قەشقەر پاراڭلىرىدىن ...
مەنمۇ قەشقەر پاراڭلىرىدىن ئۆز قۇلاقلىرىم بىلەن ئاڭلىغانلىرىمنى كەڭ تورداش دوستلا بىلەن ئورتاقلاشسام...
ئالدىنقى قېتىم بىر غۇلجىلىق ئاغىنەم بىلەن قۇش سېتىۋېلىش ئۈچۈن تاختا كۆۋرۈكتىكى قۇش بازىرىغا باردۇق.
مەخسەت قۇش سېتىۋېلىش بولسىمۇ بىردەم بازار ئارىلىدۇق. قەشقەردە قۇغۇن-تاۋۇزنى پىچىپ ساتىدىغان كاسىپلارمۇ كۆپ، ئاغىنەم بىلەن قۇغۇن تىلدۇرۇپ يىمەك بولۇپ بىر تىلىمدىن پىچىپ بەرسىلە، دېۋىدۇق
شارتتىدە قىلىپ نىپىز تىلىپ تۇتقۇزۇپ قويدى، بىز ئامالسىز ئاغزىمىزغا ئەمدە ئاپىرىشىمىزغا يەنە بىرياشانغان
كىشى قۇغۇن تىلدۇردى، قۇغۇنچى شارتتىدە قىلىپ نىپىز تىلىپ تۇتقۇزۇپ قويدى،ئۇ كىشى سەل رەنجىپراق قۇغۇننى قولىغا ئالدىدە تەنە قىلغاندەك قۇياشقا تەڭلەپ < بۇنىڭدىن نېمۇ كۆرۈنىدۇ؟>دېۋېدى، قۇغۇنچى دەرھاللا <ئاكا، يەۋەسىلە، بۇ تەرەپتىن
قارىسىلا ئافاق خوجا مازىرى،ئۇ تەرەپتىن قارىسىلا ھېيتگاھ كۈرىنىدۇ>...دېمەسما ئەتراپتىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى،ئۇ كىشى گەپمۇ قىلماستىن قۇغۇننىڭ پۇلىنى بېرىپلا كىتىپ قالدى، كىيىنمۇ شۇ ئىش
توغۇرسىدا خېلى ئۇزاقلارغىچە كۈلۈشۈپ يۈردۇق.
بىر كۈنى بىر قىز ساۋاقداش 17-يولنىڭ ئاپتۇبۇسېغا چىقىپ تۇرۇشىغا ئارقىدىن بىر چوڭ ئانا ئاپتۇبۇسېغا
چىقىپتۇ، يېنىدا پارچە پۇل يوق ئىكەن ، دەماللىققا خىجىل بولۇپ قاپتۇ، ئۇنىڭغىچە قىز ساۋاقداش يېنىدىن بىر يۇەن چىقىرىپلا ئۇ چوڭ ئانىنىڭ پۇلىسىنى تۆلىۋېتىپتۇ. چوڭ ئانا رەھمەت ئېيتىپ قىز ساۋاقداشنىڭ يېنىدا كىلىپ ئوتۇرۇپتۇ-دە بۇ ياخشى قىزغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرۇۋېرىپتۇ...نەچە بىكەت ئۆتكىچە شۇنداق
قاراۋېرىپتۇدە، شۇنىڭ بىلەن قىز <چوڭ ئانا نىمانچە قايلاۋېرلا؟>دېسە،<قىزىم مېنى تۇنۇپ قاپلا ھە؟>دەپتۇ،
قىز تېخىمۇ ھەيران بۇلۇپ <ۋۇي مەن سىلىنى قانداق تونۇيدىكەنمەن؟>دېيىشىگە چوڭ ئانا جاۋابەن<مېنىغۇ تونىمىسىلا ، ئەمما ئوغلۇمنى تۇنۇمدىكىن دەيمىيا..> دەپتۇ...ھاھاھا...
مەنبە؛قەشقەردە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم.