ئىشلىگۈچى: ahmatjan
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
ئەسلىدە لۇغەتنى بۇيىل قوربان ھېيىتتا رەسمى ئېلان قېلىشنى ئويلىغان ئىدۇق لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۇپەيلدىن بۇگۈنگە سۈرۈلۈپ كەتتى
ئاللاھنىڭ ئىلتپاتى بىلەن بۇگۈن دېتالنى قايتا- قايتا ياساش، سىناش ئارقىلىق ئىنتىل كومپيوتېر ئاتالغۇلىرى لۇغىتىنىڭ 2.0 نەشرىنى رەسمىي يوسۇندا ئىشلىتىشىڭلارغا سۇندۇق.
دېتال ھەققىدە :
1- بۇ قېتىم دېتالغا ساندان زاپاسلاش، خالىغان ئورۇندىكى سانداننى ئۇلاش ( دېتالنى قايتا ئاچسمۇ كۆرستىپ بەرگەن سانداننى ئوقۇيدۇ) ئىقتىدارلىرى قوشۇلدى.
2- بۇ قېتىمقى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا لۇغەتنىڭ ساندانىغا باشقا سانداننى توپ ھالەتتە كۆچۈرۈش. يەنە بىز خالغان بىر (يەنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش) سانداننى كۆرسىتىپ قويۇپ باشلاش دېگەن كۇنۇپكىنى بىر چەكسەك دېتال ئۆزى ئاپتوماتىك ھالدا بىز كۆرسەتكەن سانداننى دېتالغا ئۇلاغلىق ساندانغا قوشىدۇ بۇنىڭدا ئەگەر سانداندا ئوخشاش سۆزلۈك بولسا بۇ سۆز قوشۇلماي باشقا سۆزلەر قوشۇلۇدۇ. شۇڭا سانداندا سۆزلەر تەكرار بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.
3-دېتالدىن چېكىنگەندە بىۋاستە چېكىنمەي ۋەزىپە ستونىدىكى تىل تاللاش رايونىنىڭ يېنىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. شۇ يەردىن تېز سۈرئەتتە ئەسلگە كەلتۈرەلەيمىز ئەگەر دېتالدىن پۈتۈنلەي چېكىنمەكچى بولساق شۇ ئورۇندىن چېكىنسەك بولىدۇ.
دىتالنى قاچلاش ھاجەتسىز بولۇپ دېتال دەسلەپتە قوزغالغاندا ئۆزىگە كېتەرلىك بەزى كونتروللارنى ۋە ساندان ھۆججىتىنى مۇناسىپ ئورۇنغا قاچلايدۇ شۇڭا بەزى ۋىرۇسخورلار ۋىرۇس دېيىشى مۇمكىن لېكىن خاتىرجەم بولۇڭ بۇ دېتالدا ۋىرۇس يوق .
ئەگەر دېتالنىڭ خەتلىرى نورمال چىقمسا ukij tuz tom نى چۈشۈرۈپ قاچلىۋەتسىڭىز بولۇدۇ
بىۋاستە
چۈشۈرۈش:
لۇغەتنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=154976&uk=942351497
ukij خەت نۇسخلىرنى چۈشۈرۈش ئادرىسى
[url=
http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip]چۈشۈرۈش[/url]
http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip
دېتالنىڭ كۆرنىشلىرى
نۆۋەتتە سىنالغان سىستېما مۇھىتى: WindowsXP، Windows7
Windows8 مۇھىتىدا سىناپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەزكۇر دېتال گەرچە كۆپ قېتىم تەكشۈرۈلۈپ ئاندىن يوللانغان بولسمۇ،خاتالىقتىن خالى ئەمەستۇر. شۇڭا ئىشلەتكۈچلەرنىڭ كۆرگەن مەسلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ قويشىنى ئۈمۈد قىلمىز.
كامالى ئېھتىرام بىلەن:
ئىنتىل سەيناسىدىن
ahmatjan
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-1 11:56 PM