مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 360|ئىنكاس: 8

نىمشېھىت شېئىرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77816
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3681
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-3-23
ئاخىرقى: 2013-1-4
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                  يۇرتۇمغا خەت
            مىڭ پىغان-يۈز مىڭ پىغان بېشىمغا چۈشتى ئىپتىخار،
            ئولتۇرۇپ قان يىغلىسام، بولماس يېتىپ يول يىراق.
            كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى جانۇ تېنىمنى ئوتلۇق پىرىق،
            ئەمدى پۇرقەت ئۇتىغا كۆيمەككە تاقەت بولدى تاق.

           ھەددىدىن ئاشتى سېغىنماق- جاندىن ئۆتتى ئىشتىياق،
           خانۇ ماندىن ئاجرىغاننىڭ تەلىپى بولمايدۇ ساق .
           ئىككى كۆزنىڭ چەسمىسىدىن ئاقار ھامانۇ قان بۇلاق،
           كۆزگە زىنداندەك كۆرىنەر گۈلچىمەندە سايرىماق.

          ھەر كىشى ئايرىلمىسۇن ئەۋلادىدىن- ئەلدىن يىراق،
          جۈپتى قىل يارەب مۇسەللىم، ھەرگىزمۇ قىلما زىدى تاق.
          «ئاھ...!»دېدىم مەن دوسلىرىم چۈشتى بېشىمغا ئوت-پىراق.
          ئەل پىراقۇ، ئەل پىراقۇ، ئەل پىراقۇ، ئەل پىراقۇ.
                                                                     1929-يىلى ، قەشقەر
                       ئۇكام ساڭا
           سالام يوللاي ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ،
          ئىشلەۋاتقان قىزغىن روھلۇق ئۇكام ساڭا !

         چىن كۆڭۈلدىن بەلنى باغلاپ خەلق ئۈچۈن،
         تىنماي ئىشلە نىشانسىزلىق ھارام ساڭا!

        شەخسىي ئىشىڭ ۋەتەن-ئەلگە بېغىشلانسۇن،
        پەن مەرىپەت ئىشلىرىغا قىل جان پىدا!...

       ئېغىرچىلىق - قىيىنچىلىق تالدۇرمىسۇن،
      ھاردىم دېيىش زور ئەيىپتۇر ئۇكام ساڭا!

      خەلقمىزنىڭ كۈتكىنىنى ئادا قىلىش،
      ئىجاد قىلىش، مېھنەت قىلىش قەرىزدۇر ساڭا!

      ئەۋلادلارغا نەمۇنىلار قالدۇرۇشقا ،
      ئۆمۈر بۇيى ئىشلىگىنىڭ راھەت ساڭا!

      ھەركىم ئەگەر ئىستىقپالىغا سېلىپ نەزەر،
      ئىش باشلىسا ئۇ، بولغۇسى ئۇستاز ساڭا.

      ئوتلۇق يۈرۈك قەلبىڭ تازا بولسۇن ھامان ،
      ۋىجدانلىق ئەر مەزلۇم ئەلگە چوڭ بىر پاناھ!...

      كېلەچەكنىڭ مېمانلىرى ئەستە بولسۇن،
      قالدۇرغىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئارتسۇن يانا!

      ئاناڭمۇ ھەم ساڭا بەرگەن سۈتلىرىگە،
      رازى بولسۇن  كۈتكىنىدەك ئىشلە ئۇكا!

      خۇشال بولسۇن سېنىڭ ئۆسكەن ئايماقلىرىڭ،
      ۋەزىپەڭنى جان كۆيدۈرۈپ قىلغىن ئادا.

      تەكەببۇرلۇق، ئىككى يۈزلۈك، يالغانچىلىق،
      مەغرۇرلۇقنى سەن ئۆزۈڭگە ھېچ يۇلاتما.

      قىزغىن روھلۇق، ئۆتكۈر كۆزلۈك، چىداملىق بول،
      ئونتۇمىغىن ئەلنى دائىم ئەستە ساقلا.

      بۇ سۆزۈمنى ئىش يۈزىدە كۆرسىتىشكە،
     «سۆزى باغدا ، ئىشى تاغدا» بۇلۇپ قالما!

     كونا تۇرمۇش ئادىتىدىنى ئارزۇ قىلما،
     قۇرۇق مېڭە جاھىللارغا ئۇرغىن پەشۋا!  

     گۈللەپ ئۆتسۇن يۇرتىمىزدا مەدەنىيەت،
     قانلار يۈتسۇن كۆرەلمەسلەر ھەم ئىپلاسلار!

    ئارزۇلارنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئىشلىگەندە،
    قەتئىي بۇلۇڭ كۈچلۈك بىلەك سىزدەك ياشلا!

    بۈگۈن سىنىڭ بۇ شەرەپلىك خىزمەتلەرنى
    ئۆتەش ۋاقتىڭ، سۇسلۇق قىلما سەن بۇ يولدا.

   خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدىغان يارەنلەرگە،
  ئىلھام بولسۇن ئىلتىماسىم ئۆز ۋاقتىدا.

   سېزىلسە ئەگەر خەلق ھاياتىنى قىرقىغۇچى،
   يوقۇتۇشقا بىر مىنۇتمۇ سۇسلۇق قىلما !

   يالغۇز ئەگەر نۇرغۇن دۈشمەن ئارا كىرسەڭ،
   بومبا بۇلۇپ پارتلا ئۇنى تىتىپ تاشلا!...

   قايناپ تۇرسۇن قىزىق قېنىڭ ۋولقانلاردەك،
   پۇرسەت بەرمە ئالدامچىغا ئىنىم ئەسلا!

   ئۆگىنىشتە تىرىشچانلىق يۇلۇڭ بولسۇن،
   يانجىپ تاشلا ئەگەر يۇلۇقسا تۇسالغۇلا!

   چېلىش -كۆرەش مەيدانىدا جەۋلان قىلغىن ،
   ئارتتا قالغان ئوغلانلارنى ئالغا باشلا !

   شۇ مەقسەتتە ئىشلەردىغان بارلىق ئۇكام،
   نىمشېھىتنىڭ تىلىكى شۇ بېسىڭ ئالغا !...  

                                                              1941-يىلى 23- ئاۋغۇست  ، ئاقسۇ






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ۋەلىجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-2 11:52 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16795
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1269 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[img][/img]

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 361
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73979
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3671
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-1-26
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشې  شېر  لا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81774
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-6-18
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەكتىن چىكىدۇ  ھە

يالقۇن085

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13787
تۆھپە نۇمۇرى: 3301
توردا: 1855 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى چوڭقۇر شېئىركەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81246
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4286
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل شېرىلاردە بۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89358
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-12-31
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇشئرلار ناھايىتى ياخشى ئكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 685
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5358
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 04:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نىمشېىت ئەپەندىمنىڭ جاھان رانارلىرى دىگەن شېئىرنى بەك ياخشى كۆرىمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش