155 - قېتىملىق UFC ئېلىشىش مۇسابىقىسى
شۇ يەر ۋاقتى 2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يەنى بېيجىڭ ۋاقتى 2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ لاسۋىگاس شەھرىدىكى MGM كاتتا مىھمانخانىسىنىڭ تەنتەربىيە زالىدا 155 - قېتىملىق UFC ئۈنۋېرسال بوكىس مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى .
شۇ كۈنى كەچ پۈتۈن دۇنيا UFC مەستانىلىرى تاقەتسىزلىنىپ كۈتكەن UFC نىڭ ئىلگىركى ئېغىر دەرىجىلىكلەر چىمپىيۇنى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان موسكىۋالىق كائېىن ۋىلاسجۇئېز UFC نىڭ ھازېرقى چىمپىيۇنى بىرازىلىيەلىك دوس سانتوس بىلەن UFC چىمپىيۇنلۇق تالىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى .
بۇ كائىننىڭ دوس سانتوسقا چىمپىيۇنلۇق كەمىرىنى ئېچىنىشلىق تارتقۇزۇپ قويغاندىن كىيىن 2-قېتىم قايتىدىن چەڭ ئېلان قىلىپ قايتۇرۇپ ئەكىلىشى بۇلۇپ ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە
ماھېرلار تۇلۇق 5 قېتىم ئۇچراشتى.
بۇ ماھىرلارنىڭ ئىككىلىسى ھازېرقى زامان UFC ساھەسىدىكى بەش ئاتاماننىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى بۇلغانلىقى ئۈچۈن، مۇسابىقە مەيدانى باشقىچە قىياپەتتە جانلىنىپ كەتكەن ئىدى .
ئىلگېركى UFC نىڭ ئېغىر دەرىجىلىكلەر چىمپىيۇنى بىروك لېسنار بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ
تەھلىلچىلىكىگە تەكلىنىپ قىلىندى .
ئەگەر مۇسابىقە جەريانىغا قىززىقسىڭىز دىققىتىڭىز تۈۋەندە بولسۇن .
مەنبە : سوخۇ ۋە مەن