مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3073|ئىنكاس: 52

رايونىمىزدا توردىن مال سېتىۋېلىش ۋە تېز يەتكۈزۈش توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39125
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3292
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 08:15:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                 رايونىمىزدا توردىن مال سېتىۋېلىش ۋە تېز يەتكۈزۈش توغرىسىدا
   
         يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توردا مال سېتىۋېلىش مودا بولىۋاتىدۇ. توردا مال ساتىدىغان دۇكاندار دۇكان ئىجارىسىنى تۆلەش ھاجەتسىز، شۇڭا توردىكى ماللارنىڭ تەننەرخى تۆۋەن بولىدۇ.تەننەرخ تۆۋەن بولغانلىقتىن ئۇ ماللارنىڭ باھاسىمۇ نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولىدۇ. شۇڭا توردا مال سېتىۋېلىش ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. توردا مال سېتىۋالغاندا خېرىدارلارنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىدىغىنى مالنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى بىلەن يېتىپ كېلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى.
        ئىشەنچ مەسىلىسىگە قارىتا خېرىدارلار ئۆزى كۆپرەك دىققەت قىلىش ۋە دۇكانداردىن كۆپرەك مەسلىھەت سوراش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مالنىڭ سۈپىتىگە ۋە دۇكاندارنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىگە كاپالەتىك قىغىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە تاۋباۋ،جىڭدوڭ قاتارلىق چوڭ تور سودا بېكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە  يەتتە كۈن ئىچىدە مالنى سەۋەبسىز قاتارلىق مۇلازىمەتلەر يولغا قويۇلغان. بەزى تور سودا بېكەتلىرى مالنى كۆرۈپ ئاندىن پۇل تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان. شۇڭلاشقا توردا مال سېتىۋالغاندا ئۆزى دىققەت قىلسىلا ئالدىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.
        ئىككىنچى مەسىلە ۋاقىت مەسىلىسى. ئەگەر سىز مالنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋالالمىسىڭىز نۇرغۇن ئىشلارغا دەخلى يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەگەر سىز سېتىۋالغان كىيىم بىر ئايدىن كېيىن كەلسە، كۈزدە سېتىۋالغان كىيىم قىشتا ئاران يېتىپ كېلىدۇ. سىز بەرىبىر بۇ كىيىمنى كىيەلمەيسىز . بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خېرىدارلار چوقۇم ئەمەلىي دۇككانلارغا بېرىپ مال سېتىۋېلىشنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ. شۇڭا ۋاقىت مەسىلىسى تور سودىسىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە. توردىن ئالغان ماللار كۆپىنچە تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى ئارقىلىق يوللىنىدۇ.شۇڭا تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى تور سودىسىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا . ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان .شۇڭا ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نۇرغۇن نەرسىلەرنى توردىن سېتىۋالىدۇ.مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم ئادەتتە ھەتتا يەيدىغان بەزى نەرسىلەرنىمۇ توردىن سېتىۋالىدۇ . مەنمۇ ئادەتتە كىيىم كېچەك ، بەزى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋالىمەن. ئادەتتە ئىككى كۈن ،تەس بولغاندا ئۈچ كۈن ئىچىدە مالنى تاپشۇرۇۋالالايمەن. لېكىن ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى تەررەققىي قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن تېز بولسا بىر ھەپتە ، ئاستا بولسا بىر ئايدا ئاران مالنى تاپشۇرۇۋالالايدۇ. كىممۇ بىر ئايدا ئاران يېتىپ كېلىدىغان مالنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالىسۇن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم دۇكاندارلار شىنجاڭنىڭ ئارلىقىنى يىراق كۆرۈپ ئارتۇق ھەق ئالىدىغان ئەھۋاللار بار.بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئارلىق يىراق بولغاندىكىن پوچتا ھەققىمۇ كۆپ بولىدۇ ئەلۋەتتە. ئايرىم بىر قىسىم دۇكاندارلارنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق يىراق جايلارنىڭ خېرىدارلىرىنى ياقتۇرمايدىغان مىجەزىمۇ بار. بۇنىڭغا قارىتا سىز ئۇنىڭ ماللىرىنى ئالمىسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.شۇڭا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ تور سودىسىغا تەسىر كۆرسىتىاتقان ئەڭ چوڭ ئامىل يەنىلا تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى. ئاپتونۇم رايونىمىزدا گەرچە يۈەنتوڭ ،شېنتوڭ،يۈندا قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى تارماق شىركەتلەرنى ئاچقان بولسىمۇ ،لېكىن بۇ شىركەتلەر يەنىلا چوڭراق شەھەرلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئالدىنقى قېتىم ئاكامغا توردىن بىر چاپان ئېلىپ ئەۋەتمەكچى بولۇپ سۈرۈشتۈرسەم بىز تۇرۇشلۇق جايغا جوڭگۇ پوچتىسىدىن باشقىسى يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدىكەن . ئاخىرى بولماي خوتەن شەھىرىدىكى بىرسىنىڭ ئادرىسىغا سالدۇرۇپ ،ئۇ ئارقىلىق ئاندىن ئاكامغا يەتكۈزۈپ بەردىم .شۇنداقتىمۇ 8 كۈندە ئاران تاپشۇرۇۋالدى. ئەمەلىيەتتە تېز يەتكۈزۈش بولسا پايدىسى كۆپ بىر ساھە، مەن ئۇقمىدىن بىزنىڭ كىشىلىرىمىز نېمىشقا مۇشۇنداق پايدىسى كۆپ ئىشلارغا مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدىكىنتاڭ.ئەلۋەتتە بىزنىڭ شىنجاڭ چوڭ بىر ماكان ، نوپۇس زىچلىقى تۆۋەن.شۇڭا تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىنىڭ ھەممە يېزىلارغىچە يەتكۈزۈپ بېرەلىشى تەس .لېكىن ناھىيەلەرگىچە يەتكۈزۈپ بېرەلىسە ۋە ۋاقتى تېزراق بولسا ئۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ كىشىلىرىمىزمۇ تور سودىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولاتتى .
     تېز يەتكۈزۈشنىڭ مال مەنبەسى توردىن مال سېتىۋېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ ئەلۋەتتە. ئەگەر تېز يەتكۈزۈش تەرەققىي قىلسا رايونىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سىرتلارغا سېتىپ چىقارغىلى بولىدۇ .بۇنىىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادى ئۈنۈمى چوقۇم كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.شۇڭلاشقا رايونىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش ئىشلىرىنىڭ تېزراق تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


                                                         مەخسۇت باقى         2013.1.2   بېيجىڭ

ياخشى ھاۋا، ياخشى ھېسيات!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88114
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-12-4
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 09:05:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسېز قېرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3346
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9221
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 3315 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 09:22:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەيدىغان نەرسىنىمۇ ئىچكىردىن سالدۇرسا بەكلا ئېشىپ كەتىمۇ قانداق؟ ھالال نەرسە ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىدا تۇرسا. يەنە بىر گەپ ھەمىنى توردىن ئالىمىز دەپ يۈگۈرمەي مىللى ئىگلىكنى تەرەقى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ قويايلى. سىرىتىكى يايمىچىلاردىنمۇ ئېلىپ قويايلى ،سوغۇقتا تۇرغانغا چۇشلۇق ئانچە مۇنچە بىرنەرسە تېپىۋالسۇن . يايما ئېچىپ تۇرمۇش كەچۈردىغانلار نۇرغۇن. بىر ئىش بولسا ھەمىمىز مۇشۇ ئويغۇرلار توپلاشقان تورغا يۈگرەيمىز مۇراجەتنامە چىقىرىپ . سىرىتا بىچارە ئويغۇرلار سوغۇقتا يايما ئاچسا ئۆزىمزنى چوڭ تۇتۇپ تاللا بازىردىن ئالىمىز. باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويايلى.  

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TILSIMAT + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
چىقىن + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
muttelib + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 210   باھا خاتىرىسى

چۇقۇم ھاياتىمنىڭ  ئاخىرىغىچە  تىرىشىمەن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 09:25:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ھازىر كۆپۇنچە توردىن سىتىۋالىمەن. بىراق كىلىش سۇرئىتى ئاستا.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39125
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3292
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 09:29:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
quxtikiakku يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 09:25 PM
مەنمۇ ھازىر كۆپۇنچە توردىن سىتىۋالىمەن. بىراق كىلىش سۇ ...

شۇڭا توردىن مال سېتىۋېلىش ئومۇملاشمايۋاتىدۇ.

ياخشى ھاۋا، ياخشى ھېسيات!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70085
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2014-12-28
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 09:33:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ  بىر  ئاغىنەم  تىز يەتكۈزۈش ئورنى ئىچىشنى پىلانلاۋىتىپتۇ .لىكىن تەجىربە يوق . مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار  ئۇتتۇرىغا  قۇيۇپ باققان  بولساڭلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39125
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3292
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 09:34:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
crazysoul110 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 09:22 PM
يەيدىغان نەرسىنىمۇ ئىچكىردىن سالدۇرسا بەكلا ئېشىپ كەت ...

بۇ دېگىنىڭىزمۇ توغرا ،لېكىن بەزى نەرسىلەرنى توردىن ئالسا راستىنلا ئەرزان.مەنمۇ ئەلۋەتتە يەيدىغان نەرسىنى ئىچكىرىدىن سالدۇرايلى دېمىدىم، ئىچكىرىدىكى ساۋاقداشلار شىنجاڭدىن يېمەكلىكلەرنى سالدۇرۇپ يەيدىغان ئەھۋال ناھايىتى كۆپ.

ياخشى ھاۋا، ياخشى ھېسيات!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64382
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3013
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 09:36:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يېقىندا بىر ئۇيغۇرچە سودا تور بېكىتى قۇرماقچى ئىدىم ، ئىچكىردىكى شىركەت زاۋۇتلار بىلەن ئالاقىلىشىش ، توربېكەت سېستىمىسىنى ياساش ئىشلىرىنىمۇ پۈتتۈرۈپ بولغان لىكىن مۇشۇ تېز يوللانما بېشىمنى قاتتۇرۋاتىدۇ ، مال يەتكۈزۈش سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالسا خېرىدارلار رازى بولمايدىغان گەپكەن . بۇرۇن ئۇچقۇر تېز يوللانمىسى دەپ بىر شىركەت بولىدىغان ھازىر يوقاپلا كەتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39125
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3292
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 09:39:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bityon2 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 09:33 PM
مىنىڭ  بىر  ئاغىنەم  تىز يەتكۈزۈش ئورنى ئىچىشنى پىلانلا ...

مېنىڭچە ئۆزى مەبلەغ سېلىپ قۇرىمەن دېسە مەبلەغ جىق كتىدۇ.چوڭ تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىگە ۋاكالەتچى بولسىمۇ بولىدۇ.

ياخشى ھاۋا، ياخشى ھېسيات!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42234
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3543
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 742 سائەت
تىزىم: 2011-5-26
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 09:43:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردىن مال سېتىۋالغاندا بەزىدە دىققەت قىلمىسا بولمايدىكەن، ساختا مالمۇ كېلىپ قالىدىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش