|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار.
بۇ تېىڭمىنى بەلكىم ئالدىدا بىرەرسى يوللىغاندۇ ،مەن كۆرمىدىم شۇڭا قايتا يوللاش زۆرۆر دەپ ئويلىدىم.
يېقىندا كومپۇيوتېرىمنىڭ بەزى تور بەتلەرگە تۇرۇپ تۇرۇپ چىقالمايدىغانلىقى ھېس قىلدىم.ئەڭ ئاددىسى ئۆزۈمنىڭ بولوگىغىمۇ تۇرۇپ تۇرۇپ چىقالمايتىم.شۇنىڭ بىلەن سەۋەبى زادى نىمىدۇ دەپ باشقىلارغا چىقىپ باققىن دېسەم ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق چىقىۋاتقانلىقىنى پەقەت بىرقىسىم مەكتەپ ئىچىدىكى ۋە بەزى ئورگانلاردىكى تورداشلارنىڭ چىقالمىغانلىقىنى بىلدىم.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئاخىرى ئەسلىدە بۇ مەندىكى مەسىلە ئەمەس مەن تۇرۇۋاتقان ئورۇننىڭ ئىشى ئىكەن دىگەن خۇلاسىگە كەلدىم ،ئاندىن DNSئادىرسىمنى ئۆزگەرتىپ سىناپ باقسام ئۈنۈمى بولدى شۇڭا بۇ تېمىنى يوللىشىم.تېمام بۇرۇن يوللىنىپ بولغان بولسا باشقۇرغۇچىلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن،كۆزنى ناچار ئوخشايدۇ دەپ چۈشەنسەڭلار...تەشەككۈر..
DNS نى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە.
1.ئالدى بىلەن بىلىشىمدىكى ئەڭ ئاددى ئۇسۇل بويىچە cmd كۆزنىكىگە كىرىمىز.
2.CMD كۆزنىكىگە تۆۋەندىكى يوليورۇقنى يازىمى(ئوتتۇرىدا بىر بوش ئورۇن بار )(ipconfig -all)
3.چىققان ئۇچۇرلار ئارىسىدىنIPv4ئادىرسىنى تاپىمىز.
4.ئاندىن بىلىشىمدىكى ئەڭ تېز ئۇسۇلدا سېستىما كونتۇرول تاختىسىغا كىرىمىز ۋە تور ئەھۋالىنى كۆرۈش ۋە ۋەزىپە دىگەن تاللاشنى بېسىپ كىرىمىز.
5.كىرسەك تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ ،بۇ يەردىن يەرلىك ئۇلىنىش دەمدۇق شۇنى باسىمىز
6.چىققان يەرلىك ئۇلىنىش ئەھۋالى كۆزنىكىدىن خۇسۇسىيەت دىگن مەۋھۈم كۇنۇپكىنى باسىمىز.
7.چىققان كۆزنەكتىن يەنە ئېنتىرنىت IPv4 بەلگىلىمىسى دىگنننڭ خۇسۇسىيىتىنى باسىمىز.
8.كۆرۈلگەن كۆزنەكتە ip ئادىرسىى ۋە dns ئادىرسىنى ئاپتۇماتىك تاللاپ بېرىدۇ ،(بۇ دەل مەسىلىنىڭ يىلتىزى،بۇ يەرنى سىزنىڭ ئورگانىڭىز ياكى مەكتىپىڭىز قانداق قىلسا سىزنىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ دەپ قارايمەن مەسىلەن مەن ئەڭ چىقالمايدىغان كىشىلەر تورى (www.renren.com)ۋە بىرقىسىم مىكرو بلوگلار.. ) بۇ يەردىن ئەڭ ئاۋۋال ip ئادىرسىڭىزنى بايامقى cmd كۆزنىكىنىڭكىگە ئوخشاش يازىسىز.ئۇنىڭ ئاستىنى 250.0.0.0 قىپ تەڭشەيسىز ،ئەڭ ئاستىغا ھېچتىمە يازمىسىڭىزمۇ بولدۇ.راس گەپنى قىلساپ ip ئادىرسىنى يېزىپ بولۇپ كۇنۇپكا تاختىسىدىنtab نى بېسىپ قويسىڭىزمۇ بولدۇ .ئاندىن ئەڭ ئاستىدىكى dns ئادىرسىنى google نىڭ ھەقسىز
ۋە ئەڭ مۇكەممەل بولغان dns ئادىرسىغا تەڭشەپ قويسىز.يەنى 8.8.8.8 ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئورۇنغا چىقالماي ئۆچۈرگەندە ئىجرا قىلىش دىگەن يەرگە توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ جەزىملەشتۈرمىز.
9.سەل ساقلىسىڭىز تورىڭىز ئۈزۈلۈپ قايتا ئۇلاش دىگندەك ئەھۋاللار كۆرۈلدۇ .بۇ دەل ئوڭۇشلۇق بولغىنى ..شۇنىڭ بىلەن چىققان كۆزنەكتىن ئىشلىتىش دىگەن مەۋھۈم كۇنۇپكىنى باسىمىز .
10.مانا مەسىلىنىڭ نەدىن چىققانلىقىنى كۆرۋالالايسىز.ئۆچۈرۋېتىپ تورنى قايتا ئۇلىساق بولدۇ.
ps:بۇ ھېچقانداق بىر قانۇنغا ۋە ياكى سىز تۇرۇۋاتقان مەكتەپ ,ئورگاننىڭ نىزامىغا خىلاپ ئىش ئەمەس بەلكىم سىز تۇرۇۋاتقان ئورۇن قىلمىاي سىزنىڭ كومپۇيوتېرىڭىز ۋىروسلانغاندۇ ياكى بىرەر نەسىنى خاتا قاچلاپ شۇنداق بولۇپ قالغاندۇ شۇڭا چىقالمىغانسىز.يۇقارقى مىسال مىكروسوفت 7 پروگراممىسىدا ئېلىپ بېرىلغان xp نىڭ تېخىمۇ ئوڭاي ،8نى ئۇخمۇدۇم.بىلدىغانلار قالدۇرۇپ قويسا بىلىۋالساق..
ياغاچ قۇلاق سىتۇدىيىسى لاھىھەلەش گۇرۇپىسىدىن
getlow
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا getlow تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-2 04:54 PM
|
|
|
|
|
|