يىـڭى ئــەزا
بىر ئالىمغا قىلىنغان ھاقارەتنى كۆرۈپ ئويلىغانلىرىم بىر كىملەر ئولۇغلاپ يىللارنى ئاتاپ ، شەنىگە داستانلار پۈتكەنمۇ بولدى. بىر كىملەر ئوپئۇچۇق قارىلاپ ،تىللاپ، ئىماننىڭ بېغىدىن سۆككەنمۇ بولدى. بىر كىملەر باغلارغا پەرۋىشكار باغۋەن، بىر ئۆمۈر بىقىشتا پەرۋىشتە بولدى. بىركىملەر تام بويلاپ يۈرگەندۇر ئوغرى، يۈرىكى تىنمىدى تەشۋىشتە بولدى. بىركىملەر قەددى تاغ ،گوياكى بوغدا، پەرزەنتنىڭ بىر ئۆمۈر ھامىيسى بولدى. بىركىملەر بايرىقى<مىللەتنى قوغدا!> ئۆزىچۇ؟ سېتىشنىڭ داھىسى بولدى.. بىر كىملەر ھۈنەرسىز ،پىرسىز،موللىسىز،، ھۈنەردىن باش بولۇپ سۆز ئېيتار بولدى. بىر كىملەر ئىلىپتىن ،لامدىن خەۋەرسىز، مىم ئاچقان بولاققا لاي تىقار بولدى. بىر كىملەر ئاق لىكىن يىنىك بىر توزغاق، شامالدا توزىماق تەقدىرى بولدى. بىر كىملەر <كۆكيۆتەل> كېسىلى قوزغاق، توزغاقتەك خورىماق تەقدىرى بولدى. بىركىملەر شامالدا ئۇچقان بىر ئۇرۇق، ئۈنگىنى ئۇنىڭدىن بىر ئاپتاپپەرەس! ۋەلىكىن كۈزلىكى سەللىسى قۇرۇق، قۇشقاچتۇر چوقىغان ،يەپ قاچقان مەرەز!
مەنبە: ئۆزقەلىمىم
پاش قىلىش
نامەرتلەرگە جاۋابىم يوق !
مەستانە ئـــەزا
دائىملىق ئــەزا
ئاكتىپ ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ