تۇرمۇشتا ئادەم ھەر خىل ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇردىكەن، تولىمۇ قىزقارلىق يىرى ئادەم ئويلىمىغان گەپ -سۆز، ئىشلارنىڭ كۆپ بولىشى.
يۇمۇر(1)
بىر كۈنى ئەتگەندە دۇكانغا كىلىپ ئولتۇرۇپ تۇرسام ، بىر تىلەمچى ئايال كەپتىكەن .... (مەن ئاساسەن ئۇلارغا پۇل بىرىپ كەتمەيتىم ). قولىنى تەڭلىدى .مەن: دۇكاننى ئەمدى ئاچتىم ، تىخى دەسلەپ قىلمىدىم ، سەل تۇرۇپ كەلسىلە دىسەم، كۆزىنىڭ بالخانسىنى چىقىرىپ قاراپ تۇرىدۇ. ئاڭلىمىغان ئوخشايدۇ دەپ ئايلىنىپ كەلسىلە دەپ چىڭراق دىسەم كۆزۈمگە قاراپ بىرنى ئالىيىۋېتىپ ، ئەتگەننىڭ ياقى ھىچكىم پۇل بەرمەي نەچچە ئايلاندىم، يەنە نەچچىنى ئايلانسام بولدۇ .دەيدۇ
ئەتىسى يەنە شۇ ئايال كەپتىكەن ..مەن يەنىلا شۇ كونا گەپنى تەكرارلىسام .... ئەجەپ ئوبدان بوپتۇ .ماڭا پۇل بەرمىگەندىكىن مۇشۇ ۋاققىىچە دەسلەپ قىلمايلا ئاشتاغ.
(2)
ئانچە -مۇنچە كىلدىغان بىر تىلەمچى ئادەم بولدىغان، ھەر قىتىم كىلىپ گەپ- سۆز قىلمايلا بىگىز بارمىقنى چىقىرىپ بىرنى كۆرسىتىپ قاراپ تۇراتتى . بىرە موچەن پارچە پۇل بولسا بەرسەك گەپ-سۆزسىز كىتەتتى .
يىقىندا ئۇ ئادەم يەنە كىلىپ قولنى چىقىرىپتى .. 2 موچەن پارچە پۇل باركەن ، شۇنى تەڭلىسەم پۇلغا بىر قاراپ، كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ كىتىپ....جىقراق تىپىپ ئاندىن بەرسە جىما ،شۇ چاغدا ئالاي دەپ كىتىپ قالدى.
(3)
دۇكاندا ئاغىنەم بىلەن ئولتۇرسام بىر تىلەمچى كەپتىكەن .(كۈندە دىگۈدەك كىپ تۇراتتى) ...قولىنى تەڭلىسە ئاغىنەم يانچۇقنى ئاقتۇرغىلى تۇرۇپتى ، مەن : ۋاي ئاداش بەرمسەڭمۇ بولدۇ ..كۈندە تىلەپ...سىنىڭكىدىن كۆپ پۇلى بار بۇلارنىڭ دىسەم ، ئۇ ئادەم ئاڭلاپتىكەن . ماڭا بىر قارۋېتىپ ، ئاغىنەمگە : سىلە بەمەكچى بولغان پۇلغا ئا بالىنىڭ ئىچى ئاغرىپ قاپتۇ. مەندىن بەكرەك قىيلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئاغىنىلىرگە بەرسە ئۇكام . دەپ غۇتۇلداپ كەتتى.
(4)
بىر كۈنى پۇل پارچىلاش ئۈچۈن قوشنىمىزنىڭ دۇككىنغا چىقسام ، ئۇ يەردە بىر تىلەمچىمۇ باركەن . ما پۇلنى پارچىلاپ بەرسە دەپ قوشنىمىزغا (ئەدەپ يۈزسىدىن )ئىككى قوللاپ تەڭلسەم ئۇ تىلەمچى ئادەم پۇلنى كاپپىدە ئىلۋېلىپ؛ ئۇكام بەگەن پۇللىرى بەش كوي،ئىككى قوللىرنى تەڭلەتەملا دەيدۇ...ۋاي سىلىگە بەرمىدىم . ماۋۇ ئاكامغا پارچىلاتقىلى بىرۋاتمە دىسەم . ھە ئەمسە پارچە پۇل مەندىمۇ بار دەپ . قولىدىكى بىر مو- ئىكى مولۇق(تەخمىنەن 1.5كوي) پۇللارنى تەڭلەپتى ئازكەن بۇ ، قوللىردىكى بەش كوي دىسەم بۇنى ئىپ تۇر قالغىننى ئەتە ئەكلىپ بىرەي دەپ ھەممىنى ئىلىپ بەدەر قاچتى .
ھەممىمىزنىڭ ئالدىمىزغا كۆپ ئۇچرايدىغۇ دەيمەن .
دەپ كەلسەم جىق< يۇمۇر>لار بۇ ، مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي.
ئىنساپ بەرگىن ئاللاھىم ، ھەر بەندەڭنىڭ كۆڭلىگە
ئەقىل بەرگىن ئاللاھىم ، ھەقنى تونۇپ يەتكۈدەك
جاھالەتتە ئۆتمىسۇن ، قەلبى قاراڭغۇ زۇلمەتتە
ياخشى ئۆلۈم ئاتا قىلغىن ،ئىمان بىلەن كەتكۈدەك
خاتىرەمدىن.