مەن كىم؟
چىڭقى چۈش ۋاقتى ئىدى،مەن ئۆيدە يالغۇز ئولـتۇراتتىم،تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى.
____كىم؟
___بۇ مەن.
___مەن دېگەن كىم؟
___مەن سۇپۇلى يىغقۇچى.
مەن ئشىكنى ئېچىپ سۇپۇلىنى بەردىم دە،ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم،ئۇ كىم؟ئۇ سۇپۇلى يىغقۇچى.ئۇ زادى كىم؟مەن جاۋاب تاپالمايۋاتاتىتىم.مەن ئشىكنى ئېتىپ ئولتۇرشىمغا ئشىك يەنە چېكىلدى.
__كىمۇ؟
__بۇ مەن قىزىم.
بۇ دادام ئىدى،دادام ئشتىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ بەك ھارغىن كۆرۇنەتتى،دادام قېتىققا بەك ئامراق بولغاچقا دوغ ئېتىپ بەرمەكچى بولۇپ قارىسام قېتىق قالماپتۇ،شۇنىڭ بىلەن قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىن .ئەكىرمەكچى بولۇپ چىقىپ ئاستا ئىشىكنى چەكتىم،ئۆي ئىچىدىن "كىم؟"دېگەن ئاۋز ئاڭلاندى.مەن كىم؟بۇسوئال كاللامدا يەنە پەيدا بولدى،قوشنىمىز "كىمدۇ بۇ........."دېدى دە ئشىكنى ئاچمىدى.مەن گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئۆيگە كىردىم.دادام مېنى كۆرۇپ :
___نېمە بولدۇڭ قىزىم،سالپىيىپ قاپسەنغۇ؟!
___مەن كىم؟
دادام سو ئالىمدىن ئەجەبلىنىپ تۇرۇپلا قالدى.
__دادا سىز كىملىكىڭىزنى بىلەمسىز؟؟
دادام كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇردى،دېمەك داداممۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىكەن، داداممۇ ئۆزىنى ئۇنتۇپتۇ.مەن ئۆزۇمنىڭ ھوجىرامدا ئۆزۇمنىڭ كىملىكى ئۈسـتىدە ئويلاندىم،مەن تەگسىز خىياللار ئىلكىدە ئولتۇرسام دادام ئاستا كىرىپ كەلدى.
___قىزىم مەن كىملىكىمنى ئۇنۇتمىدىم،مەن سېنىڭ ۋە سەندەك ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتىسى،مەن سىلەرنىڭ ھامىيچىڭلار،تەربىيچىڭلار،مەن يەنە ئەجداتلار ئۈگۈتىنى ئەۋلاتلارغا يەتكۇزگۈچى.ئەجداتلار سو ئالىغا مەسئۇلىيەت بىلەن جۋاب بەرگۇچى.
مەن ئۆزۈم ئۇستىدە ئويلاندىم،مەن ئەنە شۇنداق بۇرىچ تۇيغۇسىدىكى ئۇيغۇر ئاتىنىڭ پەرزەنتى.مەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرغا خاس ئۆسۈۋاتقان ياش.مېنىڭ ئسمىم ئۇيغۇر .مانا بۇ مەن.
ئاپتور:گۈلنۇر