|
|
|
|
قۇياشىنىڭ باغرىدا تۇرىمەن كۈتۈپ
باشقىلار ئىسسىقتىن يازنى قوغلىسا،
مەن تۇردۇم تۈگۈلۈپ تۇنۇر ئىچىدە.
ناتۇنۇش شەھەر بۇ ،ئۇيقۇسىز كىچە،
مۇڭلىنىپ يىغلايتتىم بىر مەيۈس ئۈندە.
ھەر كىچە ئۇخلىسام چۈشۈمدە يۇلتۇز،
ئويغىتار يېقىملىق شىۋىرلاپ ئاستا.
ھەم سۇنىڭ ئاۋازى تۇرار ئاڭلىنىپ ،
شىرىلداپ ئاققاندەك تۇمۇرلىرىمدا.
قۇياشىنىڭ باغرىدا تۇرىمەن كۈتۈپ،
چىڭقى چۈش كىلەمسەن ياكى سەھەردە.
يامغۇرنىڭ سۈيىگە چىلىنىپ كەلگىن،
بىر جانان كۈتمەكتە سىنى بۇ يەردە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-3 04:03 PM
|
|
|
|
|
|