جىم بولۇپ تىڭشىدىم دەردلىك ئىچىمنى
كۆزلىرىڭ كۆزۈمگە ئېتىلدى ئوقتەك،
چوغ بولۇپ قېنىمدا ئاقتى بىر تۇيغۇ.
چېمەنلەر ئىچىدە نازۇك چېمەن سەن،
گۈل خىجىل ھۆسنۈڭدىن، خىجىلدۇر ئايمۇ.
چېچىڭنى كۆرسەرمە يۇلتۇزغا ، ئايغا،
چولپانمۇ كۆرمىسۇن ، قۇياش كۆرمىسۇن.
« سەۋزىدە خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ،»
ئاھ ، دوستلار ياش تۆكۈپ ، دۈشمەن كۈلمىسۇن.
جىم بولۇپ تىڭشىدىم دەردلىك ئىچىمنى،
ئارمانلىق تىنىقلار ياندى ئوت بولۇپ .
كۆكلەيدۇ غەملىرىم خۇددى كۈدىدەك،
شادلىقىم مېنىڭدىن كەتتى بۇرۇلۇپ.
دېڭىزنى دېڭىزدىن ئايرىيدۇ توساق
كۈندۈز ۋە كېچىنىڭ سىرلىرى چەكسىز،
ئەركەك تۈكنىڭ خاسىيىتى ئالەمچە.
چەمبەرچەش باغلانغا زېمىن ، تاغ-دەريا،
قارىساڭ ، كۈزەتسەڭ ئەقىل كۆزۈڭدە.
چىشى تۆگە قىسسىسىدە ئىبرەت كۆپ،
تاش يامغۇر يېغىشتىن قورقىمەن بەكمۇ.
ھېكمەت تولا ھەر تال داندا ، گېياھتا،
سۇ ، تۇپراق ھەم يەنە ھاۋا ، ئوتتىمۇ.
دېڭىزنى دېڭىزدىن ئايرىيدۇ توساق،
تاتلىق سۇ ، شورلۇق سۇ بۇنىڭغا مىسال.
مانا بۇ ھېدايەت ، مانا بۇ رەھمەت،
بىر ئۇلۇغ ھەقىقەت ، ئەمەستۇر خىيال.
تىك تۇرغىن يىقىلساڭ كۈتمىگىن ياردەم
ھەسەلنىڭ ھەرىسى گۈلدە تىكەن بار،
بار يەنە تۇتمۇشنىڭ ئىسسىق سوغۇقى.
جاپالار ئالدىدا ياشا تىك تۇرۇپ،
ئۇلغايغىن ، زورايغىن جۇدۇنغا قارىشى.
ئىزلىرىڭ ئۇزارسۇن كۆزنى چاقنىتىپ،
جەسسۇرلۇق كۆكىگە قاراپ پەرۋاز قىل.
راستچىللىق ، پاكلىقنىڭ بايرىقى بولغىن،
« مۇشكۈلى ھاياتنىڭ يولۇڭدا كۆپ بىل .»
غەيرەت ھەم شىجائەت قانىتىڭ بولسۇن،
تىك تۇرغىن يىقىلساڭ كۈتمىگىن ياردەم.
ئازغىنە غەلبەڭدىن كېرىلىپ كەتمە،
ئەزەلدىن قوشگېزەك خوشاللىق ئەلەم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-3 11:54 AM