىنىمەمدۇ تىرەكسىز يوقسۇل،
تۇرسا زۇلمەت قاماللاپ سىنى.
ئۇ تارىخنىڭ تەڭسىز كۈنلىرى،
بولۇپ قالدى بۈگۈن بىر چۈشتەك.
ئارمانلىرىم كەلمەكتە ئەمما،
ھەل بولمىغان ئۇلۇغ بىر ئىشتەك.
ئارمانلىرىم شۇ ئىدى مىنىڭ،
دىدارىڭنى بىر كۆرسەم دېگەن.
گۆھەر بىلىپ چىمدىم تۇپاڭنى،
كۆزلىرىمگە بىر سۈرسەم دېگەن.
ئارمانلىرىم ئۇلغايغان چاغدا،
يىگىت بولدۇم قالدى بالىلىق.
ئۆتتى يەنە شۇ ئارمان بىلەن،
ئۆمۈردىكى ئۇزاق ئارىلىق.
شۇ ئارزۇدا كەتتى يىللىرىم،
بىردە قوپسام بىردە يىغلىدىم.
پەلەك دېگەن كاج كەلدى ئاندىن،
بىردەم بۇندىن چەتكە قىقىلدىم.
سىنى قەشقەر تۈرمىلەردىمۇ،
ئۇنۇتمىدىم ياد ئىتىپ ياتتىم.
غەم باسقاندا ناخشاڭنى ئىيتىپ،
ئۆزەمنى خۇش شاد ئىتىپ ياتتىم.
زامان ئاقلاپ مىنى باشقىدىن،
ھەق سوتنىڭ جاكاسى بىلەن.
بۈگۈن مانا چىقتىم خوشلىشىپ،
، شۇ مۇھىتنىڭ جاپاسى بىلەن.
قۇچاقلىدى مىنى ئانا يۇرت،
قۇچاقلىدى ياد ئەيلىگەنلەر.
كىلىدىكەن كەتكەنلەر دېدى،
كەلمەيدىكەن كەتمەنلىگەنلەر.
سالام دىدىم ئاۋۋال كۆكسۈمدە،
ئاۋۋال يازدىم ساڭا بۇ خەتنى.
جاكالايمەن شۇ مەكتۇپ بىلەن،
قەلبىمدىكى بىر مۇھەببەتنى.
بارغانلاردىن سالام ئىيتىمەن،
يانغانلاردىن سورايمەن سىنى.
يىمىش كەپتۇ قەشقەردىن دىسە،
قاقلىرىڭدىن پۇرايمەن سىنى.
نان جىگدەڭنى سىلىپ ئاغزىمغا،
نان يىگەندەك بولدۇم سىنىڭدىن.
يىگىنىمدە ياڭاقلىرىڭنى،
بۇ سىغىنىش ئۆتتى جىنىمدىن.
بىلدىم ئەمدى تەھقىق راسىت ئىكەن،
بوسۇغىنى داۋان دېگەن گەپ.
شۇنداقتىمۇ كۆرمەككە سىنى،
مەن ئىتىمنى تۇردۇم ئىگەرلەپ.
خىتىم كەتتى ئۆزەمدىن ئاۋۋال،
بەرگىنىم شۇ ساڭا سالام دەپ.
قوبۇل قىلغىن قەشقەر ئىلىدىن،
سالام بەردى ئەزىز بالام دەپ.
مۇھەممەتجان راشىدىن
1979-يىل يانۋار
بۇ ئۇستاز شائىر مەھەممەتجان راشىدىننىڭ 70-يىللارنىڭ ئاخىرى يىڭىلا تۈرمىدىن چىقىپ قەشقەر ئۈچۈن يازغان ئوتلۇق شىئىرى ئىكەن يىقىندا مەن ئۆي ئاختۇرىۋىتىپ
شۇچاغدىكى بىركونا گىزىتكە بىسىلغان بۇ شىئىرنى ئۇچرىتىپ قىلىپ مىسرانىمدىكى كەڭ تورداشلار بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىش ئۈچۈن سۇندۇم .بۇ شىئىر قەشقەرنى ھەقىقەتەنمۇ ئوبرازلىق چىن تەسۋىرلىگەن دەپ قارايمەن بۇ ئۇستاز شائىرىمىزنىڭ يىڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ئاللا بۇ ئۇستاز شائىرىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتاقىلغاي تىنىنى سالامەت قىلغاي 2013-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە كۆچۈرۇپ يىزىلدى
ھۆرمەت بىلەن: راھەت ماكان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-3 04:24 PM