مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4693|ئىنكاس: 89

ھەقسىز تاماق يوق(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 11:12:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەقسىز تاماق يوق


<1>

   مۇشۇ كۈنلەردە تاماق پۇلۇم پەقەتلا يەتمەي تازا قىينالدىم،شۇنداق ئاياپ ئىشلەتسەممۇبۇ پۇللار زادىلا يەتمەيۋاتاتتى.ئاتا-ئانامغا دىسەمغۇ ئۇياقتىن سورىغۇچە بۇياقتىن ئەكېلىپ بېرەتتى،لېكىن ئائىلە ئەھۋالىمىز ئانچە ياخشى بولمىغاچقا تىلىم بارمىدى.ھېلىمۇ ئۆيدىن نان ئېلىۋاپتىمەن،نان يەپ يۈرۈپ خېلى كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزدۈم.پۇلنىڭ ئازلىقىدا تاماق باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىۋاتقىنىچۇ تېخى!بەزىدە نېنىممۇ تۈگەپ ئاش قالاتتىم.قىسقىسى تاماق پۇلۇم زادى يەتمەي تازا قىينالدىم.

    بىر ھەپتىدە 40يۈەن قانداقمۇ يەتسۇن !ئەمما ئامال قانچە ، ئائىلە ئەھۋالىم شۇ.ئانامنىڭ دورا پۇلى ئۈچۈنلا بىرمۇنچە پۇل كېتىۋاتسا،ئاتا - ئانام :<<قىزىمىز خەقنىڭ قولىغا قاراپ قالمىسۇن .>>دەپ قىينالسىمۇ ئوقۇتىۋاتسا... مۇشۇ كۈنگىمۇ شۈكرى.

    مەن سىنىپتىكى نامى چىققان پىقسىق.ئىمتاھانغا يېقىن چىقىرىلدىغان تەكرار سوئاللارنى باشقا ساۋاقداشلىرىم نۇسقىلاپ كۆپەيتسە ، مەن قولدا يېزىپ كۆپەيتىمەن. ساۋاقداشلىرىم پۇل يىغىش قىلىپ كوللېكتىپ تاماق يەپ، كىنوغا بارسا ،مەن بارمايمەن.چۈنكى ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ ئەمەسمۇ!يەنە كېلىپ ئۇنداق پائالىيەتلەرنى ماڭا كىم قويۇپتۇ؟!بىرمۇنچە تاپشۇرۇقلىرىم بار ،مۇھىم نۇقتىلارنى يادقا ئالىمەن تېخى.

     شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرى، كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقتى بولۇپ سىنىپتا ئۆگۈنۈش قىلدىغانلاردىن ئوينايدىغانلار جىق ئىدى.مەن <<ئورگانىك خېمىيە >>كىتابىمنى ئېلىپ مۇھىم نۇقتىلارنى يادقا ئېلىش بىلەن مەشغۇل ئىدىم.سىنىپىمىزدىكى تولىمۇ ئۇيۇنچى،ھەم مودا يۈردىغان بىر ساۋاقدىشىم

مېنى يېنىغا تارتتى.

     -ئاڭلىسام ئائىلە ئەھۋالىڭ ناچاررق ئىكەن.جىق پۇل تاپقىلى بولىدىغان،ئوبدان بىر ئىش بار,قىلامسەن؟

     -پۇل تاپىدىغان؟-كۆزلىرىم نۇرلىنىپ كەتتى.-قانداق ئىش؟ئوقۇشقا تەسىر يېتەمدۇ؟راست جىق پۇل تاپقىلى بولامدا؟

    -ۋىيەي ، مانىڭ گېپىنى،<<جىق پۇل تاپقىلى بولامدۇ>>دەسيسەنغۇ!جىق پۇل تاپقىلى بولمىسا ساڭا دەپ نېمە قىلاي؟!ۋاقتى كەلگەندە پۇلنىڭ جىقلىقىدىن ساناپ ئۈلگىرەلمەي قالىسەن.كىمۇ مەن!ئۇنداق بۇنداق  ئۇششاق ئىشلارغا قارمايمەن جۇمۇ.قىلغاندىكىن چوڭىنى قىلىمەن.خاتىرجەم بول كىتاپ خالتىسى، ئوقۇشقا قەتئى تەسىر يەتمەيدۇ.

     -شۇنداق ياخشى ئىشمۇ بارمۇ جاھاندا؟مىنى ئالدىمىغانسە؟

     -ئوۋوش، خېنىم، سىزنى ئالداپ نېمە قىلاي!پايدا چىقمىسا يا.

     -ئۇنداقتا تېزرەك دىسەڭچۇ،نېمە ئىش بۇ شۇنچە ياخشى؟

    -ماڭە ، ئاۋۇ ياققا بېرىپ پاراڭلىشايلى.

    ئۇ مېنى سىنىپنىڭ بۇلۇڭىغا تارتتى.

    -يىگىتىمنىڭ دوستىنىڭ ساڭا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ،ئەھۋالىڭنى دىسەم:<<بىرگە تاماق يىسەك، ئاتاپ قويغان ئازراق كۆڭلۈم بار ئىدى،ئۆز قۇلۇم بىلەن تۇتقۇزسام >>دەيدۇ.قانداق بارامسە؟

     ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يا ئىشىنىشىمنى، يا ئىشەنمەسلىكىمنى بىلمەيلا قالدىم.

     توۋا!ئاشۇ خەقلەر پۇلنى قانداق تاپىدىغاندۇ ھە!ساراڭمۇ ئۇلار تاماق يىيىشسىمۇ پۇل بېرىدىغان...

    -ھۇيت، خېنىم، مۆرەيلى ھە!قانداق قىلىمىز؟

    -ئۇنىڭ گەولىرى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى دە ، ئاستا بېشىمنى <<ماقۇل >> دېگەن مەنىدە لىڭشىتىپ قويدۇم.

     ساۋاقدىشىم دىلنار بىلەن يىگىتى ئۇچۇرشۇشنى يەكشەنبە چۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.ئۇ ماڭا ئۇچۇرشۇش ۋاقتىنى ئېتقاندىن كېيىن بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېتماسلىقنى تاپلىدى.

    ماڭا بۇ بىر ھەپتە تولىمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى. كىم ئېتقان بولغىتى:<<ۋاقىت -ھەم ئۇزۇن ھەم قىسقا،ھەم ئىتتىك ھەم ئاستا، ھەم مەنىلىك ھەم مەنىسىز، مەڭگۈ تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان تېپىشماق .>>دەپ.ئىلگىرىكى تاپشۇرۇق ئىشلەش، مۇھىم نۇقتىلارنى يادقا ئېلىش بىلەن قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەيلا قالىدىغان ۋاقىت ئەمدىلىكتە تولىمۇ ئاستا ئۆتىۋاتاتتى.زېھنىم مۇئەللىم ئۆتىۋاتقان دەرىستە ئەمەس ، ساۋاقدىشىمنىڭ يىگىتى ۋە دوستىدا ئىدى.

    توۋا...بۇ جاھانغا نېمە دەي!بىز پۇل تېپىش كويىدا،خەق خەجلەش كويىدا.تەڭشەلمىگەن جاھان دىگەن شۇ بولسا كېرەك.ئۇ راست شۇنداق ساخاۋەتچى ئادەممىدۇ؟ئۇ كىشى شۇنچە بايمىدۇ؟بىرگە تاماق يىگەنگىمۇ پۇل بېرىدىغان.دۇنيادىكى ئەڭ  چوڭ باي بېلگايتىسمۇ ئۇنچە مەرتلىك قىلماس!

                                                <2>

       ۋاقىت ئاستا ئۆتۈپ شەنبىمۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن يېتىپ كەلدى.ياتاقتىىكى باشقا قىزلار بازار ئايلانغىلىچىقىپ كېتىشتى.پەقەت مەنلا ياتاقتا يالغۇز قالدىم.قىلىدىغان ئىش تاپالماي جالالىدىن بەھرامنىڭ<<ناتىۋانلار>>ناملىق رومانىنى قولۇمغا ئالدىمدە ئوقۇشقا كىرىشتىم.كىتاپ ئىچىگە كىرىپلا كېتىپ، ساۋاقدىشىمنىڭ كىرگىنىنىمۇ تۇيمايلا قاپتىمەن.

    -ئاللا ...ئاللا...ما كىتاپ خالتىسىنى، مەن سېنى <<ئەتە نېمە كىيەر >>دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرسام ، سەن خىيالىڭدا يوق كىتاپ ئۇقۇپ ئولتۇرۇپسەنغۇ!-ئۇ شۇنداق دەپ، كىتاپنى قولۇمدىن ئالدى دە،ئۈستەل ئۈستىگە <<تاققىدە>>قويۇپ قويدى.ئاندىن ماڭا قاراپ-ئەتە كىيگۈدەك تۈززۈك كىيمىڭ يوق ھەقاچان سەن مەتونىڭ.بىزنىڭ ياتاققا كىرىپ بىرەر قۇر كىيمىمنى كىيىپ سىناپ باق.

   -بولدىلا ، دىلنار، ماۋۇ ئۆتۈكۈمنى ،ئاندىن ئاۋۇ ناۋات رەڭ چاپىنىمنى كىيسەم بولمىدىمۇ. نېمە كەپتۇ ئۇنچە قىلىپ...

    ۋىيەي، ماۋۇ ئۇچى ئاقلىنىپ قالغان كالىچىڭنى، ئاۋۇ تەيپىنەم دەۋرىدىكى چاپىنىڭنى كىيەمسە؟تولا ئىناۋىتىمنى مەنتەڭ قىلمىيە،خەق دىگەن كاتتا باي، ئالدىغا ئۇنداق چىقساڭ قانداق بولىدۇ؟ساڭا يۈز كېرەك بولمىسا ماڭا كېرەك. بولە تېز!

    -ئۇھ ...نېمانچە ئاۋارچىلىق...

    مەن شۇنداق غۇدۇرۇپ قويدۇم-دە ،ئۇنىڭ كەينىدىن ياتىقىغا كىردىم.ياتاقتا دىلناردىن باشقىلار يوق ئىدى.مەن ئىشىككە يېقىن كارۋاتقا كېلىپ ئولتۇردۇم.

     ئۇ كىيىم ئىشكابىدىكى كىيىملەرنى ئېلىپ يېنىمغا بىر بىرلەپ تاشلاشقا باشلىدى.<<بۇرەڭگىڭگە ماسلاشمىغۇدەك...بۇ بەك ئۇزۇن...بۇنى مەن كىيىپ بولغان...>>ئۇ كىيىملەرنى تاللاپ بولغۇچە مەن ئولتۇرۇپ ھېرىپ قالدىم.

    ماۋۇنى كىيىپ باقە-ئۇ ماڭا يۇلغۇن چېچىكى رەڭلىك چاپاننى تەڭلىدى،مەن چاپىننى كىيدىم.ئۇ مېنى كۆرۈپ-بەللى... بەللى...ئادەم سەتى ئەمەس كىيىم سەتى دىگەن راست گەپكەن جۇمۇ.خوي ياراشتى،بۇ چاپان. ئەتە چاپاننى ، ئاۋۇ ئۆتۈكنى كىيسەڭ،چېچىڭنى قويۋېتىپ ئازراق گىرىم قىلىپ قويسام،راۋرۇس بولۇپ كاتكۈدەكسەن.- ئۇ شۇنداق دەپ سۆزلەپلا كەتتى.

     مانا كەچمۇ كەلدى.ياتاقداشلىرىم بازار ئايلىنىپ قايتىپ كېلىپ ياتاققا ئالغان نەرسىلىرىنى قويۇپ قويغاندىن كېيىن ، تاماققا چىقىپ كەتتى. يەنە كىتابنى قولۇمغا ئالدىم -دە ،م ئوقۇشقا باشلىدىم.ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى دېققىتىمنى تارتتى، بېشىمنى كۆتۈرسەم ياتاقدىشىم سۈبھى ئۆيىدىن كەپتۇ. كىتابنى قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم.

     -كەلدىڭمۇ ئاداش، تاماققا چىقتىڭمۇ؟

     -ئەمدى چىقىمەن.

     مەن<< شۇنداقمۇ>>دەپ كىتابنى ئېلىپ ئوقۇشقا تەمشىلۋىدىم ئۇ قولۇمدىن تۇتۇپ:

     -گۈلى، دىلنار بىلەن نەگە بارماقچى بولىۋاتىسەن؟

  ئۇنىڭ سوئالى مېنى گاڭەىرىتىپ قويدى.ئۇمېنىڭ ئۈندىمەي تۇرغىنىمنى كۆرۈپ

   -گۈلى ، دىگۈڭ بولمىسا بۇپتۇ دىمە،سېنى تەڭلىكتە قويماي. لېكىن ئېھتىات قىل، بولسا بارما. سەن مېنىڭ دوستۇم ، سېنىڭ بىرەر زىيان- زەخمەتكە ئۇچۇراپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن.ساددىلىق قىلىپ خەقنىنڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمە.

    ئۇ شۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ چىقىپ كەتتى.ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بېرىش نىتىمدىن يېنىپ قالدىم.

                                       <3>

     ۋاقىت ئۆتۈپ مېنى خىيال قوينىغا غەرىق قىلغان يەكشەنبىمۇ كەلدى. دىلنار ئەتگەندىلا چۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بۇپتۇ.مېنى چاقىرىپ كىيىندۈردى دە ، چېچىمنى قويۋېتىپ توكتا بۈدۈرە چىقاردى،ئاندىن گىرىم قۇتىسىنى قولىغا ئالدى.مەن:

    -دىلنار،سەن دىگەن ئادەم قانداقراق ئادەم؟دەپ سورىدىم.

    - ئۇ ناھايىتى ياخشى ھەم بەك باي. ئولتۇرىشى ئېسىل داچا ، ئولتۇرىشى ئېسىل ماشىنا. سەن مەتوغا نەدە يۈرۈپ كۆزى چۈشتىكىن تاڭ!

     مەن تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ قويدۇم.

     -دىلنار، مەن بارمايمىكىن

     -نېمە؟نەچچە ۋاقىتتىن گەپ قىلماي ، بۈگۈن نىمە بۇپسە؟تولا ئادەم ئەخمەق قىلماي ماڭا قارىيە، گىرىم قىلاي.بىرەرى بىرنىمە دىدىمۇ يە؟

    - ياق ياق... ھېچكىم بىرنىمە دىمىدى

    - تاماق يەيسە شۇ. باشقا ئىش يوق.

    .....................................

     - ئاللا...ئاللا...تازا قاملاشقان نېمىكەنسەنغۇ سەن، شۇنداق گىرىم قىلىپ قويىۋېدىم، ھۆر پەرىنىڭ ئۆزىلا بولدۇڭ.خۇدايىم چىراي دىگەننى ساڭىلا بىرىپتىكەن جۇمۇ. ھەسىتىمنى كەلتۈرۈپ.

      -دىلنار....مەن ...مەن...قورقىۋاتىمەن.

      -ۋىيەي ، ما مەتونى، نىمىدىن قورقىسە؟سېنى بىرەرى<< ھاپ>> قىپلا يۈتۋېتەمدىكەن يا؟تاماق يەيسە شۇ قوققىدەك ئىش يوق.

     شۇنداق قىلىپ چۈشمۇ كەلدى. ئىككىمىز تەييارلىقنى تەق قىلىپ مەكتەپ ھويلىسىدىن چىقتۇق.يۈرۈكۈمنىڭ سوقۇشى تېزلىشىپ كېتىۋاتاتتى.بىز كىرا ماشىنىسى توسۇپ ماشىنىغا چىقتۇق. مەن مەكتەپ بىناسىنىڭ كۆز ئالدىمدىن بارا - بارا يىراقلىشۋاتقانلىقىغا قاراپ ئولتۇردۇم. يۈرىكىم يەنىلا ئېغىپ كېتىۋاتاتتى.


                                          <4>

    ماشىنا بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە<<ئەپەندىم >>تېز تاماقخانىسىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى.بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ تاماقخانىغا كىردۇق.بۇ تاماقخانىغا راستىنى ئېتقاندا تۇنجى كىرىشىم بۇلۇپ،تەمتىرەپ كىتىۋاتاتتىم. ئاشخانا ئىچى تولىمۇ چىرايلىق بېزەلگەن بولۇپ، پاكىز ئازادە ئىدى.كۈتكىچى بىزنى بىر ئايرىم خانىغا باشلاپ كىردى. ئايرىمخانىدا ئىككى ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ياش قورامى 40~45ياشلار ئەتراپىدابولۇپ، بىرى تاقىر باش يوغان قورساق، يەنە بىرى ئۇنىڭغا قارشى ئورۇق ، قارقۇمچاق  ئىكەن . ئۇلارغا قاراپ ھەيران قالدىم. ئەجبا دىلنار دىگەن ساخاۋەتچىلەر مۇشىلارمىدۇ؟

        ھېلىقى تاقىرباش بىز تەرەپكە كېلىپ:ھە كەلدىڭمۇ؟مۇشۇ دوستۇڭ شۇمۇ؟- دەپ ، ماڭا بېشىمنىڭ ئۇچىدىن پۇتۇمنىڭ ئۇچىغىچە قارىۋەتكەندىن كېيىن ، ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

        مەن قورقۇنۇش ئىچىدە ئاستا كېلىپ ئولتۇردۇم.يېنىمدىكى ئورۇق ئادەم ماڭا قاراپ ھىجايدى . مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم.ئۇنىڭ ماڭا بېزىرىپ قارىشى مېنى تولىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى. كەلگىنىمگە پۇشايمان قىلدىم.

        ئۇزۇن ئۆتمەي تاماقمۇ چىقتى. يوغان ئۈستەل ئۈستىگە تۇخۇ ، بېلىق گۆشلىرى ، ھەرخىل سوغوق سەيلەرتولدۇرۋېتىلدى.دىلنار بىلەن يىگىتى يەپ ئىچىشەتتى، نىمىلەرنىدۇ كۇسسۇرلىشىپ كۈلىشەتتى. ھېلىقى ئادەم بولسا تېخىچە كۈزىنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇراتتى. تولىمۇ تارتىندىم. كۆڭلۈمدە:<<نىمانچە پاقا تەشكەن سويمىدەك قارا ۋېرىدىغاندۇ،تامىقىنى يىمەي>> دەپ ئويلىدىم. دىلنار مېنىڭ تارتىنىپ قالغىنىمنى كۆردى بولغاي:

     -ھەي ئالىمكا،نىمانچە قاراۋېرىسىز دەيمە،بېزىرىپ. بىزنىڭ گۈلىنى خىجىل قىلماڭە!ھەراست ، سىلەرنى تېخى تۇنۇشتۇرمىدىم ھە!بۇ يىگىتىم ئەركىن، -دېدى دىلنار يېنىدىكى تاقىرباش ئادەمنى كۆرسىتىپ. ئۇ ئادەم ماڭا قاراپ ھىجىيىپ بېشىنى لىڭشىتتى. مەنمۇ زورىغا كۈلۈپ قويدۇم. -ئورمانچىلىق ئىدارىسىدا جۈجاڭ. بۇ كىشى ئالىمكام،سۇ پونكىتىدا كېجاڭ،تىجارەتمۇ قىلىدۇ. بۇ-دېدى دىلنارمېنى كۆرسىتىپ،-فاكولتىپىمىزنىڭلا ئەمەس مەكتىپىمىزنىڭ گۈلى. تېخى ئىسمىمۇ گۈلى دەڭلا.

   -دىلنار دوستۇڭ بەك چىرايلىق ئىكەن . -دېدى ئۇنىڭ يىگىتى- بىر يۇتۇم سۇدەك يۈتىۋەتكۈسى كېلىدىكەن ئادەمنىڭ.

    -ھە، دوستۇمنى كۆرۈپ مەندىن تاندىڭمۇ؟ئەر كىشنىڭغۇ ياخشىسى يوق. ۋىجدانسىز...دىلنار شۇنداق دىدى دە، دۈمبىسىنى قىلىۋالدى.

   - ياق ياق ... ئاپپىقىم، چانمايمەن،كىم مېنى سېنى ياخشى كۆرگەي دەپتىكە!ئوتۇڭ يامان سېنىڭ.ھەي ئالىم، ساڭا قالدى جۇما.

   بەك چىرايلىق ئىكەنسىز. ئىسمىڭىزمۇ خوي ماسلاشقان ئىكەن.-دېدى ھېلىقى ئالىم ئىسىملىك ئادەم.مەن ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرمىدىم. پەقەت يالغان ھىجايدىم خالاس.

       تاماق يىيىلىپ بولماستىنلا كۈتكىچى ئۈستەل ئۈستىگە رومكىلارنى تىزىپ ھاراق ئەكەلدى.

       -بۈگۈن مەن سىلەرگە ھاراق قۇيۇپ بېرەي.-دېدى دىلنار بوتۇلكىنى قولىغا ئېلىپ .

        -ھەي...ھەي، ئىككى ھۆر پەرى يېنىمىزدا تۇرسا،قاراپلا مەس بولدۇققۇ.<<يېنىڭدا نازنىن قولۇڭدا شاراپ،كەتمەمدۇ ھەممە ھاردۇقۇڭ تاراپ>>دېگەن مۇشۇ ئەمەسمۇ. لېكىنزە، ما گۈلى قىز بەك تارتىنچاق ئىكەن .

      شۇنداق گەپ سۆزلەردىن كىيىن شاراپخورلۇر باشلىنىپ كەتتى.ئۇلار مېنىمۇ زورلىۋىدى ، رەت قىلدىم.ئۇلار ھاراقنى خۇددى سۇ ئىچكەندەك بىر كۆتۈرۈپلا ئىچۋېتەتتى.شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئوبدانلا تەڭشىلىپ قېلىشتى.

    ئۇلار ئىچىشەتتى،ماز چاقچاقلارنى قىلىشاتتى.ئۇلارنىڭ ھاراقنى ئىچىشى ، ھاياسىز گەپلەرنى قىلىشى مېنى سەسكەندۈرۋەتتى.مۇشۇ تاپتا چاشقانغا ئايلىنىپ تام يوچۇقلىرىغا كىرىپ كەتكۈم، چىۋىنگە ئايلىنىپ ئۇچۇپ كەتكۈم كېلىپ كەتتى. قۇلاق تۈۋۈمدە گاھ سۈبىنىڭ سۆزلىرى ئاڭلانسا ، گاھ كۆز ئالدىمدا مېھرىبان ئانام، كۆيۈمچان ئاتام ، ئۇلارنىڭ بىرجۇپ قولى پەيدا بولاتتى.

     ئاھ خۇدا ، مەن خاتالاشتىم، قاتتىق خاتالاشتىم.بۇيەرگە كەلمەسلىكىم كېرەك ئىدى...

نېمە قىلىشىمنى بىلمەي تەمتىرەپ قالغىنىمدا بىر قول مۈررمگە تەگمەسمۇ ، قورقۇپ جېنىم چىقايلا دىدى. <<ئاپا >>دىگىنىمچە ۋارقىراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. بۇ ئۈچ ھاراقكەش ماڭا چەكچىيىپ قاراشتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى مەسلىكتىن خۇمارلىشىپ، ئىككى مەڭزى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.

    -كەچۈرۈڭلار،ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى. مەن ماڭاي دىدىم دە، ئەمدى ئىشىكتىن كىرىشكە تەمشەلگەن كۈتكۈچىگە سوقۇلۇپ چىقىپ كەتتىم.

     تاماقخانىدىن قانداق كەلدىم ئېسىمدە يوق. ئىشقىلىپ ئۇچمىدىم، يەردە ماڭدىم.ئۇلار ئارقامدىن كېلىپ قالارمۇ دىگەن ئەندىشىدە ئارانلا مەكتەپكە كېلىۋالدىم.

      قورقۇش، ئەنسىرەش ئىچىدە ياتاققا كىرسەم ياتاقتا سۈبھى يالغۇز ئىكەن . ئۇ تاترىپ ، تىترەپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ <<نېمە بولدۇڭ ، ئاداش >>دەۋېدى،ئۇنىڭغا ئېسىلىپ ، تۆكۈلۈپلا كەتتىم.

                                                <5>
   دىلنار ياتاق ئىشىكىنى زەردە بىلەن ئېچىپ ، ياتاقداشلىرىمنىڭ توسۇشىغا قارىماي چېچىمنى تارتىپ سۆرەشتۈرۈپ كەتتى. ئانام كىچىكىمدىنلا سىلاپ، ئاسراپ تاراپ ، يىلىم چېپىپ ئۆرۈپ ئۆستۈرگەن چېچىمنى تۇنجى قېتىم باشقىلار تۇنجى قېتىم زەردە بىلەن تارتىۋاتىدۇ.
    - سەن قانجۇق، رەسۋا، مېنىڭ يۈزۈمنى ئەقەپ چۈشەردىڭا!خەقنىڭ .ئالدىدا ئەجەپ سەتلەشتىم. مېنى شۇنچە ئەخمەق كۆرۈپ قالدىڭمۇ سەن؟...
     ئۇ بىر قولىدا چېچىمنى تارتسا بىرقولىدا يۈزىمگە شاپلاقلايتتى. قىزلا بىزنى ئايرىپ بولالمايۋاتاتتى.ئەمدىلا سۇ خانىدىن كىرگەن سۈبھى قولىدىكى چىش چوتكىسى...قاتارلىقلارنى تاشلىدى-دە، ئېتىلىپ كېلىپ دىلنارنىڭ ياققىسىدىن سىقپ، بىركاچات سالدى . دىلنارنىڭ جاۋغىيىدا سۇس قان .ىزى پەيدا بولدى.
     -ھەي بۇزۇق، پوق بارمۇ ساڭا بۇ ياتاقتا!ماڭا قىلغانلىرىڭ يەتمەي، ئەمدى گۈلىنى خەققە تۇتۇپ بەرمەكچى بولىۋاتامسەن؟خەق قانچىلىك پۇل بەردى ساڭا؟ئىپلاس! يوقال كۈزۈمدىن. ئىككىنچىلەپ بۇ ياتاققا قەدەم باسقۇچە بولما!
   سۈبھىنىڭ ئاچچىقتىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. مېنىڭ ئەس خىيالىم پاخپايغايغان چېچىمدا ،بۇرنۇمدىن ئېقىۋاتقان قاندا ئەمەس سۈبھىنىڭ بايامقى سۆزلىرىدە قالغان ئىدى.دېمەك سۈبھى......
     شۇنىڭدىن كىيىن دىلنار بىزنىڭ ياتاققا كىرىپ باقمىدى. بىرئايدىن كىيىن مەكتەپتىن غايىپ بولدى.
     بىر كۈنى سۈبھى ئىككىمىز مەكتەپ ئاشىخانىسىدا تاماق يەۋىتىپ ، تامغا چاپلانغان بىر ئېلانغا كۆزىمىز چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭدا مەكتەپ ئاشخانىسىغا بەش نەپەر ئوقۇغۇچى لازىملىقى، پەقەت دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردىلا ياردەملىشىدىغانلىقى، بىرۋاق تاماقنى كۆتۈردىغانلىقى، ئايلىقىنىڭ 200يۈەن ئىكەنلىكى يېزىلىپتۇ. بىز بىر بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرىدۇق -دە، ئاشخانا باشقۇرغۇچىسى ئىشخانىسىغا يۈرۈپ كەتتۇق.
                  


   




مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-6 12:21 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-14 05:03 PM):
داۋامى 4- بەتتە

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 ياخشى يېزىلىپتۇ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12656
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31886
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4627 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 12:44:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بارمۇ  يا؟مەنبەسى توغرۇلۇقمۇ ئەسكەرتىش بېرىلمەپتۇ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 12:49:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 12:44 PM
داۋامى بارمۇ  يا؟مەنبەسى توغرۇلۇقمۇ ئەسكەرتىش بېرىلمە ...

بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6237
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 12:57:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىنىھ بۇنىڭ داۋامى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 12:59:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنىڭ  يىشىمى نەگە كەتتى ، ئاخىرىنى بىزنى پەرەز قىلسۇن دەمسىز يە ؟

ئۆچمەس  ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86252
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 773
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 01:11:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى..................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 01:15:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qiqak0998 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 01:11 PM
ئاخىرى..................................

مۇنبەرداشلار، ئاخىرىنى بېسىۋاتىمەن ، خەت بېسىش سۈرئىتىم ئاستىراق ، توغرا چۈشەنگەيسىلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32282
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3424 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 01:42:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا مەن دەيمەن يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى شۇ تاماقنى يىگەن ئادەم ئۆزى تۆلىشى كىرەك.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9545
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 01:57:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى.....................

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86756
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 633
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 02:08:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنى تازا بىر قىززىقتۇراي دەپسىزدە.........داۋامىنى تېزرەك يوللىۋىتەسىز . شۇنداق قىززىقىپ ئوقۇۋاتاتتىم ئاخىرى يوقلا تۈگىدى-دىسە..........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش