خوش دېيىشكە مەجبۇرمەن ئەمدى،
كەچۈر مېنى كەتتىم يىراقلاپ.
غەم قايغۇغا ئايلاندى شاتلىق،
كۈلەلمەيمەن ئەمدى ۋىلىقلاپ.
يا قەلبىڭدۇر مىسالى ئۆتەڭ،
دېڭىزدىكى خىلۋەت ئارالدەك.
يا ئۆتكۈنچى مېھمانمەن بەلكىم،
بىر مەنزىلسىز سەلكىن شامالدەك.
قېلىپ قالدى ئىزلارلا پەقەت،
ئاچچىق ياكى گۈزەل ئەسلىمە.
دۇنيارىڭدىن كەتتىم بىراقلا،
ئامالسىزمەن، قېلىپ قال دېمە.
تىرىشساڭمۇ بەرىبىر ئەمدى،
قۇتقۇزۇشقا ئۆلگەن سۆيگۈنى.
ۋاپاسىز دەپ ئويلا ۋە ياكى،
تاشلاپ كەتتىم ۋاقىتسىز سېنى.
تېڭىلمايدۇ تاشمۇ تاياققا،
زورلاپ بولماس كۆڭۈلنىمۇ ھەم.
خەيىر جانان ئۇنتۇپ كەت مېنى،
يېڭى كۈنگە ئالغىن بىر قەدەم.
مەخسۇت باقى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-2 12:45 PM