خەققە قىلساڭ يامانلىق ساڭىمۇ يوق ئامانلىق !
سەن نۇرغۇن ياخشىلىق قىلغان كىشىلەر ،
ئەكىسچە قىلسىمۇ ساڭا يامانلىق .
سەۋىر قىل جاھاننىڭ باردۇر ئىگىسى ،
ئۇنداقلار تاپالماس ھامان ئامانلىق .
******************************************************
بۇ دۇنيا بەك مۇرەككەپ بىلىپ بولماق بەكلا تەس ،
خەققە قىلساڭ يامانلىق ئۆمرۈڭ ئۆتەر بۇلۇپ پەس .
قىلسىمۇ خەق يامانلىق قىلمىغىن سەن ئاڭا ھەس ،
سىنىڭ ياخشى نىيتىڭنى بىلۇر رەببىڭ يىتەر بەس .
كەلسە ئەگەر قولۇڭدىن ھاجەتمەنگە ياردەم قىل ،
قايتار چۇقۇم ياخشىلىق ئۆتسىمۇ بەك ئۇزۇن يىل .
كىلىپ تۇرۇپ قولۇڭدىن قىلمىساڭ سەن ياخشىلىق ،
سېنى رەببىڭ ھاجەتمەن قىلىپ قۇيار ئىشەن بىل .
************************************************************
ئەركەكلەر ھەرگىز قۇل بولماڭلار پۇلغا ،
پۇل ئۈچۈن كىرمەڭلار قاراڭغۇ يولغا .
ئىماننى سۆيگۈنى قۇربانلىق قىلىپ ،
بەخىتنى كەلتۈرۈپ بولماس ھېچ قولغا .
پۇل دىگەن ئەسلى بىر ئاددىي ئىمتاھان ،
قەغەز بار قەلەم بار يوقتۇر ئۆچۈرگۈچ .
تاپقىلى بولسىمۇ ئۇزۇن يىلدا پۇل ،
يوقتۇر ھېچ دۇنيادا ۋىجدان كۆچۈرگۈچ .
پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا تەييار دەپ ،
غورۇرنى نەخ پۇلغا ئەرزان سېتىپ يەپ .
ۋە لىكىن بىركۈنى تاڭلا سوراق كەپ ،
شۇ چاغدا سىز كىمگە دىيەلەيسىز خەپ .
بۈگۈنكى دەۋىردە پۇل راسلا مۇھىم ،
ۋە لىكىن پۇلدىنمۇ چىن سۆيگۈ مۇھىم .
مۇھىمنىڭ مۇھىمى ئىمان ئەڭ مۇھىم ،
ئازغاندا چىن تەۋبە ھەممىدىن مۇھىم .
*********************************************************
قېرىنداش تۇققۇنۇم ئاڭلا سۆزۈمنى ،
ئۇنۇتما يىلتىزىڭ ھەمدە ئۆزۈڭنى .
قېرىنداش بارىدا قەدرىگە يەتمەي ،
ئۆلگەندە يۈرمىگىن ياشلاپ كۆزۈڭنى.
ئۆچ بولسا تۇققۇنۇڭ ياخشىمۇ ساڭا ،
ئىزدەشسە ھەممىدىن ياخشىدۇر ماڭا .
توي-تۆكۈن،ھازىدا تۇققۇنۇڭ لازىم ،
سەن ھەرگىز تۇققاننى تاشلىما ئاڭا .
سېنى چوڭ كۆرگەننى ئىززەتلىمىسەڭ ،
نامرات دەپ كەمسىتىپ ھۆرمەتلىمىسەڭ .
شۇ پېتى ئۇلاردىن قېچىپلا ئۆتسەڭ ،
بىر كۈنى سەن يالغۇز قالىسەن بىلسەڭ .
ھەممىلا ئىنساندا باردۇر خاتالىق ،
خاتانى ئۆزگەرتىش بەلكىم جاپالىق.
ئاشۇ يات سۆلەتۋاز خەقلەردىن ھامان،
بېشىڭغا كۈن چۈشسە تۇققان ۋاپالىق .
ياخشى سۆز قىلسىمۇ ئالدىڭدا ياتلار ،
بەزىسى كەينىڭدە ئەيبىڭنى تاتلار .
پۇل تۈگەپ ماغدۇرسىز يۈرگەن كۈنىڭدە ،
ئۇيالماي شۇ ياتلار بېشىڭدىن ئاتلار .
چۈشەنسەڭ تۇققانلىق تەقدىر ئەمەسمۇ ،
تەقدىرنى رەببىمىز تۈزگەن ئەمەسمۇ .
تۇققاننى قوللىماي قاچقان كىشنى ،
بىلسە خەق نە نۇمۇس ئۇيات ئەمەسمۇ .
**********************************************************
ئانا يۇرت قەدرىگە يىتەركەن كىشى ،
مۇساپىرچىلىقتا ئۆتكەندە قىشى .
ئۆز يۇرتى قوينىدا غەمسىزكەن ئىشى،
لىكىن خەق يۇرتىدا ئاقار كۆز يېشى .
ئۆز يۇرتتا يۇرتۇڭنىڭ قەدرى بىلىنمەس ،
يېنىڭدا پۇلۇڭ يوق ئاچلىق بىلىنمەس .
گەر كىشى يۇرتىدا بولمىسا بىر كوي ،
بىر گىردە بىكارغا ساڭا بىرىلمەس .
**********************************************************
يايرىم يوق مەنىسىز ئۆتمەكتە يىلىم ،
قىزلارنى ئالداشقا بارمىغاچ تىلىم .
يالغۇزلۇق غېرىپلىق مۇساپىرلىقتا ،
يوقمىدۇ ماڭا بىر سۆيگەن دىلبىرىم .
راس سۆزلەش كىشنى قىلمايدۇ خاراپ ،
ۋاقتىنچە بەرسىمۇ گەر ماڭا ئازاپ .
جانانىم قەلبىمنى بىلگەندە بىر كۈن ،
كىلىدۇ يېنىمغا سۈيۈملۈك قاراپ .
ئەي پەرى يېنىمدىن كەتمىگىن يىراق ،
سېنىڭسىز كۈنۈمگە ھەمراھتۇر پىراق .
سەن ئۈچۈن يېقىندۇر مۈشكۈل سەپەرمۇ ،
بارىمەن بولسىمۇ قەلبىڭ شام-ئىراق .
ئاپتۇرى:مۇھەممەتئەلىجان.چۇڭقۇرچاق