|
|
|
|
زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئاكىغا سالام
سەئىدىيە
ئىسمىڭىز زۇلپىقار، پىكرىڭىز ئوقيا،
سىز يازغان ھىكمەتلەر بولدى تۇتىيا،
(ھەيران ھەم بولغانسىز مەندەك بىر قىزغا
تونۇشماي ،ئەزەلدىن، دەۋالدىم ئاكا)
ئاكىجان ،تېنىڭىز سالامەت بولسۇن ئەسەرلەر ئىچىدىن تونۇدۇم سىزنى،
قول قويدۇم ،يىزىپسىز ھەقىقى بىزنى،
ئۈمىدىم ،باسسىڭىز فارابى ئىزىنى،
ئاللاھىم ئوڭ قىلسۇن يوللىرىڭىزنى،
ئاكىجان،ئەتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن، خاتادىن مۇستەسنا ئەمەس ھىچ ئىنسان،
بەزىدە ھەق سۆزگە باقماس بۇ جاھان،
بىر مۈشكۈل كەينىدە باردۇر بىر ئاسان،
كەڭ قەلىپ مىسالى گوياكى ئاسمان،
ئاكىجان،ئاللاھىم سەۋىرلەر بەرسۇن. ئۇيغۇردا كۆپ ئەمەس بىلىملىك كىشى،
ئەقىدە ئېتقادتۇر بىلىمنىڭ بېشى،
ھەممىدىن كۆپ ئاقار ئالىمنىڭ يىشى،
(قەدرىنى قىلمىدۇق كەتكۈچە بېشى،)
ئاكىجان ،رەببىمىز مەدەتكار بولسۇن «بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلىملىك بىلۇر
ئۇ بىلىم قايدىدۇر بىلىملىك ئالۇر»
ھەقىقەت ئىگىلمەس ھەم سۇنماس كېلۇر
ماڭغان يول ئەجرىڭىز ،بىر رەببىم بىرۇر
ئاكىجان ،ئىلمىڭىز زىيادە بولسۇن.
مەنبەسى:قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-2 12:44 AM
|
|
|
|
|
|