مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1910|ئىنكاس: 16

مۇناۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24306
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6029
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 04:20:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋېنجو ئونىۋېىرسىتى باي ناھيىلىك تەجىرىبە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2013-يىللىق مۇناۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى



      ۋېنجۇ ئونىۋېرسىتېتى باي ناھىيلىك تەجىرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولسا ناھيىلىك مائارىپ مەمۇرى تارمىقىنىڭ مائارىپ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇش، مەركەزلەشتۇرۇپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا "مىللى خەنزۇ بىرلەشمە مەكتەپ"  قۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش تەلىۋىگە ئاساسەن، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى تەكشۇرۇپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئاپتونۇم رايۇن بۇيىچە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 30 "مىللى خەنزۇ بىرلەشمە مەكتەپ" قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. مەكتەپكە جەمئى 230 مىليۈن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇلۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۈلىمى 248 مو، قۇرۇلۇش كۈلىمى 95840 كۇۋادرات مېتىر، جەمئى 16 يەككە بىنادىن تەركىپ تاپقان. ئاساسلىقى ئونۋىرسال بىنا، تەجىربە بىناسى، كۈتۈپخانا، سەنئەت مەركىزى، ئوقۇتقۇچلار ياتاق بىناسى، تەنتەربىيە سارىيى ، سۇ ئۈزۈش سارىيى، ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، ئاشخانا بىناسى قاتارلىقلار بۇلۇپ، مەكتەپ كۆكەرتىش كۈلىمى % 45.5  بۇلۇپ باغچىلاشقان مەكتەپ ئۆلچىمىگە يەتكەن.2012-يىلى مەكتىۋىمىز كانادا ئەتلەس مائارىپ گوروھى بىلەن تۇلۇق ئوتتۇرا مائارىپ ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىدى. توختام يولغا قۇيۇلسا مەكتىۋىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بۇيىچە بىردىنبىر چەتئەللەر بىلەن ھەمكارلاشقان تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بۇلۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا ئىقتىسادى شارائىتى يار بەرگەنلەر  تۇلۇق ئوتتۇرىنى كانادادا ئوقۇش،ئىقتىسادى ئاساسى تۆۋەن، ئائىلىسىدە قېيىنچىلىقى ئېغىر  لېكىن ئۈگىنىشى ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغۇچىلار غا قارىتا كانادا تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى مەكتىۋىمىزدە ئېچىشتىن ئىبارەت قوش ئەۋزەللىكتىن بەھرىمان بۇلالايدۇ. مەكتىۋىمىز قۇرۇلۇپ بىر يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىت ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى  ھەرقايسى شەھەر لەردىن كۆپلىگەن ئېكىسكۇرسىيە ئۆمەكلىرىنى كۈتىۋالدى، ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەت رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشىلىرىغا يۈكسەك باھالارنى بەردى. مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن بىر يىل ئىچىدە ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك 1-دەرىجىلىك دەرس ئۈتۈش مۇكاپاتىغا، 2 نەپەر ئوقۇتقۇچى دۆلەت دەرىجىلىك 1-دەرىجىلىك مۇناۋۋەر دەرس لايھىسى مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ، مەكتىۋىمىزنىڭ مۇناۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن ساپاسىنى مەلۈم جەھەتتىن نامايان قىلدى.
1. تەكلىپ قىلىدىغان پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە سانى:
مىللى سىنىپ:
فىزىكا 2 نەپەر، ئەدەبىيات 1 نەپەر، ماتىماتىكا 1 نەپەر، بىئولوگىيە 1 نەپەر، خەنزۇ تىلى 1 نەپەر، خېمىيە 1 نەپەر، تارىخ 1 نەپەر، جۇغراپىيە 1 نەپەر، ئۇسۇل 1 نەپەر، پىسخىكا 1 نەپەر.
2. تەكلىپ قىلىش شەرىتى:
1) مائارىپنى قىزغىن سۈيىدىغان، پەزىلەتلىك، تىنى ساغلام، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، كوللىكتىپلىق ھەمكارلىشىش ئېڭى يۇقۇرى بۇلۇش.
2) بىر قەدەر كۈچلۈك كەسپى ئىقتىدارى ، تەشكىللەش ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى، ھازىرقى زامان مائارىپ  تېخنىكا ئىقتىدارى، قوش تىلدا دەرس ئۈتۈش ئىقتىدارى بۇلۇش. ئوقۇتۇش نەتىجىسى ئەلا، سىنىپ مۇدىرلىق باشقۇرۇش ئىقتىدرى كۈچلۈك بولغانلار  ئالدىن قۇبۇل قىلىنىدۇ.
3. مىللىتى ئۇيغۇر، تۇلۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى ئوقۇش تارىخى بۇلۇش، 28 ياشتىن تۆۋەن بۇلۇش كېرە. دوكتۇر، ماگىستىر ئاسپىرانتلار، ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى، داڭلىق ئوقۇتۇچى، مەملىكەتلىك مۇناۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېشى چەكلەنمەيدۇ.
3. ئېتىۋار سىياسەتلەر:
1)  تەكلىپ قىلىنغان پۇتۇن كۈنلۈك دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار ئىقتىساسلىق خادىملار، ئەڭ ئاخىرىقى ئوقۇش تارىخى ئوقۇش پۇلى ئىسپاتى ئارقىلىق مۇلازىمەت يىل چەكلىمىسى بۇيىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئوقۇش پۇلىنى ئاتچوت قىلالايدۇ. مۇلازىمەت چەكلىمىسى 10 يىلدىن يۇقۇرى بولغانلار پۇتۇن ئوقۇش پۇلىنى ئاتچوت قىلالايدۇ. مۇلازىمەت چەكلىمىسى 5 يىلدىن يۇقۇرى بولغانلار %80 ئوقۇش پۇلىنى ئاتچوت قىلالايدۇ. مۇلازىمەت چەكلىمىسى 3 يىلدىن يۇقۇرى بولغانلار %70 ئوقۇش پۇلىنى ئاتچوت قىلالايدۇ.
2) تەكلىپ قىلىنغان پۇتۇن كۈنلۈك ماگىستىرلىق ئوقۇش تارىخى بار ئىقتىساسلىق خادىملار، ئەڭ ئاخىرىقى ئوقۇش تارىخى ئوقۇش پۇلى ئىسپاتى ئارقىلىق مۇلازىمەت يىل چەكلىمىسى بۇيىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇش ئوقۇش پۇلىنى ئاتچوت قىلالايدۇ. مۇلازىمەت چەكلىمىسى 10 يىلدىن يۇقۇرى بولغانلار %80 ئوقۇش پۇلىنى ئاتچوت قىلالايدۇ. مۇلازىمەت چەكلىمىسى 5 يىلدىن يۇقۇرى بولغانلار %70 ئوقۇش پۇلىنى ئاتچوت قىلالايدۇ. مۇلازىمەت چەكلىمىسى 3 يىلدىن يۇقۇرى بولغانلار %60 ئوقۇش پۇلىنى ئاتچوت قىلالايدۇ.
3) تەكلىپ قىلىنغان پۇتۇن كۈنلۈك تۇلۇق كۇرۇس  ئوقۇش تارىخى بار ئوقۇغۇچىلار، ئەڭ ئاخىرىقى ئوقۇش تارىخى ئوقۇش پۇلى ئىسپاتى ئارقىلىق مۇلازىمەت يىل چەكلىمىسى بۇيىچە ئالى مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى ئوقۇش پۇلىنى ئاتچوت قىلالايدۇ. مۇلازىمەت چەكلىمىسى 10 يىلدىن يۇقۇرى بولغانلار %70 ئوقۇش پۇلىنى ئاتچوت قىلالايدۇ. مۇلازىمەت چەكلىمىسى 5 يىلدىن يۇقۇرى بولغانلار %60 ئوقۇش پۇلىنى ئاتچوت قىلالايدۇ. مۇلازىمەت چەكلىمىسى 3 يىلدىن يۇقۇرى بولغانلار %50 ئوقۇش پۇلىنى ئاتچوت قىلالايدۇ.
4) مەكتىۋىمىز يېڭى تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتىقىنى ئوقۇتقۇچىلار ياتاق بىناسىغا ئورۇنلاشتۇرۇدۇ، ياتاق بىناسىنىڭ شارائىتى ئەۋزەل، بىر ئادەم بىر ياتاق، ياتاق ئىچىدە مۇنچا ۋە تازلىق ئۈيى بار، كىيىم ئىشكابى، كارۋات، ئۈستەل-ئۇرۇندۇق، 24 سائەت ئىسسىق سۇ مۇنچىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتتىن ھەقسىز بەھرىمان بۇلىدۇ.
5. نۇپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش رەسمىيتى ئاددى، ئولتىراق ئۆي سېتىۋېلىشتا ناھىيىمىزدىكى باشقا ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ئوخشاش تەمىنات ۋە مۇئاملىدىن بەھرىمان بۇلالايدۇ.
6. سىرىتتىن كىرگۈزۈلگەن ئىقتىساسلىق خادىملارنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتى ۋە تۇلۇقلىما ياردەم پۇلى(ئۈنۈم ئىش ھەققى) ئۆلچىمى تەشكىلات كادىرلار تارماقلىرىنىڭ تەكشۇرۇپ بىكىتىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ناھىيە مالىيىسىدىن بىر تۇتاش ئاي بۇيىچە تارقىتىلىدۇ، كېرەكلىك راسخوتنى ناھىيە مالىيسى ئۈستىگە ئالىدۇ.
7) مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماققا ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئايدا 100 يۈەن تۇرۇمۇش ياردىمىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ.
8) قىشلىق، يازلىق تەتىللەردە تۇققان يوقلاشتىن بەھرىمان بۇلىدۇ، يول كىراسىنى مەكتەپ ئاتچوت قىلىپ بىرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار دائىملىق تەربىيە ۋە دائىملىق تەربىيە خىراجىتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ، ياتاق، كىرا، ئوقۇش پۇلىنى مەكتەپ ئاتچوت قىلىپ بىرىدۇ.
4. ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى: غۇجى ئىلياس      18099972863、13899248351
مەمۇرىيەت كادىرلار ئىشخانا مۇدىرى: توختى15292565935、18099972882         
736590702@qq.com:E-mail
مەكتەپ ئادىرىسى : باي ناھىيە غەرىبى ئازاتلىق يۇلى 72-نۇمۇر
پۇچتا نۇمۇرى:842300
سىپىمىزگە قۇشۇلىشىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87139
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 05:47:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
7) مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماققا ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئايدا 100 يۈەن تۇرۇمۇش ياردىمىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ.

ماۋۇ قۇرلارنى ئۇقۇپ كۈلۈپ كىتىپتىمەن.  بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئۇقۇتقۇچى يولداشلار تەتىل بولغان ئانا يۇرتلىرىغا كىتىشىدۇ. مائاشى تۇلۇق. سىياسى ئۈگۈنۈش، تۈرلۈك يوقلىما،  يىغىلىش، جۈمە ... دىگەندەكلەر بىلەن پەرۋايى پەلەك. باشقا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا بىر نەچچە سائەت دەرىس ئۈتۈپ بەرگەن بولسا، بىرەرسىنىڭ ئورنىغا بىر كىچە نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇپ بەرگەن بولسا ھىساپ كىتاپنى ئىنىق قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك بانكىسىدا 6 پۇڭ ئۈچۈن بانكا خادىمى سوقۇشۇپ يۈرۈپ 6 پۇڭنى ئېلىپ غادىيىپ چىقىپ كەتكەنلەرنى كۆرۈپ، تېلىفۇن ئۇرۇپ دوكاندارنىڭ پارچە پۇلى بولمىسا رازى مەن دەپ ئىشىغا ماڭغان ئاتام يادىمغا كەلدى. گىپىم تىمىدىن چەتنەپ كەتكەندەك قىلسىمۇ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قەدرى، ھۆرمىتى كۈنسايىن تۈۋەنلەپ كەتكەن جەمىئەتتە ئازراق دادلانغۇم كەلدى. . . توغرا چۈشىنىڭلار...

روھى ساقلىق پاكلىقتۇر، تەن ساقلىقى ساقلىقتۇر. تەپەككۇرنىڭ سەھىرى پاكلىقتىكى ئاقلىقتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76746
يازما سانى: 565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4436
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 06:31:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپسۇس .تېخى ئۇقۇش پۈتۈرۈپ بۇلالىمدىم .بولمسا ئۈزۈملا بىېرىپ ئىشلەپ قوياكەنمەن ....ئانا يۇرتۇمكەن ئەمەسمۇ ؟...

سەن مەنپەت ئۈچۈن ياشساڭ ،مەن ئادىمىيلك ،ئىنسانيى پەزلەت ئۈچۈن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86515
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2012-10-27
ئاخىرقى: 2013-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 07:49:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ئاستا  چىقىپ  كىتەي  ....

مەن ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ئوق ئېتىشنى ئۈگەتتىم ،ئۇنىڭ بىلىكى رۇسلىنىپلا مىنى ئاتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10288
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3544 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 08:17:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىش كۇتۇپ تۇرغان ياشلىرىمىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىڭلار .

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24306
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6029
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 08:33:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلشىپا يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 05:47 PM
7) مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماققا ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئايدا 10 ...

كېرەك يوق، سىز كۆرگەن ئاڭلىغان ئەھۋاللارمۇ راس، 6 پۇڭ ئۇچۇن بانكا خادىمى بىلەن ئۇرۇشىدىغان، كىچىككىنە خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى ياردەمگىمۇ ھەق ھىساپلاپ ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان ئادەملەر ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكىلا مەسىلە ئەمەس. بۇنداق ئەھۋاللار پەقەت ئايرىم ئەھۋال، ئاساسلىقى بىر كىشىنىڭ ئادىمىگەرچىلىك ئەخلاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىلىق مۇقەددەس كەسىپ بولغاچقا بۇنداق  ناچارئەھۋال ئوقۇتقۇچىلاردا كۆرۈلسە ئەلۋەتتە ھەممە ئادەم ھەيران قالىدۇ، ھەم ئاسانلا دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغايدۇ.
100 يۇەن تۇرمۇش ياردىمى دىگەنگە ھەيران قالماڭ، ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن باشقا دۆلەت بەلگىلىگەن ئىش ھەققىدىن سىرىت، ئايدا 700يۈندىن 1200 يۈەنگىچە قۇشۇمچە تاپاۋىتىمۇ بار. مېنىڭچە بۇنداق ئەۋزەل شارائىت بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىئىيتىمىزگە نىسپەتەن ئېيتقاندا خېلى ياخشى پۇرسەت.

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1876
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4875
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2050 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 10:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەمىنات  بوپ قالىدىكەنغۇ  

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20452
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6051
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 12:43:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شۇ مەكتەپتە، سېپىمىزگە قوشۇلۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20452
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6051
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 12:43:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شۇ مەكتەپتە، سېپىمىزگە قوشۇلۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41408
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3769
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 1998 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 11:41:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىتى ئۇيغۇر، تۇلۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى ئوقۇش تارىخى بۇلۇش، 28 ياشتىن تۆۋەن بۇلۇش كېرە. دوكتۇر، ماگىستىر ئاسپىرانتلار، ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى، داڭلىق ئوقۇتۇچى، مەملىكەتلىك مۇناۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېشى چەكلەنمەيدۇ.
پۈتۈن ئۇيغۇر ئالىدىغان مۇنداق بىر ئورۇننىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن سۆيۈندۈم، قېرىنداشلار پۇرسەتنى قەدىرلەڭلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش