«مۇفاسىل» كېسللىگى بىلەن ئاغرىغان بېمارلارنى پەرۋىش قىلىشتىكى مۇھىم نوقتىلار
1 . روھى پەرۋىش جەھەتتە :بىمارلار ئۆزىنى خۇشال – خۇرام تۇتۇش، ئارتۇقچە غەم – ئەندىشە قىلماسلىق، ئاچچىقلانماسلىق،بىمارلارغا پىسخىلوگىيە پەرۋىشى ئېلىپ بارغاندا ، بېمارلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ، غەمخورلۇق قىلىپ ئىددىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ بىمارلارنىڭ كېسەللىككە بولغان تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈپ كېسەللىك ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئېشەنچىسى تۇرغۇزىلىدۇ.
2 . ئۇزۇقلۇق پەرۋىش جەھەتتە: بېمارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن سۇغۇق تەبىئەتلىك ، غەلىيز غىزالاردىن يەنى ( پولو، مانتا، كالا گۆشى، قېتىق) دىن پەرھىز قىلنىپ لەتىيف غىزالار ( باچكا شورپىسى، گۆشى، نىپىز بۇغداي نېنى) بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش لازىم.
3 . دۇرا پەرۋىش جەھەتتە: بىمارلارغا دۇرا بەرگەندە دۇرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلىپ دۇرا مىقدارى، ۋاقتى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، دۇرا ئىشلەتكەندىن كىيىنكى ئۈنۈمى ۋە ئەكىس تەسىرى، چوڭ – كىچىك تەرىتى ھاياتلىق ئالامىتى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە كۈزىتىپ خاتىرلەش، شەربەت ئىستىمال قىلغاندا چۇقۇم ئىسسىتىپ ئىستىمال قىلىش.
4 . ھەركەت ۋە كىيىنىش جەھەتتە: بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، قېلىن كىيىنىش، سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ساقلىنىش، ئېغىر جسمانى ئەمگەك، ئۇزۇن يول يۈرۈشتىن ساقلىنىش، كېسەللىك ئالامىتى نىسبەتەن ياخشىلانغان بىمارلار مۇۋاپىق تۈردە ھەركەت قىلىپ تۇرۇش، ئۇزۇن مۇددەت يېتىپ داۋالانغان بېمارلارنىڭ ياتاق يارىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەدەن ھالىتىنى داۋاملىق ئۆرۈپ تۇرۇش لازىم، يەرلىك ئۇرۇننى قۇرغاق پاكىزە ساقلاش، ئىچ كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، بېمارغا پاكىزە – تىنىچ بالنىست مۇھىتى يارتىپ بىرىش .
تاشقى جىنسى ئەزا ياللۇغى كىسەللىكىنىڭ پەرۋىشى
1. پىسخولوگىيە پەرۋىشى:
بىمارنىڭ خىلىت ھالىتىنى ۋەمىزاجىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئۇيغۇن تېبابەت پىسخولوگىيە پەرۋىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. ئوزۇقلۇق پەرۋىشى:
بىمارنىڭ خىلىت، مىزەجى ۋە كىسەللىك ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ماس كىلىدىغان ئوزۇقلۇق پىلانى تۇزەيمىز.
1) بىمارنى ئوزۇقلاندۇرغاندا ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىمىز، مەسىلەن كەپتەر شورپىسى، شورپا قاتارلىقلار. ئاچچىق، چۇچىمەل، چالا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەردىن، قېنىق چاي، كافېي قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يىمەكلىكلەردىن چەكلىنىدۇ.
2) مۇنزىچ (ماددا پۇشۇرغۇچى) بەرگەندە مايسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى مەسىلەن: خولوپ ئاش، شوۋگۈرۈچ، كەپتەر شورپىسى قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى بىرىش، مۇۋاپىق مىقداردا سەي-كوكتاتلارنى، مىۋە-چىۋىلەرنى بىرىش، ، تاماقنى زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سۇغۇق يىمەسلىكى. مايدا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەردىن چەكلەش مەسىلەن: پولو، قاتلىما، گوش نان، سېمىز گوشنىڭ شورپىسى، كاۋاپ، قاتارلىقلار.
3) مەتبۇخ (سۈرگۈچى) بەرگەندە ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكلەر بىرىلىدۇ مەسىلەن: نارىن، شويلا، پالىك ئېشى، قارا توخۇ شورپىسى قاتارلىقلارنى بىرىش. سوغاقلىق، غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەردىن چەكلەش مەسىلەن: لازا، ئاچچىقسۇ، سۇغاق ئاش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار.
4) مۇۋاپىق ئۇزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش.
3. تۇرمۇش پەرۋىشى:
1) بىمارغا كىسەلگە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلىنىپ، كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىق بۇلۇشىنى ساقلاش ھەمدە ئۆز كىسىلىدىن غالىپ كىلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇلىدۇ.
2) بىمارغا تۇرمۇشىنى رېتىملىق قىلىش، زىيادە ھېرىپ چارچىماسلىق، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىش، ئېمونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىلىدۇ.
3) شەخسى تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ ھېيىز مەزگىلىدىكى تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئىچ كىيىملەرنى كۇندە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش،يەرلىك ئۇرۇننىڭ پاكىزە،قۇرغاق بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش،ھەركۇنى ئەۋرەت يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا يۇيۇپ تۇرۇش لازىم.
4) ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش، سوغوق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ساقلىنىش.
5) بىمارغا يىتەرلىك ئۇخلاشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈش، تىز ئۇخلاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە يىتەكلەش. مەسىلەن: ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسسىق سۇغا پۇتىنى چىلاش، بىر ئىستاكان سۈت ئىچىش.
4. ئادەتتىكى پەرۋىش:
1) ئاياللار بۇلۇم قائىدىلىك پەرۋىشى بۇيىچە پەرۋىش قىلىنىدۇ.
2) كىسەللىكنىڭ خارەكتىرىگە ئاساسەن، بىمار مۇھىتى پاكىز، ئازادە، تېنىچ، ساپ ھاۋالىق كىسەلخانىغا ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.
3) بىمارنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى، ئەس-ھۇشى، تىل ۋە تۇمۇرى، چوڭ-كىچىك تەرىتى، ھېيىز دەۋرى، قاتارلىقلاردا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە دوختۇرغا خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە داۋالاشقا ماسلىشىپ بىرىلىدۇ.
4)يەرلىك ئۇرۇننىڭ قىزىرىش ،قېلىنلاش ئەھۋالى ، ئاق خۇن مىقدارى قاتارلىقلار كۈزىتىلىدۇ.
5) بىمارنىڭ زىيادە چارچىماسلىقىغا، كۆڭلىنى ئازادە تۇتىشىغا ۋە ئۇيقىسىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
6) بىمارنىڭ تۇرمۇشى، يىمەك-ئىچمىكى، ئۇيقىسى، كەيپىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا چۈشىنىپ، مۇناسىپ پەرۋىش تەدبىرلىرىنى تۇزۈپ، پەرۋىش خاتىرسنى ۋاقتىدا خاتىرلەپ مېڭىش لازىم.
5. دورا پەرۋىشى:
بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا، خىلىت ئۆزگۈرىشىگە ئاساسەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە دورا بىرىلىدۇ.
سۈت بېزى ئۆسۈش كىسەللىكىنڭ ئۇيغۇر تىبابەت پەرۋىشى
پىسخىلوگىيە پەرۋىشى :
بمارنىڭ خىلىت ئالاھىدىلىكى ۋە مىزاجىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ پىسخىلوگىيە پەرۋىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ.بىمارنى روھى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇپ داۋالاش پەرۋىش باسقۇچلىرىنى تەپسىلى چۇشەندۈرۈش ئارقىلىق ئارتۇقچە غەم ئەندىشىدىن ساقلىنىش ھىسىياتىنى شەكىللەندۈرۈش ،كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇش ،ئۆزىگە روھى بېسىم چۈشۈرمەسلىك ساقىيشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بىرىش.
ئۇزۇقلۇق پەرۋىشى :
بىمارنىڭ خىلىت ئالاھىدىلىكى ،مىزاجى ۋە كىسەللىك ئۆزگىرشىگە قاراپ ماس كىلىدىغان ئۇزۇقلۇق پىلانى تۈزەيمىز.
ئۇزۇقلىنىش قەرەللىك،نورمىلىق بۇلىشى،ئادەم بەدىنىدە كىرەكلىك بولغان ئۇزۇقلۇقلاردىن ئاقسىل، ماي، قەنىت، ۋىتامىنلار مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش مەسىلەن؛(نارىن چۆپ، شۆيلە ئاش)قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش،لازا –ئاچچىقسۇ،قىيمىلىق تاماقلاردىن پەرھىز قىلىش تەكىتلىنىدۇ.
دورا پەرۋىشى :
بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا خىلىت ئۆزگىرشىگە ئاساسەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە .ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلاردىن شەربىتى ئۆشبە، ئىتتىرپىل چۆبىچىن بىرلىدۇ،سىرتتىن ئەمچەك ساھەسىگە زىمات تېڭىپ قۇيىلىدۇ،ئىنفىرا قىزىل نۇردا
ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ئېلىپ بېرلىدۇ.
.مۇنزىچ ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
مۇنزىچنى تاماقتىن يېرىم سائەت كىيىن ئىسسىتىپ ئىچىلىدۇ،بۇجەرياندا زىيادە ھېرىپ چارچاش ،ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.بىمارنىڭ دورا ئىچكەندىن كىيىنكى دورىنىڭ تەسىرى ۋە ئەكىس تەسىرىنى ئىننچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش لازىم.
مۇسھىل ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
بىمارنىڭ ئىچكەن دورا مىقدارى ۋە ۋاقتىنى كۈزىتش ،دورىنىڭ رۇلى ۋە بىمارنىڭ ھاياتلىق بەلگىلىرى ،چوڭ كىچىك تەرىتى ،تىرە رەڭگى ،تىل گېزى ،كۆز ئېقى ،ئېغىز تەمى،سۇسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش ،بىمارغا كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىش،مىۋە-چىۋە سەي كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىىمال قىلىش تەۋسىيە قىلنىدۇ.
تۇرمۇش پەرۋىشى:
1-ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە يىتەكچىلىك قىلنىدۇ.
2-شەخسى تازىلىققا دىققەت قىلىش ،ئىچ كىيىمنى ئازادە كىيىش،سۇنئى تالالىق كىيىملەرنى كىيمەسلىك،داۋالىنىش مەزگىلىدە چوقۇم لىپتىك تاقىماسلىق ،ئىچ كىيىملەرنى كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار تەكىتلىنىدۇ.
3 -ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش،سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ،ئېغىرجىسمانى ھەركەتتىن.
-يەرلىك ئورۇنغا زىيادە بېسىم چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىش لازىم.
ساغلاملىق بىباھادۇر دىن تاللانما