|
|
|
|
«ئېرىم»،«خوتۇنۇم»،«بۇلتۇر»....
ئۇزۇندىن بۇيان كاللامدىن ئۆتمەي كېلىۋاتقان بىر مۇنچە ئاتالغۇلار بار ئىدى.مۇشۇ ئاتالغۇلار توغرىسىدا مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى لايىق تېپىپ،بۇ مەسىلىنى قىسقا تېما قىلىپ يوللىدىم. ئەمەلىيەتتە مەن تەرجىمە كەسپى بىلەن شوغۇللانمايمەن.لېكىن تىل،يېزىق،تەلەپپۇزنى ئۆلچەملىك،توغرا ئىشلىتىشكەئەھمىيەت بېرىمەن.ئاتالغۇلارنى دەپ كەلسەك بەك كۆپ.مەن پەقەت «ئېرىم»،«خوتۇنۇم»،«بۇلتۇر»،«پىكاپ»دېگەن ئاتالغۇ توغرىسىدا قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويماقچى. «تىل ۋە تەرجىمە» قاتارلىق ژورناللار ۋە بىر قىسىم گېزىتلەردە كەسپىي ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەندە ئەزەلدىن قوللۇنۇلۇپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي ئاتالغۇ بۇيىچە،قىسقا،چۈشۈنۈشلۈك ئاتاشقا،قوللۇنۇشقا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا نۇرغۇن پاكىتلىق ماقالىلەر،تەكلىپ،پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى.بىراق بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش يېتەرلىك ئەمەس. «ئېرىم»،«خوتۇنۇم»دېگەن ئاتالغۇ كۆپىنچە «ئايالىم»،«يولدۇشۇم»دەپ قوللىنىلىۋاتىدۇ. بەزەنلەرنىڭ قارىشىچە ،نىكاھلىق خوتۇنى ياكى ئېرىنى«ئايالىم»،«يولدۇشۇم»دەپ ئاتاش ئىلمىي،مەدەنىي،«خوتۇنۇم»،«ئېرىم»دەپ ئاتاش قوپال،مەدەنىيسىزلىكمىش.ئېرىنى ئېرىم،خوتۇنىنى خوتۇنۇم دەپ ئاتاشنىڭ زادى نەرى قوپال،قالاق،مەدەنىيسىز؟ مېنىڭچە ،ئۇنداق كىشىلەردە بۇ ئاتالغۇغا بولغان تونۇش، كاللا قالاق. ئەمدى«بۇلتۇر»ئاتالغۇسىغا كەلسەك ،ئۆتۈپ كەتكەن يىلنى«ئۆتكەن يىل»دەپ ئاتاش خەزۇچە خەتنى خەتمۇ-خەت،خۇددىي ئابدۇكېرىم ئابلىزچە تەرجىمە قىلىپ ئاتاش بولۇپ،بۇنى چوقۇم ئەنئەنىۋى ئاتاش ئۇسۇلىمىز بۇيىچە «بۇلتۇر»دەپ قوللىنىش كېرەك. يەنە بىرى«كىچىك ماشىنا»ئاتالغۇسىمۇ يۇقۇرقىغا ئوخشاش خەتمۇ خەت تەرجىمە بولۇپ،بۇنىمۇ ئەنئەنىۋى ئاتاش ئۇسۇلىمىز بۇيىچە «پىكاپ»دەپ قوللۇنۇش كېرەك دەپ قارايمەن. يەنە قالغان ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار بولسا مۇنبەرداشلار كۆرسۈتۈپ مۇنازىرىگە قويۇپ باقسا،مۇشۇ ئارقىلىق تىل-يېزىقىمىزنى ،ئاتالغۇلارنى توغرا ئىشلىتىش نىشانىغا يەتسەك دېگەن ئۈمىدتىمەن.
مەنبە:ئۆزۈم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hasalharisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-2 01:14 PM
|
|
|
|
|
|