|
|
|
|
يىڭى يىلدا باھار ھىدى
چىچەكلىدى ھويلامدىكى ئۆرۈكلۇكلەر ،
ئاق چېچىكى ئاپپاق قاردىن جىلۋە ئېلىپ.
ئېچىلىپتۇ غۇنچىللىرى ھەممە يەردە،
كۆكلەپ كېتەر قىش پەسلىدە باھار كېلىپ.
يۇمران ئۆسكەن مايسىلارنىڭ پۇرىقىغا، مەستخۇش بولدۇم بېخلىنىپتۇ گۈزەل تۇيغۇ.
ئېللىپ كەتتى يارا قەلبىم يىشىل تۈستىن ،
بۇژغۇن بۇلۇپ تاراپ كەتتى قارا قايغۇ.
ئاڭلىنىدۇ سۇزۈك سۇنىڭ شىلدېرلىشى،
چۆمۈلىمەن ھىسلىرىمغا زوقۇم كىلىپ.
تەنلىرىمگە تارېتىدۇ سەزگۇم مىھىر،
سۆيگۈ كېلەر يۈرۈكۈمدىن ئورۇن ئېلىپ.
ئۇچۇپ كەپتۇ خىيالىمدا قارلىغاچلار،
ۋىچىرلىشىپ ئۇۋا ياسار لەمپىلەردە.
تەبىئەتتىن سۆيىنىدۇ بارچە جانلىق،
ئىزگۈ تىلەك نۇر چاچىدۇ قەلىبلەردە.
شۇنچە گۈزەل ئاق تاۋاردا باھار پەسلى،
قىش بولسىمۇ باھار ھىدى گۇپۇلدەيدۇ.
سوغ شىۋىرغان سانجىلىدۇ ئەتلىرىمگە،
خىيالىمدا مەيىن شامال گۈرۇلدەيدۇ.
قار گۈلى ھاسىل قىلغان بۇستانلىقتىن،
ئىپار ھىدى تارىلىدۇ يېراقلارغا.
چايقىلىدۇ ئاستاغىنە گۈزەل دۇلقۇن،
سۆيۈپ ئۆتەر مېھىر بېرىپ قىرغاقلارغا.
تۇيغۇلۇرۇم رەسىم سىزدى يۈرۈكۇمگە،
قىش پەسلىگە ھەل بېرىدۇ يىشىل رەڭدىن.
شەپەق بىلەن جۇلا چاچار يىڭى ھايات،
ھاياتلىققا بىشارەت بۇ يىڭى تاڭدىن.
يىڭى يىلدا باشلىنىدۇ يىڭى ھايات،
ئۈمۈد بىلەن چىچەكلەيدۇ يىڭى ئارزۇ.
يىڭى كۇندە قۇچاق ئاچقىن يىڭى تاڭغا،
ھەمراھ ساڭا يىڭى شاتلىق يىڭى قايغۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-1 08:15 PM
|
|
|
|
|
|