مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 821|ئىنكاس: 14

«كىرورانلىق بالىلار»نىڭ ماڭا بەرگەن ئۇچۇرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42234
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3521
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 738 سائەت
تىزىم: 2011-5-26
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 09:54:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«كىرورانلىق بالىلار»نىڭ ماڭا بەرگەن ئۇچۇرلىرى


ئەكرەم ئابدۇمىجىت


2007 -يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن بالىلار شائىرى ۋە يازغۇچىسى،ئەدەبىي تەرجىمان پەرھات ئىلياسنىڭ ئۈچ توملۇق تۈنجى بالىلار رومانى «كرورانلىق بالىلار»نى نەشىر قىلدى. دەسلەپتە مەن رەڭلىك بەتلەر بويىچە چىرايلىق موقاۋىلانغان ۋە بىر قىسىم رەڭلىك سىزما رەسىملەر قىستۇرما قىلىنغان بۇ روماننى ئۈچ توملۇق نەشرى بويىچە بىر نۆۋەت ئوقۇپ چىققان ئىدىم. يېقىندا بۇ رومان «شىنجاڭ كىتاپ خەزىنىسى» تەھرىر ھەيئىتى تەرىپىدىن ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ داڭلىق رومانلىرى قاتارىدا بىر توملۇق قىلىپ قايتا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. ئىلگىرى بۇ روماننى ئۇنتۇلغان بالىلىق ھېسلىرىمنى قوغلىشىپ ئاددىي تەپەككۈرلىرىم بىلەن ۋەقەلىك قوغلىشىپ يۈزەكى ھالدا بىر نۆۋەت ئوقۇغان بولسام، بۇ قېتىم زور قىزىقىش ئىچىدە سالماقلىق بىلەن قايتا – قايتا ئوقۇدۇم. بۇ  جەرياندا بىر قەدەر چوڭقۇرراق تونۇشقا كەلدىم.ئوقۇغانسىرى بۇ روماندىكى مەنالار دۇنياسىنىڭ، ئۇچۇر قىممىتىنىڭ،تارىخىي مەنبەلىرىنىڭ كەڭلىكى ۋە تېرەنلىكىگە ھەيران قالدىم. بۇ رومان ھەققىدە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە بولۇنغان ياخشى ئىنكاسلار پات – پات قۇلىقىمغا كىرىپ تۇردى. يېقىندا گېزىت-ژورناللاردىن ۋە دوست-بورادەرلەردىن بۇ رومان خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن خەنزۇ ئوقۇرمەنلىرى ۋە تەتقىقاتچى - ئوبزۇرچىلىرى ئىچىدىمۇ رومان ھەققىدە ياخشى ئىنكاسلارنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئىخلاسمەن مۇخلىسلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر بولغان نەزىرىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مۇپەسسەل مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە قۇربىم يەتمىسىمۇ، روماندىن ئالغان تەسىراتلىرىمنى يۈزەكى قەلەمگە ئىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆردۇم.


فولېكلۇر خۇرۇچلىرى ۋە ئىجادىي بۆسۈش


بىزدە «ئۇر توقماق» ،«ئۇچار گىلەم »، «ياغاچ ئات»، «جاھاننامە»، «سۇلايمان قالپىقى»،« قايناڭ چۆگۈنۈم»، «يېرىلىڭ تېشىم» قاتارلىق فولىكلورىمىزغا تەۋە «سېھرى بايلىق»لار خېلىلا كۆپ. ئەپسانە – رىۋايەتلەر ھەمدە ھايۋانات، ئۇچار-قانات، قۇرۇت - قوڭغۇزلار ھەققىدىكى چۆچەك - مەسەللەر،«مىڭ بىر كېچە»نىڭ ۋەقەلىك ئىچىدىن ۋەقەلىك پەيدا قىلىش ئۇسۇللىرىغا دائىر ئايرىم قىسسەلەر بۇۋا-مومىلىرىمىزنىڭ بالىلارنىڭ سەبىي كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، ئۆزلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئۇندەيدىغان،ئۇلارنىڭ بالىلىق تەسەۋۋۇر دۇنياسىنى قوزغىتىپ،كېڭەيتىدىغان،كەلگۈسى دۇنيانى يارىتىشقا دالالەت قىلىدىغان ئاجايىپ قىممەتلىك مەنىۋى مىراسلىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. بولارنىڭ سېھرى كۈچىدىن مەنىۋى ئىلھام ئېلىش،ئۇلاردىكى سېھرى ۋەقەلىكلەردىن ئىجادىي پايدىلىنىش،شۇ ئاساستا يېڭى-يېڭى پانتازىيەلىك ۋەقەلەرنى توقۇپ ،ئۇلارنى ئۇزاق ۋە قىممەتلىق تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن باغلاش، شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۈر قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش بالىلار  ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەڭ يارقىن نوقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەخمەتجان قۇربان سابىرى، ئابلىكىم ھەسەن، زامانىدىن پاكزات،جاسارەت جاپپار قاتارلىق بالىلار يازغۇچىلىرىمىز  ئۆزلىرىنىڭ بالىلار شېئىر- ھېكايىلىرى ، بالىلارغا بېغىشلانغان سەھنە ئەسەرلىرىدە بۇ خىل ئامىللاردىن ئىجادىي پايدىلىنىپ دەسلەپكى قەدەمدە چېقىن پەيدا قىلغان ئىدى. مانا ئەمدى پەرھات ئىلياس«كىرورانلىق بالىلار»ناملىق رۇمانىدا ئەنە شۇ خىل فولىكلۇر ۋەقەلىكلىرىمىزگە  ئىجادىي يانداشقان ھالدا  فانتازىيىلىك قۇرۇلمىلار بىلەن تارىخىي ۋەقە ۋە رىئالنى مەسىلىلەرنى بىر بىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ ۋە بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ماس كېلىدىغان  ئۆزگىچە  يېڭى بىر شەكىلنى يارىتىپ، بۇ جەھەتتە ئالاھىدە بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

رومان ۋەقەلىكى ئادەملەشتۇرۇلگەن «دانىشمەن قاغا»نىڭ تۆت تۈرلۈك خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەرىگە ئېرىشكەن بەش نەپەر ئۆسمۈرنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى بىلەن قانات يايدۇرۇلغان.ئاپتۇر بۇ يەردە رومان پېرسۇناژلىرىنى يۈكسەك فانتازىيە موھىتىغا باشلاپ كىرىش ئۈچۈن خەلق چۆچىكى«ئۇر توقماق» ۋە «بېلىقچىنىڭ بالىسى»  قاتارلىقلارنىڭ سىيۇژىت باشلانمىسىدىن ئىجابىي خۇرۇچ ئالغان. «ئۇر توقماق»چۆچىكىدىكى قاغا ئەسلىدە  قاغىلارنىڭ پادىشاھى بولسىمۇ نەپسى بالاسىدىن ئىبارەت يامان ئادىتىنىڭ كەينىگە كىرىپ جىنىنى ئارانلا بېقىپ كىتىۋاتقان كەمبەغەل بۇۋاينىڭ جىگدىلىرىنى ئوغۇرلاپ يەپ ئاخىر بوۋاينىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندىن كىيىن،  بوۋايغا ئالتۇن ساڭقاڭ ئېشەك، ئېچىلىڭ دەستۇرخان، ئۇر توقماق قاتارلىق خاسىيەتلىك نەرسىلەرنى بېرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بوۋاي، موماي ۋە يېتىم نەۋرىلىرى كىيىنكى كۈنلىرىنى باياشاتچىلىقتا، خۇشال- خوراملىقتا ئۆتكۈزىدۇ. «بىلىقچىنىڭ بالىسى»ناملىق چۆچەكتىمۇ بىلىقچىنىڭ بالىسى دادىسى تۇتۇۋالغان ئالتۇن بېلىقنى قۇتۇلدۇرۇپ ئۇنىڭدىن «خىسلەتلىك بېلىق قاسرىقى»غا، ئاندىن سومرۇق بالىلىرىنى يىلاننىڭ ھۇجۇمىدىن قوتۇلدۇرۇپ قويۇپ سومرۇق قوشنىڭ «خاسىيەتلىك  پېيى»گە، ئاخىرىدا بىر تۇلكىنى ئوۋچىنىڭ ئېتىپ تاشلىشىدىن قوتۇلدۇرۇپ تۈلكىلەرنىڭ «خاسيەتلىك تۈك»ىگە ئىرىشىدۇ ھەم ئاخىر بۇ كارامەتلەرنىڭ ياردىمىدە پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ قىيىن تەلەپلىرىنى ئورۇنداپ، شاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇپ، شاھ ۋارىسى بولۇشقا تاللىنىدۇ. مانا بۇ ۋەقەلىكلەردىكى ھەممە ئىش قولىدىن كېلىدىغان «خىسلەتلىك ئەڭگۇشتەر»لەر بىزگە ناتونۇش ئەمەس. خەلقنىڭ كۈچلۈك ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ خىل ئەڭگۇشتەرلەرگە  بەزىدە مۇشكۈللەردىن غالىپ كەلگەندىن كىيىن، بەزىدە  ھايۋان ياكى ئۇچار قۇشلارغا بىرەر  ياخشىلىق قىلغاندىن كىيىن ۋە  ياكى زوراۋانلىق قىلغۇچىلارنى بوي سۇندۇرغاندىن كىيىن ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدۇ. فولېكلۇرىمىزدا دائىم كۆرۈلۈپ تۈرىدىغان ئەڭگۇشتەرلەرنىڭ «ئىگىلىرى» كۆپرەك ھايۋان ئوبرازلىرىدىن قاغا،ئالتۇن بېلىق، تۈلكە قاتارلىقلارغا، يېرىم ئىلاھىي ئوبرازلاردىن پەرى قىز، خىزىر بوۋاي ، پەرىشتە، رەمچى قاتارلىقلارغا، فانتازىيىلىك ئوبرازلادىن جىن-شەيتان، ئالۋاشتى، ئەجدەرھا، دېۋە، بۈلبۈلگويا قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.شۇنداقلا ئۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئۈچ خىل خاسىيىتى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى  تاپقان ئىدى. پەرھاتنىڭ رومانىدا بولسا بۇ خىل ئەڭگۇشتەرلەر ھەم ئەنئەنىۋى ئوبراز بولغان قاغىدا كۆرۈلىدۇ ھەم ئىجادىيلىققا ئىگە قىلىنغان ھالدا «تۆت خىل خاسىيەت»كە كۆپەيتىلىدۇ. دانىشمەن قاغا تەرىپىدىن ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىش ئارزۇسى بويىچە سوغا قىلىنغان قاشتېشى سىياقىدىكى «تىلتاش»، نوقۇت سىياقىدىكى «چىمچىق، شۈك»،قول سائەت سىياقىدىكى «چىكىلدا سائىتىم،كىچىلدا سائىتىم»، ئۆتۈك سىياقىدىكى«تەپكەك باتۇر» قاتارلىق ئەڭگۇشتەرلەر ئەنئەنىۋىلىك ۋە ئىجادىيلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئامىلنىڭ زىچ بىرىكىشىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. زاماننى خالىغانچە كەينىگە ياكى ئالدىغا سۈرەلەيدىغان، كۆرۈنمەس ھالەتكە كېلەلەيدىغان، ھەرقانداق مەۋجۇداتنىڭ تىلىنى بىلەلەيدىغان،نېمىنى ئويلىسا شۇنىڭغا ئېرىشەلەيدىغان، ئومۇمەن بارلىق ئېھتىماللىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغان بۇ خاسىيەتلەر رومان ۋەقەلىكىنى، پېرسۇناژلار ھەركىتىنى ماكان-زامان كەڭلىكلىكىگە ۋە ئۆزىگە خاس سېھرى كۈچكە ئىگە قىلغان. روماندىكى ئۆزىگە خاس خۇسۇسيەتكە ئىگە بولغان ئايرىم-ئايرىم ئامىللار بىر تۇتاش لىنىيىگە كىرگەن. بۇرۇن، ھازىر ۋە كەلگۈسى گاھى زاماندىن ھالقىغان ياكى زامانغا قايتىپ كەلگەن قىياپەتتە بىرلەشتۇرۇلگەن. ۋەقەنىڭ ئىچىدىن ۋەقە، ھازىرنىڭ ئارىسىدىن تارىخ كېلىپ چىققان. روماندىكى تارىخىي ھادىسىلەر ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلەر چۆچەكسىمان، مەسەلسىمان،چۈشسىمان،خىيالسىمان ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پىرسۇناژ ئىسىملىرىمۇ مۇئەييەن ئىجتىمائى موھىت ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا شەھەردىن يېزىغا ئوينىغىلى كەلگەن ئىككى بالىنىڭ ئىچىدىكى ئوغۇلنىڭ ئىسمى تۇيغۇن،قىزنىڭ ئىسمى زۇمرەت.يېزىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىككىسىنىڭ ئىسىملىرى بولسا قەدىمقى ئەنئەنىلەرنىڭ داۋامى سۈپىتىدە قويۇلغان بولۇپ ئوغۇلنىڭ ئىسمى تۈرگۈن، قىزنىڭ ئىسمى بولسا ئايچەشتىن ئىبارەت.قەدىمقى كىرۇران ئېلىنىڭ مەلىكىسى سۈپىتىدە تەسۋېرلەنگەن(«كىرۇران گۈزىلى»دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان) ئايچەچەكنىڭ ئىسمى بولسا نەچچە مىڭ يىلنىڭ ئاۋالقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتىگە تولۇق ماسلاشتۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ خارەكتىرىدە ئەجداتلىرىدىن قالغان تەۋەككۈلچىلىكنىڭ، تەبىئەتكە چوقۇنۇشنىڭ، ئەنئەنىۋى ئەخلاقنىڭ  يارقىن ئىزنالىرىمۇ، ھازىرقى زامان مەدىنيىتىنىڭ ئارىلاشما  گىنلىرىنىڭ سۇس ئامىللىرىمۇ بىللە مەۋجۇت. بىز بۇلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى قويۇپ تۇرۇپ دىققەت نەزىرىمىزنى فانتازىيەلىك موھىت ئىچىگە ئاغدۇرغىنىمىزدا ئاجايىپ يېڭى ۋە مول تەسەۋۋۇر دۇنياسىنى ئۇچرىتىمىز.

ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا فانتازىيىلىك قۇرۇلما، سىرلىق سىيۇژىت ئامىللىرى ئەڭ كۆپ بولسا كېرەك.بۇ بىزنىڭ ياشاش موھىتىمىز ۋە تەسەۋۋۇرلىرىمىزنىڭ يىراق ئۆتمۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قويۇق ئەپسانىۋى مۇھىت ۋە سىرلىق جۇغراپىيىۋى ماكانغا ئىگە ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئۆزلىرى ياشاپ كەلگەن ئانا زىمىنىنىڭ قوينىدىن ئوتلۇق ئىلھام ئىلىپ،ئاجايىپ مول تەسەۋۋۇرغا ئىگە ۋەقەلىكلەرنى توقۇپ كەلگەن. ئىنسانىيەت ۋە تەبىئەت ،ئۆلۈم ۋە ياشاش ھەققىدىكى پەلسەپىۋى ھېكمەتلەرنى ،تارىخىي ھادىسىلەرنى، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ قىممەتلىك يالداما-خاتېرىلىرىنى، ئۈگۈت- نەسىھەتلىرىنى  ئەپسانە- رىۋايەتلەرگە، ماقال- تەمسىللەرگە ۋە مەسەل- چۆچەكلەرگە باغلاپ ئىزھارلاش بىزنىڭ بىر پۈتۈن مەدىنيەت تارىخمىزنىڭ  غول لېنىيىسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن. بۇ نوقتىدىن ئېيىتقاندا   «كرۇرانلىق بالىلار»نى ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى بىر پۈتۈنلۈك نوقتىسىدىن ماھىرلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرغان ئەسەرلەرنىڭ سەرخىلى دىيىشكە بولىدۇ.تەسەۋۋۇر -- ئىجادىيەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى،ئۇ يازغۇچنى ئىجادىيەت ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلدۇرىدىغان ئۇچقۇر قانات. باشلىنىشىدىنلا سىرلىق موھىت پەيدا قىلىپ،ئوقۇرمەنلەرنى كۈچلۈك جەلپ قىلىش،سىرلىق ۋەقەلىكلەرنى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى ئۇلاش ئارقىلىق بىر پۈتۈن ئەسەرنى ئوقۇپ بولمىغىچە  بولدى قىلماسلىق كەيپىياتىنى ھازىرلاش،ھەر بىر ئايرىم ۋەقەلەرنى ئۆز ئالدىغا بىر كۆرۈنۈش بويىچە چۈشۈنۈش ۋە ئەستە ساقلاشقا ئاسانلىق يارىتىش،ئەسەر ئوقۇلۇپ بولغاندىن كىيىنمۇ داۋامىنى خىلمۇ-خىل نوقتىلاردا تەسەۋۇر قىلىپ بېقىشقا ئۇندەش مانا بۇ روماننىڭ ئەڭ گەۋدىلىك خاسلىقى بولۇپ قالغان. 43 كىچىك ماۋزۇ ئارقىلىق ھەر بىر ۋەقەلىك بىر بىرىدىن روشەن پەرىقلىنىپ ، يەنە شۇ ئاساستا ھەر بىر مەزمۇن ئۆزىگە خاس يېڭىلىققا، ئىجادىيلىققا، پەلسەپىۋىلىككە ئىگە قىلىنغان. مۇبالىغە ۋە جانلاندۇرۇشنىڭ ياردىمى بىلەن ئەپسانىۋى موھىتنىڭ سىرلىقلىقىنى تېخىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈپ تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان كۆرۈنۈشلەر بىلەن رىيال مەسىلىلەرنى تەبىئى يوسۇندا باغلىغان.ئەسەردە زىمىندىن ئاسمانغىچە، شەيئىدىن ئادەمگىچە،خىيالدىن رىئاللىقىچە، ھازىردىن كەلگۈسىگىچە بولغان ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىپ،ئوقۇرمەننى تەسەۋۋۇر دۇلدۇلىدا پەرۋاز قىلدۇرۇپ،ھېكمەتلەر ئالىمىدە باشلاپ كىرىدۇ. ئاجايىپ-غارايىپ خىياللار دۇنياسىغا باشلايدۇ. يەنە كىلىپ بۇ تەسەۋۋۇرلار ئۆز نۆۋىتىدە تارىخي ۋەقەلەرگە،پەلسەپىۋى ھېكمەتلەرگە، پەننىي بىلىملەرگە زىچ باغلىنىپ كەتكەن.

قاراپ باقىدىغان بولساق،بىزدە يەنە بىر قىسىم ھايۋانلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتىۋىتىش بىلەن يېڭى-يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كېلىش،تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ئاخىرى تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچراش،ئىنساپ-دىيانەتنىڭ كۆتۈرۈلىشى بىلەن ھالاكەتكە يۈزلىنىش  ھەققىدىكى ئاچچىق ساۋاقلارمۇ ۋە بۇ ھەققىدە توقۇلغان ئەپسانا- رىۋايەتلەرمۇ يوق ئەمەس ئەلبەتتە.خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن بۇ خىل ئەپسانا- رىۋايەتلەرنىڭ بەزىلىرى بىزنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش ھاياتىمىزنىڭ فولىكلۇرىمىزدىكى ئىنكاسى. شۇڭا روماننىڭ «قومۇشلارنىمۇ بوش چاغلىماڭ»، «يىغلاڭغۇ توغراقلار»، «دەرتمەن ئېشەكلەر»، «تارىم يولۋىسىنى سېغىنىش»، «قارغىش تەككەنلەر» قاتارلىق باپلىرىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخ جەريانىدا بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنىڭ مۇئەييەن بېشارەتلىرىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.كىرۇرەن ،مېرەن شەھەر قەلئەلىرىنىڭ،تەكلىماكان بۇيلىرىدىكى شەھرى كېتىكقا ئوخشاش  تارىخىي شەھەرلەرنىڭ قۇم ئاستىغا غەرىق بولىشى ،لوپنۇرغا ئوخشاش كۆللەرنىڭ قورۇپ كىتىشى،سۇچىلىق ۋە مەدىنىيەت جەھەتتىكى كاتتا مۇجىزىلىك قۇرۇلۇش تۈرپان كارىزلىرىنىڭ سانىنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ كىتىشى،ھەر خىل ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇشى، تەبىئىي يىپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ زور دەرىجىدە ۋەيران بولىشى بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان مەزگىللىرىدىكى ئازاپلىرىنىڭ ئاچچىق ئىز -تامغىلىرى.بولۇپمۇ روماننىڭ «قارغىش تەككەنلەر» ناملىق بابىدا بايان قىلىنغان ئىنساپ- دىيانەت،مېھرى- ۋاپا،سۆيگۈ- مۇھەببەت كۆتۈرۈلۇپ كەتكەن ئەلدىكى پاجىئەلىك ئاقىبەتلەر بىزنىڭ تارىختىكى ئاچچىق قىسمەتلىرىمىزنىڭ مۇئەييەن بەددىي توقۇلما ئىچىدە ئىپادىلەنگەن ئىنكاسى! بىز روماندىن بۇ خىل ئاچچىق قىسمەتلەرنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ھالەتلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك تىراگىدىيىلىك مەسىلىلەرنىمۇ، تەبىئەتكە تايىنىپ شانلىق تارىخىمىزنى ياراتقان سەلتەنەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىمۇ بايقايمىز.بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا سىرلىق مۇجىزىلەر دۇنياسىنىڭ ئەپسانە ۋە رىۋايەتلىرى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن.

يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئۇيغۇر فولېكلۇرىمىزدا ھۇقۇش،قاغا،بۆرە،تۈلكە ، چاشقان قاتارلىقلار كۆپىنچە ھاللاردا شۇملۇقنىڭ، ساختىلىقنىڭ،ياۋۇزلۇقنىڭ،ئوغرىنىڭ  سىمۇۋۇلى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.لىكىن پەرھات ئىلياس رومانىدا يوقارقى ئۇچار قۇش ۋە ھايۋانلارنىڭ تەبىئەت ئىكۇلۇگىيىسىنى قوغداش،ئىكولۇگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ئارقىلىق ئىنسانلارغا پايدا يەتكۈزۈش،ھەممە جانلىق ئۈچۈن ياخشى ياشاش مۇھىت يارىتىپ بېرىش رولىنىمۇ نەزىردىن ساقىت قىلمىغان.بۇ جەھەتتىن ئالغاندا روماندا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلاش،بورۇنقىلار ئاساسىدا يېڭىلىرىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈش،ئەنئەنىلەرنى ساقلاپ قالغان ئاساستا زامانىۋىلىكنىمۇ ماسلاشتۇرۇش،ئۇيغۇر فولكىلۇرىدا يېڭى،يېڭى ئوبرازلارنى  مەيدانغا كەلتۇرۇشتىن ئىبارەت دادىل ئىزدىنىشىمۇ بار.

  يۇقارقى مەسىلىلەردىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى،پەرھاتنىڭ تەسەۋۋۇرى يالغۇر ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەرنى خالىغانچە توقۇپ ئەسەر ۋەقەلىكىنى سىرلىقلاشتۇرۇشقىلا قارىتىلماستىن، بەلكى مۇھىمى،رېئال تۇرمۇشىمىزدا ئىلگىرى بار بولغان ياكى كەلگۈسىدە بولۇش ئىھتىمالى بولغان ئىش - ۋەقەلەرگە قارىتىلغان.بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇش قانۇنيىتىمىزگە،ئۆتمۈشىمىزگە ۋە نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان.


تارىخىي شەخىس ۋە تارىخي ۋەقەلەرنىڭ بەدىئىي تەسۋىرى


«ئۇلار ئۆردەك بۇۋاينىڭ ياپيېشىل توغراق،چوغدەك تاۋلىنىپ تۇرغان يۇلغۇنلار بىلەن پۈركەنگەن ھەيكىلى ئەتراپىدا خېلى ئۇزاق ئوينىغاندىن كىيىن ئۆيگە قايتىشتى.»

مانا بۇ روماننىڭ دەسلىۋىدىلا بىز بىلەن «دېدارلاشقان» ۋە بىزگە ئايان بولغان ئۆردەك بوۋاي ۋە ئۇ ھەققىدىكى  ئاپتور بايانى. روماننىڭ ئاخىرى يەنىلا ئۆردەك بوۋاينىڭ ئوبرازى ۋە ئۇنىڭ بايانلىرى بىلەن تاماملانغان.يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىر تۈركۈم تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرى ئارقىسىدا  رىۋايەتكە ئايلىنىپ كېتەيلا دەپ قالغان تارىخىي شەخس ئۆردەك  ۋە ئۇ بايقىغان كىروران شەھرى ھەققىدىكى تارىخي ئۇچۇرلار جۇڭگۇ ۋە چەتئەل ئالىملىرى تەرىپىدىن خېلىلا چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ مۇئەييەن يارقىن نوقتىلار مەيدانغا كەلدى. يوقالغىنىغا مىڭ يىلدىن ئاشقان قەدىمىي شەھەر كىروراننىڭ ھازىرقى زامان ئىنسانىيەت ئالىمىگە  ئاشكارلىنىشىغا موھىم سەۋەپچى بولۇپ قالغان ئۆردەك بۇۋاي ۋە ئۇنىڭ چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىگە يول باشلىغۇچى بولۇپ باسقان ئىزلىرى شۋېتسىيىلىك داڭلىق ئېكىسپېدىتىسىيىچى دوكتۇر سېۋىن ھېدىننىڭ خاتېرىلىرىدىن ئايان بولدى. تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ ئۆردەك بۇۋاينى يىپ ئۇچى قىلغان ھالدا تەكلىماكان باغرىلىرىدىن يوقالغان شەھەرلەر، چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى قىدىرىپ- تەكشۇرۇشلىرى ھەققىدە بىر قەدەر ئىلمىي ئاساسلارغا ئىگە بولغان بىر تۈركۈم ماقالە-ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى.ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخ ۋە مەدىنىيىتى بىلەن دۇنيانى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرغان كروران ئېلى 1901 - يىلى بايقالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە قانچىلىغان ئالىم ۋە سەيياھلارنى ئۆزىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئېچىشقا قىزىقتۇرۇپ كەلمەكتە.جۇڭگۈ ۋە چەتئەل ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىدىلا ئەمەس،موھىمى مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن، ئارخىلۇگىيە تەتقىقاتچىسى قۇربان ۋەلى، ئابدۇقەييۇم خوجا، ياش مەدىنيەت تەتقىقاتچىسى ئەسئەت سۇلايمان، غالىپ بارات ئەرىك قاتارلىق ئۆز ئالىملىرىمىزنىڭ يىرىك ئەسەرلىرىدىمۇ بۇ توغرۇلۇق قىممەتلىك ئۇچۇرلار، يېڭى بايقاشلار،ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە ئىسپاتلىق تەھلىللەر ئوتتۇرغا قويۇلدى.

  پەرھاتنىڭ مەزكۈر رومانىدىكى ۋەقەلىكلەرمۇ ئەنە شۇ مۇھىم تارىخىي شەخىس ئۆردەكنى ۋە ئۇ بايقىغان كروران شەھرىنى يىپ ئۇچى  قىلغان ھالدا بالىلىق تەسەۋۋۇرلار بويىچە قانات يايدۇرۇلغان. روماندىكى يۈكسەك فانتازىيە ئامىلى  رومان ۋەقەلىكىنى قەدىمقى ئىلى ۋە تارىم دەريالىرىنى مەركەز قىلغان قەدىمىي شەھەر- قەلئەلەرنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغىچە كېڭەيتىپلا قالماي بەلكى، ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى، ھەتتا چەتئەللەرگىچىمۇ كېڭەيتىۋىتىدۇ. روماندىن بىز سېۋىن ھېدىننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «مەركىزىي ئاسىيادىكى كۆچمە كۆل»- لۇپنۇر كۆلى ۋە ئۇنىڭ قوشماقلىرىدىن باغراش كۆلى،تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمىي كروران شەھىرى،قەدىمىي مېرەن شەھرى، كۈسەن قەدىمىي شەھىرى، ئىلى ۋادىسىدىكى قەدىمىي ئاييورۇق شەھىرى، قازۋىن شەھىرى، قاياس شەھىرى  ۋە ئۇ جايلارنىڭ تارىختىكى جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئۇ جايلاردا بولۇپ ئۆتكەن بىر قىسىم تارىخىي ۋەقەلەر، ئەنە شۇ جايلاردا ياشىغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى دىنىي ئىتىقادى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، بايرام - مۇراسىملىرى ھەققىدە چوڭقۇر تونۇش ۋە بىلىمگە ئىگە بولىمىز. روماننىڭ «لوپكۆلدىكى ئاي سەيلىسى»، «يامان روھلار قوغلانسۇن» ناملىق بابلىرىدىن بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ شامان دىنىغا ئېتىقات قىلغان مەزگىللىرىدىكى ئەنئەنىۋى روھ چاقىرىش ۋە بايرام ئۆتكۈزۈش پائاليەتلىرىدىن ئوچۇرغا ئىگە بولساق،«كۈسەنلىك بالىمانچى قىز» ناملىق بابىدىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇددا دىنى مەزگىللىرىدىكى مۇراسىملىرى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىمىز. «نۇرۇز خۇشاللىقى» دېگەن بابىدىن بولسا ئىسلام دىنى كىرگەندىن كىيىنكى  نۇرۇز پائاليەتلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولىمىز. ئاپتۇرنىڭ بالىلىق خىياللارنىڭ ئۇچقۇر قاناتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان  سېھىرلىك قەلىمى گاھ لوپكۆل بويىدىكى كەچلىك بەزمىلەردە،گاھ ئەۋلىيا چوققىنىڭ سىرلىق باغرىدا، گاھ ئاتۇشنىڭ ئەنجۇرلۈك باغلىرىدا ،گاھ قۇمۇلنىڭ قارىتال يېزىلىرىدا ،گاھ قەشقەر ئوپالدىكى نورۇزبۇلاق بويلىرىدا،گاھ نىيە خارابىلىرى بىلەن دۇنخۇاڭ مىڭ ئۆيلىرىدە،گاھ قەدىمقى زاماننىڭ بۈيۈك مۇجىزىلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇرپان كارىزلىرىدا  يورغىلايدۇ.ئۇنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن تىنماي سەپەر قىلىدىغان بالا پېرسۇناژلىرى گاھى كىرورەن پادىشاھى تۈركلۈگ بىلەن ،گاھى كۈسەن شاھى ئاقارى پاك بىلەن،گاھى قاراخانىيلار دەۋرىدىكى مەشھۇر تىلشۇناس،ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن،گاھى تاڭ دەۋرنىڭ بۈيۈك شائىرى لى بەي بىلەن ،گاھى جۇڭگۇنىڭ مىڭ دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق جۇغراپىيەشۇناسى شۈي شياكې بىلەن، گاھى مەشھۇر چۆچەك پادىشاھى ئاندېرىسېن بىلەن سۆھبەتتە بولىدۇ. پۈتۈن روماندا كروران قاغانى تۈركلۈگ،نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ قارىلىۋاتقان كروران گۈزىلى،ئاييۇرۇق مەلىكىسى ئايقۇت، بۇددا ئالىمى كوماراجىۋا،تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقەرى،تاڭ دەۋرنىڭ مەشھۇر  شائىرى لى بەي، فرانسىيىلىك داڭلىق رەسسام داۋنىچ، يازغۇچى روسسۇ، سەيياھ ماركۇ، يول باشلىغۇچى ئۇردەك،ئىكىسپىدىتسىيىچى سېۋىن ھېدىن،بالىلار چۆچەك يازغۇچىسى دانيىلىك ئاندېرىسېن قاتارلىق 100دىن ئارتۇق تارىخىي شەخىس،سەرەڭگە ساتقۇچى قىز،ئەقىللىق يىشۇ،شىر پادىشاھ،سەرگەندان سەنماۋ،قار مەلىكە،يەتتە پاپا قاتارلىق 10نەچچە بەددىي فىلىم ۋە كىتاپ قەھرىمانلىرى، كىرۇراننىڭ ھالاك بولىشى،قەدىمىي خارابىلىكلەرنىڭ يېقىنقى زامان كىشىلىرىگە ئايان بولىشى،كارىز ۋە ئۇنىڭ ياسىلىش جەريانلىرى،مىڭ ئۆيلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئاسار-ئەتىقىلەرنىڭ چەتئەللەرگە توشۇلۇپ كېتىشى،تارىم ۋادىسىدىكى شەھەر - قەلئەلەرنىڭ پەيدا بولۇش ۋە يوقۇلۇش سەۋەپلىرى،ئىلى دەريا بويلىرىدىكى شەھەرلەر قاتارلىق 100 نەچچە قېتىملىق تارىخىي ۋەقە-ھادىسىلەر ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاييۇرۇق، كۈسەن، قارناق، مىڭلاق، قازۋىن، پارىژ قاتارلىق بىرمۇنچە يەر جاي، يۇرت  ناملىرى تىلغان ئېلىنغان. بۇ نوقتىلار بالىلار رومانىنىڭ مول تارىخي ۋەقەلەر ئۇستىگە قورۇلغانلىقىنى دەلىللەش بىلەن ئۇلار ھەققىدىكى  بىر قىسىم ئىلمىي پەرەز،يېتەرلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.بىز بۇنىڭدىن ئاپتۇرنىڭ بۇ روماننى يېزىش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ئاساسلىق قەدىمىي يۇرت- ماكانلارغا، شەھەر- قەلئەلەرگە،يېزا-بازارلارغا بېرىپ ئۇ جايلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇلار ھەققىدىكى خەلق ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان رىۋايەتلەرنى خاتېرىگە ئالغانلىقىنى،شۇنداقلا موھىم تارىخىي ئىزلار ھەققىدىكى كىتاپ-ماتېرياللارنىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئەگەر بىز بولارنى تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا ئىلمىي تەتقىقات نوقتىسىغا ئېلىپ كىرسەك ئۇ ھالدا روماندىن يەنە نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىشىمىزدە گەپ يوق.


پەننىي ساۋاتلاردىكى ئىكولۇگىيە مەسىلىسى


ئىكولۇگىيىلىك موھىت تېمىسى دۇنياۋى تېما بولۇش سۈپىتى بىلەن نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات-سەنئەتتىمۇ ئىنتايىن موھىم تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.شۇنداقلا،موھىتنى ئاسراش،مۇھىتنى قوغداش  تەربىيىسىنى ئاۋۋال بالىلاردىن باشلاش ھازىرقى زامان ئىجتىمائىيىتىمىزدىكى ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بولۇپ قالدى.ئۇلاردا ھايۋانلارنى ئاسرايدىغان،ئادەم بىلەن ھايۋان،ھايۋان بىلەن ھايۋان ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇققا كۆڭۈل بولىدىغان، ھەر خىل ئۇچار-قانات،دەل-دەرەخ،گۈل-گىياھ،ھايۋانلارنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكلىرىنى بىر قەدەر چوڭقۇر چۈشۈنىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش يالغۇز مائارىپنىڭلا مەسىلىسى بولۇپ قالماي، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ، جۈملىدىن ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭمۇ موھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئاپتۇر روماننىڭ «ياۋا تۆگە ناخشىسى» دېگەن بابىدا مۇنداق يازىدۇ:

«ئاخىر بىر كۈنى كۆپنى كۆرگەن،يىراقنى كۆرەر بىر قېرى تۆگە تۆگە ھەققىدىكى بىر قامۇسنى قولغا چۈشۈرۈپ بىر قۇر ۋاراقلاپ چىقتى.ئۇنىڭدا:‹ھايۋان بېقىش تاپسا سەمرىيدۇ، دېگەن گەپ ياۋا تۆگىگە ماس كەلمەيدۇ،چۈنكى،ياۋا تۆگە ناچار،قاقاس جايلاردا ياشاشقا ئادەتلەنگەن.ئۇ سۈيى،ئوت-چۆپى ئەلۋەك جايلاردا ئۇزاق تۇرسا ھالاك بولىدۇ› دەپ ئېنىق يېزىلغانىدى. چوڭقۇر ھېكمەت يوشۇرۇنغان بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئۇ ئويغا پاتتى.ئاندىن ھېلىقى قېرى تۆگە بىلەن شائىر تۆگىنىڭ نېمىشقا بۇ جايغا كىلىشكە ئۇنىمىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدى-دة،كۆڭلى بىردىنلا  ۋاللىدە يورۇپ كەتتى.»(84-بەت). مانا بۇ قۇرلاردىن بىز ياۋا تۆگىنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكى، تەبىئىتى ھەققىدە تولىمۇ ئىخچام، ئەمما مەزمۇنلۇق ساۋاتقا ئىگە بولىمىز.

ئاپتۇر يەنە روماننىڭ «قۇمۇشلارنىمۇ بوش چاغلىماڭ»ناملىق بابىدا مۇنداق يازىدۇ:

«قۇمۇش دېگەن بىر بوغۇمدىن سۇنسا يەنە بىر بوغۇمدىن كۆكلەپ چىقىۋىرىدىغان نەرسە.بىز قۇمۇشلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارىمىزغا ھېچنەرسە تەڭلىشەلمەيدۇ.سۇسىز قۇرۇپ قالغان قۇمۇش يىلتىزى مەيلى ئاپتاپتا قانچىلىك ۋاقىت قاقلانسۇن،مەيلى چانىلىپ پارە-پارە بولۇپ كەتسۇن نەچچە ئون يىلدىن كىيىنمۇ پەقەت سۇغا ئېرىشەلىسىلا قايتىدىن كۆكلەۋېرىدۇ.... سۇنى ساپلاشتۇرۇش بىز قۇمۇشلارنىڭ توغما ئىقتىدارىمىز.بىز پايانسىز سوزۇلۇپ كەتكەن يىلتىزلىرىمىز بىلەن سۇدىكى فوسفۇر،سېنىك،كاربۇن قاتارلىق يۈز نەچچە خىل زىيانلىق ماددىنى سۈمۈرۈپ سۇنى ساپلاشتۇرۇپ،ئىكولۇگىيىلىك موھىتنى ئاسراشتا غايەت زور توھپە قوشۇپ كەلگەن» (97-107-بەتلەر). كۆرۈنۈنپ تۇرۇپتۇكى، ئاپتور بۇ قۇرلاردا قۇمۇشتىن ئىبارەت بۇ كۆپ يىللىق،سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۆل ۋە ئېقىنلارنىڭ سۈيىنى تازىلاش،سۇ ئاستىدىكى جانلىقلارنىڭ ياشاش موھىتىغا پايدا يەتكۈزۈش،ئاخىرىدا كۆل بويىدىكى پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى قوغداشتىكى  موھىم رولىنى جانلىق تىل ۋاستىسى بىلەن ئوبرازلىق گەۋدىلەندۇرۇپ بەرگەن.

«- مەندىن تەلىم ئالىمەن دېسەڭلار، ئۇنداق ئاسما ئوكۇل، پاسما ئوكۇل دېگەنلەرنى ئېغىزغا ئالغۇچى بولماڭلار، - دېدى تېۋىپ ھۇۋقۇش كەسكىنلىك بىلەن، -  مەن ئۇنداق خېمىيىۋى دورىلارنى ئىشلىتىپ ھايۋانلارنى زەھەرلەيدىغان ئىشلارغا قەتئى قارشى. مېنىڭ قوللىنىدىغىنىم پۈتۈنلەي تەبىئى داۋالاش ئۇسۇلى، ئىشلىتىدىغىنىممۇ پۈتۈنلەي تەبىئىي دورىلار....»

«- قوتازدىكى قوتۇر كىسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى، - دەپ ئوقۇشقا باشلىدى تۇيغۇن، - قوتاز قوتۇر بولۇپ قالسا، ئۇنى كۆل بويىغا ئەكىلىپ پاتقاققا ئېغىناتماق كېرەك. پاتقاق قوتۇر ئۇستىگە چاپلىشىپ قۇرۇپ ئۈچ-تۆت كۈن ئۆتكەندىن كىيىن يەنە كۆلگە كېلىپ يۇيۇنۇپ ئادالىۋەتسە قوتۇر كېسىلى سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ.» (254-بەت)

«- بايىقى قېرى جەرەننىڭ گېپى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، - دېدى تېۋىپ ھۇۋقۇش ئۇچۇپ كېتىۋىتىپ، - تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىقلارغا تەھدىت سېلىپ تۇرىدىغان بىر كۈچ بولغىنى ياخشىكەن.بولمىسا ھەممىسى بېخۇدلىشىپ، ئاقىبەتتە ھالاكەتكە يۈزلىنىدىكەن. ئۆتكەندە ئاۋۇ تۇغراقلىقتىكى قويلاردا دېۋەڭلىك كېسىلى كۆرۈلۈپ بارغانىدىم. بىر قېرى قوچقارنىڭ دېيىشىچە قويلارنى پات- پات بۆرە قوغلاپ تۇرمىسا دېۋەڭلىشىپ، قۇتۇر بېسىپ، مېڭڭىسى يىگىلەپ، ھەر خىل كېسەللەرگە دۇچار بولارمىش.»(260-بەت)

تەبىئەتنىڭ  «يەرلىك تېۋىپلىرى» تەرىپىدىن توپلانغان بۇ «تىبابەت ئىلىملىرى» بىزگە تەبىئەت ئىكۇلۇگىيىسىنىڭ ھەر بىر جانلىقنىڭ ياشىشىدا ئىنتايىن موھىملىقى بىلەن بىللە يەنە بىزنىڭ تەبىئەتكە قايىتپ ، تەبىئەت بىلەن ئېناق ئۆتۈپ ئۇنىڭدىكى پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرۇشىمىزنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى ئارقىلىق چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ.

«- مېنىڭ قېرىنداشلىرىم مۇشۇ كېمىردە 900 يىلدەك يۇشۇرنۇپ ياتقان، -  دېدى ‹ ت ›  سۆز باشلاپ، - كېيىن بۇ كېمىرنى ۋاڭ راھىپ دېگەن بىرى بايقاپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن چىققان نەرسىلەرنى سىتەيىن دېگەن ئەجنەبىيگە سېتىۋەتكەن. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئۆز قېرىنداشلىرىمدىن ئايرىلىپ سەرسان بولۇپ يۈرىمەن...» (345-بەت). مانا بۇ قىسقا باياندىن بىز دۇنخۇاڭدىكى مۇگاۋ غارلىرىدا ئەجداتلىرىمىز قالدۇرغان تاش كېمىرلەرنىڭ يېقىنقى زاماندىكى پاجىئەلىك تەقدىرىنى بىلەلەيمىز. ئەينى ۋاقىتلاردىكى قىدىرىپ تەكشۇرۇشلەردىن،بۇلاڭ -  تالاڭلاردىن ئامان قالغان قەدىمقى زامان يېزىقىدىكى بىر تال «ت» ھەرىپىنىڭ «تىلى» ئارقىلىق تاش كېمىر سەنئىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ خىل بايان قىلىش ھەم تارىخىي مەسىلىلەرنى جانلىق يۇرۇتۇش، ھەم قىزىقارلىق بولۇش مەسىلىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئەگەر بىز رومانغا تەپسىلىي قاراپ باقىدىغان بولساق بۇ خىل بايان قىلىش ئۇسۇللىرىدىكى ۋەقە - ھادىسىلەر، ساۋات خارەكتىرىدىكى بىلىم ئۇچۇرلىرى خېلىلا كۆپ.

بىزدە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە، جانلىقلار ئىكولۇگىيىسىگە، تارىخىي ۋەقە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك پەننىي ساۋات ئوقۇشلۇقلىرى ئەلۋەتتە يوق ئەمەس. ئەمما ئۇ خىل ئوقۇشلۇقلارنى ئوقۇپ پايدىلىنىدىغانلار تولىمۇ چەكلىك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىغا ۋە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىغا كىرگۈزۈلگەنلىرىنىڭ بولسا نەزىرىيىۋى خارەكتىرى كۈچلۈك بولۇپ، يېزىلىش جەھەتتىن كۆپىنچىلىرى بالىلار تىلىدىن ھالقىپ كەتكەن. شۇڭا پەننىي ساۋات بىلىملىرىنى، تارىخي ۋە كۈندۈلۈك بىلىملەرنى بالىلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ،ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ماسلاشتۇرغاندا ئاندىن ياخشى ئۇنۇمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.«كرورانلىق بالىلار» ناملىق بۇ رومان بالىلار رومانى بولۇش سۈپىتى بىلەن بالىلار تىلى ۋە بالىلار پىسخىكىسىغا  ناھايىتى ماسلاشقان ھالدا پەننىي ساۋات بېرىش رولىنىمۇ ئوينىغان. مېنىڭچە، بۇ رومان ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە چۈشەندۇرۇشلەرنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنىڭ  «مەخسۇس ئەسەرلەرنى ئوقۇش ۋە تونۇشتۇرۇش» سەھىپىلىرىگە كىرگۈزۈپ، بالىلارنىڭ ھەقىقىي بالىلار رومانلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش كېرەك.

بالىلار شېئىرلىرىنىڭ سېھرىي كۈچى

پەرھات ئىلياس ئالدى بىلەن بالىلار شائىرى بولۇش سۈپىتىدە رومانغا بالىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۈرى ۋە تىل ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا بىر تۈركۈم  ئاز ۋە ساز بالىلار شېئىرلىرىنى سىڭدۈرۈۋەتكەن.بۇ شېئىرلاردىن ئاساسلىقى «دانىشمەن قاغا قوشاقلىرى» (9-بەت)، «ياۋا تۆگە ناخشىسى» (77-بەت) ، «قۇمۇشچاقلارنىڭ كەررە يادلاش قوشىقى»(102-بەت)، «غېرىپ ئۇۋا ناخشىسى»(111-بەت)، «كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۇندۇق قوشىقى»(314-بەت) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بالىلار تىلى بىلەن توقۇلغان بۇ شېئىر-قوشاقلار بىزگە يېڭى زامان بالىلار شېئىر-قوشاقلىرى بىلەن ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرىدىكى قوشاقلارنىڭ تەمىنى ھېس قىلدۇرۇدۇ. بۇ قوشاقلار گەرچە ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە شەيئى - ھادىسىلەر تىلىدىن بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا لايىقلاشتۇرۇلغان. قىزىقارلىق بولۇش، دىكلاماتسىيە قىلىش ۋە ئەستە ساقلاشقا ئاسان بولۇش، ئويۇن خارەكتىرىگە ۋە يۇمۇرلۇق خۇسۇسيەتكە ئىگە بولۇش بالىلار شېئىرلىرىدىكى موھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى. ئاپتۇر ئۆزىنىڭ يېزىۋاتقان رومانىنىڭ بالىلار رومانى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئاخىرقى ھېساپتا بالىلار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقانلىقىدىن، بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇلغان شېئىر-قوشاقلىرىنىمۇ شۇ خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلغان. روماندا قاغىغا  ئەزەلدىن كۈشەندە بولۇپ كەلگەن يىلاننىڭ ھالىتىنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى قاغا مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:

قاق،قاق شۇم ئاياق،

تاز بېشىڭغا مىڭ تاياق.

قاق،قاق پىسى تاز،

قاق،قاق باداڭ قۇرساق.

ناھايىتى ئىنىقكى، «شۇم ئاياق، پېسى ياز، باداڭ قۇرساق» قاغىنىڭ نەزىرىدىكى يىلاننىڭ تەسۋىرى. قارىماققا بۇ تەسۋىر يىلاننىڭ شەكلىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. بۇ يەردىكى يۇمۇرلۇق خۇسۇسىيەت ۋە شېئىرىي ئامىل دەل «قاغىنىڭ ئۇنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئاۋاز ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ توقىۋالغانلىقىدا». قاراپ باقىدىغان بولساق، يەنە روماندىكى «ياۋا تۆگىلەرنىڭ ناخشىسى»دا يىراق قەدىمقى زاماندىكى ئوماي ئانا، تۆگىلەرنىڭ ياشىغان ئەزىز ماكاننى، كۆڭۈللۈك تۈرمۇش مەنزىرىلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، «باپ، باپ، باپ»تىن ئىبارەت تۆگىلەرگىلا خاس ئاۋاز تىمپىسى شېئىرنىڭ تەكرارلانما مىسراسى قىلىنىپ ئومۇمىي مىلۇدىيەگە، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئويۇن ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ مەن روماندىكى «قۇمۇشچاقلارنىڭ كەررە يادلاش قوشىقى»دىن ئاجايىپ سۆيۈندۇم. خۇددى ئوماققىنە ئىككى بالىنىڭ يەرگە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ:

بىر كەررە ئىككى ئىككى،

توشقان سەكرەر دىككى، دىككى.

بىر كەررە ئۈچ ئۈچ،

بىزدە باردۇر كۈچ.

بىر كەررە تۆت تۆت،

مەينەتچىلىك يۈت.

دەپ قوشاق يادلاۋاتقاندەك ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرۇپ كۈلۈپ كەتتىم. ئۇلار ماڭا شۇ دەقىقىلەردە قومۇش مايسىلىرى بولماستىن بەلكى كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان چۇلۇقايلىق بالىلارغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

روماندىكى تەبىئەت« بالىلىرى»

پەرھات رومانىدا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئادىمىزاتتىن باشقا يەنە نۇرغۇن «بالىلىرى» نى تىلغان ئالغان. رومان باشلىنىشىدىلا ئالدى بىلەن يىلان ۋە قاغا، ئاندىن تۇغراق ۋە قۇملۇق، تۆگە ۋە ئىشەك، قۇمۇش ۋە ئۇۋا شۇنىڭدىن كېيىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلۇشۇپ ئىكۇلۇگىيىلىك زەنجىرنى ھاسىل قىلغان چوڭ بىر ھايۋانات دۇنياسىنى يارىتىدۇ.بالىلىق خىياللار بىلەن جانلاندۇرۇلغان دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ، گۈل-گىياھلار تۈرىدىن يۇلغۇن، توغراق، قۇمۇش، ئۇرۇق، كۆك مايسا؛  ئۇچار-قانات، قۇرۇت- قوڭغۇز، جان-جانىۋار، ھايۋانلار تۈرلىرىدىن يىلان، كەسلەنچۈك، قاغا، قۇشقاچ، ھەرە، پاشا، كومۇتا، شاخسانىغۇچ، چۇغۇندەك، ھۇۋقۇش، مولۇن، دوغداق، غورۇلاي، كىرپە، ئېيىق، يولۋاس، كىنگۇرۇ، تىيۇلېن، چاشقان، توشقان، غاز، ئاسلان، كۈچۈك، كالا، قوي، ئات، ئېشەك قاتارلىق 200 خىلدىن ئارتۇق جان-جانىۋار ۋە ئۆسۈملۈكلەر تىلغا ئېلىنغان. پەرھات قەلىمى بىلەن تەبىئەتتىكى تۈرلۈك شەيئى - ھادىسىلەر، تۇرمۇش بۇيۇملىرىمۇ مۇئەييەن مەنىگە ئىگە بەددىي ئوبرازلارغا ئايلىنىپ كەتكەن. مەسىلەن يۇلتۇز، سۇ، يامغۇر تامچىسى، قار ئوچقۇنلىرى، سازلىق، كۆل، قوملۇق، چۆللۈك، ئۆتۈك، سائەت، تاش، داپ، نەي، بالىمان دېگەندەك. ھەتتا روماندىكى ھەر بىر سۆز - جۈملىلەرمۇ ئوقۇغان كىشىگە «قىمىرلاۋاتقاندەكلا» تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ خىل يۈكسەك دەرىجىدىكى جانلاندۇرۇش ئۇسۇللىرى، كەڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى خىلمۇ خىل شەيئى - ھادىسىلەر ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن بىزگە تەدرىجى تەرەققىي قىلىۋاتقان رەڭگا - رەڭ دۇنيانى ئاتا قىلغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىز ئىنسانلار نەزىرىدە ئەرزىمەس نەرسە بولسىمۇ، ئەمما تەبىئەتنىڭ نەزىرىدە ئۇ تولىمۇ قىممەتلىك بايلىق. بالىلارنىڭ نەزىرىدە بولسا تېخىمۇ شۇنداق. ئەلبەتتە ئاپتۇرنىڭ بۇنچە كۆپ «تەبىئەت بالىلىرى»نى ئېرىنمەي تىلغا ئېلىشى، ھەتتا بەزىلىرىنى ئۆز خۇسۇسيەتلىرى بويىچە مۇئەييەن چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىپ تەسۋىرلىشى روماننىڭ «بالىلىقى»نى تېخىمۇ چوڭقۇر گەۋدىلەندۇرۇش ئۈچۈن بولسا كېرەك.


ئاپتۇرنىڭ مۇددىئاسىغا قىياس


بىر پارچە ئەسەر يېزىلغانىكەن، ئۇنىڭدا يازغۇچىنىڭ مۇئەييەن مۇددىئا- مەقسىدى بولغان، يازغۇچىنىڭ مۇددىئاسى ئۇ ياراتقان بەدىئىي ئوبرازلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. ئوقۇرمەننىڭ ئەسەر ئىدىيىسى ھەققىدە ھېس قىلغانلىرى بەزىدە يازغۇچى مۇددىئاسى بىلەن ئۇستمۇ ئۇست چۈشۈپ قېلىشى، بەزىدە ياندىشىپ قېلىشى ھەتتا بەزىدە باشقا نۇقتىلاردىن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، يازغۇچى قەلىمى ئاستىدىكى ھەر بىر جۈملە، ھەر بىر سۆز، ھەر بىر دېتال، ھەر بىر بەدىئىي ئوبراز  مۇددىئانى مۇئەييەن دەرىجىدە ئاشكارىلايدۇ. بەزى ھاللاردا گەرچە ئاپتۇر ئۆزى ھېس قىلمىغان مۇددىئا - مەقسەتلەرمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئورتاق ساداسى تەرىپىدىن ئۇنىڭ مەلۈم ئەسىرىگە مۇقىملىشىپ قالىدۇ. مەن پەرھاتنىڭ بۇ رومانىدىن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە مەقسەتنى قىياس قىلدىم.

1. بالىلارنى ئانا تەبىئەت بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچراشتۇرۇش. پەرھات دەيدۇ، بالىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىق قەلبى بىلەن ئانا تەبىئەتنى قۇچاقلىسۇن، تەبىئەت ئانىسىنىڭ مۇڭلىرىنى تىڭشىسۇن، تەبىئەتنىڭ تىنىقىنى پۇراپ، يۈرىكىنى تىڭشاپ باقسۇن. مانا بۇ، روماننىڭ پۈتكۈل ۋوجۇدىدىن بالقىپ تۇرغان يارقىنلىق. شەھەرلىشىشىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ بالىلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان ئارىلىقى بارغانسىرى يېراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. سەرەڭگە قاپلىرىدەك بېنالار ئىچىدە ئاي - ئايلاپ كارتۇن فىلىملەر دۇنياسىغا مەستانە بولۇپ كەتكەن بالىلارنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىشى، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن بالىلىرىغا مېھرى - مۇھەببەت يەتكۈزۈشىگە ۋاقىت چىقىرالماسلىقى تۈپەيلىدىن بالىلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراقلىشىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇلاردا بىر خىل ئاجىز خارەكتېر، ئۇمىدسىزلىككە تولغان يىغلاڭغۇ روھ ۋە تەنتەك ھېسياتنى يېتىلدۇرمەكتە. دېمەك، بۇ روماندىن شۇ نەرسە ئاۋۋال ئايان بولىدۇكى،ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلار، ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرى بالىلارغا كۆيۈنۈش ئۈچۈن ئۇلارغا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى بىلدۇرۇش، سىرلىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، تەبىئەتنى قۇچاقلاپ ياشاشنى ئۆگىتىشنى ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىشى زۆرۈر.

ئاپتۇر روماندا يەنە نۆۋەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق كۆڭۈل بولىۋاتقان ئىكولۇگىيىلىك موھىتنى ئاسراش مەسىلىسىمۇ كۈچلۈك ئوتتۇرغا قويۇلغان. روماننىڭ «قۇمۇشلارنى بوش چاغلىماڭ» ناملىق بابىدىكى مەزمۇنلار بىلەن  ئاخىرىدىكى «يوقالغان بالىلىق» ناملىق بابىدا تەسۋىرلەنگەن شىمالىي مۇز ئۆكيان باغرىدىكى ئىسكىمۇسلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان چىنۇكنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مۇز ئۆيلىرىنى، بالىلىق مەزگىللىرىدە تەبىئىي تېرىلەردىن تىكىلگەن كىيىملىرىنى سېغىنىپ، بۇلغانغان ئىكولۇگىيىلىك مۇھىتقا بولغان ئاچچىق ھەسرەتلىرى بۇ نوقتىلارنى روشەن ئىسپاتلايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىكولۇگىيىلىك مۇھىت مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار روماننىڭ باشقا باپلىرىدىمۇ بىرقەدەر كۆپرەك. بۇ يەردە قايسى بىر پەيلاسوپنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزىنى نەقىل كەلتۇرۇش ئارتۇقچە ئەمەس: «تەبىئەت بىر مېھرىبان ئانا.بىز ئۇنى بىر-ئىككى قېتىم خاپا قىلساق ئۇ كەچۈرۋىتىدۇ. ئۈچ-تۆت قېتىم خاپا قىلساق ئۇ بىر شاپىلاق ئۇرىۋىتىدۇ. ئەگەر بىز ئۇنى خاپا قىلىۋەرسەك ئۇ بىر رەھىمسىز ئايالغا ئايلىنىدۇ-دە،بىزنى ۋەيران قىلىۋىتىدۇ.»

2. ئەجداتلار روھىدىن ئىلھام ئېلىش. ئەجداتلىرىمىز تارىختىن بېرى ئۆز بېشىدىن بىرقانچە قېتىملىق تارىخىي كۆچۈشلەرنى ئۆتكۈزگەن. مەيلى ئۇلار قەيەرگە بارسۇن، قەيەردە تۇرسۇن شۇ جاينىڭ مۇھىيتىغا ماسلاشقان. ئاشۇ يەرنىڭ ئەڭ ناچار موھىتىنىمۇ ئۆزگەرتكەن. شۇ جايلاردا ياشاپ ئاۋۇغان. بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ئەجداتلىرىدىن ئۇدۇم بولۇپ قالغان ئۆز ئارا ئېناق ياشاش، بىر بىرىنى قوللاش، بىر بىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، جاپا - مۇشەققەتنى بىللە يېڭىشتەك ئۇيۇشقاقلىق روھى سىڭگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ روھىيىتىدە يەنە ھەرقانداق ياۋۇزلۇقتىن قورۇقمايدىغان، ئۇنى يېڭىشقا كېرەكلىك بولغان جەسۇر ئىرادە، يۈكسەك - ئەقىل پاراسەت ۋە بىر خىل ئىجاتكارلىق گەۋدىلەنگەن. مەسىلەن، ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇلۇغ كارىز قۇرۇلۇشى، تاشكېمىرلەر، قىياتاش سۈرەتلىرى، تۇرلار، تارىم ۋادىسىدىكى چۆللەرگە ئورمان بېنا قىلىش قاتارلىق يۈكسەك ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىزدىنىش روھى تەلەپ قىلىدىغان مەدىنىيەت ئىزنالىرى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرى بولالايدۇ. دېمەك، روماندا ئاپتور يۇقارقىدەك  ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل - پاراسەتكە تولغان قەيسەر، باتۇرانە، ئېسىل روھىنى  ئۆزىگە خاس ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئىنچىكە دىتاللىرىغىچە كىرىشتۇرۇپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق ھازىرقى بالىلىرىمىزدا قۇرقماس، قەيسەر، ھەققەنىيەتتە چىڭ تۇرۇدىغان، تىنىمسىز ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، ئۆملۈكنى قەدىرلەيدىغان، ئۆز يۈرتىنى ھېچنىمىگە تەڭ قىلمايدىغان، تەبىئەت بىلەن ئېناق ياشايدىغان، ئىلىم - ئېرپاننى ئۇلۇغلايدىغان، ئەجىرسىز مال - دۇنياغا نەزەر سالمايدىغان مەنىۋى روھنى سىڭدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. روماندىكى ئاساسلىق پىرسۇناژلارنىڭ ئۆز سەرگۈزەشتىلىرى ئىچىدە ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇش، زوراۋانلىقلارغا قارشى تۇرۇش، ئادالەتنى ياقلاش، تەبىئەتنى سۆيۈش تەرەپلىرىنىڭ بىر قەدەر كۆپ ئىپادىلىنىشى مانا مۇشۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ يەردە پەرھات ئەجداتلىرىمىزدىن تەۋەررۈك بولۇپ قالغان ئەقىل - ھېكمەت غەزىنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئۆز قەلىمى ئاستىدا چوڭقۇر پەلسەپەۋى ئوي-پىكىرلىرىنى نۇرلاندۇرۇپ، مۇئەييەن شەيئى- ھادىسىلەر ئۇستىدىن ئەقىلىي يۈكۈن چىقىرىدۇ. بىز ئەسەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئوقۇغانسېرى بالىلىرىمىزنىڭ روھىيىتىنى بېيىتىشتا ئۇنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىڭ بىرقانچە تەرەپلەردىن كۆرۈلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

3. ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مەڭگۈ ئۇزۇلمەس  سېمپۇنېيىسى. «شۇ كۈنى ئۇ ئۆز قوۋمىدىكى بارلىق تۆگىلەرنى يىغىپ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى:

- خالايىق، بىز ئەسلىمىزنى ئۇنتۇپ، نادانلارنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئانا ماكانىمىزنى تاشلىۋەتكەننىڭ جازاسىغا ئۇچراۋاتىمىز. ئامان قېلىشنى ئۇيلىغانلار مەن بىلەن مېڭىڭلار، بۇ يەردىن دەرھال كېتىمىز. بۇ يەر بىزنى يەكلىگىنى بىلەن، بىز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاشۇ ئەزىز توپراق بىزنى ھەرگىز يەكلىمەيدۇ!

تۆگىلەر خېلى ئۇزاق كېڭەشكەندىن كېيىن، ئاخىر ئەسلىي ماكانىغا كېتىدىغان بولۇشتى.»( 84 -بەت)

دىققەتكە ئەرزىيدىغان ئەڭ مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى شۇكى، بۇ يەردىكى ئەڭ موھىم مەسىلە يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىسى. تۆگىلەرنىڭ ئۆز تىلى ئارقىلىق ئېيتىلغان بۇ خىل ئوتلۇق سادا بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا سىڭىپ كىرىپ بىزنى چوڭقۇر ئويلارغا سالىدۇ. روماننىڭ باشقا جايلىرىدىنمۇ مۇشۇ خىل روھىي يۈكسەكلىكنى  ئىپادىلەيدىغان يارقىن تەرەپلەرنى كۆپ  ئۇچرىتىمىز. ئۆز بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر تال غېرىپ ئۇۋىنىڭ ئۆز بالىلىرىنى تېپىش ئۈچۈن مۇشكۈل سەپەرلەرگە ئاتلىنىشى، ئۈرۈمچى باغچىسىدىكى ئېيىقلارنىڭ تاغ ۋە ئوڭكۈرلەرنى، خام گۆش ۋە ئەركەك سۇلارنى، قارلىق دالا ۋە ئوڭكۈرلەرنى سېغىنىپ سەپەر قىلىشى، بىر تال ئۇرۇقنىڭ ئانا يەردىن ئىبارەت ئۆز ئانىسىنى تېپىش ئۈچۈن باسقان قەدەملىرى، بۇغداي مايسىلىرىنىڭ تۇغۇلغان يېرى ھەققىدە ئۆز ئارا قىلىشقان چۈچۈك پاراڭلىرى... ئومۇمەن بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئانا تۇپراق، تۇغۇلغان ۋەتەن، سۆيۈملۈك ماكان سۆيگۈسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر تېمىلارنىڭ بىرى دەل ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىن ئىبارەت.يىراقنى قۇيۇپ تۇرۇپ بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىمىزغىلا قاراپ باقايلىچۇ.

ئۆزگە يۇرتتا شاھى تون ئىچرە قورۇنغان تەنلىرىم،

ئۆز ئېلىمدە يايرىغاي كىيسەم كۇلاھۇ جەندىمەن.

                                     - تېيىپجان ئىلىيوپ.

تاھىرغا دىلرەبا زوھرەسى ياخشى،

مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.

بۇ مېنىڭ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا،

ۋەتەن گۈلزارىنىڭ لەيلاسى ياخشى.

- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

   ۋەتەندۇر تەخت، ۋەتەندۇر بەخت، ۋەتەنسىز ئامىتىڭ مازغاپ،

ۋەتەن-قانات، ۋەتەن-تۇلپار، ۋەتەنسىز ئەر قالار ئاقساپ.

ھەشەملىك روزىغار، شۆھرەت ياراشماس بولمىسا ئۆز يۇرت،

بۆلەك ئەل مىسلى بىر ئەگلەك چىقارغاي ئاقىبەت تاسقاپ.

                            - ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ناخشىنىڭ ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى مىلۇدىيەلىرى ئۇزاق تارىختىن بېرى بىر كۈنمۇ ئۇزۇلۇپ قالغىنى يوق. مەيلى قايسى مىللەت، قايسى ئىرىق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلار بۇ ناخشىنى مەڭگۈ ئېيتىپ كەلمەكتە. ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ باش - ئاخىرىغا شۇنداق باغلىنىپ كەتكەنكى، ئۇنىڭ ياڭراق سادالىرى ھەر بىر دەۋرنىڭ مەنىۋى «قۇلاقلىرى» تۇۋىدە ئۇزۇلمەي جاراڭلاپ تۇرۇدۇ.

ئومۇملاشتۇرغاندا، بۇ رومان ماتېرىيال دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلىقى، ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىسىنىڭ جىددىي ۋە تەخىرسىزلىكى،ئوقۇرمەنلەرگە بېرىدىغان ئىستىتىك زوقىنىڭ مول ۋە رەڭدارلىقى، ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ يېڭى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن  كىتاپخانىلار ئارىسىدا  كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا قىلدى. مەن بۇ ئاددىي تەسىراتىم ئارقىلىق پەرھات ئىلياسنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hijrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-2 09:58 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مارشال + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85702
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 480
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 10:48:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدا جىق ....   مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز ....

ھەي ئۇيغۇرۇم ئىچىم ئاچچىق،.....لىكىن تانمايمەن سەندىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63045
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3150
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 10:53:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالىنى ياخشى يېزىپسىز. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
بىلىشىمچە، بۇ روماننىڭ تولۇق نۇسخىسى نەشىردىن چىقىپتۇ. ئىلگىرى نېمىشقا تولۇق نۇسخىسىنى چىقارمىغان بولغىيتى؟ زادى نېمە سەۋەپتىنكىن. شۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63045
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3150
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 11:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدا جىق ....   مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز ....

بۇ ماقالە تەڭرىتاغ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغانغۇ دەيمەن...

بۇگۇن ماڭسىڭىز ئەتە يۇگرەيسىز.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1986
يازما سانى: 1127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16087
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 2375 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 11:03:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك جىقكەن ساقلاپ قۇيۇپ ئوقايچۇ ... تىما ئىگىسىگە رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5517
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9688 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 12:10:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ روماننى  مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسى ئاڭلاتقاندا شۇنچىلىك بېرىلىپ ئاڭلاپ كەتكەن ئىدىم .        ئاڭلاشتىكى بىر ھۇزۇر  چۈشىنىشتىكى بىر ھۇزۇر  ئىشقىلىپ ئاجايىپ بالىلىق تەپەككۇرلارغا باشلىغان ئىدى.

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73395
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3669
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 12:37:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇقۇپ بولالمىدىم ، قالغىنىنى ئەتە ئوقاي

بىراۋ دېدى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدەبار ،
مەن دېدىمكى تۇخۇمنىڭ ئەشۇ تاشتا دەردى بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85795
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-10-7
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 12:52:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،مىنى كۆپ بىلىملەرگە ئېگە قىلدىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5738
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1242 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 03:13:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلار ئۈچۈن  ئۆز تىلىمىزدا چىقىرىلغان  بۇ كىتاپنى ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك.
بۇ كىتاپنى نەدە ساتىدۇ،قانچە پۇل،جەمئى قانچە قىسىم،پوچتا ئارقىلىق سېتىۋالغىلى بولامدۇ،ھەممە كىتاپنىڭ ئېغىرلىغى تەخمىنەن قانچىلىك كىلە. دىگەن ئۇچۇرلارنى بىلگىم بار ئىدى.

ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6672
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 610 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 04:03:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرورانلىق بالىلار ...بەزىدە بۇ كىتاپقا مول بىلمنى مەجبۇرى ھىكايە  قىلىپ قىستۇرۇپ قويغاندەك ھىس قىلىمەن ..........لىكىن ئىچىدىكى بىلىم ۋە ھىكايىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشىغا يەنە قايىل بولماي تۇرالمىدىم.........بەلكىم ئەمدى بالىلار ھىكايىسى ئوقۇش يېشىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسام كېرەك...........

كىبىر قىلمىغىن ، جاھىللاردىن بولمىغىن.
دۇنيادا كىبىر،جاھىللىق ۋە ئەخمەقلىقتىن زور كېسەل يوق.
قېرىلىقتىن باشقا داۋاسىز كېسەل ھەم  يوق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش