يىراقتىكى دوستۇمغا
مەخسۇت باقى
ئايرىلدۇق ئۇلۇغۋار غايىلەر ئۈچۈن،
تۇغۇلغان ئەزىز يۇرت يىراقتا قالدى.
جىسمىمىز ماڭسىمۇ ئىرادەبىلەن،
بىر تۇتاش يۈرەكلەر پىراقتا قالدى.
***************************
بىر تۇتاش يۈرەكلەر پىراقتا قالدى،
تارتىشىپ بالىلىق ئەسلىمىلەرگە.
بىز چېپىپ ئوينىغان پايانسىز دالا،
بىز سۇغا چۆمۈلگەن شۇ كۆلچەكلەرگە.
*******************************
بىز سۇغا چۆمۈلگەن شۇكۆلچەكلەرگە،
ئېرىگەن ئىدىغۇ دوستلۇق مېھرىمىز،
بىر بولۇپ ئوينىساق سۇدەك سىڭىشىپ،
ئۆتەتتى غەمسىزلا ھەر بىركۈنىمىز.
*******************************
ئۆتەتتى غەمسىزلا ھەر بىركۈنىمىز،
ئۇزاق بىر ئەسلىمە ئەمدى شۇ كۈنلەر.
ئاددىي بىر پارچىمۇ دوستلۇق ئىزناسى،
ئەسلىسەم ئۆتىدۇ ئۇيقىسىز تۈنلەر.
********************************
ئەسلىسەم ئۆتىدۇ ئۇيقىسىز تۈنلەر،
سەنمۇ ھەم يىراقتا ئويلامسەن مېنى.
ئۆتەرمىز قاچانمۇ بىرگە جەم بولۇپ،
ئەي دوستۇم قەلبىمدىن سېغىندىم سېنى.
****************************************************************
بۇ شېئىرىمنى ئۆز نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلارغا بېغىشلايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-2 07:43 PM