ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
ھازىر قەيەرگىلا قارىساق،قايسىلا تاللا بازىرىغا كىرسەك،تىلۋۇزۇرلاردىكى ئىلانغىمۇ قارىساق، بىز ئىستىمال قىلىدىغان ئىچىملىك،يىمەكلىكنىڭ ئورنىنى چەتئەلدىن كىرگۈزگەنلىرى خىلىلا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ كەتتى. مەھسۇلات سۈپىتى، ئورالمىسى ، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلاغا نىسبەتەن ئۇ ماللارنىڭ مۇسۇلمان ئەللىرىدە ئىشلەپ چىقىرىلىشى،ئىشەنىچلىكى بىزنى تىخىمۇ بەكرەك يۈزلەندۈردى دەپ قارايمەن.
بۇنداق ئىچىملىك، يىمەكلىكلەر كۆپلەپ كىرگەنسىرى ئەسلىدىنلا بىخلىنىش ھالىتىدە تۇرغان ئۇيغۇريىمەك -ئىچمەك كارخانلىرىغا پۇرسەتتىن كۆپرەك ئىلىپ كەلگەن بىسىممۇ ئاز ئەمەس دەپ قارايمەن.
ئۈلكەر شىركىتىنىڭ ماللىرىنىڭ سىتىلىشىغا قارايدىغان بولساق، ئارمان،ئىخلاس ماللىرىنىڭ سىتىلىش مىقدارىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن دىسەك ئارتۇق ئەمەس. باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى،سۈپەتلىكى،ئوراپ قاچىلىنىشى،ئىشەنىچلىكى ئۇلارنىڭ بازاردا مونۇپۇل ئورۇننى ئىگەللىشىگە تۈرىتكە بولدى.
ئۈلكەردىن كىيىن رايۇنىمىزدىكى نۇرغۇن شىركەتلەر مانا موشۇنداق تۈركىيە،مالايسىيا،ئىران ۋە ئەرەب مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن يىمەكلىك،ئىچىملىكلەرنى تىخىمۇ كۆپلەپ كىرگۈزۈشكە باشلىدى. بۇلاردىن بىۋاستە شۇ دۆلەتلەردىن مال كىرگۈزىۋاتقانلىرمۇ،ئىچكىردىكى خەنزۇلار ئارقىلىق مال كىرگۈزىۋاتقانلارمۇ كۆپەيدى.
بۇ جەرياندا مىنىڭ ھىس قىلغىنىم ، بىر قىسىم مال كىرگۈزىۋاتقان شىركەتلەر، شىنجاڭدىكى باش ساتقۇچى بولۇپلا مالنى بازاردا مال قىسلىق كۆرۈلگەندە ناھايىتى يۇقىرى باھادا سىتىش ئۇسۇلىنىمۇ قوللاندى دىسەك بولىدۇ. بۇ تىجارەتتىكى تولىمۇ بىر ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايمەن.
بىر قىسىم ماللارنى سىتىۋىلىشنى بىزدىكى قارغۇلارچە قوغلىشىپ سىتىۋىلىش دىسەكمۇ بولىدۇ.
بىر چاغلاردا تاللا بازىرىدا قارىسام 150 گىراملىق تايلانىد قىزىل كالىسىنى ياشلىرىمىزنىڭ 15 يۈەندىن سىتىۋىلىشلىرى تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلدى،بىز شۇ خىل دەرجىدە قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرىگە ئىھتىياجلىقمۇ دىگەن سۇئاللىنى ئۆزۈمگە قويۇپ ئۈلگۈردۈم، ئاندىن بۇ خىل ئىچىملىكنى تاۋ باۋ دىن ئىزلەپ باقتىم، قارىسام بۇلار ئاساسەن تايلانىدقا يىقىن شىشۇاڭبەننادىن جىقراق چىقىدىكەن. بىر قىسىم تاللا بازىرىدىكىلەردىن سورىسام، ئىچكىردىكى بىر خەنزۇنىڭ كارتىسىغا پۇل سىلىپ بىرىمىز،ئاندىن ئۇلار بىزگە سىلىپ بىرىدۇ دەيدۇ.
تاۋ باۋدىكى بۇ تايلانىد قۇۋۋەتلىك ئىچىملىكنىڭ باھاسى مىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. 140 يۈەنگە كىراسىنى ئۆزى كۆتىرىدىكەن، مەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق شىنجاڭ بەك يىراق،قاتناش سەل تەتۈر بولغاچ جىق ئالسام 160يۈەنگىمۇ ئىچىدە كىرانى ئۆزى كۆتىرىپ ئەۋەتىدىغان بولدى.
كىرانى مەن كۆتىرسەم 110 يۈەن ئىكەن. ئەگەردە شۇ يەرگە بىرىپ ئالىدىغان بولسام 100 يۈەنگىمۇ بەرسە كىرەك. دىمەك بىر يىشىكى 100 يۈەنلىك، 50 تال چىقىدىغان، دانىسى 2 يۈەنلىك بۇ ئىسىل قۇۋەت ئىچىملىكىنىڭ چىگرادىنمۇ كىرىپ باھاسىنىڭ 2 يۈەندىن بولىشى مىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. ھازىر بۇ 7 يۈەن سىتىلىۋاتىدىغۇ دەيمەن.
دىمەك بىزدە موشۇنداق قارغۇلارچە قوغلىشىپ سىتىۋىلىش مەۋجۇت. 2 يۈەنلىك قۇۋۋەت ئىچىملىكىگە نىمە ئارلاشتۇرۇپ ياساپ چىقىرىدىغاندۇ دەيمەن، ئۇ 2 يۈەن ساتقان يولداشمۇ تىخى پايدا چىقسا ئاندىن قويغان باھادۇ بۇ.تەننەرخى 2 يۈەندىنمۇ ئەرزان بۇ قۇۋۋەت ئىچىملىكىنى كۆرۈڭ.
ئۇندىن باشقا مالايسىيا ئىچىملىكلىرىمۇ مەسىلەن: ئىرچاپ،ب 2 دىگەندەك ئىچىملىكلەرمۇ مالغا بولغان ئىھتىياج كۆپەيگەندە باھاسى ئۆسۈپ تۇردى. تاللا بازار خوجايىنلىرى بۇرۇن 160 تىنمۇ يۇقىرى كىرگۈزگەن ھازىر 115 تىن كىرگۈزىۋىتىپتۇ. قاراڭلار بۇ باھادىكى ئاستىن ئۈستۈنلىكنى.
ئىراننىڭ بىر ئىچىملىكى بار. بۇنى بىيجىڭدىكى بۇ خەنزۇ يولداش كىرگۈزىدۇ.
http://bjtransworld.cn.alibaba.com/
ئۇلارنىڭ ئىرانبول ئىچملىكىمۇ بۇلاردىكى تارقىتىش باھاسى 90 دىن ئاشمايدۇ، بۇ مال شىنجاڭغا كىرمەستە تور بىكىتىدىكى چىقارغان باھاسى 80 يۈەن ئىدى. ھازىر شىنجاڭدا 135 يۈەن بىلەن تاللا بازارىغاكىرىدۇ. ئادەتتە توپ مال ساتىدىغانلار ئوبدان بىلىدۇ، توپ مال يىشىكىدىن ئالغان پايدىسى 10%دىن يۇقىرى بولمايدۇ.
http://detail.china.alibaba.com/offer/1161662014.html موشۇ بەتنى چەكسىڭىز بۇ قۇۋۋەتلىك ئىرانبول چىقىدۇ. رەسمىلەر ئىچىدىكى ئۈچىنجىسى شۇ.
بۇ خەنزۇ يولداش بىلەن يىقىندا پاراڭ جەريانىدا تىللىشىپ كەتتىم،سەۋەبى: مەن يىقىندا تاللا بازارلىرىغا كىرىپ خىرىدارلارنىڭ بۇنىڭ سۈپىتى ئىلگىركىدەك ئەمەس دىگەن ئىنكاسنىڭ بارلىقىنى دىدم، بۇ يولداشنىڭ بەرگەن جاۋابى
你们那边有很多人,没文化挺可怕的,什么都是听别人说的。
بىر ئوبدان پاراڭلىشىۋاتقان ئادەم ئاۋۇ گەپنى قىپتى،ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۇچتى،مەنمۇ راسا تىللىدىم، ئۆزلىرىنىڭ نەچچىلىك مەدىنىيەتلىك ، دۇنيادىكى ئەڭ ساختا نەرسىلەرنى ياسايدىغانلىقىنىمۇ دەپ ئۆتتۈم.ئۇنىڭ ئىچىملىكىنى يەنە شۇ بىز خەق ئىچىۋاتقاچقا ئارتۇق گەپ قىلالماي قالدى. مەنمۇ جىق گەپلەرنى كۆچۈرۈپ ئەكەلمىدىم، بۇ گەپلەردىن ھىس قىلغىنىم،ئۇنىڭ بۇرۇن مەن باشقا بىر ماركىنى شىنجاڭدا ئەنگە ئالدۇرسام، ئۇ ماڭا قەيەردە دىسەم شۇ يەردە ياستىپ ئەكىرىپ بىرىمەن دىگىنى يادىمدىن كەچتى.
ئاندىن بۇ شىركەتنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار
http://www.tiannaren.com/sp/Products.asp?ClassID=15
شىنجاڭلىق نۇرغۇن تىجارەتچىلەر بۇ شىركەتكە ماركا ئىشلىتىپ مال ياسىتىدىغان شىركەت ئىكەن. ھەر خىل چەتئەلىڭ قۇۋۋەت ئىچىملىكى سودا سۈيلىرىنى ياستىپ بىرىدىكەنمىشلەر....
قىسقىسى دىمەكچى بولغىدىم، موشۇ چەتتىن كىرگۈزۈلگەن دەپ مال ساتىدىغان تىجارەتچىللىرىمىز مالنى بىۋاستە كىرگۈزەلىسە كىرگۈزسە، بولمىسا بىزنى خەلىقىمىزنى ئالدىمىسا دەيمەن. بۇلار قەيەرنىڭكىنى دىسە شۇ يەرنىڭكىنى ياساپ بىرىدىكەن.
ئىزدىنىشقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كىرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. موشۇ ئىسلام دۆلەتلىرىدە تۇرىۋاتقان قىرىنداشلار شۇ دۆلەتتىكى باھاسى مۇۋاپىق،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىمالىغا ماس كىلىدىغان ماللار بولسا ئىزدىنىشتا شۇ شىركەتلەرنى ئاز تولا تونۇشتۇرسا،ئالاقىلىشىش ئادىرىسىنى قالدۇرسا.
ئاندىن بىزنىڭمۇ چەتئەلدىنلا كىرگەن دەپلا نامى بولسا قارغۇلارچە قوغلاشماي،كۆپرەك ئارمان شىركىتىدەك ئۆز كارخانىللىرىمىزنى كۆپرەك قوللىسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
قالغان پاراڭلار كۆپچىلىككە قالدى. موشۇ تىما توغرىسىدا كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق پاراڭلىرىنى قىلىپ بىقىشىنى،ياكى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرۇغا قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.يىڭى يىلدىكى تۇنجى يازمام كەتتى ئەمىسە~
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-1 10:15 PM