پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشتىكى بەش ھالقىلىق مەسىلە
1.ئۇلۇغۋار ئارزۇسى بولۇش. ئارزۇ پەرزەنتلەرنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تايانچ كۈچىدۇر.
بىل. گايتىس ئاپىسىدىن: «- مەن چوڭ بولغانداقانداق ئادەم بولارمەن؟» دەپ سورىسا، ئاپىسى: «- ئەگەر سەن ئەسكەر بولساڭ، چوقۇم گىنرال بولالايسەن. ئەگەر دىنىي تەشكىلاتقا قاتناشساڭ چوقۇم دىنىي داھىي بولالايسەن.» دېگەن.
مايكىل چاۋدەن كىچىك چىغىدا ئاپىسىغا: «-ئاپا مەن ئۆزۈمنى ۋاسكىتبول مەيدانىدا ئۇياقتىن – بۇياققا ئۇچۇپ يۈرۈپ چۈش كۆرۈپتىمەن.»دېگەندە ئاپىسى: «-سەن چوقۇم ئۇچالايسەن.» دېگەن.
ئاتا – ئانا بولغۇچىلار پەرزەنتلەرنىڭ ئارزۇسىنى قوغدىشى ۋە مەدەت بىرىشى كېرەك.
2. مۇھەببەت بولۇش. پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ناھايىتى زور جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئاتا – ئانىلارغا باغلىق. شۇڭا ئاتا – ئانىلار توختىماستىن پەرزەنتلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يارقىن نۇقتىلارنى بايقاپ تۇرۇشى، رىغبەتلەندۈرىشى، مەدەت ئاتا قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا پەرزەنتلەرنىڭ جەمئىيەتكە يۈزلەنگەندىن كىيىن مۇۋەپپەققىيەت قازىنىشىنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ.
3. جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ، ساغلام بەدەن ساپاسى بولۇش. مەخسەتلىك ھالدا پەرزەنتلەرنىڭ جىسمانىي كۈچىنى چېنىقتۇرۇش ۋە ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلاردا، جۈملىدىن ئانا بولغۇچىدا يىتەرلىك پاراسەت بولۇشى كېرەك، پەرزەنتلەرنى كۆپرەك ھەرىكەتكە دالالەت قىلىشى كېرەك.
4. جەسۇر بولۇش. ئادەمنىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغىنىدەك ئادەم بولالىشىدا جەسۇرلۇق بىرىنچى كۈچلۈك قۇرال ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىگە تەۋە بولغان نەرسىنى جەسۇرلۇق بىلەن قوغداش كېرەك. جەسۇرلۇق ئۇ ـــــ كۆڭلىدىكىنى يوشۇرالايدىغان، سىرىنى ساقلاشتا ۋە ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تاقەتچان بولالايدىغان ئېسىل خىسلەت.
ئادەم بىر ئىش قىلىپ باشقا ئېلىپ چىقىشتا خىيىم-خەتەرلەرنى ۋە يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى جەسۇرلۇق بىلەن يەڭگەندە ۋە توختىماستىن جەسۇرانە ھالدا نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرلىگەندە ئاندىن ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
5. تەشەككۇرغا تولغان قەلىب بولۇش. چوڭ مۇۋەپپەققىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەققىيەتتىن كىيىنكى تۇنجى قىلىدىغان ئىشى ئۆزىگە ياردەم قىلغان شەپقەتچى كىشىلەرگە تەشەككۇر ئېيتىش ۋە ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇشتۇر، شۇڭا پەرزەنتلەرنى چوقۇم تەشەككۈرگە تولغان قەلىبكە ئىگە قىلىپ تەربىيىلەش زۆرۈر.
بۇ ماقالە يەنە ئۈندىدار ئۇيغۇرچە ساغلاملىق بىلىملىرى سەھىپىسى-‹ساغلام› دا ئىلان قىلىندى.
ئىزدەش نۇمۇرى:Saghlam
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saghlam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-1 10:23 PM