بىرىنچى،گەپ ئاڭلايدىغان،بۇرچىنى ئادا قىلىدىغان گۈزەل ۋە ياخشى ئايال گاداينى شاھ قىلىدۇ.
ئىككىنچى،قوينۇڭدا ياتقان خانىم كۆڭلۈڭگە مۇۋاپىق ۋە چىقىشقاق بولسا،ئىشىكىڭدە ھەر كۈنى پادىشاھلاردەك بەش قېتىم نۆۋەتچى قوي.
ئۈچىنچى،كۈن بويى ھەر خىل دەردلەرنى تارتىپ،تۈندە ئۆيۈڭدە دەردىڭگە دەرمان بولىدىغان ياخشى خوتۇنۇڭ بولسا ھېچ غەم يىمە.كىمنىڭ ئۆيى پاراۋان ۋە ھەمراھى ئۇنى جاندىن سۆيسە ،ياراتقۇچى ئۇنىڭغا شەپقەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ.
تۆتىنچى،ئالىملار ئېيتقانكى،ئايال ھەم گۈزەل ،ھەم نومۇسلۇق بولسا،ئېرى ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغاندا ئۆزىنى جەننەتتە بىلسۇن.
بەشىنچى،قەلبى خانىمى بىلەن بولغان كىشى مۇرادىغا يېتىدۇ.
ئالتىنچى،ئايال كىشى شېرىن سۆزلۈك بولسا،ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئىزدەش ئورۇنسىزدۇر.
يەتتىنچى،ئەخلاقى گۈزەل بولغان ئايال چىرايى ،بەدىنى گۈزەل بولمىسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق،ئۇنىڭ ياخشى خۇيى كەمچىلىكلىرىنى ياپىدۇ.
سەككىزىنچى،سەت بولسىمۇ ئەخلاقى گۈزەل ئايال پەرى چىراي ئايالدۇر،ئۇ ئۆزى چىرايلىق،خۇلقى ئەسكى،جىدەلخور ئايالدىن ئەۋزەلدۇر.
توققۇزىنچى،ياخشى خۇيلۇق ئايال ئېرىنىڭ قولىدىن سىركىنى ھالۋا دەپ يەيدۇ،يامان خۇيلۇق ئايال ھالۋا يېسىمۇ تەلەتى سىركە ساتىدۇ.
ئونىنچى،ياخشى ئايال روھنىڭ ئوزۇقى،كۆڭۈل شادلىقى،يامان خۇيلۇق،جىدەلخور ئاياللارغا كەلسەك،بۇنداقلاردىن خۇدا ساقلىسۇن.
ئون بىرىنچى،ئەسكى مىجەزلىك ئاياللارنى ئالغان ئەر قاغا بىلەن بىر قەپەستىكى تۇتى قۇشقا ئوخشايدۇ،ئۇ قەپەستىن قۇتۇلۇشنى جان دەيدۇ.
ئون ئىككىنچى،يامان خوتۇنغا يولۇقۇپ قالساڭ يا بېشىڭنى ئېلىپ كەت،يا نېمە دېسە خوپ دەپ ئولتۇر.
جىدەلخور ئايال بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ جىدەللەشكەندىن سەپەرگە چىققىنىڭ ئەۋزەل،چۈنكى،ئۆيدە يامان خوتۇنى بار ئادەم سەپەرگە چىقسا ،ھېيت –بايرام كەيپىنى سۈرىدۇ،كەش پۇتنى قىستىسا ،يالىڭاياغ ماڭغان راھەتتۇر.
ئون ئۈچۈنچى،ئۆيۈڭدە تەلەتى يامان ھەمراھىڭ بولغىنىدىن ،زىنداندا ياتقىنىڭ ئەۋزەلدۇر.
ئون تۆتىنچى،ئۆيدىكى ئايالنىڭ ئاۋازى قاتتىق بولسا،ئۇ ئۆيدە خەيرلىك بولمايدۇ.
ئون بەشىنچى،خوتۇنىڭنى بازارغا قويۇپ بەرمە،گەپ ئاڭلىمىسا ئۇر،ئەگەر گېپىڭنى ئۆتكۈزەلمىسەڭ قويۇپ بەر،ئۇ ئەركىشىدەك يۈرىۋەرسۇن،سەن ئايال كىشىدەك ئۆيدە ئولتۇر.
ئون ئالتىنچى،خوتۇن ئېرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا،ئەرنى ئەر دېگىلى بولمايدۇ،بۇنداقلار خوتۇنىنىڭ ئىشتىنىنى كىيىپ ،ئۆيدە ئولتۇرغىنى تۈزۈك.
ئون يەتتىنچى،ئالغان خوتۇنۇڭ بىلمسىز ۋە ۋاپاسىز چىقسا،بېشىڭغا بالا ئالغان بولىسەن.
يۇقارقى نەسىھەتلەرنى ھەر بىر يىگىت ئويلىنىپ بېقىشقا بېقىشلىك.
مەنبە :‹‹مۇھەببەت››ناملىق كىتاب
ئاپتورى:روزىمۇھاممەت مۇتەللىپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-1 11:55 PM