مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 861|ئىنكاس: 20

ئانامغا مەكتۇپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89391
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-12-31
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 12:23:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىردىكى بارلىق كۆرۈرمەنلەر، مەن بۇ مەكتۇبنى ئانامغا يېزىش ئارقىىلىق ئانامغا دېمكچى بولغان ئەمما دېيەلمىگەن بۇ يۈرەك سۆزلىرىمنى مۇشۇ خەت ئارقىلىق دېمەكچى بۇلىۋاتىمەن . بۇ مېنىڭ تۇنجى ئەسىرىم بولغاچقا ياخشى يازالماي قېلشىمدىن سەل ئەنسىرەۋاتقان بولساممۇ يەنىلە غەيرەتكە كىلىپ يازماقچى بۇلۋاتىمەن شۇڭا بارلىق دوسلارنىڭ مېنى قوللىشىغا مۇھتاجمەن. بۇ ئەسەرنىڭ باشلىنىش سۆزلىرىنى بىر نەسىرنىڭ سۆزىنى يازغان ئىدىم توغرا چۈشىنەرسىلە.
ئانا، دۇنيادىكى چەكسىز تۇيغۇلۇرۇم ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغلۇقنى ساڭا بېغىشلايمەن. ھاياتىمدىكى بارلىق ئەجىر مېھنەتلىرىمنىڭ شارابىنى ساڭا ئاتايمەن. ھەربىر تىنىقىمغا مەنسۇب بولغان خۇشاللاقنى ساڭا ھەدىيە قىلىمەن. لىرىكلانغان شائىرانە قەلبىمنىڭ لىرىكلىرىنى سەن ئۈچۈن يازىمەن.
ئانا ،مېنى ھالال سۈتۈڭ مېھنەتسىز ئەجرىڭ ئارقىلىق مېنى پەرۋىشلەپ كۆز قارچۇقۇڭنى ئاسرىغاندەك ئاسرىاپ چوڭ قىلدىڭ.
بەلكىم مەن دۇنياغا ئاپرىدە بولغاندا چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەن بولغىيتىڭ .
ئانا ، ھەر قانداق بىر پەرزەنتنىڭ ئانىسىغا دەيدىغان يۇرەك سۆزلىرى بۇلىدۇ شۇڭا مېنىڭمۇ يۈرەك سۆزلىرىمنى بىر ئاڭلىۋەتكىن جېنىم ئانا مۇشۇ ئارقىلىق بەلكىم ئانا بالا ئارىمىزدىكى بىر تۇقۇنۇش يوقاپ  كېتەر
جېنىم ئانا،مەن سەندىن رازى بۇپ كەلدىم ،  سەن مەندىن رازىمۇ؟ رازى ئەمەسمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئىشىنىمەنكى ھەر قانداق بىر ئانا بالىسىنىڭ "ئانىسى نارازى "دېگەن بۇ سۆزنى كۆتۇرۇپ يۈرۈپ قېلىشىنى خالىمايدۇ .
ئانا، مەن سەندىن گەرچە رازى بۇلۇپ كېلىۋاتقان بولساممۇ ، گاھىدا مەن ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن بەزى ئىشلار كاللامدىن ئۆتمەيدۇ، شۇنداق چاغلاردا بۇلارنى ساڭا ئۇدۇل ئېيتالماي كەلگەن ، ئېھتىمال ساڭا دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىغاندىمەن،ئېھتىمال كۆڭلىڭنى ئايىغاندىمەن. نېمىلا بولمىسۇن سەن بىلەن ئۇچۇق يۇرۇق ئېغىزانە دېيشەلمىگەن بۇ سۆزلەرنى مانا مۇشۇ خەت ئارقىلىق يېزىۋاتىمەن .
مانا بۈگۈن ئۇزۇندىن بېرى ساڭا دېيەلمىگەن شۇ سۆزلەرنى بۇ خەت ئارقىلىق دىيىش قارارىغا كەلدىم . بۇ بىر تەرەپتىن مەقسەتنى تۇلۇق ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى ياراتسا يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى  تۇقۇنۇشنى يوقىتىپ ئانا بالىلىق مۇناسىۋېتمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرسا ئەجەب ئەمەس دەپ ئويلىغانلىرىمدۇر.
مەن يازغۇچى بولمىغاچقا قىسقا ، ئاددىي ئىبارىلەرنى ئىشلەتتىم. قېنى بۇ خەتلەرنى قەلىب كۆزىڭ بىلەن ئۇقۇپ چىققىن.
بىر كۈنى توردا مەلۇم بىر ئەسەرنى ئۇقۇۋاتاتاتتىم ، ئۇنىڭدىكى بىر سۇئال مېنى توختىتىپ قويدى:
_ئاتا ئانىڭىز سىزنى چۈشىنەمدۇ؟ بۇ سۇئال ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم، ئۆز ئۆزۈمدىن سورىدىم :
_ئۇلار مېنى تۇلۇق چۇشىنەمدۇ؟!
شۇنىڭ بىلەن كۆپ ئويلاندىم . ئانا بۇ ھەرگىزمۇ سىلەنى يامان كۆرگىنىم ئەمەس ، بەلكى مېنىڭ سىلەگە بولغان كۆز قارشىم سەبىي قەلبىم.
مەن ئۆز ئۆزۈمگە دېدىم :
- ياق ، ئۇلار تېخى مېنى تۇلۇق چۇشىنىپ بۇلالماپتۇ ،
ئانا سەل قوپالراق بولسىمۇ دەۋېرەي :
- سىلە دايىم مېنى كىچىك بالىدەك كۆرىسلە مەن چوڭ بولدۇم ئاق قارىنى پەرق ئەتكىدەك بولدۇم نېمىشقا مېنىڭ ھېسياتىمنى ئويلاپ قويمايسىلەر،!
، ئەجىبا مەندە ھېسيات قەلىب يوقما؟!
ئانا،  ئېسىڭدە بارمۇ بىر قېتىم مەن ئۆزۈم ناھايىتى ياخشى كۈرىدىغان بىر قۇر كىيىمنى مەكتەپكە كىيىپ چىقىمەن ، دېسەم سىز:
-ياق بولمايدۇ مەينەت قىلۋېتىسىز ،
دېدىڭىز ، ئەجىبا مەن 5 ياشلىق بالىمۇ ؟ شۇ چاغدا مېنىڭ ھېسياتىمنى ئويلاپ باختىڭىزمۇ؟
جېنىم ئانا، مەن 5 ياشلىق بالا ئەمەس 16 ياشنىڭ قارىسىنى ئېپ قالغان سەبىي قىزمەن .
16 ياش دېگەن خېلە ئەقلىگە كەلگەن ئادەمنىڭ يېشىغۇ؟ بۇنى سىز بىلىسىزغۇ؟ بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا مېنىڭ تاللىشىمغا پىكرىمگە يول قويمايسىز؟قاچانغىچە سىلەرنىڭ نەزىرىڭلادا كىچىك بىر بالا ھېسابلىنىپ يۈرۇيمەن .
ئانا، سىز بىلىسىز بىر بەخىتلىك ئائىلىدە ئانا بىلەن قىز ئەڭ يېقىن سىرداش دوسلاردىن بۇلۇپ  ئۆتىشى كېرەك ، بىراق مەن نىمىشقا سىز بىلەن شۇنداق سىرداش دوسلاردىن بۇلۇپ ئۆتەلمەيمەن بۇنى بىلەمسىز ؟
چۈنكى مەن نەچچە قېتىم سىزگە كۆڭلىمدىكىنى ئۆز سىرلىرىمنى ئېيتتقان ئىدىم ، سىز سىر ساقلاشقا قۇشۇلغان بىراق سىزنىڭ مەن دېگەن بۇ سىرلىرىمنى ئاتامغا دەۋەتكەنلىكىڭىزنى بىلدىم شۇ چاغدا قانچىلىك يىغلۇغۇم كەلگەنلىكىنى ھەتتا يىغلاپ كەتكەنلىكىمنى بىلەمسىز؟ ياق بىلمەيسىز........
سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاتامغا دەۋەتكەنلىكىڭىزنى بىلمىدىم ،  بەلكىم ئاتامنى مېنى چۈشەنسۇن دەپ دېگەنسىز ياكى ئاتام بىلەن ھەممە ئىشتا ئورتاق پىكىرلىشىپ كۈنۈپ قالغانسىز . بىراق جېنىم ئانا ، ئايال كىشى ئايال كىشىنى چۈشىندۇ . بۇ سىزدىن ئۆتىنىشىم بولسۇن مېنىڭ سىزگىلا دېگەن  باشقىلارغا دېمەڭ دېگەن سىرلىرىمنڭ ئاتامغا دەۋەتمەڭ بۇلامدۇ؟!
ئانا مېنىڭ نازۇك قەلبىمنى ھېسياتىمنى  ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىپ قۇيۇڭ.
ئانا!
سىز ئاغرىپ قالغاندا ياكى كەيپىياتىڭىز بىنورمال بۇلۇپ قالغاندا سىزگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمنى قانچىلىك روھى بېسىمغا ئۇچراپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ .......... بۇ سۇئالنى سىزگە قالدۇردۇم ئانا!....
ئانا ، مەن قىسقا بولغان يۈرەك سوزلىرىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي ، بۇ قىسقا يۈرەك سۆز ئەمما بىر قىزنىڭ ئانىسىغا بولغان تەلىپى ھەقىقى چىن يۈرەك سۆزلىرى ...........
مېنى چۈشەنگىن ئانا ، ئىككىمىزنىڭ ئائىلىدە ياخشى بىر سىرداش دوس بۇلالىشىمىز ئۈچۈن سەنمۇ ئورتاق كۈچ چىقارغىن !  
مېنىڭ بۇ يۈرەك سوزلىرىم مەندەك بارلىق پەرزەنت بولغۇچىنىڭ ماڭا ئوخشاش ئاتا ئانىسىنىڭ چۈشىنىشىگە قوللىشىغا مۇھتاج بولغان پەرزەنتلەرنىڭ يۈرەك  سۆزلىرى بۇلۇپ قالغۇسى!.........
گەرچە مېنىڭ بۇ ئەسەرىم تازا ياخشى چىقمىسىمۇ تورداشلانىڭ مېنى قوللىشىنى مەدەت بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ياختۇرۇپ ئوقۇغايسىلەر.........
ئامان بۇلۇڭلار ،،،،،،،،،،
ئانا ، ئاتا ئامان بۇلۇڭلار . سىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرىشىڭلارنى ئۇلۇغ ئاللا ئىگەمدىن ھەر ۋاقىت تىلەيمەن .
........


xcxvcxv.png

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85542
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 12:42:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4040
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8442
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 12:44:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇرۇن ئېلىپ قۇياپ  ئاندىن........

بۇيەردە نىمە بادۇ.....Www.TizULnix.Com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86002
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 187
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 12:58:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت يىزىش ئارقىلىق چوڭلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئويلىغىنىڭىز بىر ياخشى ئۇسسۇل ؛لىكىن بۇسوزلىرىڭىزنى ئانىڭىزغا بىۋاستە خەت يازسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن؛بۇيەردە ئوچۇق- ئاشكارە خەت يازسىڭىز ئۇلارغا بىسىم بولمامدۇ؟ بىزنىڭ ئۇلارغا بۇنداق قىلىدىغان ھەققىمىز يوق!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81658
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3668
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 01:00:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


سىزنى قوللاش تىغىمۇ ياراملىق قىلىپ تەربىيلەش مەخسىتىدە، سىرلىرىڭىزنى ئۆزىنىڭ قەدىناسىغا سىزنىڭ غەمگۈزارىڭىزغا ئيتىقان بولىشى مومكىن...

ئانا بالىنىڭ دەردىگە يىتەلەيدۇ،لىكىن بالا ئانىنىڭ دەردىگە يىتەلمەيدۇ!

ھەممە ئشلار كۈتكىنىڭدەك چىقىۋەرمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89391
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-12-31
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 01:17:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىلەرگە قىممەتلىك پىكرىڭلارنى بېرىپسىلە  سىلەرنىڭ دېگىنىڭلارمىغۇ توغرا شۇ..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85143
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 02:22:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئەمدىلا 16نىڭ قارسىنى ئالدىم دەيسىز ، سىز راسلا خىتىڭېزدە دىگەندەك مۇستەقىل ياشىيالامسىز ؟
باشقا بۇنبەرداشلانىڭ كۆزقارشى قانداق ، ئۇ ماڭا نامەلۇم ، لىكىن مىنىڭ قارشىمچە بۇ دىگەنلىرڭىز  توغرا ئەمەس ، ئاتا - ئانلار ھەرگىزمۇ باللىرغا يامان بولسۇن دىمەيدۇ .
سىز ئەمدىلا 16گە كىرىپسىز ، سىزنىڭ بۇ يىشىڭىزغا نىسبەتەن ، سىز تىخى بىر بالا بولۇپمۇ قىزلارغا نىسبەتەن ، سىز خىتىڭىزدىمۇ دەپسىز مەن 16نىڭ قارسىنى ئالغان سەبى قىز دەپ بۇ دىگىنىڭىز ناھايتى توغرا سىز تىخى بىر سەبى قىز .
بىزنىڭ ئاشۇ جاپاكەش ئانلىرمىزدىن رەنجىيدىغان ھەققىمىز يوق .
بۇنى سىزمۇ ئانا بولغاندا چۈشىنىسىز ، ئانىڭىزنىڭ سىزگە دىگەن ھەربىر ئىغىز سۆزى سىزگە ياخشى بولسۇن ئۈچۈن دىگەن تەربىيىسى .
سىز تىخى ئەقىل تاپتىم دەپ ئويلامسىز ، سىز بەك ساددىكەنسىز .
سىزنىڭچە ئاشۇ جاپاكەش ئانىڭىز بۇ خىتىڭىزنى كۆسە ئەمدى سىزنىڭ دىگەن سۆزلىرڭىزنى دادىڭىزغا دىمەسمۇ ، سىزنىڭ ئانىڭىزدىن رەنجىيدىغان ھىچقانداق ھەققىڭىز يوق .
ئانىڭىزنىڭ نەزىردە سىز مەڭگۈ بىر بالا . مىنىڭچە سىز بۇ خەتنى يىزېپ ئانىڭىزنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بىرىپسىز . بەلكىم بۇ سۆزلەنى يۈزتۇرانە دىگەن بولسىڭىز رەنجىمەس بولغىيتى دەپ ئويلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89391
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-12-31
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 02:40:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياق سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزمۇ توغرا ئانام بۇ خېتىمنى كۆرۈپ مېنى چۇقۇم چۇشۇندۇ سىزنىڭ دېگەنلىرڭىز ھەقىقەتەن توغرا . بىراق مەن ئانامدىن رەنجىگىنىم يوق مېنىڭ بۇ خېتىمدە نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشەنمەپسىز كەچۇرۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81774
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-6-18
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 02:41:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ گەپلارنى يازگىنىڭز ياخشى بوپتۇ ، ئەمما شۇ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئويلىغنى باردۇ، ،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89391
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-12-31
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 02:41:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئانامنى ھەقىقىتەن ياخشى كۈرىمەن مەنمۇ ئانا بوغاندا چۈشۈنىمەن ئەلۋەتتە  بىراق مېنڭمۇ ئاتا ئانامغا دەيدىغان مۇشۇنداق يۈرەك سۆزلىرىم بۇلىدىدە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش