مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 288|ئىنكاس: 5

رېژىسورلۇق ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ بۇرىچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىمنىڭ تەر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1683
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10419
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 1602 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 02:48:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رېژىسورلۇق ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ بۇرىچى

ماقەلە
پەرھات مۇھەممەتئىمىن

(ئەسكەرتىش : بۇ ماقالە تەڭرىتاغ ئىكىران ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2 سانىغا بىرىلگەن بۇلۇپ ئىلان قىلىنغانئىدى . مەن ئەمدى تورداشلارغا ئەسلى نۇسخىسنى يوللاپ بەردىمن كۈرۈپ باھا بەرگەيسىلەر.)



بىز بۈگۈنكى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا،  ئىكىران ياكى سەھنە ئەسەرلىرى بىلەن دائىم ئۇچىرىشىپ تۇرىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە  بىز   رازى بولغان ئىسىل  ئەسەرلەرمۇ بار. شۇنداقلا بىز تازا رازى بولمايدىغانلىرىمۇ بار. شۇڭلاشقا مەزكۇر تىمىغا مۇناسىۋەتلىك- ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن ،ھەرخىل تىمىدىكى كىنو، تېلىۋىزىيە-تىياتىرى ،سەنئەت- نۇمۇرلىرى ، مەخسۇس فىلىم ، كىچىلىكلەر ۋە سەھنە ئەسەرلىرىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر( يەنى تىياتىر ،مىكرۇ تىياتېر ۋە ئىتوت قاتارلىق)ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مۇنەۋۋەر رېژىسسور، ئارتىسلار ۋە ئەسەر مۇئەللىپلىرى بىزنى چەكسىز ئىپتىخارلاندۇرۇپ، مەنىۋىيتىمىزنى بىيىتسا ،مەزمۇنى پىچەك، ئۇرۇنلىنىشى جەھەتتە تەلەپكە توشمىغان ، بىمەنە  پاخال ئەسەرلەر ۋە بۇنى مەيدانغا چىقارغۇچى شەخىسلەر بۇنىڭ   ئەكىسىچە بىزنى بىزار قىلىپ زىرىكتۈرىدۇ.

  سەھنە ۋە ئىكىران ۋاستىسىى بىلەن بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان بۇ خىل مەنىۋى ئۇزۇقلىنىش شەكلى يەنە بىرجەھەتتىن تەشۋىقات ۋاستىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بىر پۈتۈن جەمىيەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولدى.

شۇنداق بولغاچقا، بىز بۇ جەھەتتە؛ ئاددى بىر كۈرۈرمەن بۇلىشى سۈپىتى بىلەن كۈرۈپ ھۇزۇرلانساق ، يەنە بىر جەھەتتىن بۇ ۋاستىنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان، ۋە ئۇنىڭ سۈپىتىنى بىكىتىدىغان  بىرىنجى سەۋەبنىڭ نىمىلىكىنى ۋە ئۇنىڭ  قانداق ماھىيەت ئاستىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىش ھەم تەخىرسىز. شۇڭلاشقا، مەن بارلىق كۈرۈرمەن دوسلار بىلەن ئۈزۈم چۈشىنىدىغان ۋە ئاز-تۇلا مۇلاھىزە قىلىپ باققان ، بىرىنجى سەۋەب- رىژىسورلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ چىقماقچى.

بەلكىم باشقىلار مەندىن «بۇ كەسىپ ھەققىدە نىمىنى مۇلاھىزە قىلماقچىدۇ؟ »دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇ راستىنلا قۇيىلىدىغان سۇئال.

بۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىشىدا ئۇچۇق دەپ قۇيايكى- ئۇيغۇر ئىكىران ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ، يىقىنقى دەۋىرىدىكى سۈپىتىنىڭ زىيادە چۈشۈپ كىتىشى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەسپى ئاتالغۇ "رېژىسسورلۇق" نىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەنقىدى نوقتىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىشنىڭ تولىمۇ ۋاقتى كەلدى. رايۇنىمىز ئىچىدىن چىققان ، بارلىق رېژىسسورلارنىڭ ۋە ئۈزىنى رېژىسسور دەپ ساناپ يىتىلىۋاتقانلارنىڭ ۋە ياكى مۇشۇ ساھەدە مەخسۇس تەربىيلىنىۋاتقان ، بىلىم ئاشۇرۋاتقان ،جۈملىدىن مۇشۇنداق بىر كەسىپنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ خارەكتىرىنى چۈشىنىدىغان ۋە بۇ كەسىپنىڭ ئىچى تىشىدا پەرۋانە بۇلۇپ ئويلىنىۋاتقان ۋە شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ بىشىنى سىلكىپ كاللىسىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ، يىراققا نەزەر تاشلايدىغان ۋاقتىمۇ كەلدى.  ئۇيغۇر ئىكىران ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەمىلى ئەھۋالى ھەققىدە ئويلىنىشنى باشلىشىمىز زۈرۈر.

مەزكۇر تىما ھەققىدە كەمىنە ئاۋۋال تىمىىنى« رېژىسسورلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە »دەپ باشلىدىم .قانداقتۇر بىرەر شەخىسنى چىشلەپ تارتىپ، ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بىرىدىغان ياكى بىرەر شەخىسنى نوقتىلىق كۈتۈرۈپ يان باسىدىغان ئىشنى قىلمىدىم.مەزكۇر مۇلاھىزىنى تۈۋەندىكى تارماق تىمىلارغا بۈلۈپ ئېلىپ بارماقچىمەن.

1- رېژىسسورلۇق ۋە ئۇنىڭ مەنىسى

رېژىسسورلۇق دىگەن بۇ سۆزنىڭ يىلتىز مەنىسى -ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لوغىتىدە« سەھنە ياكى كىنو ئەسەرلىرىنى تەييارلاش، سەھنىلەشتۈرۈش جەريانىدىكى ئىجادى ئىشلارنىڭ تەشكىلاتچىسى ، بەدىئى رەھبەر» دەپ ئىزاھات بىرىلگەن ، ئەمما خەنزۇ تىلدا بولسا، بۇ سۆزنىڭ ياسىلىشى ئوخشاش مەنىلىك سۆزلەرنى جۆپلەپ ياسالغان بولماستىن، بەلكى بۇ كەسپىنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن، ياسالغان ئىككى سۆزنىڭ يىغىندىسدىن شەكىللەنگەن.

يەنە تاق سۆزنىڭ مەنىسىگە قارايدىغان بولساق؛ بۇ سۆزنىڭ مەنسىدىن ۋە ئۇرامىدىن بىز قۇبۇل قىلغان چۈشەنچىنىڭ ئارىسىدا زور پەرىق بارلىقىنى ھىس قىلىمىز..

导演 سۆزىنىڭ مەنىسى بۇلۇپ ، بىز بۇ سۆزنى بىلىشتىن بۇرۇن ئايرىم مەنىسىنىڭ ئىزاھاتىنى بىلىشىمىز لازىم. (بۇ ھەقتە مەن كۆپ سۆزلىمىسەممۇ خەنزۇتىلىنىڭ سۆز ياسىلىشى ۋە قائىدىسى ھەممىگە ئايدىڭ ).

"导"نىڭ مەنىسى:-1)باشلىماق ،يىتەكلىمەك .  2)ئۆتكۈزمەك ،ئۆتمەك .3)تەلىم-تەربىيە ،يول كۆرسەتمەك،4)رېژېسسورلۇرلۇق قىلماق "演"سۈزىنىڭ مەنىسى:-1)ئۆزگەرىتمەك ،ئۆزگىرىپ تەرەققى قىلماق ، ئاستا-ئاستا ئۆزگەرمەك ، 2)جارى قىلدۇرماق ، چۈشەندۈرمەك ،سۆزلىمەك 3) قائىدىگە ئاساسلانماق ،تەرتىپ بۇيىنچە ،4)قويماق، ئۇرۇنلىماق ،كۆرسەتمەك، ئوينىماق، رول ئالماق

سۆز مەنىسىگە قاراپ باقساق، ئەمىليەتتە مەزكۇر ئۇقۇم مۇنداقچە ئاددى چۈشىنىدىغان ۋە ھىس قىلىپ شۇغۇللىنىدىغان ئىش ئەمەس، ئەمما ھازىر ئارىمىزدا بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشمۇ ناھايتى كۆلكىلىك، بىمەنە تۈسكە كىردى.

  بىزدە بۇ ئۇقۇمغا ۋە بۇ ئىشنىڭ ئۇرامىغا قارىتا« مۇئەييەن تۇنۇش» ياكى «ئىلمى پۇزىتسىيە»مۇ قەتئى يوق دىيەرلىك. ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىچىشتۇرىدىغان بىمەنىلىك شۇ يەردىكى-  مەزكۇر «رېژېسسورلۇق» ئۇقۇمى ھازىر كۈپىنچە كىشىلەر نەزىرىدە، كىنو ئىشلىگۈچى ياكى ئىكىران ياكى سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ تەرتىپىنى بىكىتكۇچى دىگەن مەنىدە ئىستىمال قىلنىۋاتىدۇ. شۇنداقلا كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىددىيىسىدە ، بۇ ئىش ئۇدۇللا ھەر قانداق ئادەم كىلىپ قىلسا مۇمكىن بۇلىدىغان، ئاددى ئىشتەك ھالەت شەكىللەنگەن بۇلۇپ،   بۇ يەردە ھەتتا ،ناخشا- ئۇسۇل كەسپىدىكى كەسپى ئارتىسلارنىڭ ۋە يىتەكچىلىرىنىڭ ،بىر قىسىم يازغۇچى- مۇھەرىرلەرنىڭ،  گىرىم ياكى مىدىئە ۋە ياكى بولمىسا دىكىراتسىيە قاتارلىق ،بىر تۈركۈم كەسپى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپى خادىملارنىڭمۇ رېژىسسور دەپ ئاتىلىشى كۆپىلەپ پەيدا بولماقتا .يەنە بىر قىسىم ئوپىراتۇر ۋە كەسپى ناخشا ياكى كىنو فىلىم ئارتىسلىرىمۇ رىژىسور بۇپ قىلىۋاتىدۇ.

دىمەك؛« بۇ نىمىدىن  دىرەك بەردى؟» بۇ دەل بىز دىمەكچى بولغان ھەقىقى رېژىسسورلىقنىڭ مەنىسىنىڭ ئارىمىزدا ناھايتى ئاددى ۋە مەسئۇلىيەتسسز پۇزىتسىيە بىلەن چۈشىنىلگەنلىكىدىن  كەسپكە ۋە كەسپى ئۇقۇمغا بىپەرۋا قارايدىغان ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان ئاڭقاۋلىقتىن دىرەك بەردى.

ئەسلىدە بۇ ئۇقۇمغا نىسبەتەن ، بىز تېخىمۇ ئەمىلى ۋە ئىلمى مۇئامىلە قىلغىنىمىزدا بىر ياخشى سەھنە ۋە ئىكىران ئەسەرلىرىنىڭ بىر پۈتۈن ھەممە تەرىپىگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان، ئاددىيسى شۇ سەھنە ياكى ئىكىرانغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مەنىسىگە ۋە ئۇنى سەنئەتلىك ئىپادىلەشكە ياكى مەزكۇر ئىكىران ۋە سەھنە بوشلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىپادە يارىتىشقا باش سەۋەب بۇلىدىغان «رېژىسسور » مەنىسىنى بىلىۋالغان بۇلاتتۇق.

مىنىڭچە بولغاندا رېژىسسور سۈزىنىڭ مەنىسى ۋە ئۇرامىغا ئاساسەن، رېژېسسور ئالدى بىلەن سەھنە ۋە ئىكىران ئەسەرلىرىنىڭ ئۇرۇنلىنىشىغا سەۋەب بۇلىدىغان ئەڭ بىرىنجى ئامىل. كۈرۈرمەنلەرگە، تاماشىبىنلارغا ،بارچە كىىشلەرگە ، ئەسەرنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى ئىپادىلەپ بىرىدىغان باش مەسئۇلىيەتچى، قانداقتۇر بىرەر تۈرنىڭ ياكى ئارتىسلار ھەرىكىتىنىڭ يىتەكچىسى بولماستىن بەلكى ئەڭ ئاددى سانالغان ئارقا سەپ ، مۇلازىمەت ۋە ھەتتا بىر تال گىرىم بۇيۇمىغا چاغلىق بارچە ھەممە ئامىلنى باش بۇلۇپ كونتىرۇل قىلىدىغان يىتەكچى. ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ساپا ۋە قابىليەت ھەممىنى بىلىش ۋە چۈشىنىش، شۇنداقلا ئۆزگىچە بەدىئى تەسەۋۋۇر ،ئىستىتىك تۇيغۇ ، تېخنىك ئىلىم، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى ئۈزىنىڭ كىم ۋە نىمە ئىش قىلدىغىنىنى چۈشىنىدىغان ساپا ۋە تالانىت مەسىلسىنىڭ تۇلۇق شەكىللىنىشىدىن ئىبارەت .

2- رېژېسسورلۇق كەسپىنىڭ ماھىيتى ، تۈرى

رېژىسسورلۇق كەسپىنىڭ ماھىيتى شۇيەردىكى –مەزكۇر كەسىپ ، ئادەتتە سەھنە ئەسەرلىرى ۋە ئىكىران ئەسەرلىرىنىڭ تەلىۋىگە شۇنداقلا بىۋاستە ئۇرۇنلاش ئىھتىياجىغا ئاساسەن شەكىللەنگەن كەسىپ بۇلۇپ ، ئۇ دەل شۇ خىل زۈرۈريەت  ۋە قانۇنيەتنىڭ فونكىسيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئاددىيلا چۈشەنگەندە، بۇ كەسىپ بىرخىل بەدىئى تالانىتنىڭ، ئۇرۇنلىغۇچىلارۋە ئارتىسلار ئەمىليىتىدە ھەقىقى  شەكىللىنىشگە سەۋەب  بۇلىدىغان مەنبە، ئەڭ مۇھىمى مەزكۇر بەدىئى تالانىت مەنبەسىنىڭ نۇرلۇق جۇلاسىغا ئادىل  ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئەينەك ،سەھنە ۋە ئىكىران ئەسەرلىرىنىڭ مۇۋەپىقيتىگەبىۋاستە ،تۇلۇق  تەسىر كۆرسىتىدىغان يادۇرۇلۇق ھەل قىلغۇچ ئامىل .بىز ياقتۇرغان ئەسەرنىڭ بىزنى قايىل قىلىشى ۋە ھەممە تەرەپتىن رازى بۇلۇشىمىز ماھىيەتتە رېژېسسورنىڭ دىتى ۋە تالانىتىدىن كەلگەن بۇلىدۇ.

رېژىسسورلۇق كەسپىنىڭ تۈرى- بۇيەردە گەپنىڭ نەخ پوسكاللىسىنى قىلغاندا ، ئادەتتە رېژېسسورلىقنىڭ تۈرى دەپ ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەمما ئەڭ ئالدى بىلەن شەكىللەنگەن ،تىياتېر ، سىنارىيە، دېرامما ، مەخسۇس تىمىدىكى بەدىئى ئەسەرلەرنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئىھتىياجىغا ئاساسەن،ئۇرۇنلانماقچى  بولغان ئەسەرلەر،چوڭ جەھەتتە سەھنە ئەسەرلىرى ۋە ئىكىران ئەسەرلىرى دەپ ئىككى تۈرگە بۈلىنىدۇ. ئەسەر ئىككىگە بۈلۈنگەن ئىكەن، بۇنى ئىپادىلەشكە قاتنىشىدىغان رېژىسسورلارمۇ شۇنداق بۇلىدۇ .

بۇ يەردە ئالاھىدە ئىزاھلاپ ئۈتىدىغىنىمىز ئەڭ ئالدى بىلەن مەيلى سەھنە ئەسەرلىرى ياكى ئىكىران ئەسەرلىرى بولسۇن ئۇنىڭ تۈگۈنى بەدىئى ئىپادىلەش ۋاستىسى ھىسابلانغان كونكىرىت سەھنە بۇلۇپ، ئاۋۋال سەھنە بارلىققا كەلدى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئىكىران بارلىققا كەلدى.شۇڭلاشقا بىزمۇ ئاۋۋال نەزىرىمىزنى سەھنىگە ئۇندىن كىيىن ۋاستىلىك تارقىتىش ھىسابلىنىدىغان ئىكىرانغا بۇرايمىز.

سەھنە ئەسەرلىرى دىيىلسە – تىياتېر،مىكرۇ تىياتېر، دېرامما ، كىچىلىك (يەنى ناخشا ۋە ئۇسۇل كىچىلىكلىرى،ئىتوت كىچىلىكلىرى، بەدىئى كىچىلىك). ئوپىرا ، مۇزىكىلىق تىياتېر، بالىت، قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىمىز.

ئىكىران ئەسەرلىرى دىيىلسە-كىنو ، تېلىۋىزىيە-تىياتېرى ، فىلىم. مەخسۇس تىمىدىكى پېروگىراممىلار،بەدىئى فىلىملەر، مەخسۇس تىمىدىكى ئىكىران زىيارەتلىرى،ئىلان ،Mtvقاتارلىقلار كىرىدۇ.

يۇقارقىدەك ئىھتىياج سەۋەبلىك ھازىر رېژىسسورلۇق كەسپىنىڭ دائىرسى كىڭەيدى. تۈرى ئاۋۇدى. ئەمما مۇشۇ يەردە تەكىتلىشىمىز كىرەككى، كەسپنىڭ تۈرى ۋە دائىرسى كىڭەيگىنى بىلەن بىزنىڭ رېژىسسورلىرىمىزنىڭ تۈرى ،سانى ،تۇنىشى ۋە مەخسۇس شۇ كەسىپتە تەلىم ئېلىپ يىڭىلىق يارىتىشى ۋە ئاممىنى شۇنداقلا كۈرۈرمەنلەرنى رازى قىلىشى ئاۋۇمىدى. ئۆزگەرمىدى، ۋە كىڭەيمىدى. شۇ پېتى تۇرىرۋەردى. بۇنداق دىسەم ئارىمىزدىكى،فىردەۋىس ئەزىزى ، تۇيغۇن ئەخمەدى، نىجاتنىياز خۇجا، قۇربانجان ھىيىت ،جۈرئەت ۋاھىت قاتارلىق ئۆز كەسپىنى چۈشىنىدىغان ۋە تۇنۇلغان رېژېسسورلىرىمىزغا تىگىپ كەتمىسۇن. دىمەكچىمەنكى بۇھەقتە چۈشەنچە بەك چۇلتا. چۈشىنىش خاتا ، رېژېسسورلۇق كەسپىنىڭ يادىرۇلۇق مەنىسى ۋە تۈرىنى بىلىش توغرا ئەمەس.قىزىقارلىق قۇرۇق سۆزلەر ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ ئىقىپ يۈرىشى ناھايتى كۆپ، شۇڭا بۇ جەھەتتە ،مەخسۇس يىتىشكەن، ئادەمنىڭ ئېغىزىغا چىققۇدەك كەسىپ قۇشۇنى كەمچىل.

ساختا مەغرۇرلۇق ھىسياتى ۋە ساددا سۆز تارقىتىش ياشلاردا بەك كۆپ . مىسالەن مەن يىتىلىۋاتقان ياش ئاكتىيۇر، مەمەتجان ئابدۇقادىر ھەققىدە، بەزى پاراڭلارنى ئاڭلاپ قالدىم. يەنى بىر قىسىم ياشلارنىڭ ھەم كىشىلەرنىڭ  نەزىرىدە ئۇ راستىنلا ئاتاقلىق رېژېسسورغا ئايلىنىپ بولغان ھالەتتە تۇنۇلغان ئىدى. مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى شۇنداق سۆزلەۋاتقان ياشلاردىن كوچىلىسام ،ئۇ «ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسورمۇكاپاتى» غا ئىرىشىپتۇ.«ئانارخان » فىلىمىگە رېژىسسورلۇق قىپتۇ.... دىگەندەك سۆزلەر سەۋەب قىلدى. بۇنى ئاڭلاپ، قىشتىن ئىنىمىز ئابلاجان ئۆتكۈزگەن بىر قىتىملىك مۇكاپاتلاش پائالىيتى ۋە مىكىرۇ بىلوگ خەۋەرلىرى يادىمدىن كەچتىدە ، تارقىلىپ يۈرگەن سۆزنىڭ مەنبەسى ئىسىمگە كەلدى.ھەم يىنىككىنە كۈلۈپ قۇيدۇم . بۇ سۆزنى مەمەتجان ئۈزى ئاڭلىسىمۇ كۈلۈپ كىتىدۇ.بۇ ئىنىقكى ساددا مەغرۇرلىنىش ،خاتا  چۈشىنىش، ساددا سۆز تارقىتىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.   

مۇشۇنداق ھالەتتە بىز بۇ كەسىپنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن بولغان سەھنە رېژىسورلىقىدىن قانچىلىك سۆز ئاچالايمىز؟ ئادەتتە بىر قانچە كىچىلىكتە ئىتوت ياكى نۇمۇرلاردارول ئېلىپ ،ياخشىراق رول ئالسا ، ياكى سەھنىدە بىرەر ئوبىرازنى ياخشىى ياراتسا ،ياخشىىراق ئۇسۇل ئوينىسا، كىلىپلا سەھنە رىژىسورلىقىنى قىلىدىغان ياكى ئۈزىنى رېژىسور ھىساپلايدىغان ئىش شەكىللىنىۋاتسا ،قانداقمۇ ھەقىقى بىر رېژىسسور مەيدانغا كىلىدۇ؟ ئارتىسىت بىلەن رېژىسسورنىڭ پەرىقى يوقمۇ؟  

  سەھنە رىژىسورلىقىنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن بىز سەھنىنى چۈشىنىشىمىز كىرەك . ھەر قانداق بىر كۈرۈرمەن ۋە ئارتىسىتنىڭ سەھنە ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ۋە بىلىمى چۇلتا بۇپ قالسا، ئۇنىڭغا ئۈگىتىش مۇمكىن. ئەمما سەھنە رىژېسسورى سەھنىنى بىلىمىسە، بىلگەن تەقدىرمۇ،ئۇنى  راۋرۇس بىلمەي چۇلتا بىلىپ قالسا ،شۇ سەھنىدە قۇيىلىدىغان ئەسەرلەر تۇلۇق  مەغلۇپ بولدى دىسەك بۇلىدۇ. رايۇنىمىزدايىقىنقى 20يىلدا نۇرغۇن قىتىم مەخسۇس،تىياتېرۋە كىچىلىكلەر ئۆتكۈزۈلدى . بىز ئۇنى كۆردۇق. باشقىلار بەلكىم ھىس قىلغاندۇ ، سەھنە ئەسەرلىرى ئىچىدە راستىنلا بىزنى رازى قىلغۇدەك ھالەتتە روياپقا چىققىنى قەتئىي يوق دىيەرلىك .بەك ئاز.10نىڭ ياكى 100نىڭ بىرىگە توغرا كەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر جەمىيتىمىزدە، ناخشا-ئۇسۇل كىچىلىكى ياكى ئىتوت كىچىلىكى يىلدا بىر قانچە قېتىم،بەزىدە كېينى-كېينىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەمما ھەممە كىچىلىككە  قارايدىغان بولساق ، بىر يەرلىرى راستىنلا چالا .ئادەمنى رازى قىلمايدۇ . بۇنى ھەتتا ئىقتىسادقا باغلاپ چۈشەندۈرگەنلەرمۇ بولدى. بۇمۇ توغرا، ئەمما ، ئىقتىساد پەقەت بىزەكلەرنى ۋە شەرىت- شارائىتنى ياخشىلىغىنى بىلەن ساپانى ۋە ئىقتىدارنى بىتەرەپ قىلالمايدۇ.شۇنچە كۆپ سەھنە مەيدانغا كىلىدۇ ، ئەمما سۈپەتلىك ۋە ياخشىى چىققان كىچىلىكلەر بەك تەس تېپىلىدۇ. شۇنداق ھالەتتىمۇ بۇنداق كىچىلىكلەر ۋاقتى سائىتىدە ئۆتكۈزىلىرىۋىرىدۇ،مەن بۇنىڭدىكى مۇددىئانىڭ قانداقلىقىنى ئىنىق بىلىپ كىتەلمىسەممۇ، رۇشەنكى،بۇ يەردىكى ئىنىق مۇددىئا -  ئىقتىساد توپلاش ۋە نام مەنپەئەت قوغلىشىشتىن كەلگەن دىسەك بۇلىدۇ. ،بۇخىل كىچىلىك ئۆتكۈزگۈچىلەر  بەزىدە كۈچىگەن بىلەن  كۈپىنچە ئەپلەپ –سەپلەپ ئىش قىلىش، مەنپەئەت ئېلىش مەقسىتىدە ئىش قىلىشىدۇ. ئىچنىدىغىنىم ئۇلار مۇشۇنداق بىر ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال راۋرۇس بىر سەھنە رېژىسسورىنىڭ زۈرۈرلۈكىنى ئۇنتۇپ قىلىشقان. مۇددىئانىڭ ياخشى بولماسلىقى نەتىجىسىدە بۇ خىل كەسپتىكى يارقىن ، يۇرۇق نوقتا ھىسابلانغان سەھنە رېژىسسورلۇق كەسپى تەرەققى قىلمىغان. بۇخىل ھالەت شەكىللەنگەچكە ، كىچىلىك بار ، سەھنە ئۇچۇق ،بۇنىڭغا تاماششىبىن بار. ئەمما رېژېسسور يوق.  بۇ ئىشقا يىتەكچىلىك قىلىدىغانلار، تەشكىللىگۈچىلەر، كىچىلىككە قاتناشقان يۈزى چوڭراق ئارتىسلار رېژېسسور بۇلۇپ،ئۇيۇننى قۇيۇپ كەلمەكتە. جاھاننىڭ ھېچقانداق يىرىدە بۇنداق تەتۈر ئىش تىپىلمايدۇ. ئەمما بىز بولساق تەتۈرىسىگە ئىشنى قىلىېرۋىرىمىز.تاماششىبىنلار، كۈرۈمەنلەرمۇ كۈنۈكۈپ كەتكەن. داڭلىق ئارتىسقا .

ناۋادا بۇ خىل كىچىلىكلەر ئۆز پېتى باشقا دۆلەت ۋە رايۇنلاردا قۇيۇلسا زاڭلىق قىلىنماي قالمايدۇ.چۈنكى ئۇلار ئاللىقاچان سەھنە كىچىلىكلىرىنىڭ ۋە ئەسەرلىرىنىڭ قانداقراق قۇيۇلسا ياخشىى بۇلىدىغىنىنى بىلىپ بولغان. بەزى ئارتىسلار ئادەتتە مىللى ئادەت ۋە ئىسىل پەزىلەتنى تۈپتىن تاشلىۋەتكەن. بەرگەن سالاملىرى ۋە ھەرىكەتلىرى تاپتىن چىقىپ ئەبجەشلەشكەن. بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ بۇ ئاددى قائىدىنى  دەل سەھنىدە ئۇيۇن قويماقچى بولغان سەنئەتكارغا نىسبەتەن بىرەرسىمۇ سۆزلەپ بىلدۈرمىگەن ياكى باشقۇرمىغان. ئەسلىدە بۇنى سۆزلەيدىغىنى، باشقۇردىغىنى رېژېسسور ئىدى. رېژىسسور دىگۈدەك ئادەم بولمىسا ،شۇ كىچىلىككە رېژىسسور قۇيۇلمىسا ئۇ بۇنى نەدىن بىلىدۇ؟ دىمەك بىلمەيدۇ. نەتىجىدە سەھنىگە تەڭ ناچار ئادەت پەيدا بۇلىدۇ. بۇنى ھەممە كىشىنىڭ ئويلاپ يىتىشى زۈرۈر.

ئەمدى ئىكىران رېژېسسورلىقى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا ، ئۇ سەھنە بىلەن ئىكىرا ۋاستىسىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. ئۇنىڭدا ھەممە ئامىل تەڭ تىپىلىدۇ، شۇڭلاشقا بۇخىل ئىكىران رىژىسسورلىقىنى قىلىدىغان كىشىلەر چۇقۇم ئۈزىدە بەدىئى تالانىتنىڭ يۇقۇرلىقى بىلەن بىرگە كۈزىتىش ، تەبىئەتنى ۋە ئادەمنى شۇنىڭدەك ئىكىران ۋاستىسىنى تۇلۇق چۈشىنىۋىلىشى لازىم. ئەگەر سەھنە رىژېسسورلىقىنى بىلمەيدىغان كىشى بولسا ئۇ مۇنەۋۋەر ئىكىران رېژىسسورى بۇلالمايدۇ. سەھنە بىلەن ئىكىراننىڭ پەرىقى شۇ يەردىكى سەھنە بولسا ئاۋۋال ياسالغان ،قىلىپلاشقان مەيدان ، ئىكىرانغا نىسبەتەن سەھنە پەقەت كىڭىيىدۇ. يەنى ئۇنىڭغا زۈرۈر تىپىلسا بىز چۇقۇم پۈتۈن ئەتىراپىمىز ۋە بەلگىلىك تەبىئەتتىكى مەنزىرە شۇنداقلا بىزگە كىرەكلىك ھەر قانداق ئامىلدىن پايدىلىنىمىز. ) بۇ ھەقتە مەن ئايرىم بىر تىما ئېچىپ توختىلىدىغان بولغاچقا،مۇشۇ يەرگىچە توختالماقچىمەن.(  

رىژىسسورلۇق كەسپىنىڭ تۈپ خارەكتىرى شۇ يەردىكى ئۇنىڭ ھەممىگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان ، ئەمىلى يىتەكلەش كۈچىنىڭ چوڭقۇرلىقى .يادىرۇلۇق ئىپادىلەش تالانىتنىڭ ھەقىقى ئۇرغۇپ تۇرىشى، باشقۇرۇش، بارچە ئامىللارغا  رەھبەرلىك قىلىش ، ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر ۋە بەدىئى ئىپادىلەش  جەھەتتىكى  خاسلىقنىڭ كۈچلۈك بۇلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇلۇپمۇ  ئۇنىڭدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغىنى رېژېسسورنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنىڭ يۇقۇرلىقى بۇلۇپ، مۇشۇ خىل ئىقتىدار نامايەن بولغاندا رېژىسسورلۇق كەسپى ئۈزىنىڭ خارەكتىرىنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ. يەنە بىر قىستۇرۇپ ئۈتىدىغان ئىش شۇكى رېژىسسور پەقەت ئارتىسنىلا باشقۇرىدىغان قاراتمىلىق تىپ بولماستىن ، ئۇ تاكى ئىشلىگەن ئەسىرى تاماملىنىپ ئىكىران ۋە سەھنىدە قۇيۇلغۇچە بولغان ئەسەرنىڭ تاماملىنىش جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك بارچە ئىشلارغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ. يەنى بارلىق ئارتىسىت، ئوپىراتۇر، ئۇسۇل يىتەكچىسى. گىرىمچى، دىكىراتىسيەلاھىيلىگۈچى، كىرىشتۈرگۈچى ، تەقلىدچى، چىراقچى، جابدۇقچى،كەسپى تېخنىك، ئاۋاز ئالغۇچى، رىياسەتچى، ئارقا سەپ مۇلازىمەتچىلىرى ، مۇلازىم، سۋىتچىك، مىدىئە لاھىيلىگۈچى ، دىكىراتسىيە نۇمۇرىنى ئىشلىگۈچى (يەنى ناخشا ياكى ئۇسۇلنىڭ ئارقىسدىكى ،ئارتىسلارنىڭ ۋەقەلىك ئىپادىلەش ھالىتى ،يەنى مۈمىنجان كىچىلىكىدە ۋە باشقا كىچىلىكلەردە ئۇچىرىۋاتقان كۈرىنىشلەر، دىكىراتسىيە نۇمۇرى دەپ ئاتىلىدۇ )شۇنداقلا بارلىق قاتناشقۇچىلار... نىڭ  ھەممىسى رېژېسسورنىڭ يىتەكچىلىكىگە مۇتلەق بۇيسۇنىشى ۋە رېژېسسور ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ تەلىۋىگە  ۋە بەدىئى ئوبىراز يارىتىشىغا شۇنداقلا شۇ ئوبىراز بىلەن مەيلى ئارتىست ياكى بارلىق ئەسەرنى ئىشلەشكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئەجىرىنى ھەقىقى روياپقا چىقىرىشقا ئەھمىيەت بىرىش زۈرۈر.

رېژېسسوردا يىتىلىدىغان ئەڭ مۇھىم شەرىت شۇ يەردىكى ئۇ ئاۋۋال ئۈزى قىلماقچى بولغان ۋە ئىشلىمەكچى بولغان ئەسىرىنىڭ ھەقىقى نىمىنى ئىپادىلەپ بىردىغىنىنى بىلىشى شۇنداقلا ئۇنى قانداق يۇسۇندا ئىپادىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى زۈرۈر. بىىشدا دىگىنىمدەك ئانا تىلىنى ، ئانا مەدىنيىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىك ئادىتىنى ۋە ئىتىتىكىسى  بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ زۈرۈر بولغان نەرسىنى ھىس قىلىشى. ئونۋېسال ساپانى يىتىشتۈرگەن بۇلىشى ، بۇلۇپمۇ بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر تالانىت بىلەن ئارتىس ۋە خىزمەتچىلەرگە ئۈلگە بۇلىشى زۈرۈر تىپىلغاندا سۈرەتكە ئېلىش ،كاشىلىنى بىتەرەپ قىلىش، نۇر سىزىمى ، بوشلۇق چۈشەنچىسى ، تەبىئەت ئىلمىدىن تۇلۇق خەۋەردار بۇلىشى كىرەك.

  ھازىر قارايدىغان بولساق ، بۇخىل كەسپنىڭ مەنىسىنى ۋە ئۇنىڭ قانداق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغانلارمۇ رېژىسسور ،شۇنىڭدەك بۇ ئىشنىڭ نىمىگە مۇناسىۋەتلىكىدىن قىلچىمۇ خەۋىرى بولمىغان، بۇ كەسىپ ھەققىدە ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان ، بىر قىسىم ئوپىراتۇر شۇنداقلا كەسپى ئارتىسلارنىڭ  ۋە كەسپى  خادىملارنىڭ  ئۈزىنى رېژىسسور دەپ ئويلىشى ياكى شۇنداق نام بىلەن ئۈزىنىڭ نامىنى ھەرخىل تارقىلىش ۋاستىلىرىدە، ئىلان قىلىشى ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ.

ئادەتتە بىز ئويلاپ كىلىۋاتقان «رېژىسسورلۇق» ئۇقۇمىنىڭ ئۇنچىلىك ئاددى بىر ئىش ئەمەسلىكىنى، بىز سېلىشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق چۈشىنىپ يىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى بىلەن مەغلۇبىيتىنىڭ ئەھۋالىدىن كۈزىتىپ دىئاگنۇز قۇيۇپ چىقىمىز. نەتىجىدە  بىر قاتار ئەمىليەت ۋە سېلىشتۇرمىلاردىن كىيىن،رېژېسسورغا توغرا قاراپ چىقالايمىز. شۇڭلاشقا ،مەن مەزكۇر تىما ئارقىلىق، ھەممىنى ھەل قىلدىم ياكى مەزكۇر كەسىپنىڭ يۇچۇقىنى تاپتىم ياكى بىر مەسىلىنى ھەل قىلدىم دىمەكچى ئەمەس. پەقەت مۇشۇنداق بىر مۇنازىرىنىڭ باشلاش كىرەكلىكىنى قەيىت قىلماقچى .






ئاپتۇرى : ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپى ئونۋېرسىتىت ، غەربى مەكتەپ رايۇنى يەنى ئەسلىدىكى شەھەرلىك چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتۇتى. 2012يىللىق باھار پەسلى ماتىماتىكا 3سىنىپ كۇرسانتى.


دۇنيادىن نام-نىشانسىز كېتىشنى خالىمايمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85702
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 480
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 03:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رېژىسورلارنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بىرىپسىز ... مەنمۇ تولۇق چۈشىنىۋالدىم ...رەھمەت

ھەي ئۇيغۇرۇم ئىچىم ئاچچىق،.....لىكىن تانمايمەن سەندىن.

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 2719
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 28784
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2544 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 03:36:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ھەرقانداق   ئادەم  ئۆزىنىڭ  سۆرەتكە ئېلىنمىغان   تەسىرلىك  << كىنو>> سىنڭ  رېژىسورى   ......................
                                                                                       _____  ھېكمەت ئۇيغۇر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hekmat-uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-2 03:39 PM  


ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85212
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-9-18
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 04:17:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىژىسسۇر- ئەسەرنىڭ خۇداسى

ماتروس ــ ئەنۋەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14405
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9801
تۆھپە نۇمۇرى: 644
توردا: 1364 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 04:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنئەت ساھەسىگە ئائىت تېمىلارنى  كۆپ يوللاۋاتسىز ،  مىسرانمىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرغىنڭىزغا رەھمەت .....  
تارىخ توغرۇلۇقلا تېما يوللايدىغان بىر ئىككى تورداش  بولىدىغان  ، يوقاپ كەتتى  ....  

ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نىمىشقا كەڭ !؟؟؟

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4744
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1436 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 11:16:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىك  ۋاقتىمدا  رېجىىسور بوسام  دەيتتىم   . بەك قىزىقاتتىم  .........

چوڭ بولغاندا بىلسەم ،  ئۆز تۇرمۇشىمىزغا   ياخشى رىژىسور بولالىساق مۇشۇمۇ كۇپايە ئىكەن

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش