قىش پەسلىدە يىلتېز،غول تۈرىدىكى سەي-كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەڭ
دەرەخنىڭ يىلتىزى قانچە چۇڭقۇر بولسا ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ،ئادەممۇ شۇنداق. ئادەم قىش پەسلىدە ئىسسىق مۇھىتتا ياخشى كىتاپ ئوقۇش،لېكسىيە ئاڭلاش،بىلىملىك كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ئارقىلىق ئىچكى مىجەز خاراكتىر يىلتېزىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يىلتېز، غول تۈرىدىكى سەي-كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ، جىسمانى ساغلاملىغىنىڭ يىلتېزىنى چىڭىتىشى كېرەك.
قىش پەسلىدە دائىم ئىستىمال قىلسا بولىدىغان يىلتېز،غول تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردىن پىچەكگۇل غولى،سەۋزە،چامغۇر،بەرەڭگە(يەنى ياڭيۇ)،تاتلىق بەرەڭگە،تۇرۇپ قاتارلىقلار بار.
پىچەكگۇل غولى:تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ،كۈچ-ماغدۇر تولۇقلايدۇ،بۆرەكنى كۈچەيتىپ مەنىنى كۆپەيتىدۇ،نەملىكنى ھەيدەيدۇ،ئۆپكىگە پايدىق قىلىدۇ.
سەۋزە:كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ،ئاشقازاننى ۋە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ،بەلغەمدىن بولغان يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
چامغۇر:يۆتەل توختۇتىدۇ،بەلغەم بوشۇتىدۇ،ئىشتىھانى ئاچىدۇ،سۈيدۈك ھەيدەيدۇ،زەھەر قايتۇرىدۇ.
بەرەڭگە:ئاشقازان-ئۈچەينى ياخشىلايدۇ،يۈرەكنى كۈچەيتىدۇ.
تاتلىق بەرەڭگە:ئىچىنى بوشۇتىدۇ،قەۋزىيەتكە پايدىق قىلىدۇ،بەلغەمدىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ،ھەيىزنى راۋان قىلىدۇ.
تۇرۇپ:تاماق سېڭدۈرىدۇ،يەل ۋە توكسېن ھەيدەيدۇ،ئېمۇنىنت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
بۇ ماقالە يەنە ئۈندىدار ئۇيغۇرچە ساغلاملىق بىلىملىرى سەھىپىسى-‹ساغلام› دا ئىلان قىلىندى.
ئىزدەش نۇمۇرى:Saghlam
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saghlam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-2 12:01 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-2 01:44 PM):
پىچەكگۇل دىگەن 山药نى كۆرسىتىدۇ.