مۇسادىرە قىلما كۆڭلۈمنى
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
رىزىنكىدەك سوزۇلۇپ يوللار،
خىيالىمغا چىرماشتى ھەجەپ.
مەجنۇنلارنىڭ داڭگىلى بولۇپ،
يۈرمەكتىمەن زېھنىمنى خەجلەپ.
شەپەرەڭگە بولدۇم شاگرىت،
قاراڭغۇلۇق بولدى ئوزۇقۇم .
چالا ئۆسكەن تېرەمدىن رەنجىپ،
قوۋۇرغامغا توقۇيمەن توقۇم .
ئالچاڭلايمەن ئارقاڭدىن نىگار ،
تەڭ ئىگەيلى يەرنىڭ بېلىنى.
تەببەسسۈمنى قىلماي ئاق ۋاراق،
ئوغۇتلايلى سۆيگۈ دېنىنى.
سېگنالىم يوق تۇرىمەن كۆيۈپ ،
كۆك چىشىڭغا ئۇرىۋال مېنى .
قاتىل بولاي ۋېرۇسلىرىڭغا،
ھۆججەت قىلىپ قۇرىۋال مېنى .
پاشا بولۇپ مەڭزىڭگە قوناي ،
جان ئۈزىمەن سۈيۈملۈك < پاق > تا.
ئارمانلىرىم بولسىمۇ بەربات ،
بىر ئۈمۈدىم كۆكلىسۇن شاختا.
كەچۈر نىگار ،پۇتلىشاي ساڭا ،
سىلكىسەڭمۇ چىرايلىق نوقى .
ئەقىدەمنى قىلدىڭ بىچارە،
رەھىمسىزكەن مۇھەبببەت ئوقى.
قىلىقلىرىڭ تىۋىش چىقارسا ،
يۈرەكلىرىم بولىدۇ تەڭكەش.
نىسىپ بولسا بىزگە نىكاھ -كۈي ،
جېنىم نىگار بولامسەن دىلكەش.
كۆزلىرىڭدىن چىققان لىرىكا،
پارچىلايدۇ تىنىقلىرىمنى .
سەۋدالىقىم تېشىپ رومكىدىن
پەردازلايدۇ سىرلىقلىقىمنى.
ھەر سائەتتە يۈرىكىم دۈپ - دۈپ ،
كىرسەڭ مەغرۇر سىنىپ ئىچىگە.
مەغلۇبىيەت ھەر كىمگە مەنسۇپ ،
تايانمىسا ھەر كىم كۈچىگە.
توغان سالدىم توسمىلىرىمغا ،
غالجىرلاشتى ئەخمەق پىتلىرىم .
كۆيدۈرمىسەم بولمىدى تۈكنى،
لەيلىمەكتە نادان كىتلىرىم .
پەرھات -شېرىن بولماق ئاسانمۇ؟
تولۇق ئەممەي سۆيگۈ سۈتىنى .
چاخچاق بولۇپ قالمىسۇن نىكاھ،
سۈرۈتمەك تەس ھەسرەت يېشىنى.
چېقىلىپتۇ سۆيگۈ لوڭقىسى
خىياللىرىم سۈزگەندە مېنى.
كىرپىگىڭگە ئىلىپ قوي نىگار ،
بىرەر قېتىم كۆرگەندە مېنى.
ھەسەتلەردىن يىراق تۇغۇلغان ،
بوش چاغلىما ئاددىي سۆيگۈمنى.
ئوربىتاڭنى ئايلىناي لىكىن ،
مۇسادىرە قىلما كۆڭلۈمنى.